كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 2

مەۋلانا جەلالەددىن رۇمى (مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 23:01:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەۋلانا جەلالەددىن رۇمى (مەۋلانە جالالىدىن رۇمى )
شېئىرلىرى
نەشىر قىلىنغان(تارقىتىلغان) ۋاقتى :2004-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
نەشىر قىلغۇچى(تارقاتقان ئورۇن ) :  antoloji.com kultur ve sanat

مەۋلاناجەلالەددىن رۇمى (  1207-1273  )
مەۋلانە 1207- يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بۈگۈنكى ئافغانىستان چىگرىسى ئىچىدە يەرئالغان خۇراسان رايونىدىكى بەلىخ شەھرىدە تۇغۇلغان .
مەۋلانەنىڭ دادىسى بەلخ شەھرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ‹‹ بىلگىنلەرىن سۇلتانى ››بىلىملىكلەر(ئالىملار)شاھى ( سۇلتانى،پادىشاھى) دەپ نام ئالغان ھۈسەيىن خاتىبى ئوغلى باھەددىن ۋەلەددۇر. ئانىسى بولسا، بەلخ ئەمرى رۈكنەددىننىڭ قىزى مۈمىنە خاتون ئىدى.
سۇلتانۈل ئۇلەما ( ئالملار شاھى ) باھەددىن ۋەلەد ، بەزى سىياسى ۋەقەلەر ۋە بارغانسىرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان موغۇل ئىستىلاسى سەۋەبىدىن بەلىختىن ئايرىلىشقا مەجبۇربولغان ، سۇلتانۈل ئۇلەما 1212-1213- يىللىرىدا ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلختىن ئايرىلغان .
سۇلتانۈل ئۇلەمانىڭ تۇنجى بولۇپ توختىغان يېرى (تۇنجى بېكىتى ) نىشابۇر بولغان . نىشابۇر شەھرىدە داڭ چىقارغان مەشھۇر مۇتاساۋۋىف ( سوفى ، تەسەۋۋۇفتا ئۆزىنى تەڭرى دەۋالغان كىشىلەر)  فەرىدۈددىن ئاتتار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ چاغدا مەۋلانە تېخى كىچىك بولسىمۇ فەرىدۈددىن ئاتتارنىڭ دېققىتىنى تارتقان ۋە ئۇنىڭ ماختاشلىرىغا ئېرىشكەن.
سۇلتانۈل ئۇلەما نىشابۇردىن باغدادقا ۋە كېيىن كۇفە يولى بىلەن كەبىگە قاراپ يول ئالغان . ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن قايتىشتا شامغا يولۇققان . شامدىن كېيىن مالاتيا، ئەرزىنجان، سىۋاس ، قەيسەرى ، نىغدە يولى بىلەن لارەندەگە( كارامان) كەلدى . كاراماندا سۇ بېشى ئەمىرمۇسانىڭ سالدۇرغان مەدرىسىگە يەرلەشكەن.
1222-يىلى كارامانغا كەلگەن سۇلتانۈل ئۇلەما ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يەردە 7يىل تۇرۇپ قالدى . مەۋلانە1225-يىلى شەرەفەددىن لالانىڭ قىزى گەۋھەر خاتۇنغا كاراماندا ئۆيلەندى . ئۆيلەنگەندىن كېيىن مەۋلانەنىڭ سۇلتان ۋەلەد ۋە ئالائەددىن چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى تۇغۇلدى . ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن گەۋھەر خاتۇننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەۋلانە بىر بالىسى بىلەن تۇل قالغان كەررا خاتۇن بىلەن ئۆيلەندى . ئىككىنجى قېتىملىق ئۆيلىنىشتىن كېيىن مۇزاففەرەددىن ۋە ئەمىرئالىم چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ۋە مەلىكە خاتۇن ئىسىملىك بىر قىزى ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلدى .
بۇ يىللاردائانادولۇنىڭ چوڭ بىر قىسمى سەلچۇك دۆلىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا ئىدى . كونيا بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى (باش شەھرى ) ئىدى . كونيا سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىشىۋاتاتتى ( گۈزەل سەنئەت ئەڭ يۇقرى پەللىگە چىققان مەزگىل ئىدى ) ، كونيا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلاربىلەن تولغان ئىدى .
قىسقىسى ، سەلچۇك دۆلىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ئىدى ۋە دۆلەت ھۆكۈمدارى ئالائەددىن كەيكۇباد سۇلتانۈل ئۇلەما باھەددىن ۋەلەدنى كاراماندىن كونياغا كۆچۈپ كېلىپ ،كونيادا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلدى (تەكلىپ قىلدى).
باھائەددىن ۋەلەد سۇلتاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 1228-يىلى 5-ئاينىڭ 3- كۈنى ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كونياغا كۆچۈپ كەلدى .سۇلتان ئالائەددىن ئۇنى كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قارشى ئالدى ۋە ئالپۇناپا(ئىپلىكچى) مەدرىسىنى ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (تەسىس قىلىپ بەردى ).
سۇلتانۈل ئۇلەما 1231-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كونيادا ئالەمدىن ئۆتتى . مەزارلىقىغا سەلچۇك سارىيىنىڭ گۈل باغچىسى تاللاندى ۋە شۇيەرگە( بۇ يەر ھازىرقى مۇزى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان مەۋلانە دەرگاھىغا )دەپنە قىلىندى .
سۇلتانۈل ئۇلەما ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تالىپلىرى ۋە مۇرتلىرى بۇ قېتىم مەۋلانەنىڭ چۆرىسىگە توپلاندى ۋە مەۋلانەنى دادىسىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى دەپ قارىدى . مەۋلانە ھەقىقەتەن پەن(ئىلىم) ۋە دىن جەھەتتە ئالىم بولۇپ يېتىشكەنىدى . ئىپلىكچى مەدرىسىدە ۋەز ئېيتاتتى . ئۇنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر مەدرىسكە توشۇپ تېشىپ كېتەتتى .
مەۋلانە 1244-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شەمسى تەبرىزى بىلەن كۆرۈشتى . مەۋلانە شەمسىنىڭ مۇتلەق كامالەتكە يەتكەن ، جامالىدا تەڭرى نۇرلىرى پارلاپ تۇرغان زات ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەمما ئۇلارنىڭ بىرلىكى ئۇزۇنغا بارمىدى. شەمسى تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى .مەۋلانە شەمسنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇزۇن يىل كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى تارتتى (يالغۇزلۇقنى تاللىدى) . كېيىنكى يىللاردا سەلاھاددىن زەركۇبى ۋە ھۈسامەددىن چەلەبى ، شەمسى تەبرىزىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشتى.
ھاياتىنى ‹‹ شۈكرى ، كۆيدۈم ، پىشتىم ›› دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن مەۋلانە 1273- يىلى 12-ئاينىڭ 17-( يەكشەنبە )كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. مەۋلانەنىڭ نامىزىنى ۋەسىيىتى بويىچە سادرەددىن كونەۋى قىلماقچى( چۈشۈرمەكچى )ئىدى ، ئەمما سادرەددىن كونەۋى ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسى بولغان مەۋلانەدىن ئايرىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي نامازدا ھوشىدىن كەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەۋلانەنىڭ جىنازا نامىزىنى قازى سىراجەددىن چۈشۈردى .
مەۋلانە ئۆلۈم كۈنىنى يېڭىدىن تۇغۇلۇش كۈنى دەپ قارايتتى . ئۇ ئۆلسە سۆيگىنىگە يەنى ئاللاھىنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھ بىلەن كۆرۈشەلەيتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋلانە ئۆلۈم كۈنىنى يېڭى تۇغۇلۇش كۈنى (تۇغۇلغان كۈن) ياكى يېڭى كېلىن كېچىسى مەنىسىدە كەلگەن ‹‹شەبئى ئارۇس ››دەيتتى ۋە دوستلىرىغا ئۆلۈمىدىن كېيىن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىماڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلاتتى .
مەۋلانەنىڭ ئەسەرلىرى :
مەسنەۋى كىلاسسىك شەرىق ئەدەبىياتىدا ، بىر شېئىرتۈرىنىڭ ئىسىمى . ئەدەبىياتتا، ئوخشاش ۋەزىندە ۋە ھەر بېيىتى ئۆزئارا ئايرىم –ئايرىم قاپىيەلىك نەزىم تۈرىمۇ مەسنەۋى دېيىلىدۇ.
ئۇزۇن مەزمۇنلۇق ھېكايىلەرنى شېئر شەكلىدە ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، قاپىيەلەشتۈرۈش ئاسان بولغاچقا كۆپىنچە مەسنەۋى تۈرى قوللىنىدۇ . مەسنەۋى كىلاسسىك شەرىق شېئىرلىرىنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ ، مەسنەۋى دېيىش بىلەن تەڭ مەۋلانەنىڭ مەسنەۋىلىرى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.
مەۋلانە مەسنەۋىنى ھۈسامەددىن چەلەبىنىڭ تەكلىبى بىلەن يازغان . كاتىبى ھۈسامەددىن چەلەبىنىڭ ئېيتىشىچە مەۋلانە مەسنەۋى بېيىتلىرىنى ئايلانغاندا ، ئولتۇرغاندا ، ماڭغاندا ، ھەتتا ساما ئويناۋىتىپ سۆزلەيدىكەن ، چەلەبى ھۈسامەددىنمۇ ئاغزىدىن چىققاننى يېزىپ خاتىرلەيتتىكەن .
مەسنەۋىنىڭ تىلى فارىسچە بولۇپ ،  1278-يىلى مەۋلانە مۇزىيىدا تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى مەسنەۋى نۇسخىسىغا ئاساسلانغاندا بېيىت سانى 25618 ئىكەن.
مەسنەۋىنىڭ ۋەزىنى :
فائىلاتۇن – فائىلاتۇن- فائىلاتۇن
مەۋلانە ئالتە جىلتلىق مەسنەۋىسىدە تەسەۋۋۇپتىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلانغان ھېكايىلەر ئارقىلىق بايان قىلغان .
دىۋانى كەبىر
دىۋان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى توپلانغان دەپتەر، يەنى دىۋانى كەبىر چوڭ ھەجىملىك دەپتەر ياكى چوڭ دېۋان دېگەن مەنىلەردە . مەۋلانەنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلار سۆزلەنگەن شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ دېۋاندا بار. دىۋانى كەبىرنىڭ تىلى فارىسچە بولسىمۇ يەنە دىۋانى كەبىر ئىچىدە ئەرەپچە ،تۈركچە،رۇمچەشېئىرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
دىۋانى كەبىر 21كىچىك دىۋان (باھىر) بىلەن رۇبائى دىۋانىنىڭ بىرىكىشى بىلەن تۈزۈلگەن. دىۋانى كەبىرنىڭ بېيىت سانى 40000دىن ئاشىدۇ.
مەۋلانەدىۋانى كەبىردىكى بەزى شېئىرلىرىنى شەمىس تەخەللۇسى بىلەن يازغانلىقى ئۈچۈن بۇ دىۋان ،‹‹ دىۋانى شەمىس ››دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ دىۋاندىكى شېئىرلار ۋەزىن ۋە قاپىيەسىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ،تۈزۈلگەن.


مەكتۇبات ( مەكتۇپ)
مەۋلانەنىڭ سەلچۇكلۇق ھۆكۈمدارلارغا ۋە شۇ دەۋىردىكى ئۆلىمالارغا نەسىھەت تەرىقىسىدە ، ئۆزىدىن سورالغان دىنى ۋە ئىلمى جەھەتتىكى سوئاللارغا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن يازغان 147پارچە مەكتۇپىنى ( خېتىنى ) كۆرسىتىدۇ .
مەۋلانە بۇ مەكتۇپلىرىنى ئەدەبى مەكتۇپ يېزىش قائىدىلىرىگە ماس كەلمىگەن ، خۇددى بىرسى بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندەك شەكىلدە يازغان . مەكتۇپلىرىدا ‹‹ قۇلىڭىز،كەمىنىلىرى ، مەن دېڭىز گىبى ...›› دېگەنگە ئوخشاش پاساھەتلىك كەلىمىلەرگە پەقەت ئورۇن بېرىلمىگەن.
خىتاپلىرى ئورۇن ۋە مەرتىۋە ناملىرىدىن مۇستەسنا ، مەكتۇپ يازغان كىشىنىڭ ئەقلىگە ، ئىشەنچىسىگە ۋە قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا قايسى خىتاپ قىلىش ئۇسۇلى ماس كەلسە شۇنى قوللانغان .
فىھى مافىھ
فىھى مافىھ نېمە بولسا مۇشۇنىڭ ئىچىدىدۇر دېگەن مەنىدە كەلگەن . بۇ ئەسەر مەۋلانەنىڭ تۈرلۈك مەجلىسلەردە قىلغان سۆھبەتلىرىدۇر. بۇلارتارىختىن بۇيان مەۋلانەنىڭ  ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن بىر كىتاپ قىلىپ توپلانغان دەپ قارالماقتا.
بۇ ئەسەر 61 بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن . بۇ بۆلۈملەرنىڭ بىر قىسمى سەلچۇك ۋەزىرى سۈلايمان پەرۋانەگە خىتابەن قەلەمگە ئېلىنغان .بۇ ئەسەرگە بەزى سىياسى ۋەقەلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن . شۇ سەۋەبلىك بۇ ئەسەرتارىخ تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
ئەسەردە جەننەت ۋە جەھەننەم ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ، ياخشىلىقنى ئۈگەتكۈچى ۋە ئۈگەنگۈچى ،ئاشىق ۋە ساما دېگەندەك مەزمۇنلار ئىشلىتىلگەن.
مەجالىسى سەبا ( يەتتە مەجلىس )
مەجالىسى سەبانامىدا ئېيتىلغاندەك مەۋلانەنىڭ يەتتە مەجلىسى ، يەتتە ۋەز-نەسىھەتىنىڭ توپلانمىسىدىن مەيدانغا كەلگەن .مەۋلانەنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى چەلەبى ھۈسامەددىن ۋە ياكى ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن ۋە ئەسلى ئېيتىلىشى بويىچە خاتىرلەنگەن بولۇپ ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن ، پەقەت خاتىرلىگۈچىلەر يېنىغا ئەسكەرتىش ۋە چۈشەنچىلىرىنى قوشۇپ خاتىرلىگەن . ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن مەۋلانەنىڭ كۆرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولىشى مۈمكىن.
شېئىر يېزىش مەقسىدى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوي-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شېئىرنى قورال قىلغان مەۋلانە يەتتە مەجلىستە شەرىھلەنگەن ھەدىسلەرنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا يىغىنچاقلىغان.
توغرا يولدىن ئايرىلغان توپلۇملارنىڭ ( جامائەتنىڭ ، كۆپچىلىكنىڭ ) قايسى يول بىلەن قۇتۇلىدىغانلىقى
2. جىنايەتتىن قۇتۇلۇش ، ئەقىل يولى بىلەن غەپلەتتىن ئويغىنىش
3. ئېتقاتتىكى قۇدرەت
4. تەۋبە قىلىپ توغرا يولنى تاپقانلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۆيگەن قۇلى بولىدىغانلىقى
5. بىلىمنىڭ قەدرى
6.غەپلەتتە قېلىش
7. ئەقىلنىڭ پايدىسى
بۇ يەتتە مەجلىستە ئەسلى شەرىھلەنگەن ھەدىسلەر بىلەن يەنە 41 ھەدىسمۇ بار. مەۋلانەنىڭ تاللىغان ھەربىر ھەدىسى ئىجتىمائىي ئالاقە بىلەن ئالاقىدار. مەۋلانە يەتتە مەجلىسنىڭ ھەربىر بۆلىمىنى ھەمدۇسانا ۋە مۇناجات بىلەن باشلىغان . چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ۋە تەسەۋۋۇپنى كۆرگەنلىرىنى ھېكايە ۋە شېئىر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلىگەن . بۇ يول مەسنەۋىنىڭ يېزىلىشدىمۇ ئوخشاش قوللىنىلغان.


مەۋلانە شېئىرلىرى
مەرسىيە
كۆز غەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ،
كۆك يۈزى بۇ ئايرىلىش ئازابىنى چەكسە ئىدى .
پادىشاھ بۇ ئازاپنى ئاڭلىسا ئىدى  ،
كۆز كېچە-كۈندۈز دېمەي يىغلار ئىدى .
كۆكلەر، يۇلتۇزلار، قۇياشلار، ئايلار،
كېچە-كۈندۈز دېمەي يىغلار ئىدى .
پادىشاھ ئالدىغا باقار ئىدى ،
تاجىغا ، تەختىگە ، دۇبۇلغىسىغا ، كەمىرىگە ،
كېچە –كۈندۈز دېمەي يىغلار ئىدى .

گۈل باغچىسى كۈزكېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسا ئىدى ،
ئۇچقان قۇش ئوۋلىنىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى.
توي كېچىسى بۇ سېغىنىشنى كۆرسە ئىدى ،
گۈل باغچىسى ھەم گۈلگەھەم تالىغا يىغلار ئىدى .
ئۇچقان قۇش ئۇچۇشتىن ۋاز كېچىپ يىغلار ئىدى.
توي كېچىسى سۆيۈشۈپ ،قۇچاقلىششقا يىغلار ئىدى.

زالىم ئوغلى بۇ زۇلۇمنى كۆرسە ئىدى ،
ئەجەل بۇ چىرقىراشنى ئاڭلىسا ئىدى ،
جاللاتنىڭ يۈرىكى بولسا ئىدى ،

زالىم ئوغلى جەڭگە، يىگىتلىكىگە يىغلار ئىدى .
ئەجەل ئۆزىگە قاراپ يىغلار ئىدى .
جاللاتنىڭ يۈرىكى تاش بولسىمۇ يىغلار ئىدى .

پاختەك بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئاڭلىسا ئىدى ،
تاۋۇت ئىچىدىكىنىڭ كىملىكىنى بىلسە ئىدى ،
ھايۋانلاردا ئەقىل بولسا ئىدى،
پاختەك قارىغايدىن ئايرىلىپ يىغلار ئىدى .
تاۋۇت مۆرىدە تۇرۇپ يىغلار ئىدى.
يىتىملەر، ئاتلار،مۆشۈكلەر يىغلار ئىدى .

ئۆلۈم ئازابىنى كۆردى تاتلىق جان ،
باشلىدى مانا ئەمدى يىغلاشقا،
بولغۇلۇق بولدى ،كەتتى دوستۇم مېنىڭ ،
بۇ دۇنيا بىسەمرەمجان  بولسا، يەنە ئوخشاش ئورنى بار،
مۇشۇنداق تۇپراق ئاستىدا قېلىپ قاپتىمەن.
مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى

ئاللاھىم بۇسۆيگۈگە ئېرىشىشنى ھېجرانغا ئايلاندۇرما

ئاللاھىم بۇ سۆيگۈگە ئېرىشىشنى ھېجرانغا ئايلاندۇرما،
مۇھەببەتنىڭ مەستخۇشلىرىنى نالە قىلغۇزما.

سۆيگۈ باغچىسىنى ياپيىشىل قىلغىن ،
بۇ مەستلەرگە،باغچىلارغا قەسىت قىلما.

تالىنى ياپراقىنى ئۇرما خازان كەبى ،
خەلقىنى قايمۇختۇرۇپ خارۇ-زارقىلما.

قۇشنىڭ ئۇۋا سالغان دەرىخىنى ،
كېسىپ قۇشلىرىنى پەرىشان قىلما.

قۇمىنى ۋە مۇمىنى ئارلاشتۇرما ،
دۈشمەنلەرنى كور قىل شاد قىلما.

ئوغرىلار ئايدىڭلىقنىڭ دۈشمىنىدۇر،
ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلما.

ئىقبال قىبلىسى پەقەت خەلىقنىڭدۇر،
ئۈمۈد كەبىسىنى ئۇنداق ۋەيران قىلما.

بۇ چىدىر يىپلىرىنى ئۇنداق قوشما،
چىدىر سېنىڭدۇر ئەمما سۇلتان قىلما.

بۇ دۇنيادا يوقتۇر ھېجران ئازابىدەك ئازاب ،

نېمە قىلساڭ قىل پەقەت شۇنى قىلما.
مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى

بىر كېچىلىك
بىر كېچىلىك ئۇخلىمىغىن بولامدۇ ،
ئايرىلىش ئىشىكىنى چەكمە بىر كېچىلىك ،
بىر كېچىلىك دوستلار كۆڭلى بولسۇن ،
بىر كېچىلىك تاڭ ئاتقۇزغىن بولامدۇ .

بىر كېچىلىك كۆزلىرىمىز سەن بىلەن ئاڭدىڭلانسۇن ،
كور بولسۇن شەيتانلار بۇ بىر كېچىلىك .
پۈتۈن دۇنيانى خۇش پۇراقلار قاپلىسۇن ،
قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرلار ئاقسۇن ئويمانلارغا،
دەستىرخاندىكىلەر تىرىلسۇن بىر كېچىلىك.

بىر كېچىلىك ئۇخلىمىغىن بولامدۇ ،
ئايرىلىش ئىشىكىنى چەڭمە بىر كېچىلىك.
بىر كېچىلىك ئاتقا مېنىپ مەيدانغا كەل ،
كۆڭۈللەر بىر كېچىلىك خاتىرجەم بولسۇن ،
كۆكرەكلەر مەيدانغا ئايلانسۇن بىر كېچىلىك .

يېڭى كىيىملەر كيىشەيلى بىز قۇللۇرۇڭ ،

مۇساكەبى سەنمۇ بىر ھاسىنى ئال قولۇڭغا،
ھاسا شۇئان قولۇڭدا يىلان بولسۇن ،
سۇلايمان كەبى سەنمۇ چۈمۈلىلەرنىڭ يېنىغا كەل،
چۈمۈلىلەر شۇئان بىردىن سۇلايمان بولسۇن .

بىر كېچىلىك ئايرىلىش ئىشىكىنى چەكمە بولامدۇ .
مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى

ئاڭلا شىكايەت قىلما ھەرئان ،بۇنەي

ئاڭلا شىكايەت قىلما ھەرئان ،بۇنەي ،
ئايرىلىشنى چۈشەندۈرەردائىم بۇ نەي .

دەركى پەريادىم قۇمۇشلۇقلاردىن كېلۇر،
كىم ئاڭلىسا،كۆزلىرىدىن قان كېلۇر.

ئايرىلىشتىن پارچىلانغان بىر يۈرەك ،
خالايمەنكى دەرتلىرىمنى تۆكۈشۈم كېرەك .

كىمىكى ئەسلىدىن ئايرىغانمىش جىنىنى ،
كۈتەر شۇنداق دېدارلىشىش ۋاقتىنى .


يىغلىدىم ھەر يەردە دائىم ئاھ ئەيلىدىم ،
كۆرگەن ھەرقۇلنى مەن دوستۇم دېدىم .

ھەركىمگە ھېساپتا دوست بولدۇم ئەمما،
ھېچكىم قۇلاق سالمىدى سىرلىرىمغا.

ھېچبولمىسا پەريادىمغا سىرىم يىراق ،
نەدە بىر كۆز ، نەدە بىر جاندىن قۇلاق .

ئەينەكتۇر تەن جان ئۈچۈن ،جان تەن ئۈچۈن ،
لېكىن يوقتۇر، جان كۆزى ھەر كىملەر ئۈچۈن .

نەي ئاۋازى توختىدى ،ھاۋابولدى ئاتەش،
ھەم يوق بولسۇن ، كىمدە يوق بولسا بۇ ئاتەش.

مۇھەببەت ئاتەش بولۇپ تۆكۈلۈپتۇ نەيگە،
مۇھەببەتنىڭ جەزىبىسى ئارلىشىپتۇ مەيگە.

ياردىن باشقا دوستنى نەي دوست تۇتتى ھەم ،
پەردىسىدىن پەردىمىز يىرتىلدى شۇدەم .

قانلىق يولدىن نەي سۇنار دائىم ئەرزۇ – ھال ،

ھەم ئېيتار ئاشىق مەجنۇنلاردىن مىسال .

نەي زەھەر ھەم زەھەر قايتۇرغۇچى ، ئاھ نەدە بار،
مانا شۇنداق دوست ھەم سېغىنغان يار.

سىرى بۇ ئەقىلنىڭ ، بىلىنمسە ئەقىل بىلەن ،
بىرقۇلاقلىق خېرىدار بولسا ،ئاندىن تىلە.

غەمگە تولغان كۈنلەر،ۋاقىت دائىم ئوخشاش،
كۈن ئاخىرلاشتى ، يالغان ، خاتا ھەمدە خىيال .

كۈن ئۆتەر قورقۇش يوق ، ھەممىسى چۆچەك،
ھەي پاكىزلىق ئۆرنىكى سەن ،كەتمە قال.

ھەممە قاندى پەقەت بېلىق قانماس سۇغا،
كۈن ئۇزار ، رىزقىڭ ئەگەر تاپالمىسا جان .

ئاھ ،پىشقىنىنى بىلەمدۇ مېۋە ،
سۆز ئۇزار ، قىسقارتىش كېرەك، ۋەسسەلام.

پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ف.ھالىجى
مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى

ئاڭلىدىمكى بىزنى تاشلاشقا نىيەت قىپسەن ،قىلما

ئاڭلىدىمكى بىزنى تاشلاشقا نىيەت قىلىپسەن ، قىلما،
باشقا بىر يار باشقا بىر دوستقا مەيلىڭنى بېرىپسەن، بەرمە.

سەن يات ئەللەر دۇنياسىدا نېمە ئىزدەيسەن ناتونۇش،
قايسى كۆڭلى پەسكە قەست قىلىۋاتىسەن ، قىلما.

ئوغۇرلىما بىزنى بىزدىن ، بىزنى تاشلاپ كەتمە ئۇ ئەللەرگە ئۇدۇل ،
باشقىلار ئوغۇرلاپ بولغانلارغا نەزەر سېلىۋاتىسەن ، سالما.

ئەي ئاي پەلەك خاراپ بولۇپ ، بىسەرامجان بوپتۇ ئىچىڭ ،
بىزنمۇ ھەم بەسەرەمجان خاراپ قىلدىڭ ،خاراپ قىلما.

ئەي ئورنى بارى – يوقنىڭ ئورنىدىكى كىشى ،
سەن بارلىقىڭنى تەرك ئېتىۋاتىسەن ، ئەتمە.

سەن يۈز ئۆرىسەڭ ئاي قاپقارا بولۇر غەمدىن ،
ئاي ئۆينى ۋەيران قىلىشنى قەستلەۋاتىسەن ،قەستلىمە.

بىزنىڭ لەۋلىرىمىز قۇرار سەن قۇرۇتماقچى بولساڭ ،
كۆزلىرىمىزگە ياش تولدۇرىۋاتىسەن ،ھىچ تولدۇرما.

مۇھەببەتنى باشقا ئېلىپ چىققۇدەك كۈچۈڭ يوق بولسا ئەگەر،
نېمىشقا مۇھەببەتلىشىشكە ئۇرۇندۇڭ  ، ھىچ ئۇرۇنما.

ئەي جەننەت ھەم جەھەننەمنىڭ قولىدىكى كىشى ،
بىزگە جەننەتنى جەھەننەمگە ئايلاندۇرىۋاتىسەن،ئايلاندۇرما.

شېكەرلىكنىڭ ئىچىدە زەھەر زىيان قىلماس بىزگە ،
ئۇ زەھەرنى شېكەرگە سەن قۇيىۋاتىسەن، ھەرگىز قۇيما.

بىزنى سۆيۈدۈرىۋاتىسەن ھوزۇرىمىز بۇزۇلار شۇنداق ،
ھوزۇرۇمنى بۇزىۋاتىسەن ۋەيران قىلىۋاتىسەن ،قىلما.

ھارامغا يولۇققان كۆزۈم ، گۈزەللىكىنىڭ ئوغرىسى ،
ئەي ئوغۇرلىققا چۈشكەن ئوغۇرلۇق قىلۋاتىسەن ،قىلما.

ئىسيان قىل ھەي دوستۇم سۆزلىگۈدەك چاغ ئەمەس،
مۇھەببەتنىڭ مەستلىكىنى نېمىشقا مەشىق قىلسەن ،قىلما.
مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى

كەلدى

قۇياشىم ، ئايىم كەلدى ،

كۆزۈم ، قۇلۇقۇم كەلدى ،
كۆمۈش بەدەنلىكىم كەلدى ،
ئالتۇن ، مەدەنلىرىم كەلدى ،
مېنىڭ مەستلىكىم كەلدى ،
كۆزۈمنىڭ نۇرى كەلدى ،
باشقا نەرسە تىلىگەن بولسام ،
مانا شۇ باشقا بىر نەرسەم كەلدى .

يولۇمنى توسىغان كەلدى ،
تۆۋبەمنى بۇزغان كەلدى ،
كۆمۈش بەدەنلىكىم كەلدى ،
ئىشىكتىن ئەقىلسىزىم چىقىپ كەلدى .

ھەي كونا دوستۇم مېنىڭ ،
قارا بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدىن ياخشى ،
تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن بىر خەۋەر ئالغان ئىدىم،
شۇئان مەست بولغان ئىدىم ،
ئاخشام كېچە ئۇنى شام يېقىپ ئىزدىگەن ئىدىم ،
قارا بۈگۈن بىر دەستە گۈل كەبى ،
يولۇمغا چىقىپ كەلدى .

شاراپ ئىچىشىم كېرەك شاراپ ،

چاقماقتەك چاقنىسۇن ئەقلىم ،
بۇنىڭ دەل ۋاقتى ،
قۇش بولۇپ ئۇچۇشۇم كېرەك ،
قولۇم ، قاناتىم كەلدى .

تۇيۇقسىز يورۇقلۇق ئىچىدە دۇنيا ،
تۇيۇقسىز دۇنيا سەھەر كەبى ،
مانا ۋارقىراشنىڭ دەل ۋاقتى ئەمدى ،
مانا ھۆركۈرەشنىڭ دەل ۋاقتى ،
مېنىڭ يوغان شىرىم كەلدى .
مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى


تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1538
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 13:49:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگارانغا رەھمەت، كۆچۈرۈۋالدىم.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ، بىزنى ياخشى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەيسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش