كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 3

كېچە ۋە دېھقان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 460
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان
كېچە ۋە دېھقان
ئۇخلاتماق بولىدۇ ئۈژمە يوپۇرماقلىرىدا
ھەم تەك ئارىسىدا
ئۈژمە ۋە ئۈژمىدىن تامچىپ
ئاستا كىرىپ كېچە باغرىغا .

قوللىرىغا سۆيەر
قاداقلاردىن ئۇنى ئىزدەپ
گەجگىسىنى سىلاشلىرىدىن
چۈشلىرىگە ئەكىرمەك بولار پەپىلەپ .

ھەي تاتلىق شۇقەدەر
سۇنىڭ ئېرىقنى قىچىقلاشلىرى
يىلتىزلارنى يۇيۇپ ، تاراپ
ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئېقىتىپ كېلىشلىرى .

پۇسسۇررىدە پەيدا بولغان مۈشۈككە
ھەم كىرپىگىمۇ قويار ئالىيىپ
تومۇزغىغا باردۇر ئاغرىنىشى
كاۋىلاردىن تۇرار جىلمىيىپ .

ئۇخلاتماق بولىدۇ تىمتاسلىقتا
پۇت – قوللىرىنى سوزغۇزۇپ
ئاي نۇرىدا بىزەپ سەھرانى
يۇلتۇزلارنى ئولتۇرغۇزۇپ ئەتراپىدا .

ئۇخلاپ قالار ئۆزى جىممىدە
ئۇنىڭ باغرىدا توپا پۇراپ
كوكىراتمىدىن ئاتلاپ ئۆتكىچە
مەڭدەپ چۇچۇپ يەنە پىخىلداپ .

دېھقان كېچىنىڭ چۈشىدە ماڭار غادىيىپ ،
كەتمىنى قۇياش بوپ يال – يال نۇرلار چاقنىتىپ .
مەنبە : قەلىمىم

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ ئاخىرىسى بەك ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ، سىزدە ئۈمۈدنىڭ پۇرىقىنى سەزگىلى بولىدىكەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 855
تۆھپە : 7
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 16:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتىملىق مىسرالار ئۈزۈلمىسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 335
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 23:11:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسى،مەزمۇن،ئاھاڭدارلىق، كەيپىيات ...ياخشى يارتىلىپتۇ. بەرىكەت بىزلەرگە يار بولسۇن!

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                        ـ «دانالار خەزىنىسى»دىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش