كۆرۈش: 33|ئىنكاس: 0

تاماق يېگىلى ئۇنىمايدىغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:48:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 تاماق يېگىلى ئۇنىمايدىغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟
تۇرمۇشتا كۆپىنچە ئاتا – ئانىلارنىڭ‹‹ تاماق ۋاقتى بولغاندىن كېيىنلا نېرۋام ئۆرلەيدۇ››،‹‹خەقنىڭ باللىرى بىر ئوبدان تاماق يەيدىكەن ، مېنىڭكىگە قاراڭ ››،‹‹ ئەتتىگەندىن بېرى ئاغزىغا بىر لوقما نەرسە سېلىپ باقمىدى ››،‹‹تامىقىنى باشقىلار يېگۈزسە يەيدۇ ، مەن يېگۈزەلمەيمەنغۇ تاڭ ... ››،‹‹ ھەركۈنى تاماق ۋاقتىدا ۋاقىراپ - جاقىراشتىن بەك زېرىكتىم ... ››  دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بەلكىم سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىشى مۈمكىن . بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كونتۇرۇل قىلىشنى ئۈگىنىشى تاماق يېيىش بىلەن چوڭ - كىچىك تەرەتنى كونتۇرۇل قىلىشتىن باشلىنىدۇ. بالىلار بۇۋاق ۋاقتىدىلا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە دېققەت قىلغان ، قىلمايۋاتقانلىقىنى پەرىق ئېتەلەيدۇ ۋە تاماق يېمەسلىك بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئاق - قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك  بولغىنىدىن باشلاپ تاماق يېمەسلىك ئارقىلىق ئاتا- ئانىسىغا نارازىلىقىنى ، قارىشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتە ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى بېۋاستە يېمەكلىككە باغلاپ بالىلارغا زورلاپ تاماق يېگۈزىدۇ ۋە بالا قانچىلىك كۆپ يېسە شۇنچە ساغلام بولىدۇ دەپ قارايدۇ . ئاتا - ئانىلار بالىغا تاماقنى قانچە زورلىغانسىرى شۇنچە ئامالسىز قالىدۇ . بالىسىنى كۆڭلىدىكىدەك تەربىيىلەشنى نىيەت قىلغان ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاماق يېيىشنى رەت قىلىشى ، يېمەسلىكى ، قارىشلىق كۆرسىتىشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى ، ئۆزلىرىنىڭ بالا تەربىيىلەشكە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بالىلار ئانىلىرىغا بولغان نارازىلىقنى تاماق يېمەسلىك بىلەن ئىپادىلەيدۇ . ئەگەر بالىغا باشقىلار تاماق يېگۈزسە يەيدۇ ، ئانىسى يېگۈزمەكچى بولسا يېيىشكە ئۇنىمايدۇ. ئاخىرىدا ئانا بالىغا ئاچچىقلايدۇ ، تېرىكىدۇ بۇنىڭ بىلەن بالا تاماق يېگۈسى كەلگەن بولسىمۇ يېمەيدۇ . بالىغا نىسبەتەن تاماق يېمەسلىكنىڭ سەۋەبى دەل ئانا . ئەگەر ئۇ تاماققا زورلىمىسا ياكى كۆڭلىدىكىدەك نەرسىلەرنى بەرسە ۋەياكى ئاچچىقلىمىسا ئۇنىڭ تاماق يېيىشى مۈمكىن ئىدى. بۇلارنى بالىلار ئىنتايىن كىچىك ۋاقتىدىلا ھېس قىلىدۇ ئەمما تىلدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ . شۇڭا ئۇلار بىردىنبىر ئۇسۇل تاماق يېمەسلىك ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ تاماق يېمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭ ‹‹ بۇ بالىغا تاماق بەرمەمدىغاندۇ ؟››،‹‹نېمانداق ئورۇق بالىدۇ بۇ ...›› ،‹‹ۋىيەي ئۇستىخانلىرى چىقىپلا قاپتۇ›› ،‹‹ ئاتا- ئانىسىنىڭ كارى يوقمىدۇ ›› دېگەندەك گەپلىرىگە بەكرەك دېققەت قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپتىن خىجىللىق ھېس قىلسا بىر تەرەپتىن بالىغا ئاچچىقى كېلىدۇ . بالىدىن ھەم ئۆزلىرىدىن ئۈمۈدسىزلىنىشكە باشلايدۇ. ھەتتا چېڭىغا چىققاندا بالىنىڭ تاماق يېمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئەر-ئاياللار تەگىشىپ ، رەنجىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ تاماق ۋاقتىدا تەبىئي ھالدا ‹‹ بالام تامىقىڭنى يە!››،‹‹بالام يەنە ئازراق يېگىن!››،‹‹ بۇمېنىڭ كۆڭلۈم ، بۇ داداڭنىڭ كۆڭلى...››،‹‹ ۋاي ئالدىڭغا قاراپ ئېشىڭنى يە...››،‹‹ئوينىماي يە ››،‹‹ئاغزىڭغا كەپلىمەي ، ئاغزىڭدىكىنى يۇتە...››،‹‹ئاغزىڭدىكىنى چىقارما ...›› دېگەندەك گەپلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ . بەزىدە ئاتا- ئانىلار بالىلارنى قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يېگۈزۈشكە مەجبور بولۇپ قالسا ، بەزىدە ۋاقىتنىڭ قىس ، ئالدىراشچىلىقىدا بالىغا ھېكايە ئېيتىپ تۇرۇپ تاماق يېگۈزۈشكە ياكى بالا بىلەن تەڭ ئويناپ تۇرۇپ تاماق يېگۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ . ئومۇمەن 3ئايلىقتىن 6ئايلىققىچە بولغان بۇۋاقلارغا پەقەت تاماق ۋاقتىدىلا تىلىۋىزورنى ئېچىپ كارتون فىلىم ياكى كۆرىنىشى تېز يۆتكىلىدىغان ئېلانلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بالىغا تاماق يېگۈزسە بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا كارتۇن فىلىم ۋە ئېلانلارنىڭ مۇزىكىلىرى جانلىق ، ھەركىتى تېز بولغاچقا بالىدا جىددىيلىشىش ، قىززىقىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىدۇ . ھەتتا بەزىدە بالا سىزنىڭ ئاغزىغا تاماق سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ، ئۆزىنىڭ بىرنەرسە يەۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەي ئېكرانغا بېرىلىپ كېتىدۇ. 6ئايلىقتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلار بىلەن تەڭ ئويۇن ئويناش ياكى ھېكايە ، چۆچەك ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆپرەك تاماق يېگۈزەلىشىڭىز مۈمكىن. 4ياشتىن 8 ياشقىچە بولغان بالىلار ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ قورسىقى ئاچقاندا سىز بىر نەرسە بەرمىسىڭىزمۇ سىزدىن يەيدىغان نەرسە تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تاماق يېمەسلىكى پەقەت سىزگە قارشى قوللىنىلغان بىردىنبىر قورال. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاۋۋال بالىنى تاماققا زورلىماي ، كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى سوراڭ . چۈنكى بالا يالغۇز تاماققا ، يېمەكلىككىلا مۇھتاج ئەمەس. ئۇ مۇھەببەتكە ، شەپقەتكە ، كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. بۇلار بالىغا يېتەرلىك بولسا بالىنىڭ ئىشتىيى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ. بالىغا تاماقنى زورلاش ئەسلىدىنلا مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋىتىدىغان ئۇسۇل .  بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭلا ئەمەس سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ . سىزنىڭمۇ ئىشتىيىڭىز تۇتىلىدۇ . بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزغا بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىركۈنلۈك ناچار كەيپىيات ئەلۋەتتە نۆۋىتى كەلگەندە بىر كۈنلۈك خىزمىتىڭىزگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق . مۇھىمى بالىلارنىڭ تاماقنى كۆپ يېيىشى ئەمەس بەلكى يېگەنلىرىنى نورمال سىڭدۈرەلىشى .تاماقنى ئۆزىنىڭ بەدىنى قوبۇل قىلىشتىن ئارتۇق كۆپ يېسە بالا تاماقنى قۇسىۋىتىدۇ . داۋاملىق تاماق قۇسۇش بالىنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ ياكى بالىلاردا تويغىنىنى بىلمەيدىغان كەيىپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ ، بالىلاردا بەزى قوشۇمچە كېسەللىكلەرنى ۋە ناچار ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ . بالىڭىزنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ . ھەممە بالىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ، قۇبۇل قىلىشى ياكى فېزىئولوگىيەلىك ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆزىڭىز پايدىلىق ، قۇۋۋەتلىك دەپ قارىغان يېمەكلىكلەرنى بالىغا زورلىماڭ . بەلكى شۇ قۇۋۋەتلىك ، پايدىلىق نەرسىلەردىن ئاز مىقداردا كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قويوپ قويۇڭ . بالىڭىز كۆڭلى تارتقاننى ، ياقتۇرغاننى كۆپرەك ئەكىلىپ قويسىڭىز سىزنىڭ زورلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . بالىلار تاللاشقا ئامراق . كۆپۈنچە بالىلار رەڭلەر ئارىسىدىن ئاۋۋال قىزىلنى تاللايدۇ. سەۋەبى قىزىل باشقا رەڭلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكلەردىن سانىنى ئاز ،تۈرىنى كۆپ قىلىپ كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويسىڭىز بالىلار ئۆزى تاللاپ يەپ ئىچىدۇ ، ‹‹سارت تاللاپ يەيدۇ ، قويماي يەيدۇ ›› دېگەندەك بالىمۇ ئۇ نەرسىلەرنى ئاز - ئازدىن ، بىر ئايلىنىپ ، ئىككى ئايلىنىپ يەپ تۈگىتىدۇ . سىزنىڭ قوغلاپ يۈرۈپ يېگىزىشىڭىزنىڭ ياكى قائىدە قىلىپ كۈندە مانچىدىن دەپ يېگۈزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . تاماق ۋاقتىدا چوقۇم بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر ئۈستەلدە ، بىر دەستىرخاندا بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ . تاماق يېيىش جەريانىدا كىچىكىڭىزدە تاماق ئۈستىلىدە چوڭلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قىلىشقان قىززىقارلىق ،ئەھمىيەتلىك گەپلەرنى قىلىپ بالىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈڭ . كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە ئىشتەي ئۆزلىگىدىن ئېچىلىپ كېتىدۇ . بولۇپمۇ بالىلار ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان تاماقنى ئايرىم قاچىلارغا قويماي ،دەستىرخاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇڭ  . بالا ياخشى كۆرگەن تامىقىنى باشقىلاردىن قىزغىنىپ كۆپرەك يەيدۇ. تاماقتىن بۇرۇن بالىغا پارچە-پۇرات يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكلەرنى بەرمەڭ. پارچە پۇرات يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئامالنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان ياكى بالىلار بىلىدىغان يەرلەرگە قويماڭ. تاماقتىن كېيىن ئازراق تاتلىق يېسە بولىدۇ. بالىغا ئاچچىقلىماڭ . ئەگەر بالا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپمۇ تاماق يېمىسە ياكى ئاشۇرۇپ قويغان بولسا . ھەرگىز ئاچچىقلىماڭ . ئاچچىقىڭىزكەلسىمۇ ، ئاچچىقىڭىزنىڭ كەلگەنلىكىنى چاندۇرماي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ تامىقىنى ئېلىپ ، بالىنىڭ بويى يەتكۈدەك يەرگە ئاغزىنى يېپىپ قويۇپ قويۇڭ . ئاچ قالغان بالا نېمىلا بولمىسۇن قورسىقى ئاچقاندا ئۆزى كېلىپ تامىقىنى ئېلىپ يەيدۇ . مۇشۇنداق پەرۋاسىزلىقىڭىز بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن بالىنىڭ دېققىتىنى قوزغايسىز . بالىمۇ ئۆزلىگىدىن تاماق يەيدىغان ، سىزنىڭ قاش - قاپىقىڭىزغا قاراپ تومۇر تۇتمايدىغان بولىدۇ . ھەمدە تاماق يېمەسلىك ئارقىلىق سىزنى جازالىماقچى ياكى سىزگە قارىشلىق ، نارازىلىق كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئادەتتە يالغۇز پەرزەنىت بىلەن چوڭلار باققان بالىلار كۆپىنچە ئۆزىنى يالغۇز ، زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە مېھرى شەپقەت كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىپ، قەستەن تاماق يېمەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ . بۇنداق ئەھۋال داۋاملىق داۋاملىشىۋەرسە بالىلاردا راستىنلا ئىشتاھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز بىر يەرگە بېرىپ كەلگەن بولسىڭىز ياكى ئىشتىن كەلگەن بولسىڭىز .ئالدى بىلەن بالىدىن ‹‹ نېمە يېدىڭ ؟››،‹‹ بىر نېمە يېدىڭمۇ يا ...›› دەپ سورىماڭ . ئاۋۋال ئۇنىڭ بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ، كەيپىياتىنىڭ قانداقلىقىنى ، ئەمدى ئۇخلاشتىن بۇرۇن نېمىلەرنى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى سوراڭ. ئاخىرىدا بالا ئۆزلىگىدىن سىزگە نېمە يېگەنلىكىنى ياكى ھېچنىمە يېمىگەنلىكىنى ، قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بالىڭىزنىڭ يېنىدا بالىڭىزنىڭ تاماق يېمەيدىغانلىقىنى باشقىلارغا ئېيتماڭ . بالىڭىزنىڭ يېنىدا بالىڭىزنىڭ تاماق يېمەيدىغانلىقىنى باشقىلارغا ئېيتسىڭىز ، بالا باشقىلار ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىدۇ ھەمدە كۆڭلىدە سىزگە بولغان نارازىلىق ، ئاچچىق پەيدا بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىدا ئۆزىگە بولغان ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ ، ئۆزىنى ئەسكى بالا دەپ قارايدۇ ، بۇ ئەسكى بالا دېگەن قاراش بىلەن تەڭ بالا بىلىپ تۇرۇپ كەپسىزلىك قىلىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ . بالىنىڭ سىزگە قانچىلىك نارازىلىقى كۈچەيسە تاماق يېيىشتىن شۇنچىلىك قاچىدۇ. چۈنكى ، بالىلار ئۈچۈن بىردىنبىر قارىشلىق تاماق يېمەستىن سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈش. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، ياخشى ئاتا- ئانا بولۇش بالىغا ياخشى يېگۈزۈپ ، ئىچكۈزۈش بولۇپلا قالماستىن بەلكى كۆيۈنۈش ، مۇھەببەت ۋە ئىشەنچتۇر. سىز بالىڭىزغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭ. ئەمما تاماق يېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى مۇكاپاتلاپ ، يېمىگەنلىكى ئۈچۈن جازالايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ. پەرزەنتىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە ھېچقانداق نەرسە تەسىر قىلمىسۇن . بولۇپمۇ يېمەكلىك ۋە تاماق سەۋەبىدىن پەرزەنتىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالمىسۇن . ئارىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىك ، بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە پۇرسەت بەرمەسلىك بالىلارنىڭ تاماق يېمەسلىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.

نىگاران

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش