كۆرۈش: 40|ئىنكاس: 0

يول كۆرسەتكۈچى سۆزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يول كۆرسەتكۈچى سۆزلەر
شۇنداق بىر چاغلار باركى ، نەگە بارغانلىقىڭ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى يېنىڭدىكىنىڭ كىم ئىكەنلىكى .
دۈشمەن ئىزدىسىڭىز دوستلىرىڭىزنى چەيلەپ ئۆتۈڭ . دوست ئىزدىسىڭىز ، كارىڭىز بولمىسۇن دوستلىرىڭىز سىزنى چەيلەپ ئۆتسۇن .
ئىككى ئادەمنىڭ چىقىشىپ ئۆتىشىنىڭ سەۋەبى ، ھېچقانداق ئەيىبىنىڭ يوقلىغىدىن ئەمەس ، بەلكى بىر-بىرىنىڭ ئەيىب نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىپ كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر.
ئەڭ بىچارە ئادەم دوست تۇتۇپ باقمىغان ئادەمدۇر، ئۇنىڭدىنمۇ بەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ئادەم دوستىدىن ئايرىلغان ئادەمدۇر.
قۇسۇرسىز دوست ئىزدىگەن دوستسىز قالىدۇ .
خاتالىقلىرىڭىزنى كۆرسۈتۈپ بېرەلىگۈدەك دوست تۇتۇڭ .
دوستلىرىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكىنكى ، دۈشمىنىڭگە ئايلانغاندا سېنىڭ ھەققىڭدە سۆزلىگۈدەك گەپ تاپالماي قالسۇن . دۈشمەنلىرىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكىنكى ، دوستۇڭغا ئايلانغاندا ئالدىدا يۈزۈڭ قىزىرىپ قالمىسۇن .
مىڭ دۈشمەننى كەچۈرۈش ،بىر دوستنى كەچۈرۈشتىن ئاسان .
بۇزۇلغان دوستلۇقلاردىن پەيدا بولغان نەپرەت ، ئەڭ ئۆتكۈر زەھەردۇر.
دوستلىرىڭنىڭ كۆپ بولىشى سېنىڭ ئەقلىڭگە باغلىق .
ئەڭ قىيىن ئىشلار ،ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىنماي يىغىلىپ قالغان كىچىك ئىشلارنىڭ يىغىندىسىدۇر.
ئارقامدا يۈرمە ،مەن ئەڭ ئالدىدىكىسى ئەمەسمەن . ئالدىمدا يۈرمە ، ساڭا ئەگەشكۈچىلەردىن بولۇپ قالماي . يېنىمدا يۈر ھەرزامان باراۋەر بولايلى .
ماڭا سۆزلىمەي كۆرسەتكىن ، بولسا مېنىمۇ قوشۇۋال ئاندىن ھەممىنى چۈشىنىپ بىلىشىم مۈمكىن .
چىن يۈرەكتىن سوئال سورىساڭ ، چىن يۈرەكتىن چىققان جاۋابقا ئېرىشىسەن .
پاقا ئۆزى ياشىغان قۇدۇقتىكى سۇنى ئىچىپ تۈگىتەلمەيدۇ .
مۇھەببەت مۈمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ مۈمكىن قىلىۋىتەلەيدۇ .
مۇھەببەت كۆۋرۈك سالغانغا ئوخشايدۇ . ئىنسانلار كۆۋرۈك سېلىنىدىغان يەرگە تام قۇپۇرىۋالىدۇ ۋە يالغۇز قالىدۇ .
بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرەلەيدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىسى ، ئانىلىرىنى سۆيۈشتۇر.
ھەققانىيەتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن قۇدرەت زالىمدۇر، قۇدرەتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ھەققانىيەت ئاجىزدۇر.
كۆپىنچە كىشىلەر يوقۇتۇپ قويۇشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ،سۆيۈشتىن قورقىدۇ . ئۆزىنى ‹‹باشقىلارنىڭ سۆيىشىگە ئەزىمەيمەن›› دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈلۈشتىن قورقىدۇ . مەسئولىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئويلاشتىن قورقىدۇ . تەنقىدلىنىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن سۆزلەشتىن قورقىدۇ .رەت قىلىنىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھېسياتىنى ئىپادىلەشتىن قورقىدۇ .ياشلىقنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياشاشتىن قورقىدۇ . بۇ دۇنياغا ھېچقانداق نەرسە قالدۇرۇپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇنۇتۇلۇپ كېتىشتىن قورقىدۇ . بۇ دۇنيادا ياشاشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈشتىن قورقىدۇ .
*ھەربىر ئائىلىنىڭ بىريەرگە توپلىنىشى مىللەتنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئائىلە ياخشى بولسا مىللەتمۇ ياخشى بولىدۇ . ئائىلىدە ياخشىلار ۋە ياخشىلىقلار يوق بولسا،مىللەتمۇ ئەسكىلىشىدۇ.
* بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىشىنى ئويلىغانلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئائىلىسىنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلاشقا تىرىشسۇن .بىر ئائىلىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ئىنسان بولماي قالسا، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئۆي ئەمەس ، ئۇۋا دېيىش كېرەك . چۈنكى ئائىلە دېگەندەك ئادەمدەك ئادەملەر ، ھايۋاندىن پەرىقلىق ئىنسانلار ياشايدۇ .


تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش