كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 1

بۇلبۇل يوق سۆيگۈمنىڭ چاھار بېغىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 10:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر قىزدا كۆيىدۇ مىڭ گۈلنىڭ نازى

بىر قاراپ شۇئانلا يوقاتتىم ئەسنى،
ئاھ، نېمە بولارمەن ئىككى قارىسام.
يۈرەككە سىغمىغان سېغىنىشىمنى،
ئامالىم بولمىدى شۇنچە يوشۇرسام.

گۇگۇمنىڭ باغرىدا يۇچۇن بىر گەۋدە،
باغدىكى چېچەكلەرقارار ئۆمچۈيۈپ.
يېقىنلاپ كەلمەكتە سۈزۈك بىر شەپە،
جۇپ يۈرەك چاراسلاپ كۆيدى ئوت ئېلىپ.

كۆڭۈلدەك ئازادە گۈلزارلىق ئىچى،
قۇشلارنىڭ ئۈنىدە گۈللەر ئاۋازى.
مەڭگۈلۈك ئامەت بار چوغدەك باغاشتا،
بىر قىزدا كۆيىدۇ مىڭ گۈلنىڭ نازى.

بۇلبۇل يوق سۆيگۈمنىڭ چاھار بېغىدا

گۈرۈلدەپ ئوت كۆيەر جېنىم قېتىدا،
مەن ئازغان چېچىڭنىڭ ئورمانلىقىدا.
كۈللىرى دۆۋلىنىپ كۆمدى يولۇمنى،
چوغ بولۇپ ئېچىلدى ھەسرەتلىك يىغا.

قەلبىمدە بىر يول بار ھىچكىم ماڭمىغان،
گۈللىرى سەن ئۈچۈن پۇراق چاچىدۇ.
كۆزلەردىن كۆزلەرگە ، لەۋلەردىن لەۋگە،
چوغلارغا لىق تولغان دەريا ئاقىدۇ.

بۇلبۇل يوق سۆيگۈمنىڭ چاھار بېغىدا،
قېنى ئۇ سەلكىندە يەلپۈنگەن چېمەن؟
تالجىققان كۈتۈشلەر بوزلايدۇ دائىم،
قۇياشلىق تاڭلارغا تەلمۈرۈش بىلەن.

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1555
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 356
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 22:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھارماس   ئىلھانلىرىڭىز غا داغدام يوللار يار بولسۇن

تۇرمۇش ئىچىدە مەن ياشايمەن،تۇرمۇش مىنىڭ ئىچىمدە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش