كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 3

شەمسىددىن تەبرۇزى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەمسىددىن تەبرۇزى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە


شەمسىددىن تەبرۇزى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە

شەمسىددىن تەبرۇزى كىم ؟
     1. مەنبە vikipedi  ، تەتقىقاتچى ، يازغۇچى دوكتۇر ئىسمائىل كايگۇسۇز
      شەمسىددىن تەبرۇزى 1185- يىلى تەبرىزدە دۇنياغا كەلگەن . ئەسلى ئىسمى مەۋلانە مۇھەممەد بولۇپ ، مەلىك داد ئوغلى ئەلى ئىسىملىك بىر زاتنىڭ ئوغلى . ئۇ ‹‹ شەمسەددىن ›› يەنى دىننىڭ قۇياشى دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان .
      ئۇ كىچىك چېغىدىلا مەنىۋى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ دىندىمۇ ۋايىغا يەتكەن . ياش ۋاقتىدا تەبرىزلىق ئەبۇبەكىر سەللافنىڭ مۇردى بولۇپ ، بارلىق مەشھۇر شەيىخلەر بىلەن بىرلىشىش ، پىكىرلىشىش ئۈچۈن يۇرت كېزىشكە (ئارىلاشقا) باشلىغان . ئۇ بۇ سەپەرلىرىدە ئۆزىنى ‹‹ شەمسەددىن پەرەندە ( ئۇچقان قۇياش ) ›› دەپ ئاتىغان . بۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تەبرىزدىكى تەرىقەت پىرلىرى ۋە ھەقىقەتچىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ كامىلى تەرىزى ›› دەپ نام بەرگەن .
        شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەجاسىلىق شەيىخ رۈكنەددىن ، تەبرىزلىق سەلاھەددىن ماھمۇد بىلەن تەسەۋۋۇپچى نەجمەددىن كۇبرانىڭ ئىماملىرىدىن جەنتىلى بابالارغا ئەگەشكەن .
        مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى ئۆرنەك قىلغان شەمسىددىن تەبرۇزى ئىزچىل تەھسىل بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مەۋلانەنى ئىزدەپ تاپقان. مال – دۇنياغا ، تەقى – تۇرقىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان شەمسنىڭ ، مەۋلانە بىلەن بولغان ئۈچ يېرىم يىللىق ئالاقە نەتىجىسىدە ھاياتىدا بىر يۈكسىلىش بولغان . شەمسى تەبرىزى شامغا قايتقاندا ، ئۇنىڭ يوقلۇقى مەۋلانەگە بەك ئېغىر تۇيۇلغان بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەر مەۋلانەگە قالايمىقان سۆزلەرنىمۇ قىلغان. مەۋلانە بۇ بىر قىسىم كىشىلەرگە ‹‹ ئۇنىڭ نۇرى چۈشۈشتىن بۇرۇن مەن سىلەرنىڭ تاش تاملىرىڭلاردىكى بىر ئۆلۈك نەقىش ئىدىم ، ئۇ قولىدىكى زەخمەكنى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ، مەن پەقەت بىرلا پەدىنى چالىدىغان قۇرۇق راۋاپ ئىدىم . مەن ئۇنىڭ ئالقىنىدا باغلارنى ، باغچىلارنى ، دەريالارنى ، قۇياشنى ، دەريالاردىكى سۈزۈك ، ساپ سۇلارنى كۆردۈم . ئۇنىڭ قولىدىن چىققان دەرەخلەرنىڭ سايىلىرىدە ئارام ئالدىم ، لېكىن سىلەر بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى كۆرەلمەيسىلەر ›› دېگەن . شۇنىڭدىن كېيىن شەمىس ، جەلالىدىن رۇمىنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنىڭ تەكلىبى بىلەن كونياغا قايتىپ كەلگەن . جەلالىدىن شەمىسنى يەنە باشقا شەھەرلەرگە كېتىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆزىنىڭ بېقىۋالغان قىزى خېمىيە خاتون Kimya Hatun  بىلەن ئۆيلەندۈرگەن.
        خېمىيە خاتونغا يوشۇرۇن كۆيۆپ يۈرگەن مەۋلانەنىڭ كىچىك ئوغلى ئالاددىن بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلالماي شەمىسكە قارشى گورۇھلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن .
       شەمىس ھېجرى 645 مىلادى 1247- يىللىرى مەۋلانەدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلالمىغان بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدىمۇ ياكى قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق ، كونيانى تاشلاپ جىممىدە كېتىپ قالدىمۇ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس .

      2. مەنبە    شەمسەددىن تەبرۇزى ، ھاجى بەكتاش ۋەلى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ( ئىسمائىل كايگۇسۇز )
      شەمسىددىن تەبرۇزى 1183- يىلى 4- ئايدىن 1247- يىلى 8- ئايغىچە تەبرىز رايونىدا ياشىغان بولۇپ ، ئۇنى كىشىلەر ئوخشاشمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل ئاتاپ كەلگەن. مەسىلەن : شەمىس ( قۇياش )، شەمىسى تەبرىزى ( تەبرىزنىڭ قۇياشى ) ، شەمسەددىن تەبرىزى ( تەبرىزلىق دىن قۇياشى ) ، شەمسەددىن مۇھاممەد ، شەمسەددىن بىن ھاسانى ئىختىيار ، پىر شەمسەددىن ئەل تەبرىزى دەپ ئاتىغان بولسا ، كىشىلەر ئۇنى ئىسمائىل ئىماملىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ، يېتىلگەن سوفى تەسەۋۋۇپچى ، يېتەكچى ، سىياسەتچى ، ئەسكىرى قۇماندان ، دېپلۇمات دەپ قارىماقتا.


مەۋلانە جەلاللىدىن رۇمىنىڭ دوستى شەمسى تەبرىزىنىڭ ئۆلۈمى
ھەققىدىكى ھەرخىل قاراشلار

  مەۋلانەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى شەمسى تەبرىزىنىڭ بۇنىڭدىن 750 يىل بۇرۇنقى ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار تەرىپىدىن ھازىرغىچە تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ . بۇ ھەقتىكى ھەرخىل قاراشلار تۆۋەندىكىچە :
1. مەنبە
       تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى دوكتۇر ئىسمائىل كايگۇسۇزنىڭ قارىشىچە :
‹‹ شەمسى تەبرىزى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق  دېپلۇماتىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان . يەنى 1246- يىلى 8- ئايدا ئۇ نىزارى ئىسمائىل دۆلىتى ۋە باغداد خەلىپىلىكىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە موڭغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان قۇرۇلتايغا قاتناشقان .ئەمما بۇ ئاخىرقى قېتىملىق سىياسى ۋەزىپىسى بىلەن شۇ چاغدا يېڭى تەخىتكە چىققان موڭغۇل خانى گۇيۇكنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ، گۇيۇك ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەن . بۇ شەمىسنى ئۆلۈم گىردابىغائېلىپ بارغان. بىر يىل تۆت ئايدىن كېيىن كونياغا قايتىپ كەلگەن شەمسى تەبرىزى مەۋلانەنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ قىزغانچۇقلۇقى سەۋەبىدىن ياكى دىندار سۈننى كونيا جەمەتىنىڭ مەۋلانەنى شەمىسنىڭ يىراقلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرمىگەن .پەقەت موڭغۇل خانى گۇيۇك خانغا ياخشى كۆرۈنمەكچى بولغان ئانادولۇق سەلجۇق ۋەزىرى باھائۇددىن  تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .
          شەمىسى تەبرىزى ئۆلتۈرۈلۈپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئانادولۇ سەلجۇق سۇلتانىلىقى پۈتۈنلەي موڭغۇل ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ۋە موڭغۇللارغا قاراشلىق بىر ۋىلايەت بولۇپ قالغان .مانا شۇ سەۋەبلىك مەۋلانە باشلىق ھەرقانداق ئادەم شەمسى تەبرىزىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىغان . ئارىدىن 70 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋەقە ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار ئېيتىلىپ ،يېزىلىپ چىققان . قىسقىسى بۇ ئۆلۈم ھازىرغىچە ئېنىق
بولمىغان مۆجىمەل قاراشلار بىلەن ئىزاھلىنىپ كەلدى .

2.مەنبە  
مەۋلانە تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى دوكتور نۇرى شىمشەكلەرنىڭ قارىشىچە :
‹1›  مەۋلانە ۋە شەمىسى تەبرىزىنىڭ كۆرۈشىشى
       1244- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى مەۋلانە بىلەن شەمسى تەبرىزى تۇنجى قېتىم كۆرىشىدۇ . بۇ كۆرۆشۈشتىن كېيىن مەۋلانە بىلەن شەمسى تەبرىزى ئىزچىل كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ . ئۇلار بەزىدە مەۋلانەنىڭ ئۆيىدە ، بەزىدە سەلاھادىدىن زەركۇبىنىڭ ئۆيىدە ، بەزىدە مەسنەۋىنىڭ كاتىبى چەلەبى ھۈسامەددىننىڭ بېغىدا كۆرۈشەتتى. مەۋلانەنىڭ ئايالىنىڭ سۆزلىرىگە گۇۋاھ بولغان بەزى يازمىلارغا ‹‹ ئۇلار بەزىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەتتى ، بەزىدە يانمۇ – يان بولۇپ ئۈنتۈنسىز ئولتۇرۇشۇپ كېتەتتى ، بەزىدە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيتتى ›› دەپ يېزىلغان . بۇ كېچە – كۈندۈزلۈك سۆھبەتلەر خەلىق ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ۋە مەۋلانەنىڭ تالىپلىرى ، مۇردلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى . ئۇلار‹‹ مەۋلانە قولىمىزدىن كەتتى ، ئۇ بىزگە دەرىس بېرەتتى ، دىلىمىزنى يورۇتاتتى ›› دېيىشىپ ، بۇنىڭ سەۋەپچىسى شەمسى تەبرىزى دەپ قارىدى . ئاخىرىدا شەمسى تەبرىزى بۇ پىتنە پاساتلاردىن بىزار بولۇپ ، مەۋلانەنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن كونيادىن ئايرىلدى . بۇ ئايرىلىش 9 ئايغىچە داۋاملىشىدۇ . مەۋلانە شەمسى تەبرىزىنىڭ شامدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنى 20 كىشى بىلەن بىرلىكتە شامغا يولغا سېلىپ ، شەمىسى تەبرىزىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ . بۇ بىرلىك يەنە 7-8 ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن كونيالىقلار ، تالىپلار ، مۇردلارنىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلىشقا باشلايدۇ ۋە بۇ سەۋەبلىك شەمسى تەبرىزى بىر كۈنى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ .
‹2› رىۋايەتلەردە ۋە داڭلىق رومانلاردا ئۆلتۈرۈلدى دېيىلىدۇ .
         شەمسى تەبرىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن 100 يىل كېيىن يېزىلغان ئەۋلاكى دەدەنىڭ ‹‹ ئارىفلەرىن مەنكىبەلەرى ›› ناملىق ئەسرىدە شەمسى تەبرىزىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ . ئەگەر بىز بۇلارغا ئىشىنىدىغان بولساق ، شەمسى تەبرىزىنىڭ مازىرى ھازىرقى يەرىدە ئەمەس ، مەۋلانە مۇزىيىنىڭ ئىچىدە ، مەۋلانەنىڭ دادىسىنىڭ يېنىغا قويۇلغان ياكى ئۇنىڭ  150 يىلدىن كېيىنكى ھەم خىرىستىيانلار ھەم مۇسۇلمانلار شىپالىق دەپ قارالغان بۇلاقنىڭ يېنىدىكى قۇدۇققا تاشلانغانلىقىغا ئىشەنگەن بولاتتۇق . بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر بار بولۇپ ، ھازىرغىچە شەمىسنىڭ قەبرىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن نۇقتىلاردىن كونيادا ئۈچى ، تۈركىيەنىڭ باشقا يەرلىرىدە تۆتى ھەتتا ئېران ۋە پاكىستانلاردىمۇ بىر نەچچە يەرلەر بار.
‹3› سۇلتان ۋەلەدنىڭ‹‹ ئىبتىدانامە›› ناملىق ئەسىرى
        بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئەڭ توغرا ھەم تۇنجى بولغان مەنبە مەۋلانەنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنىڭ‹‹ ئىبتىدانەمە ››ناملىق ئەسىرى .مەۋلانە ۋە شەمىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ بۇرۇنقى مەنبە بولغان بۇ ئەسەردە ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما شەمىسنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۆلتۈرۈلىشى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن . ئەسەردە پەقەت ‹‹ شەمىس يوشۇرۇندى ، يوقاپ كەتتى ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەنلا ئىپادىلەنگەن . شۇڭا بىز ھازىرغىچە مەۋلانەنىڭ شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، شۇنىڭ ئىچىدىن بىرەر مەلۇماتقا ئېرىشمەكچىمىز. مەۋلانە بەزى بېيىتلىرىدا ‹‹ شەمىسىمىز قۇدۇققا چۈشتى ›› دەپ يازسا بەزى بېيىتلىرىدا ‹‹ كىم ئۇنى ئۆلدى دەيدۇ ›› دەپ يازىدۇ . ئالىملار ھازىر شەمسى تەبرىزى ‹‹ئۆلدىمۇ ؟  ئۆلتۈرۈلدىمۇ ؟ ›› دېگەن سوئالغا جاۋاپ ئىزدىمەكتە. بۇ ھەقتە بىز ئۇنى ‹‹ ئۆلتۈرۈلگەن ››ياكى ‹‹ ئۆلتۈرۈلمىگەن ئۆلگەن ›› دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز.
‹4› مەۋلانە شەمىسنىڭ ئۆلگىنىگە ئىشەنگەن بولسا ، شامغا ئىككى قېتىم بارمىغان بولاتتى
         شەمىسنىڭ ئاخىرقى قېتىم غايىپ بولىشىدىن كېيىن مەۋلانە ‹‹ يەنە شامغا كەتكەنمىدۇ ؟›› دەپ ئويلاپ شامغا ئىككى قېتىم بېرىپ ئۇنى ئىزدىگەن . بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئوغلى ‹‹ ئەگەر مەۋلانە شەمسى تەبرىزىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئىككى قېتىم شامغا بېرىپ ئۇنى ئىزلەرمىدى ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن .

3. مەنبە

Spor Haberleri  
‹1› مەۋلانە مۇتەخەسىسى سىنان ياغمۇر شەمىسنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ‹‹ ئاشكىن گۆزياشلارى ›› ( ئاشىقنىڭ كۆز ياشلىرى ) ناملىق رومانىدا شەمسنى ھاشھاشىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دەپ يازدى .
       ياغمۇرنىڭ بۇ قارىشىچە ، شەمىسنىڭ ئائىلىسى ھاشھاشىلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ، شەمىس ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش ھاشھاشىلارغا ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن . ئاخىرىدا ھاشھاشىلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان موڭغۇل ۋالىسىنى زەھەرلەش تەلىماتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن . ياغمۇرنىڭ بۇ كۆز قارىشى يازغۇچىلار ئارىسىدا يېڭى بىرخىل تالاش- تارتىشلارغا سەۋەبچى بولغان .
‹2› يازغۇچى ئەھمەد ئۈمىد سەلجۇقىلار ئۆلتۈرگەن دەپ قارىماقتا.
         يازغۇچى ئەھمەد ئۈمىد ‹‹ بابى ئەسرار ›› ناملىق رومانىدا شەمىسنى سەلجۇقىلار دۆلىتى ۋە كونيالىقلار ئۆلتۈرگەن دەپ قارايدۇ . ئۇ سىنان ياغمۇرنىڭ قاراشلىرىنى قۇرۇق سەپسەتە دەپ قاراپ ‹‹ شەمىس بىلەن مەۋلانە كۆرۈشۈشتىن تۆت يىل بۇرۇن باباي ئىنقىلابى بولدى . بۇ ئىنقىلابنىڭ باش ئۇچى قەلەندەر دەرۋىشلەرگە قارىتىلغان . بۇ ئىنقىلاپ بولۇپ تۆت يىلدىن كېيىن قەلەندەر دەرۋىش شەمىس كونياغا كەلگەن . بىر قەلەندەر دەرۋىشنىڭ مەۋلانەنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقى ھەم سەلجۇقىلارنى ھەم كونيا خەلقىنى تەمتىرتىپ قويدى . شەمىسنىڭ ئۆلۈمىگە ھاشھاشىلار ئەمەس ، سەلجۇقلار دۆلىتى بىلەن كونياخەلقى سەۋەپچى بولغان ، ئۇنى سەلجۇقلار دۆلىتى ئۆلتۈرگەن . ›› دەپ قارايدۇ .
‹3› يازغۇچى ئەلىف شافاك بۇلارنى بىز بىلەلمەيمىز دەيدۇ
        ئەلىف شافاكنىڭ ‹‹ ئاشىق ›› ناملىق كىتابىدا مەۋلانەنىڭ ئوغلى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، ئۇ شەمىسنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھېچقاچان ئېنىق بىلەلمەيمىز دەيدۇ ۋە ئەسەردە ‹‹ ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر سىر ئىدى ۋە بىر سىر بولۇپ قالغۇسى ›› دەپ ئالىدۇ .

ھاشھاشىلار ( باتىنلار) كىملەر ؟
        11-12 ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا ئىراندا ياشىغان ۋە رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن ھاسان سابباھ تەرىپىدىن قۇرۇلغان ، ئىراننىڭ شىمالىدىكى بوي سۇندۇرۇش تەس بولغان ئالامۇت قەلئەسىنى مەركەز قىلغان باتىنلار. ئۇلار ئىنتايىن ۋەھشى بولۇپ ، باشتا سەلجۇقلارغا قارشى قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ  ئۇلارنى قورقۇتقان  . شۇسەۋەپلىك ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ‹‹ ھاشھاشلار ›› دەپ ئاتىغان . كېيىنكى تارىخى مەنبەلەردە يەنە ئوخشاش ‹‹ ھاشھاشلار ›› دېگەن نام بىلەن خاتىرلىنىپ قالغان .

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 0
توردا: 187
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالالىدىن رۇمى رومانىدا ،تەبرۇزى جالالىدىن رۇمىنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن ئولتۇرۋىتىلگەن دەپ قەيىت قىلىنىلىدۇ ....كىلاسسىكلارنىڭ ئىچىدە زەللىدىن قالسا تەبرۇزى مەن ھورمەتلەيدىغان ئۇستازلارنىڭ بىرسى

كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 13:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەسەۋۋۇپچىلار ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدىكى قاراشلار ھازىرغىچە ھەرخىل بولۇپ كەلدى .

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 34
توردا: 226
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھەزرىتى مىرزا ئەلىشىر ناۋايىنى چوققا قىلغان كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز تەسەۋۇپتىن ئايرىلالمايدۇ، ۋاھالەنكى بىزدە ئايرىم تەقىقاتچى، ئالىملىرىمىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا تەسەۋۇپ چۈشەنچىسى خېلىلا تېيىز، ھەتتا بەزىلەر تەسەۋۇپقا سەلبىي نەزەردە قارايدۇ. مېنىڭچە بۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ھەقىقى ئۈگىنىشىمىزدىكى بىر نۇخسان.
   نىگاراننىڭ يازمىسىدىكى شەخس، شەمسىددىن تەبرىزى بولسا كېرەك، شۇڭا «تەبرۇزى»دېمەي،ئومۇملاشقىنى بويىچە «تەبرىزى» دەپ ئېلىشىمىز مۇئاپىق مىكىن دەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش