قار ياغماقتا ئاستا لەپىلدەپ
1
مېنىڭ قۇرغاق ئىستەكلىرىمدە،
قارنىڭ يۇمران ئىزلىرى كۆيەر.
تەبىئەت ئاق، ئىچىم قاراڭغۇ!
كۆز يېشىمدا ئۈزەتتى دىلبەر.
تىتماتالاڭ قىلدىم تېنىمنى،
چۈشىۋېتىپ كىرپىكلىرىدىن.
كېچە ئۇخلار يېنىمدا، ئەمما
غەم گۈللىرى ئېچىلار قىزغىن.
لەۋلىرىمدە ياتار سوزۇلۇپ،
تۇنجى قاردەك خىياللىرىمىز.
تېرەكلەردەك قالدىم يالىڭاچ،
سەن چۈشۈمدە ئۆلىۋالغان قىز.
ئېھ، سۆيگۈنىڭ ئېرىقلىرىدا،
سۇلار نۇردەك كەتتى چېچەكلەپ.
قاناتلىرى سۇندى كېچىنىڭ،
قار ياغماقتا ئاستا لەپىلدەپ...!
2
ئاسمان يورۇق، قەلبىم قايغۇلۇق،
چۆلدىن چىقسام بىر تال دەرەخ يوق.
تۇرسا يۈرەك ئىشىكى ئوچۇق،
كىم ئۇ ئاتقان گۈزەل بىر پاي ئوق؟!
يالغۇز ياتقان تاشنىڭ تۈۋىدە،
تۇرۇپ قالدىم بىر لەھزە جىمجىت.
مېنىڭ ئاپئاق سۆڭەكلىرىمدە،
ئۆلۈپ قالغان ئىدى ئىككى ئىت!
ۋەتىنى بار تاشنىڭمۇ ئەزىز،
ۋەتەن دىگەن ھەممىگە پەرز.
ئۇچۇپ كەتكەن قۇشلار چېغىدا،
قۇرۇپ قالغان دەرەخكە قەرز.
مېنىڭ تىغدەك يالغۇزلۇقۇمدا،
كىمنىڭ ئوتى كۆيگەن گۈرۈلدەپ؟!
ياشاش كېرەك ئۆلۈپ تۇرۇپمۇ،
قار ياغماقتا ئاستا لەپىلدەپ...
2013.1.17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەرداھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 01:46