كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 4

قىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخى
     قىمىز تۈركلەرنىڭ مىللى ئىچىملىكى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بايتال سۈتىدۇر. قىمىز تۈركلەردە ھەم قورساق توقلاش ئۈچۈن ھەمدە ئىچىملىك ئورنىدا قوللىنىدىغان ئاتا مىراس دورىدۇر.      قىمىزنى دورا دېيىشىمىزدىكى سەۋەب تارىختىن تاكى ھازىرغىچە قىمىز نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇپ كەلمەكتە. قازاق خېمىيە ئالىمى ئايدار ئاكىنئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە قىمىزنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىرقانچە ماقالەۋە كىتاب بىلەنلا تۈگىتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن.       قىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخى ھەتتا ھۇنلارغا بېرىپ تاقىلىدىكەن . تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئاسيا بۈيۈك ھۇن دەۋرىدە تۈرۈكلەر قىمىز ئىچەتتىكەن. يەنە باشقا تارىخى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ياۋروپالىقلار ھۇنلارنىڭ كۆكتۈرۈكلەرگەقىمىز ياساش تېخنكىسىنى ئۈگۈتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.         بۇرۇنقى يۇنان تارىخچىسى ھىرودىد ئىسكىتلەر ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-8- ئەسىرلەردە ئورتا ئاسيادىن جەنوبى روسيەگە قاراپ كۆچكەن بىر قەۋىم ) بايتال سۈتىدىن ئىنتايىن لەززەتلىك بىر ئىچىملىكنى ياسايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن . رۇس تارىخچىلىرىمۇ رۇسلارنىڭ قىپچاق تۈرۈكلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنىڭ قىپچاقلارنىڭ رەسمى ئىچىملىكى بولغان قىمىز بىلەن كۈتۈۋىلىنغانلىقىنى يازغان . قىمىزھازىرقى كۈنگە كەلگەندە تۈركىيەدە ئانادولۇ تۈرۈكلىرىدە كۆپ قوللىنىۋاتىدۇ . ئەمما ئوتتۇرا ئاسيادا ياشاۋاتقان تۈرۈكلەر ئارىسىدىمۇ ياسىلىپ ،ئىچىلىۋاتقانلىقى ، كەڭ دائىرىدە قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم . قىمىزنى مۇڭغۇللارمۇ ئۆزىگە ئائىت دەپ قارايدۇ . قىمىز شەرق تۈرۈكلىرىدە ھازىرغىچە ياخشى كۆرۈلۈپ ئىچىلىپ كېلىۋاتقان ئىچىملىك بولغاچقا قازاق تۈرۈكلىرى ھەتتا ‹‹ قىمىزنى ئىچمەيدىغان كىم بار ؟ ››،‹‹ قىمىزنى كىم ئىچمەيدۇ ؟›› دېيىشىدۇ.      قازاق تۈرۈكلىرى ئارىسىدا قىمىزنى بىر ئاۋۇل ، بىر كەنىت ياكى بىر جەمەد بىرلىشىپ ياسايدۇ ۋە ئورتاق قوللىنىدۇ . قىمىز ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمدىن پۇل ئالمايدۇ قىمىزنى ياز كۈنلىرى تاپماق ئاسان بولغان بىلەن قىش كۈنلىرى تاپماق ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ .       قىمىز قانداق ياسىلىدۇ ؟     قىمىز بايتال سۈتىگە ئۆزىگە خاس بولغان ئېچىتقۇ ( خېمىرتۇرۇچ ) نىڭ ئارلاشتۇرۇلىشى بىلەن ئېچىتىلىدۇ . ئېچىتىلغاندىن كېيىن بايتال سۈتى ئازراق كۆپۈكلۈك  ، مايلىق ۋە لەززەتلىك ، مەززىلىك ، كەيپىلەندۈرگۈچى بىر ئىچىملىككە ئايلىنىدۇ. قىمىز ئادەتتە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ  . بىرى ئاق قىمىز يەنە بىرى قارا قىمىز. ئاق قىمىز ساپ قىمىزنى كۆرسىتىدۇ . ئاق قىمىزغا ئازراق ماندالىن ، ئاپلىسىن ، ئۈزۈمگە ئوخشاش بىر قانچە خىل مېۋىلەرنىڭ شەربىتى ( سۈيى ) قوشۇپ ئارلاشتۇرۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، ئېچىتىلغان قىمىزنىڭ ئىسپىرىت مىقدارى ئۆرلەپ ئىسپىرىت تەركىبى يۇقرى ،كىشىنى مەست قىلىدىغان قارا قىمىزغا ئۆزگۈرىدۇ .        قىمىزنىڭ ئېچىتقۇسىنى ( خېمىرتۇرچىنى ) ياساش بىرئاز تەس بولۇپ ،قىمىزنىڭ خاسلىقى خېمىرتۇرۇچىغا باغلىق بولىدۇ . بوزقىر تۈرۈكلىرى بىلەن باشقىرت تۈرۈكلىرى ئەڭ ياخشى ئېچىتىلغان قىمىزدىن ئازراق ئايرىۋىلىپ ، شۇنى ئىچىتقۇ ( خىمىرتۇرۇچ)قىلىپ قوللىنىدۇ . بۇنىڭدا ئەڭ ياخشى ئېچىتىلغان قىمىزنى بىر بۇدۇلكىغا قۇيۇپ ئاغزىنى چىڭ يېپىپ ، سالقىن يەردە ساقلايدۇ. يازدا قىمىز ياسايدىغان مەزگىل يېتىپ كەلگەندە ، بۇ ساقلانغان ئېچىتقۇنى يېڭى سېغىلغان بايتال سۈتىگە ئارلاشتۇرۇپ ، ئىسسىق يەردە 24 سائەت ساقلايدۇ . ئىككىنجى كۈنى بۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ساپ سۈت قوشىدۇ . نورمالدا ئۈچ - تۆت كۈندىن كېيىن تەركىبىدىكى باكتىرىيەلەر تىرىلىشكە باشلايدۇ.         سانائەت ئورۇنلىرىدا بولسا ، ئېچىتقۇ قىلىش ئۈچۈن ساقلانغان قىمىزلارغا ، قىشتا بىرنەچچە قېتىم كالا سۈتى ئارلاشتۇرىۋىتىلىدۇ . بۇ قېتىش ( قوشۇش) دەپ ئاتىلىدۇ . ياز كەلگەندە بۇ ئېچىتقۇ بىر ياكى ئىككى ھەسسە بايتال سۈتى بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ چايقىلىدۇ ۋە 22-25 دەرىجىدىكى ئىسسىق يەردە ساقلىنىدۇ . تۆت بەش كۈندىن كېيىن ، يەنى گاز پەيدا بولغانغا قەدەر ساقلىنىپ ئاندىن قوللىنىدۇ.
قىمىزنىڭ تەركىبىدە نېمىلەر بار ؟كۆپچىلىكنىڭ بىردەكلىككە كېلىشى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان قىمىزنىڭ چۈچۈمەللىك دەرىجىسى 60-80 گىچە ، ئوتتۇرىھال قىمىزنىڭ دەرىجىسى 80-100 گىچە ، كۈچلۈك قىمىزنىڭ 100-120 گىچە بولۇپ ، بىر لېتىر قىمىزدا 17 گىرام ياغ، 39.6 گىرام سۈت شېكىرى ، 20 گىرام ئىسپىرت بولىدۇ . بۇلارنىڭ بېرىدىغان ئىسسىقلىق كالورىيەسى 530 . قىمىزنىڭ تەركىبىدە ھەرخىل مېنرال ماددىلارمۇ بار . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كالتسىي ۋە فوسفور، ۋېتامىن ئا ، ۋېتامىن ب ، ۋېتامىن س لارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم . قىمىزدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى بەزى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىدىن تۆۋەن ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قىمىزنىڭ قۇۋۋىتى تۇخۇمنىڭ قۇۋۋىتىدىن يۇقرى . قىمىزنىڭ شىپالىق رولى قىمىزنىڭ پايدىلىق ، شىپالىق بىر دورا ئىكەنلىكى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى بىلىنىپ كەلمەكتە . روس يازغۇچىلىرنىڭ بىرى بولغان  س.ت. ئاكساكوۋ  ئورىن بورىگقا قاراپ ماڭغان كۆچمەن خەلىقلەر ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان :‹‹... ھەريىلى ، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا ، بورانلاردا ئەرزىيەت چېكىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالمايدۇ . ئەمما ئىككى ئۈچ ئايدىن كېيىن شۇ ئىنسانلارغا باشتىن قارايدىغان بولسىڭىز يۈزلىرى تولۇپ ، مەڭىزلىرىنىڭ قىزىرىپ ، سەمىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى تونىيالماي قالىسىز. چۈنكى بۇ ئارىدا ئۇلار قىمىزنى كۆپ ئىچىدۇ . بۆشۈكتىكى بۇۋاقتىن باشلاپ يېشى توقسانغا تاقاشقان قېرىلىرىغىچە ھەممىسى قىمىز ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇلارنى كۆرگىنىڭىزدە قىمىزنىڭ تېپىلماس پايدىلىق دورا ئىكەنلىكىگە ھەيران قالىسى ››.قىمىزنىڭ پايدىلىرىنى پەقەت تۈرۈك خەلىقلىرىلا ئەمەس دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىم ، دوختۇر، يازغۇچى ، ساياھەتچىلەردىنمۇ ئاڭلىيالايسىز.ھەتتا 1858-يىللاردا روسيەدە    ن.ۋ.پوستنېكوۋ    ئىسىملىك بىر خېمىيە ئالىمىنىڭ تەكلىبى بىلەن ساماررا كەنتىدە قىمىز ئىشلىتىپ كېسەل داۋالايدىغان بىر دوختۇرخانا ئېچىلغان . ئەنگىلىيە ۋە كالفورنىيەلەردىمۇ قىمىز بىلەن كېسەل داۋالاش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. بايتال سۈتىدىن ياسالغان قىمىز ياسىلىش جەريانىدا خېمىيىۋىلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىدۇ يەنى ساپ بايتال سۈتى بىلەن ئېچىتقۇ تەركىبىدىكى ۋېتامىنلار بىر بىرى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ، بايتال سۈتى تەركىبىدىكى كازېئىن ۋە ئالبومىن (ئاق ئاقسىل ) سۈت كېسلاتاسى ۋە پېپتون ( يېپتۇن) غا ئۆزگىرىدۇ. بۇلار ئاشقازان ئۈچەيدە قايتا رېئاكسىيەلەشمەي بېۋاستە بەدەنگە سۈمۈرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىمىز ئىچكەن بېمارنىڭ كەيپىياتى تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىنىشى ياخشىلىنىدۇ. قىمىز تەركىبىدىكى شېكەر ، سۈت كېسلاتاسى ، ئىسپىرىت ۋە كاربونلار سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى زەخمىلەنگەن ئورۇنلار ۋە ئاشقازان بەزلىرىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى ياللۇغلارنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ئىشتاھا ئېچىلىدۇ. قىمىز تەركىبىدىكى سۈت كېسلاتاسى قورساق ۋە ئاشقازاندىكى ياللۇغلار تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان بەدەن تېيلىپ ئاغرىشنى يوقۇتۇپ ، بەدەندىكى مېكروپلارنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشىگە تۈرۈتكە بولىدۇ. دوكتور مودە ۋە كوزىننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا قىمىز تەركىبىدىكى ئاق ئاقسىل ( ئالبومىن ) نىڭ سۈمۈرىلىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ ، قىمىز ئىچمىگەنلەر بىلەن ئىچكەنلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ، ۋېتامىنلارنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن تېز بولىدىكەن . قىمىز ئاساسلىقى - قان ئازلىق ، ھارغىنلىق ، ئىشتىھاسىزلىق ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولغاندىن باشقا يەنە يۆتەلنى پەسەيتىش ، بەلغەمنى بوشىتىش ، ھارارەت تۆۋەنلەش، يېرىم كېچىدە تەرلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا قىلىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىدىكى ياللۇغلارنى يوقىتىدۇ. قىمىزنى ئېغىر خىزمەت قىلىدىغانلار ئىچسە ، ساغلام ھەم جۇشقۇن كەيپىيات شەكىللىنىدۇ .بۇنىڭ بىلەن كەيپىيات بىلەن ئىش ئۈنۈمى ئاشىدۇ. 1945-يىلى  ف.لاچىنئاينىڭ تۈرۈكچىگە تەرجىمە قىلغان 32 بەتلىك كىتابىدا قىمىزنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان. 1912- يىلى مەلۇم بىر يەردە 40 قىمىز ئارقىلىق داۋالاش ئورنى ئېچىلغان . يېقىن ئەتراپتىكى 75 كەنىت ئادەملىرى بۇيەرگە داۋالىنىشقا كەلگەنلەرگە ئاتاپ قىمىز ياسىغان . بۇنىڭدىن باشقا باشكۈردىستاندا 800ۋە 540 ياتاقلىق ساناتورىيەلەرمۇ سېلىنغان .1934- يىلغا كەلگەندە بۇ ئىككى ساناتورىيەدە داۋالانغانلارنىڭ سانى 6100 گە يەتكەن . قىمىزنىڭ تەركىبىدىكى ئاز مىقداردىكى ئىسپىرىت يۈرەك قان تومۇرلىرى ، نېرۋىلار ۋە نەپەس ئېلش ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ . قىمىزنىڭ تۇز تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل بولۇپ ، ئۇ ۋۇجۇدىمىزدىكى تۇز ماددىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ، سۈمۈرۈلۈش ۋە چىقىرىلىش خىزمىتىگە ياردەمدە بولىدۇ .  قىمىز تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئا ، ۋېتامىن ب، ۋېتامىن س لار بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىدۇ.
تۈرۈكچە ماتىرياللاردىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  703
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 128
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە بىز ھەم تەتقىق قىلىپ ئۈلگۈرىدىغان تېمىلاردىن ئېدى.ياپۇنلار  قېتىق بىلەن قۇرۇتنى تەتقىق قىلىپ چەككە يەتكىنى مەلۇم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 423
تۆھپە : 0
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 04:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم نېمىنى تەتقىق قىلسا شۇ نەرسە ئاخىرى شۇنىڭ بولىدىكەن.

بۈركۈت بولسام قاناتىم بولسا،
پەرۋاز قىلىپ ئاسماندا ئۇچسام.
يىغلىساممۇ ئاسماندا يىغلاپ،
يار تۇتساممۇ ئاسماند

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 10:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە شۇنداق بولماي، ئىچكەندىكىن نىمىلىكى توغىرىسىدا ئويلۇنۇپ قويۇشتە. ھازىر بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى نىمىلىكىنى ئويلىمايلا ئىچىۋالىمىز....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش