كۆرۈش: 29|ئىنكاس: 0

مەۋلانەدۇردانىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مەۋلانەدۇردانىلىرى

مۇھەببەتتە قۇياشقا ئوخشاش بول ، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقتا ئاقار سۇدەك بول ، خاتالىقلارنى يېپىشتا كېچىگە ئوخشاش بول ، كەمتەرلىكتە تۇپراقتەك بول ، ئاچچىقتا ئۆلۈككە ئوخشاش بول ، نېمە بولساڭ بول . يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن ياكى كۆرۈنگىنىڭدەك بول .
بۇ دۇنيادا يۈزلەرچە ئەخمەق ، ئېتەكلىرى توشقۇدەك ئالتۇن بېرىپ شەيتاندىن دەرت سېتىۋالىدۇ .
ۋەزىپىسىنى جايىدا ئورۇندىمىغاننىڭ ۋىجدان ئازابىغا يا زىياننىڭ دەۋاسى يا دورىنىڭ شىپاسى داۋا قىلمايدۇ .
مۇھەببەت ئالتۇن ئەمەستۇر، يوشۇرغىلى بولمايدۇ . مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن سىرى ئاشكارىدۇر.
يېشىللىقلاردىن ، گۈل – چېچەكلەردىن مەيدانغا كەلگەن باغچە ئۆتكۈنچىدۇر. پەقەت ئەقىللەردىن مەيدانغا كەلگەن گۈل باغچىلار دائىم ياپيىشىل گۈزەل تۇرىدۇ .
نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىسىدا كىيمى يوق ، نۇرغۇن كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچىدە ئىنسان يوق .
مۇھەببەت داۋاغا ئوخشايدۇ ، جاپا بولسا شاھىدقا . شاھىدىڭ بولمىسا داۋادا يېڭىپ چىقالمايسەن .
سەن ھايات ۋاقتىڭدا ئۆلۈك يۇيىدىغانلار سېنى ھەرگىز يۇمايدۇ .
ئىنساننىڭ ئېشىكىدىن شېكەر ئايرىلمايدۇ . ئەمما ئېشەك يارىتىلىشىدىن ئوت – چۆپنى ياقتۇرىدۇ .
دەرت ، ئىنساننى يوقلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ راۋان ئاتتۇر.
ئەھلى بولمىغانلارغا سەبىر قىلىش ، ئەھلى بولغانلارنى چاقنىتىدۇ .
لەش بىزگە نىسبەتەن مەينەتتۇر، ئەمما توڭگوز ، ئىتلارغا شىكەر ، ھالۋىدۇر.
قوزغۇن باغدىمۇ قوزغۇندەك ۋارقىرايدۇ ، ئەمما بۇلبۇل قوزغۇن ۋاقىراۋاتىدۇ دەپ سايراشنى  توختۇتۇپ قويمايدۇ .
مەينەتلەر مەينەتلىكىنى قىلىۋىرىدۇ ،ئەمما سۇلارمۇ تازلاشقا تىرىشىدۇ .
ئەقىل پادىشاھى قەپىزىنى سۇندۇرسىلا ، قۇشلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ –تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىدۇ .
تەۋبىنىڭ ئېتى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بىر ئاتتۇر. بىر نەپەستە پەستىن دۇنيانىڭ كۆك قەھرىگە چىچاڭشىپ چىقىپ كېتەلەيدۇ .
كەڭرىلىك سەبىردىن تۇغۇلىدۇ .
قورقۇنۇچلۇق قۇربان ھېيىت بولغان قىيامەت كۈنى ، ئىنسانلارغا ھېيت –بايرام كۈنىدۇر، ئۆكۈزلەرگە ئۆلۈم كۈنىدۇر.
كىم ئەڭ چىرايلىق بولسا ، شۇ بەكەرەك قىزغانچۇق كېلىدۇ . قىزغانچۇقلۇق ئوتتىن پەيدا بولغان .
بۇ دۇنيا بىر توزاقتۇر، يەمچۈكى ئىستەك . ئىستەك توزاقلىرىدىن قېچىڭلار.
دەريا سۈيىنى بىراقلا ئىچىپ تۈگىتىش مۈمكىن بولمىغىنىدەك ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇدەك ئىچىشمۇ مۈمكىن ئەمەس.
ھەي ،ئالتۇنلار بىلەن بېزەلگەن تونلارنى كىيگەن ، كەمەر تاقاشقا كۆنگەن كىشى ، ئاخىرىدا ساڭىمۇ تىكىشسىز تون كىيگۈزىلىدۇ .
ئېشەككە نىسبەتەن تاقا بىلەن مەرۋايىت ئىككىسى ئوخشاشلا نەرسە. ئىشقىلىپ ئۇ ئېشەك ، مەرۋايىت بىلەن دېڭىزنىڭ بارئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمان قىلىدۇ .
بىرى گۈزەل سۆز قىلسا، بۇ سۆزنىڭ گۈزەللىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاڭلىشى ۋە چۈشىنىشىدىن بولىدۇ .
ئاينىڭ كېچىگە سەبىر قىلىشى ، ئۇنى ئايدىڭلىققا ئېرىشتۈرىدۇ . گۈلنىڭ تىكەنگە سەبىر قىلىشى ، ئۇنى خۇش پۇراققا ئېرىشتۈرىدۇ . شىرنىڭ مەينەتچىلىككە چىداپ سەبىر قىلىشى ، ئۇنى تۆگە گۆشىگە ئېرىشتۈرىدۇ .
ئاللاھ بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن ، ئۆمۈرمۇ ، ئۆلۈممۇ ئوخشاشلا خوشاللىقتۇر.
مەسىت جىنايەت ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ‹‹ سەۋەبىم بر، مەستلىكتە ئۆزۈمنى بىلەلمەي قاپتىمەن ›› دەيدۇ . سەن ئۆزلىگىڭدىن مەست بولۇپ قالمىدىڭ ، ئۇ مەستلىكىنى سەن چاقىرىپ كەلدىڭ .
ئىنسان كۆزدۇر ، كۆرۈشتۇر، باشقىسى گۆشتۇر. ئىنسان نېمىنى كۆرگەن بولسا ، ئۇنىڭ قەدرى پەقەت ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىچىلىكتۇر.
بىرەرسىنىڭ بېشىغا توپا چاچساڭ بېشى يېرىلمايدۇ ، سۇ چاچساڭمۇ يېرىلمايدۇ . بېشىنى يېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال توپا بىلەن سۇنى ئارلاشتۇرۇپ لاي ئېتىشىڭ كېرەك .
يولدىكى بىر تال دۆڭ سېنى بېزار قىپتىمىش ، ئەمما ئالدىڭدا يۈزلەرچە تاغ بار.
قېپى چېقىلغان سەدەپ قۇلۇلىسىگە قاراپ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەرۋايىتى بار.
ئادالەت دېگەن نېمە ؟ ھەممە نەرسىنى جايىدا قويۇش. زۇلۇم دېگەن نېمە ؟ بىر نەرسىنى جايىدا قويماي باشقا يەرگە قويۇش.
ھەرقانداق بىر كاپىرغا يامان كۆزدە قارىماڭ ، چۈنكى ئۇمۇ مۇسۇلمان پېتى ئۆلۈشنى ئۈمۈد قىلىدۇ .
بۇ دەريادىكى سۇ نەچچە قېتىم ئۆزگۈرۈپ بولدى ، يۇلتۇزلارنىڭ شولىسى يەنىلا ئۆز جايىدا.
ئويون كۆرۈنۈشتە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ ، ئەمما بالىلار ئويون بىلەن ئەقىل تاپىدۇ .
  رەسىملەر مەيلى خالىسۇن ، مەيلى خالىمىسۇن ھەممسى ئوخشاشلا رەسسامنىڭ قولىدىن چىقىدۇ .
مال سەدىقە بېرىش بىلەن ئازلاپ قالمايدۇ ، مالنى ياخشى ئىشقا سەرىپ قىلسا ، مالنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ .
يىغلاشنىڭ ۋە پەريات چېكىشنىڭ بىر ئاۋازى ۋە بىر ۋاقتى بولىدۇ   زىياننىڭ ۋاقتى قەرەلى بولمايدۇ . زىياننى تارتقاندا ئىنسان بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ . ئەمما زىياننىڭ قولى بولمايدۇ .
ھەر قوقۇنۇشتا بىر خاتىرجەملىك بولىدۇ . كۆز قارچۇقىدىمۇ يورۇقلۇق بولىدۇ .
بەرگىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالغان كىشى ، قۇسۇقىنى يېگەن بىلەن تەڭ بولىدۇ .
بىلىم چېكى يوق بىر دېڭىزدۇر ، بىلىم تىلىگەن كىشى دېگىزدىكى دولقۇن كېزەلەردىندۇر.
بۇلۇتلار يىغلىمىسا ، يېشىللىقلار قانداق كۈلىدۇ ؟
بۇلبۇللارنىڭ گۈزەل ئاۋازىنى ھەركىم ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى قەپەسكە سولاپ قويىدۇ . ئەمما قوزغۇنلارنى قەپەستە كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟
بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، بەدەنگە چوقۇنىدىغانلارغا ھالالدۇر.
راست گەپنىڭ پۇرىقى بىلەن ، ئەخمەقنى ئىشەندۈرگەن يالغان سۆزنىڭ پۇرىقى ، ئىپار بىلەن سامساقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدۇ . شۇ سۆزنى قىلغاننىڭ نەپەسلىرىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ .
ھەر تىل ، كۆڭۈلنىڭ پەردىسىدۇر. پەردە قىمىلدىغان ھامان سىرلارغا ئېرىشىدۇ .
ئەخلاقسىزلارنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن ،يۈرەكلىك يىگىتلەرنىڭ نەرىلىرى تۈلكە بىلەن يولۋاسنىڭ ئاۋازىدەك مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدۇ .
يامان نەپىس ، يىرتقۇچ قۇشتۇر.
خىرىسىڭ يەمدۇر، جەھەننەم توزاق .
سا ، ئوۋدىن ئوۋ ئېلىپ كېلىدۇ ، ئۇ ئۆز قانىتىغا تايىنىپ ئۇچۇپ ئوۋ ئوۋلايدۇ . پادىشاھمۇ شۇ سەۋەپلىك ئۇنى كەكلىك ۋە چىل گۆشلىرى بىلەن باقىدۇ .
تىل قازاننىڭ تۇۋىقىغا ئوخشايدۇ . قىمىرلىغان ھامان پۇرىقى پۇراشقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قازاندا نېمنىڭ پىشىۋاتقانلىقىنى بىلىسەن .
تاماققا لىق تولغان قورساق ، شەيتاننىڭ بازىرىدۇر.
ئاغزىدىن چىققان گەپ يالغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پۇرىقى ئۇنىڭ راست يالغانلىقىنى پۇرىتىپ تۇرىدۇ .
مۇھەببەتتە شاۋقۇنلۇق سۇلارمۇ توختاپ قالىدۇ ، دەرتلەر شىپا تاپىدۇ ، ئۆلۈكلەر تىرىلىدۇ ، پادىشاھلار كور بولىدۇ . بۇ مۇھەببەتتە بىلىم ئۇنىڭ نەتىجىسى بولۇپ قالىدۇ .
ئاشىقلارنىڭ كۆڭۈللۈرى ئوت بولۇپ يېنىشى بىلەن كۆز ياشلار بولمىسا ئىدى. بۇ دۇنيادا سۇمۇ ،ئوتمۇ بولماس ئىدى .
ئىككى بارمىقىڭنىڭ ئۇچىنى كۆزۈڭگە قوي ، بىرەر نەرسىنى كۆرەلىدىڭمۇ ؟ سېنىڭ كۆرەلمەسلىكىڭ بىلەن بۇ دۇنيا يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ . كۆرەلمەسلىك ئەيىبى ، كۆرسەتمەسلىكنىڭ قۇسۇرىدۇر . ئۇ شۇم نەپسىڭ دەل كۆزلۈرۈڭنى توسۇپ تۇرغان ئىككى بارمىقىڭنىڭ ئۇچىغا ئوخشايدۇ .
تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى ، تۈنۈگۈنگە ئوخشاش ،تۈنۈگۈنكى گەپلەرنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتى . بۈگۈن يېڭى گەپلەرنى قىلىش كېرەك .
ئۇ تاغقا بىر قۇش قونۇپ ئۇچۇپ كەتتى . قارىغىنا ، ئۇ تاغدا يا بىرەر نەرسە ئوشوق بولۇپ قالمىدى ياكى بىرەر نەرسە كەملەپ قالمىدى .
بىرەر سۆيگۈگە سەرىپ قىلىنمىغان ئالتۇننىڭ ، جاننىڭ ، مەرۋايىتنىڭ ، مارجاننىڭ نېمە قىممىتى .
كۆردۈڭمۇ مېنى غەمدىن باشقىسى ئەسلىمەيدۇ ، شۇ غەملەرگە مىڭلارچە ئاپىرىن .
نەپسىڭ ئۈزۈم ۋە خورمىغا ئوخشاش تاتلىقلاردىن مەستخۇش بولغاندا ، روھىڭنىڭ ئۈزۈم ساپىقىنى كۆرەلەمسەنكىن .
ئاغزىڭنى يۇمۇپ ، ئالتۇن تولغان ئالقىنىڭنى ئاچ ، جەسەتتەك پىخسىخلىقىڭنى تاشلاپ ، مەرتلىكنى تاللا.
دۇرۇسلۇق مۇسانىڭ ھاسىسىغا ئوخشايدۇ ، ئەگرىلىك بولسا سېھىرگەرلەرنىڭ سېھرىگە ئوخشايدۇ . دۇرۇسلۇق مەيدانغا چۈشكەندە ئەگرىلىكلەرنى يۇتۇپ كېتىدۇ .
بىر يامانلىق قىلغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىش ، ئاللاھنىڭ ئىنايەت ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكنىڭ بەلگىسىدۇر .
نامراتلىق ۋە راھەتسىزلىك چوقۇم بىر گۇناھنىڭ جازاسى ، ھوزۇر ھالاۋەت بولسا بىر ئىبادەتنىڭ مۇكاپاتى .
مېۋىسى كۆپ دەرەخنىڭ شاخلىرىنى مېۋىلىرى پەسكە ئېگىپ قويىدۇ . مېۋىسىز دەرەخ بولسا، سەۋرى دەرەخلىرىدەك يۇقۇرىغا ئۆرلەپ كېتىۋىرىدۇ .
قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۈگۈنگەن كىشى  ، قۇش بولالمايلا قالماستىن ھەتتا قۇشلارنىڭ دۈشمىنى ۋە ئوۋچىسىدۇر .
دەرت، ئىنسانغا يول كۆرسىتىدۇ .
ئىمان ، نامازدىن ياخشىراقتۇر. چۈنكى ، ناماز بەش ۋاقىت ، ئىمان بولسا ھەرزامان پەرىزدۇر.
ئىككى جانلىق قۇشنى بىر يىپقا باغلاپ قويساڭ تۆت قانىتى بولسىمۇ ئۇچالمايدۇ . چۈنكى ئىككىلىك مەۋجۇتتۇر.
لالما ئىتقا ئالتۇن زەنجىر ياكى يۇڭدىن تاسما تاقاپ قويساڭمۇ ، ئۇ يەنىلا لالما ئىتلىقىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ .
ئاغزىڭنى يۇم ، يېتەر! سىر پەردىلىرىنى ئۇنچىلا يىرتىپ ئېچىۋەتمە . چۈنكى بىزگە سۇنۇقلارنى تېڭىش ، سىرلارنى يېپىش يارىشىدۇ .
بۇرنىڭغا سامساق كەپلىۋىلىپ گۈلنىڭ پۇرىقىنى ئىزدەۋاتامسەن ؟
نان ، بەدەن تۈرمىسىنىڭ مېھمىنىدۇر.
ئىتنىڭ ئالدىغا بىر خالتا شېكەر قويۇپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا لەشنىڭ پېشىدىدۇر . ئۇ شېكەرنىڭ نېمىلىكىنى نەدىن بىلسۇن.
ئىتتەك قاۋاۋەرمەي ، شىرلارنىڭ غەزىپىگە قارا. شىرلارنىڭ غەزىپىنى كۆرۈپ ، بىر ياشلىق قويدەك يۇۋاش بول .
دىن ئۆيىدە ھەسەت چاشقانغا ئوخشاش تۆشۈك تېشىدۇ .ئەمما ئۆزىنىڭ بىر چىرتىلدىشى بىلەن يەنە ئۆزى ئۈركۈپ قاچىدۇ .
ئاياللار ، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ .جاھىللارنىڭ نەزىرىدە ،ئۇلار  ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . چۈنكى جاھىللارنىڭ تەبىئىتىدە ھايۋانلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ .
مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق ئىنسانلىقنىڭ ئىپادىسى ، زاراۋانلىق ۋە شەھۋەت بولسا ھايۋانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەقىل ئاتاڭدۇر ، بەدىنىڭ ئاناڭ . ئۇلارنىڭ ئوغلى بولساڭ ئاتاڭنىڭ يۈزىگە قارا.
قۇش قەپەستە قالغانچە باشقىلارنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا قالىدۇ . قەپەس سۇنۇپ قۇش ئۇچتىمۇ ، بولدى . ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ بۇيرۇقى كار قىلمايدۇ .
ئەۋرەزنىڭ سېسىق پۇرىقىنى پۇراش، روھى ئېچىپ كەتكەن بايلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن ياخشىراق .
سەن يېڭى بىر بۇۋاقنى تۇغمىغۇچە ،قېنىڭ تاتلىق سۈت ھالىتىگە كەلمەيدۇ .
ئۇرۇق يەرگە يوشۇرۇنىدۇ ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنىشى باغنىڭ ، باغچىلارنىڭ ياپيېشىل بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ .
ئەسەر يېزىۋاتقان قولنى كۆرمىگەن كىشى ، ئەسەر قەلەمنىڭ ئوينىشى بىلەن يېزىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ .
گۈل سۇلۇپ ، گۈل باغچىسى خاراپ بولغاندىن كېيىن گۈلنىڭ پۇرىقىنى قەيەردىن پۇرالايسىز ؟ - گۈل سۈيىدىن .
فىرئەۋىن يۈز مىڭلارچە بالىنى ئۆلتۈرگۈزدى ، ئەمما ئىزدىگىنى بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدىن چىقتى  .
كېمىنىڭ ئىچىدىكى سۇ كېمىنى چۆكتۈرىۋىتەلەيدۇ . كېمىنىڭ ئاستىدىكى سۇ بولسا، كېمىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .
ئەينەكنىڭ سۈزۈكلىكىنى يۈزىگە سالساڭ ، ئەينەك شۇ ھامان دۇغلىشىپ سېنى كۆرسەتمەس بولىدۇ .
ئېشەك سۇنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى ، دەرياغا پۇتىنى ئەمەس بېشىنى ئاۋال قويار ئىدى .
ئەقلىڭ تۆگىچىگە ئوخشايدۇ ، سەن بولساڭ تۆگىگە. ئەقلىڭ سېنى رام قىلىدۇ . بىلىپ –بىلمەي خالىغان يېرىگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ .
كۆمۈشنىڭ سىرتى ئاپئاق ، پارقىراق . ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبىدىن قولمۇ ، كىيىممۇ قارداپ قالىدۇ .
يوقسۇللار مەرتلىكنىڭ ئەينىكىدۇر.
تارازىدا ئالتۇن بىلەن ئارپا تەڭ ئۆلچۈلىدۇ ، ئەمما بۇ ئارپىنىڭمۇ ئالتۇندەك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ .
ئاي يۇلتۇزلاردىن خىجىل بولىدۇ ، ئەمما مەرتلىكى بىلەن يەنىلا يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
سەن شەكىللەر بىلەن قالغان بولساڭ ، بۇتقا چوقۇنغان بولىسەن . ھەرنەرسىنىڭ شەكلىنى قويۇپ ، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قارا.
قاراتەنلىك بولسىمۇ ، سەن بىلەن ئوخشاش نىيەت مەقسەتتە بولسا ،سەن ئۇنى ئاق دەپ ھېساپلا .
ھەجگە بارماقچى بولساڭ ، ئۆزۈڭگە يولداش تاپ . ئۇ مەيلى ھېندى ، مەيلى تۈرۈك ،مەيلى ئەرەپ بولسۇن ، شەكلى ،رەڭگىگە قارىماي نىيەت  مەقسىدىگە قارا.
يوقلۇق بارلىقنىڭ ئەينىكىدۇر.
شىرنىڭ بوينىدا زەنجىر بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا زەنجىر سالغانلاردىن ھەيۋەتلىكتۇر.
بوران چاپقۇن نۇرغۇن دەل –دەرەخلەرنى ئۆرىۋىتىدۇ ،ئەمما ياپيېشىل بىر تال ئوت- چۆپكە ئېھسان قىلىدۇ .
دوستلارنى قۇرۇق قول يوقلاش، تۈگىمەنگە بۇغدايسىز بارغانغا ئوخشايدۇ .
ھەممىلا ئادەم قۇياشنى كۆرەلىگەن بولسا ئىدى ، قۇياش نۇرلىرىغا تەڭ كېلەلمەيدىغان يۇلتۇزلارغا ئېھتىياجى چۈشمىگەن بولاتتى .
خىرىستىيانلارنىڭ دۆتلىكىگە قارا ، ئېسىلىپ قالغان تەڭرىدىن مەدەت تىلەيدۇ .
رەسىم رەسسامغا مېنى قۇسۇرسىز سىزمىدىڭ دېيەلەمدۇ ؟
ئەقىللىقلەردىن كەلگەن جاپا ، بىلىمسىزلىكلەردىن كەلگەن ۋاپادىن ياخشى .
قارا ئوتۇن ئوت بىلەن بىرلەشتىمۇ ،ئۇنىڭ قارىلىقى يوقاپ ئەتراپىغا يورۇقلۇق تارقىتىشقا باشلايدۇ .
تەڭرى سېنى سەت يارىتىپ قويغان بولسا ،ئۆزۈڭنى بىل . ئۆزۈڭمۇ ، قىلقىڭمۇ سەت بولمىغىن .
شاھمەتتە پېشكا يولغا چىقىپ ،ئاخىرىدا ۋەزىر بولىدۇ .
كىبىرنىڭ پۇرىقى ، ئاچكۆزلۈك ،تەمەنىڭ پۇرىقى ، تاماقنىڭ پۇرىقى ، گەپ قىلغاندا پىيازدەك پۇرايدۇ .
دوستتىن ، يېقىنلاردىن كەلگەن بىر زەربە ، دۈشمەننىڭ بەرگەن ئۈچ يۈزمىڭ زەربىسىگە تەڭ .
ھەسىلىنى يېگەن ھەرىسىدىن قورقمايدۇ .
قۇياشنىڭ نۇرى پاسكىنچىلىققا چۈشسىمۇ ، بۇلغانمايدۇ . چۈنكى ئۇدېگەن نۇر.
بېشىڭ سۇغا كىرگەندە ،سۇنىڭ رەڭگىنى قانداق بىلەلەيسەن ؟
سەبىر ئىنساننى مەقسىدىگە ئەڭ تېز يەتكۈزىدىغان يول باشچىدۇر.
يىلاننىڭ تۇخۇمىمۇ قۇچقاچنىڭ تۇخۇمىغا ئوخشايدۇ . ئەمما ئارىسىدىكى پەرىق نېمە دېگەن چوڭ ھە !
قارماقتىكى گۆش پارچىسى ، بېلىق تۇتۇش ئۈچۈندۇر. ئۇنى قانداقمۇ ياخشىلىق ، مەردلىك بىلەن بېرىلگەن تاماققا ئوخشاتقىلى بولسۇن .
پرلىق چاچ ساقالنىڭ ئاقىرىپ ئۇزىرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولسا ، ئىبلىستىن قېرى كىم بار.
توزغا ئوخشاش قانىتىڭ بىلەن قۇيرۇقۇڭنىلا كۆرمەي ، پۇتلىرىڭغىمۇ قاراپ قوي .
بورسۇق دەپ بىر ھايۋان بار ، تاياق يېگەنسىرى سەمىرىپ يوغىنايدىغان ، كۆتەك يېگەنسىرى يۇۋاشلاپ قالىدىغان ، ئادەممۇ بەزىدە بورسۇققا ئوخشايدۇ . دەرت تارتقانسىرى ، مېھنەت قىلغانسىرى چوڭىيىپ ،سەمىرىدۇ .
ئۇچار قۇش يەردە قالسا ئازاپلىنىپ ، غەمگە چۆكۈپ ، نالە قىلىشقا باشلايدۇ . ئۆي قۇشلىرى بولسا ، كاتەككە كۆنگەن بولۇپ ، يەردە خوشاللىق بىلەن يېمىنى توپلاپ ،شاتلىنىپ يۈگۈرۈپ يۈرۈيدۇ .
ئاينىڭ زىمىندا ئۆي تۇتقىنىنى كۆردۈڭمۇ ؟
ئاچكۆزلۈك  ، كۆرۈمسىزلەرنىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدۇ .
يول ئاپەتلىرى ئىچىدە شەھۋەتتىن بەتتەرى يوق .
تۆمۈرچىلىكنى بىلمىسەڭ ، تۆمۈرچىنىڭ ئوچىقىدا چاچ،ساقاللىرىڭمۇ كۆيۈپ تۈگەيدۇ .
ئەگرى پۇتنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى بولىدۇ .
پۇتلار بىلىمگە ئېرىشكەن ھامان قاناتقا ئايلىنىدۇ .


تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش