كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 0

كەلمىسەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1555
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:44:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەلمىسەڭ




ئەمەتجان زۇنۇن


قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالىمەن ،

چۆلدە قالغان بىر تۈپ دەرەختەك .

ئۆز -ئۆزۈمنى ئوتقا سالىمەن ،

گۈلخان بولۇپ ئاقىدۇ يۈرەك .


سۆيگۈ ئىزلەپ يۈرگەن ئاشىقمەن ،

تىرىكلىكنىڭ غەم بازىرىدا .

ھىجران يۈدۈپ بولغان شائىرمەن ،

ئۈلۈم  ۋىسال ھەق ئارىسىدا .



تاڭ كۆيگەندەك كۆيىمەن ھەر كۈن ،

مەجنۇنلاردەك ناخشام تۈگىمەس .

يۈلتۇزلارنى سۆيىمەن ھەر تۈن .

دىدارىڭسىز كۆزلىرىم ئەلەس .


تەڭرىم سالغان بۇ سەۋدالىقنى

جاندىن ئۇلۇغ بىلىمەن جېنىم .

ساڭا سالغان  ئۇ تەرسالىقنى ،

ياندۇرىدۇ ۋاپالىق مىھرىم .


تەنھالىقتىن تويدۇم بىلمىدىڭ ،

جۇدالىققا ئەجەپ تاشلىدىڭ .

ئەقىدەمگە نېمە تىلىدىڭ ،

ئوتۇنچىغا مېنى ساتمىدىڭ .



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش