كۆرۈش: 32|ئىنكاس: 1

شەيدائىي: سۆيگۈ ئىزدەپ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 112
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

           سۆيگۈ ئىزدەپ...

سۆيگۈ ئىزدەپ كۆيسەم يېلىنجاپ،
تۈن كۆكسىدە تۈنەيدۇ قۇياش.
قىسسە سۆزلەر يېشىل قۇملۇقلار،
كەچمىشلەرگە تولسا يېتىرقاش.

سۆيگۈ ئىزدەپ كېزىمەن ھەر يان،
قەيەردە سەن كۆيگەن نىگارىم.
ۋىسال ئىزدەپ باسقان ئىزىمدىن،
قاسراق تاشلاپ كۆكلەر يۈرىىگىم.

سۆيگۈ ئىزدەپ چاڭقىسا كۆڭلۈم،
تەكلىماكان يۈرەر سۇ سوراپ.
مەپتۇن بولۇپ ئازغۇن ھېسلارغا،
ياشاپتىمەن ئۆزۈمنى ئالداپ.

دەۋرەپ تۇرسا قەلبىمدە ئازاب،
باغلىرىمنى سوقتى شېۋىرغان.
ياشنار كۆكلەپ پىراقتا كۆڭۈل،
باھار باشلاپ كەلسە گۈلىستان!
مەنبە: شەيدائىي ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن يوللاندى
مىلادى 2013-يىلى 14-يانۋار، گۇما.

كىملىكىمنى سورار شاماللار

ئازابلاردا ئۇھسىنار كۆڭۈل،
بىر نەرسىسى كەمدەك ھېس قىلپ.
دەرتتىن ئېغىپ تىترىگەن يۈرەك،
كۆكرىكىمدىن ئۇچار چىڭقىلىپ.

تاپالمىدىم يوقاتقىنىمنى،
تەنھالىقتا قالدىم نا ئۈمىد.
ئىڭراپ تۇرغان ئىستەكلىرىمدە،
خىرە ئاتقان تاڭغا تەلپۈنۈپ.

دىل قەسرىمدە كۆيۈپ باياۋان،
تۈن كۆكسىگە كەتتى چېچىلىپ.
يېلىنجايدۇ بارخانلار ئارا،
چەكسىزلىكتە ئۈنسز يېيىلىپ.

تەكلىماكان باغرىنى تىلغاپ،
كىملىكىمنى سورار شاماللار.
يىلتىزىنى ئونۇتقان تامام،
قاغجىرىغان سارغۇچ قاپتاللار.

غەمگە بۆلەپ تەكلىماكاننى،
كۆيۈپ كەتتى تەنھا باياۋان.
قۇياش بوزلاپ باققاندا كۆكتە،
ئۇيۇپ قالدى چانىقىمدا قان !

مەنبە: شەيدائىي ئىجادىيەتلىرىدىن
2003-يىلى 29-ئىيۇن خوتەندە يېزىلغان .


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى ئەمەستۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش