كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2

ئانامغا يېزىلغان شېئىر ( شۇ تىڭ ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 2
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانامغا يازغان شېئىر

ئىزتىراپ ئىلكىدە چالغان كۈيلىرىڭ ،
چۈشۈمدە زاھىر بوپ يىغلاتتى مېنى ...

ئاخىرقى سۇسقىنا شۇ تەبەسسۇمىڭ ،
بەئەينى كۈزدىكى مىسكىن ياپراقتەك ،
تېنىم شاخلىرىنى تىترىتىپ ئۆتتى .

ئاھ ، ئانا ، راستىنلا يوقمىدۇ ئىمكان ،
باغرىڭدا قايتا بىر كۆرسەم ئۆزۈمنى .
ھەممىدىن مەھرۇم بوپ قالدىم غېرىبان ،
مەن سەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان كۈنى .
سەكراتتا يولۇمغا قارىغىنىڭنى ،
سېغىنىش قانچىلىك قىينىغىنىنى ،
ھېس قىلدىم ، يىللاردىن تېپىپ ئەقلىمنى .

تەبىئەت ئەركىسى شوخ شاماللارمۇ ،
ئېيتالماي قايتىپتۇ ساڭا سۆزۈمنى .
دەريادەك كۆڭلى بار ، ئەپۇچان ئانا ،
تىلەيمەن رازى بول ، كەچۈرگىن مېنى .


سەنەۋەر ئابدۇراھمان تەرجىمىسى

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2136
تۆھپە : 1
توردا: 258
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 13:09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېتىملىق تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 381
تۆھپە : 2
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇتىڭنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ، سەنەۋەر  بۇ شېئىرنى تولىمۇ قىيامىغا كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلغاندەك تۇرىدۇ . بولسا بۇندىن كېيىن خەنزۇچىسىنىمۇ يوللاپ قويارسىز ، بۇنداق قىلغاندا سىزنىڭ بەددى تەرجىمە جەھەتتىكى يېتىلىشىڭىزگىمۇ پايدىسى بولىدۇ . چۇنكى تورىمىزدا بۇ جەھەتتىكى قەلەمداشلار بار ئەمەسمۇ ؟ ئۆز _ئارا پىكىرلىشىشكە پايدىلىق بولىدۇ سىڭلىم !  ئامان بولىڭ ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش