كۆرۈش: 41|ئىنكاس: 0

بۇ دېگەن جەننەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
بۇ دېگەن جەننەت
     بىر ئادەم ھاياتىدىكى بىردىنبىر يېقىن دوستى بولغان ئىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بىر ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ .ئۇلارنىڭ روھلىرى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئايلىنىشقا باشلاپتۇ .  شۇ ئارىدا ئادەم بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ ۋە ئازراق بولسىمۇ سۇ تېپىش نىيىتىدە بۇلۇتلار ئۈستىدە سۇئىزلەپ مېڭىشقاباشلاپتۇ .        ئۇلار كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىز ھەممە يېرى گۈل- چېچەكلەرگە پۈركەنگەن ،ئالتۇن دەرۋازىلىق ئاجايىپ گۈزەل بىر باغچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ . ئادەم ئىتى بىلەن بىللە باغچىنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلىشىپ ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان ئىنتايىن گۈزەل بىرئايالنى كۆرۈپتۇ  ۋە ‹‹ بۇيەر قەيەر ؟ ›› دەپ سوراپتۇ. ئايال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ‹‹ئەپەندىم،بۇيەر دېگەن جەننەت ›› دەپتۇ. ئادەم ھاياجانلانغىنىدىن ‹‹ پاھ ،ئاجايىپ قالتىس !›› دەۋىتىپتۇ ۋە ئايالغا ‹‹ بىزگە ئازراق سۇ بېرەمسىز ؟ شۇنداق قاتتىق ئۇسساپ كەتتىم ›› دەپتۇ. ئايالمۇ ‹‹ ئەلۋەتتە بولىدۇ ، قېنى مەرھەممەت ،ئىچكىرىگە كىرىڭ ، ئىچىدە خالىغانچە سۇ ئىچسىڭىز بولىدۇ ›› دەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىتىغا قاراپ :‹‹ يۈرە ئوغلۇم ئىچىگە كىرەيلى ›› دېگەچ ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ .ئەمما ئايال تۇيۇقسىز ئادەمنى توختىتىپ ‹‹ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،ئىتىڭىز سىز بىلەن بىللە كىرسە بولمايدۇ . ھايۋانلارنى ئىچىگە كىرگۈزەلمەيمىز ›› دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئادەم بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، ئىتى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن يولىغا قارشى يۆنىلىشتە يولغا چىقىپتۇ . خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ،  لاي ۋە توپ توزانلىق بىر يولغا كىرىپ قاپتۇ . يولنىڭ ئاخىرىدا ئېتىزلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىريەرنىڭ قىڭغىيىپ قالغان ياغاچ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئۇ يەردە كونا ، يىرتىق كىيىملەرنى كىيىۋالغان ياشانغان بىر بۇۋاينى ئۇچرىتىپتۇ .         ئادەم بۇۋايدىن ‹‹ ئەپەندىم،ماڭا ئازراق سۇ بېرەلەمسىز ؟›› دەپ سوراپتۇ.بۇۋاي ئىچىگە كىر ، ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتە بىر بۇلاق بار ...›› دەپتۇ .ئادەم ئۇنداقتا دوستۇممۇ مەن بىلەن بىللە كىرىپ سۇ ئىچسە  بولامدۇ؟›› دەپ سوراپتۇ  . بۇۋاي ‹‹ ئەلۋەتتە ، بۇلاقنىڭ يېنىدا ئىتىڭ  سۇ ئىچىدىغانغا ئايرىم بىر قاچا قويوپ قويولغان ›› دەپتۇ .         شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىتى بىلەن بىرلىكتە ئىشىكتىن كىرىپ ، ئوڭ تەرەپكە قاراپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىىن بۇلاق بېشىغا كەپتۇ .ئادەم بۇلاقتىن ، ئىت قاچىسىدىن تويغىچە سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلىقلىرىنى قاندۇرىشىپتۇ ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئىشىك ئالدىدا ئۆزلىرىنى ساقلاپ تۇرغان بۇۋاينىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئادەم بۇۋايدىن ‹‹ سۇ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ئەمما بۇيەر قەيەر ؟›› دەپ سوراپتۇ. بۇۋاي ‹‹ بۇ يەر دېگەن جەننەت ›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئادەم بۇنى ئاڭلاپ ‹‹ قانداقلارچە بۇيەر جەننەت بولۇپ قالىدۇ ؟ بىز بايا تېخى بۇنداق ۋەيرانە ،توپا بېسىپ كەتمىگەن ئاجايىپ گۈزەل بىر يەرگە بارغان ئىدۇق . ئۇلار ئۇيەرنىمۇ جەننەت دېگەن ئىدى›› دەپتۇ .  ‹‹ھېلىقى رەڭگارەڭ گۈل - چېچەكلەرگە تولغان ، ئالتۇن دەرۋازىلىق يەرمۇ ؟ ئەمما ئۇيەر دېگەن دوزاق ...›› دەپتۇ بۇۋاي . ئادەم تېخىمۇ قاتتىق ھەيران بولۇپ ، ‹‹ ئۇيەردىكىلەر سىلەرنىڭ نامىڭلارنى قوللىنىپ ئىنسانلارنى ئالدايدىكەن ، سىزنىڭ بۇنىڭغا ئاچچىقىڭىز كەلمەمدۇ ؟››دەپ سوراپتۇ . بۇۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ‹‹ ئاچچىقىم كەلمەيدۇ . چۈنكى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن يېقىن دوستلىرىنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويىدىغانلارنى جەننەتتىن يىراق تۇتىدۇ ›› دەپتۇ .
  تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش