كۆرۈش: 27|ئىنكاس: 0

دادىنىڭ تەۋىسيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دادىنىڭ تەۋىسيەسى
دادىسى ئۈچ قازاننى بىرلا ۋاقىتتا ئوچاققا قويۇپ ، ئوتنى ئېچىپتۇ .ئاندىن ئوغلىغا قاراپ ‹‹ ئەمدى مەن دېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى تالنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن ›› دەپتۇ . نۆۋەت بويىچە سەۋزە ،تۇخۇم ۋە قورۇلمىغان قەھۋە دانىلىرىنى سوراپتۇ . ئوغلى ھەر بىرىدىن ئىككى تالنى ئېلىپ دادىسىغا بېرىپتۇ . ئادەم ئىككى تال سەۋزىنى بىرىنجى قازانغا ، ئىككى تال تۇخۇمنى ئىككىنجى قازانغا ۋە ئىككى تال قورۇلمىغان قەھۋە دانىسىنى ئۈچۈنجى قازانغا سېلىپ،ھەر ئۈچىنى بىرلا ۋاقىتتا يىگىرمە مېنوت قاينىتىپتۇ. كېىن ھەممە قازانلاردىكى سەۋزە،تۇخۇم ۋە قورۇلمىغان قەھۋە دانىلىرىنى ئېلىپ ئايرىم -ئايرىم تەخسىلەرگە سېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە تىزىپتۇ .ئاخىرىدائوغلىغا قاراپ ‹‹ نېمىلەرنى كۆردۈڭ ؟›› دەپ سوراپتۇ.ئوغلى ئويلانغان ھالدا چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ.‹‹سەۋزىلەر قاينىغانسىرى ئەسلى ھالىتىنى يوقۇتۇپ يۇمشاپ كېتىپتۇ. تۇخۇملار كۆرۈنۈشتە ئەسلىدىكىدەك قاتتىق كۆرۈنسىمۇ ،ئەمما ئىچى قېتىپ كېتىپتۇ .قەھۋەدانىلىرى بولسا، ئەسلىدىكىدەك تۇرۇپتۇ، يەنى باشتا قانداق بولغان بولسا ، ئاخىرىغىچە شۇنداق تۇرۇپتۇ››.مانا شۇلاردىن كېيىن دادىسى ئەسلىدە ئوغلىغا دېمەكچى بولغانلىرىنى دېيىشكە باشلاپتۇ . ‹‹تۇرمۇشتا يەنى توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببەت بىلەن شەپقەت ھەرۋاقىت بىللە بولىشى كېرەك . مۇھەببەتسىز تۇرمۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپ سەن كۆرگەن سەۋزىلەرگە ئوخشاش بىرلىكتە بىر-بىرىنى تۈگەشتۈرىۋىتىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئەسلىنى يوقىتىدۇ. شەپقەتسىز تۇرمۇشتا بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ ھەممىگە چىدىسىمۇ خۇددى سەن كۆرگەن تۇخۇملارغا ئوخشاش ئىچىلىرى قېتىپ كېتىدۇ ھەمدە بىر -بىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ . مۇھەببەت ۋە شەپقەت بىرلىكتە بولغان تۇرمۇشتا بولسا ، شارائىت قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىككى تەرەپ خۇددى ئۇ ئىككى تال قەھۋە دانىلىرىدەك بىر-بىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ . ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى يوقاتمايدۇ. قەھۋە دانىلىرىنى قايتا قايناتساڭمۇ بولغىنىدەك ، ئۇ ئىككى تەرەپمۇ ئۇزۇن يىل بىللە ياشاش ئىستىكىدىن يانمايدۇ ››.ئوغلى بۇ دەرىستىن چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە بولغاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما دادىسى تۇيۇقسىز‹‹ئەسلى دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس ›› دېگەچ ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئوچاق بېشىغا ئەكىلىپ ، ئۈچ قازاننىڭ ئىچىدە قالغان سۇلارنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ،‹‹ سەۋزە ۋە تۇخۇملاردىن قالغان سۇغا قارا ،ئىككىلىىسدە ھېچقانداق تەم يوق ›› دېگەچ قەھۋە دانىلىرىنى قايناتقان قازاندىكى سۇنى بىر پىيالىگە قۇيدى ، پىيالىدىن مەززىلىك قەھۋە پۇرىقى كېلىۋاتاتتى. ئادەم پىيالىنى ئوغلىغا سۇنۇپ ‹‹بەلكىم ئىچىپ باققۇڭ باردۇر›› دېدى. ئوغلى قەھۋەسىنى ئىچىشكە باشلىغىنىدا، ئادەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ‹‹قەھۋە دانىلىرىغا ئوخشاش بىر-بىرىنى تۈگەشتۈرمىگەن ئەرئاياللار بىللە ياشىغان ئۆيمۇ مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. يېڭى دەملەنگەن مەززىلىك قەھۋەدەك ساپ ۋە ھوزۇرلۇق . ھەر قانداق كىشىنىڭ پىيالىسىگەقۇيۇپ ئىچكەن قەھۋەلەرگە ئوخشاش . چۈنكى ، ئۇلار بىر -بىرلىرىنى خوراتمايدۇ . بىر-بىرلىرىگە مۇھەببەت ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . تۇرمۇشقا ئۆزلىرىنىڭ تەملىرىنى ، پۇراقلىرىنى ۋە رەڭلىرىنى سىڭدۈرۈپ بەخىت ئىچىدە ياشايدۇ››.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش