ئىزدە تور لۇغىتى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تېما بېزەكلىرى
›
مۇنبەر
›
چەتئەل ئەدەبىياتى رايونى
›
تۈرك تىلى ئەدەبىياتى
›
بۈركۈتلەر ئېگىز ئۇچىدۇ
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
47
|
ئىنكاس:
0
بۈركۈتلەر ئېگىز ئۇچىدۇ
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نىگاران
نىگاران
توردا يوق
UID
1596
QQ
1442613879
ھوقۇقى
1
يازما
29
نادىر
0
جۇغلانما
111
تىزىملاتقان
2013-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-12
توردا
4 سائەت
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 111, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 889 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
1596
يازما سانى:
29
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
82
تۆھپە :
0
توردا:
4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2013-2-12
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:05:51
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈتلەر ئېگىز ئۇچىدۇ
بۈركۈت قۇش تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ياشايدىغان قۇشلاردىن بىرى . ئۇلار ئىچىدە 70 يىلغىچە ياشايدىغانلىرىمۇ بار. ئەمما 70 ياشقا كىرىشى ئۈچۈن 40 ياشقا كىرگىنىدە كەسكىن ۋە ئېغىر بىر قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ . بۈركۈت 40 ياشقا كىرگەندە پەنجىلىرى قېتىپ ، ھاياتىنى قامدايدىغان ئوۋلىرىنى بۇرۇنقىدەك چەبدەستلىك بىلەن يۇلۇپ ،قاماللاپ تۇتالماس بولۇپ قالىدۇ . تۇمشۇقى ئۇزىراپ مەيدىسىگە ئېگىلىپ قالىدۇ .قاناتلىرى قېرىپ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ، پەيلىرى قېلىنلىشىپ كېتىدۇ .بۇنداق ئەھۋالدا بۈركۈتنىڭ ئۇچىشىمۇ تەسكە توختايدۇ .شۇنىڭ بىلەن بۈركۈت تۆۋەندىكى ئىككى تاللاشتىن بىرىگە دۇچ كېلىدۇ . بىرىگە ئۆلۈم يولىنى تاللايدۇ يەنە بىرىگە بولسا ، يېڭىدىن تۇغۇلۇشنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ۋە جاپا مۇشەققىتىگە چىداش ئۈچۈن كۆكسىنى كېرىپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. يېڭىدىن تۇغۇلۇش مەزگىلى ئادەتتە 150 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ . بۇ يولنى تاللىغان بۈركۈت ئەڭ ئېگىز تاغنىڭ ئۇچىغىچە ئۇچۇپ بېرىپ ، شۇ يەردىكى بىر قىيانىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئۇۋا سېلىپ شۇيەردە قالىدۇ . بۈركۈت ئۆزىگە كېرەكلىك شارائىتنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ، تۇمشۇقىنى قىيا تاشلارغا قاتتىق ئۇرۇشقا باشلايدۇ ،ئاخىرىدا بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقى ئاجراپ چۈشۈپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۈركۈت بىر مەزگىل يېڭى تۇمشۇقنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىنى كۈتىدۇ . يېڭى تۇمشۇقى يېتىلىپ چىققاندىن كېيىن ، بۇيېڭى تۇمشۇقى بىلەن پەنجىلىرىنى چوقۇلاپ يەرىدىن چىقىرىدۇ . يېڭى پەنجىلىرى چىققاندىن كېيىن ، بۈركۈت بۇرۇنقى قېتىپ كەتكەن پەيلىرىنى يۇلۇشقا باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق جەريانلار بىلەن بۈركۈت 5 ئايدىن كېيىن ئۆزىگە يەنە ئەڭ ئاز دېگەندە 20 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىشقا سەۋەپچى بولغان مەشھۇر يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئۇچۇشى ھالىتىگە تەييار بولىدۇ. مەن بۇ ھېكايىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بۈركۈتنى تۇغما كۈچلۈك قۇش دەپ ئويلايتتىم . ئەمما بىر بۈركۈتنىڭ ھەقىقى بۈركۈت بولىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارەت ۋە پىداكارلىقلىرىغا قاراپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى . بىزدە دائىم ھېچنىمە بولالماي تۇرۇپ ‹‹ھەرنېمە بولدۇم ›› دەپ تۇرىۋالىدىغانلار بار . ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي ، ھېچقانداق ئەجىر سىڭدۈرمەي تۇرۇپ ‹‹ بۈركۈت ›› بولىۋالىدۇ. خۇددى ئۆزلىرىنى ‹‹ھەقىقى بۈركۈت ›› تەك ھېس قىلىشىدۇ . باشقىلارغا بۈركۈت نەزىرى بىلەن يۇقارىدىن قارايدۇ . ئەمما سىز ئۇلارغا قارىغىنىڭىزدا ئۇ بۈركۈتلەرنىڭ قەلبىدىن ‹‹ ھەقىقى بۈركۈت ››نىڭ قەلبىنى ئەسلا كۆرەلمەيسىز. پەقەت باشقىلارغا بۈركۈتتەك تەسىرات بېرىدۇ خالاس. ئۇ ساختا بۈركۈتلەرنىڭ كۈچى ، تۇرمۇش شارائىتى ، ئەركىنلىكى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئۇنىڭ شۇ كۈچىنى ، تۇرمۇش شارائىتىنى ، ئەركىنلىكىنى قايسى يوللار بىلەن قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ . ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئۆزىنى بۈركۈتتەك كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈنلا بۈركۈتكە قىلغان ھۆرمەت ۋە مۇئامىلىدە بولىدۇ . ‹‹بۈركۈتلەر ئېگىز ئۇچىدۇ ›› ئەمما ھەقىقى بۈركۈتلەرلا شۇنداق . ھەقىقى بۈركۈت بولالمىغانلار بولسا ، بىر مەزگىل ئېگىز ئۇچىدۇ ئەمما ياخشى ئۇچالمايدۇ . چۈنكى ، ھېچقاچان ، ھېچقانداق ۋاقىتتا ‹‹ھەقىقى بۈركۈت ›› بولالمىغانلىقىدىن . ئەگەر ھەقىقى بۈركۈت بولۇشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ . غەلبە قازىنالايدىغان كىشى ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ياردەم قىلاي دەيدۇ . غەلبە قازىنالمايدىغان كىشى ، بۇ مېنىڭ ئىشىم بولمىسا دەيدۇ . غەلبە قازىنالايدىغان كىشى ، ھەممە ئىشقا بىر چارە تېپىپ چىقالايدۇ . غەلبە قازىنالمايدىغان كىشى ، ھەربىر ئىشتا بىر ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. غەلبە قازىنالايدىغان كىشى ، مۈمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك بولغان ئىشلاردىمۇ بىر چىقىش يولى تېپىپ چىقالايدۇ. غەلبە قازىنالمايدىغان كىشى ، ھەممە شارائىت تولۇق بولسىمۇ بىر توسالغۇغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. غەلبە قازىنالايدىغان كىشى ، بۇ ئىشنى قىلىش تەس بولىشى مۈمكىن ، ئەمما ئىمكانسىز ئەمەس دەيدۇ . غەلبە قازىنالمايدىغان كىشى ، بۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ، ئەمما تەس جۇمۇ دەيدۇ . غەلبە قازىنالايدىغان كىشىنىڭ ھەرۋاقىت كۆڭلىگە پۈككەن بىر پىلانى ، نىشانى بولىدۇ . غەلبە قازىنالمايدىغان كىشىنىڭ ھەرۋاقىت بىر باھانىسى بولىدۇ .
ئەسلى ئاپتۇرى : بەلگىن بايكال تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
شېئىرىيەت
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ياش «قەلەم»
مۇنبەر ئاۋازى ـ ئېكرانى
مۇنبەر ئۇقتۇرۇشى
ئوبزور - مۇھاكىمىلەر
تەھرىر، تەرجىمە تەتقىقاتى
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش