ئىزدە تور لۇغىتى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تېما بېزەكلىرى
›
مۇنبەر
›
مەخسۇس تېمىلار رايونى
›
ئەبجەش يازمىلار
›
بالىلارنىڭ جىنسى ۋە مۇئامىل ...
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
60
|
ئىنكاس:
0
بالىلارنىڭ جىنسى ۋە مۇئامىلە
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نىگاران
نىگاران
توردا يوق
UID
1596
QQ
1442613879
ھوقۇقى
1
يازما
29
نادىر
0
جۇغلانما
111
تىزىملاتقان
2013-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-12
توردا
4 سائەت
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 111, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 889 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
1596
يازما سانى:
29
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
82
تۆھپە :
0
توردا:
4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2013-2-12
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:47:04
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ جىنسى ۋە مۇئامىلە
بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ قايسى جىنىسقا تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرىق ئېتىشكە باشلايدۇ . ئۆزىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرىق ئېتىپ بىلگەندىن باشلاپ ، ئۇلار شۇ جىنىسقا ماس كېلىدىغان مىجەز خاراكتىرنى يېتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ.
كۆپىنچە ئاتا- ئانىلار دەسلەپكى نەۋرىنىڭ ئوغۇل بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئاتىلارمۇ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئوغول بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئاياللار ئاساسەن تۇنجى بالىسىنىڭ قىز بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ( قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ ،ئىنسان پەقەت ئارزۇ قىلىدۇ ) بەزى ئاتا – ئانىلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرەلمىگەنلىكتىن قىزىنى ئوغول بالىلاردەك ياساپ قويسا ، بەزى ئاتا – ئانىلار ئوغلىنى قىزلاردەك ياساپ ، قىزلاردەك نازۇك ، تارتىنچاق قىلىپ قويىدۇ . بەزى ئوغۇل بالىلارنى بىر كۆرگەن كىشى قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمۇ قالىدۇ . بالىلارنى ئۆز جىنسىغا خاس نورمال ھالەتتە يېتىشتۈرۈش ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە.
1. بالىلار سىزنىڭ قونچىقىڭىز ئەمەس.
بالىلار ،سىزنىڭ كۆزىڭىزگە نېمە چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى ئېلىپ كىيگۈزۈپ قويىدىغان ، قانداق بولىشىنى خالىسىڭىز شۇنداق قىلغىلى بولىدىغان ھەركەتچان ئويۇنچىقىڭىز ئەمەس. بولۇپمۇ ئانىلار بۇنىڭغا كۆپرەك دېققەت قىلىشى كېرەك . بالىلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى جىنسىغا قاراپ ، شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ، ئويۇنچۇق تاللىغاندىمۇ جىنسىغا ماس كەلگۈدەك ئويۇنچۇقلارنى ئېلىش بېرىش كېرەك.
بالىلار دۇنيانى ، تۇرمۇشنى ئەڭ دەسلەپتە سىز كۆزگە ئىلمىغان ، ئېلىپ توشقۇزىۋەتكەن ياكى ئېلىپ بېرىشنى خالىمىغان ئويۇنچۇقلارنى ئويناش بىلەن بىلىشكە باشلايدۇ . بۇرۇنقى بالىلار تەبىئەتكە ئىنتايىن يېقىن ئىدى . ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئويۇنلىرى ياكى ئۆزلىرى ياسىۋالغان ئويۇنچۇقلىرى ئۇلارنى بىلىش دۇنياسىغا باشلاپ باراتتى. ئەمما ھازىرقى بالىلار ( يېزىلاردىكى بالىلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ) ئويۇنچۇق ئويناشتىن باشقا ئويۇنلارنى بىلىشى ناتايىن . شۇڭا بالىلار ئۈچۈن ئويۇنچۇق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن مۇھىم . ئەگەر دەسلەپتىلا قىزىڭىزغا ماشىنا ، ماشىنا ئادەم دېگەندەك ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى شۇنداق ئويۇنچۇقلارنى ئويناشقا قىززىقتۇرۇپ ، كۆندۈرۈپ قويسىڭىز كېيىن قىزىڭىز تۇرقىغا قارىسا قىز بالىدەك ، قىلىقىغا قارىسا ئوغۇل بالىدەك بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر ئوغلىڭىزغا دەسلەپتىلا قىزلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرسىڭىز ئوغلىڭىز قىز بالىلاردەك ئاغچەيلەم ئويناشقا، مېھماندارچىلىققا ئامراق ، نازۇك ، قىز ئوغۇللىقىنى پەرىق ئېتىش تەس بولغان بىرىگە ئۆزگۈرۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولۇپ قالىدۇ .
بىرىنجى قېتىم ئېلىپ بەرگەن ئويۇنچۇقىڭىز ۋە كىيىم تاللىشىڭىز بالىنىڭ دەسلەپكى جىنسى قارىشىغا بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن.
2. ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بالىلار ھەركۈنى ئىككى خىل جىنىسنى كۆرۈپ تۇرۇشى كېرەك . يەنى ئەرلەر كۆپ بولمىغان چوڭ ئانا ، كىچىك ئاپا، ھامما ئاچىلار كۆپ بولغان چوڭ ئائىلىدە بىر توپ ئاياللار بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئوغۇل بالىلار ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئەتراپىدىكى ئاياللارنىڭ مىجەزىنى تارتىپ كېتىشى مۈمكىن . ئوخشاشلائەرلەر كۆپ ئاياللار ئاز بولغان شارائىتتىكى قىزلارنىڭ مىجەزىمۇ ئۆزگۈرىدۇ . مەسىلەن : تۆت ئەر قېرىنداش بىلەن بىللە چوڭ بولغان قىز ، يەسلىدە ۋە مەھەللىدە باشقا قىز دوستلىرىغا قارىغاندا ئۇرۇشقاق بولىدۇ ،ئۇلار تەڭ دېمەتلىك ئوغۇللارنى بوزەك قىلىشىمۇ مۈمكىن . تۆت قىز قېرىنداش بىلەن بىللە چوڭ بولغان ئوغۇل بالا باشقىلارغا بوزەك بولۇپ يىغلاپ كىرىدىغان بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا بالا ئاتا – ئانىدىن ئايرىلماسلىقى . نورمال ئائىلە شارائىتىدا ياشىشى كېرەك .
3. ئاتىنىڭ زالىم ، ئانىنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشى .
ئاتىنىڭ زىيادە قاتتىق قوللىقى ياكى قوپاللىقى ، ئايالغا بولغان مەنسىتمەسلىكى بالىغا بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بالا دادىسىغا نەپرەتلىنىشكە ۋە ئاپىسىغا ئىچ ئاغىرتىشقا باشلايدۇ . بۇ خىل ئەھۋالدا بالا بىرگە ئىنتايىن باغرى قاتتىق بولۇپ خۇددى ئاتىغا ئوخشاپ قالسا ،بىرىگە قوپال كىشىلەرگە سەۋەپسىزلا ئۆچ بولۇپ قالىدىغان ، مەيلى يوللۇق ياكى يوللۇق ياكى يولسىز بولسۇن دەرت تۆكۆپ يىغلايدىغانلارغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ،باغرى يۇمشاق ، باشقىلارغا قاتتىقراق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان جۈرئەتسىز، توخو يۈرەك قىلىپ قويىدۇ . بۇ ئوخشاش بولمىغان جىنىستىكى بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرىنى يېتىلدۈرۈشتە بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ .
4. ئائىلىدە ئەر – ئاياللار ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك .
ئاياللارئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بالىنىڭ ئالدىدا ئامال بار ئۆزى قىلىشى كېرەك ، ئەرلەرمۇ ئوخشاش. ئەرئاياللار باپباراۋەر دېگەن داڭلىق شوئارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەر ئاياللار ئائىلىدىكى بارلىق ئىشلارنى بىرلىكتە قىلسا ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى . ئەمما ئەر ئاياللارنىڭ ئىش تەقسىمات ئورنىنىڭ ئائىلىدىكى ئۆزگۈرىشى بالىنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئەرئاياللارنىڭ ئورنىغا ئاساس سېلىپ قويىدۇ . ئوغۇل بالا داۋاملىق دادىسىنىڭ كىر-قات يۇيۇپ ،تاماق ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە تەبىئىيلا ئەرلەر ئۆي ئىشىنى قىلىدۇ ، ئاياللار بازا ئايلىنىپ ، گىرىم قىلىدۇ دەيدىغان ئىدىيەدە بولۇپ قالىدۇ . بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى بۇ خىل قاراشنى ئۆزگەرتىش كېيىن تەسكە توختايدۇ .
5. بالىلارنىڭ ئالدىدا يات جىنىستىكىلەرنى ماختاش.
ئوغلى بار ئاتا- ئانىلار بالىلار بار يەردە ‹‹ قىزىم بولغان بولسا ...››،‹‹ قىز بالىغا يېتەمدۇ ...››، قىزى بارلار‹‹ بىرتال ئوغلۇم بولغان بولسا...››،‹‹ ئوغۇل تۇغۇپ بەرمىدىڭ ...››دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك . بۇنداق گەپلەر بالىنى بېئارام قىلىدۇ ھەم بالىنى ، ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىنلىرى ئارزۇ قىلغاندەك ،باشقا جىنىستا بولۇشقا ھەۋەس قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ ۋە ئۆزلىگىدىن يات جىنىستىكى بالىلار بىلەن دوست بولۇشقا ئامراق، ئوخشاش جىنىستىكى دوستلىرى بىلەن ئوينىمايدىغان ، شۇ خىلدىكى ئۆزىگە يات مىجەز قىلىقلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشكە باشلايدۇ .
بالىلارنىڭ جىنسىغا خاس ھەركەتلىرىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى ۋە بارغانسىرى قارشى جىنىسقا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئازارلىماي ، تۆۋەن كۆرمەي ياكى جازالىماي ئەكسىچە تارىختىن بۇيان ئەرلەرنىڭ ئورنىنىڭ قانداق بولۇپ كەلگەنلكىنى ، ئەركەك دېگەن قانداق بولىشى كېرەكلىكىنى ، ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قايسى جەھەتلەردە پەرىقلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلى ، چۈشىنىشلىك بالىلار تىلى بىلەن ھەرخىل ھېكايە – چۆچەك ، رىۋايەتلەر بىلەن بالىغا چۈشەندۈرىشى كېرەك . ئائىلىدە پەقەت بىر ئاتا – ئانىنىڭ ئورنىنى ، خاراكتىرىنى ئەمەس يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەر –ئاياللىق ئورۇن ۋە خاراكتىرنى بالىغا ئىپادىلەش ، كۆرسۈتۈش، بىلدۈرۈش كېرەك . ئائىلىدىكى ئاتا – ئانىنىڭ ئىش ھەركىتى بالىلارنىڭ يېتىلىشىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
بالىلارنى تەربىيىلەشتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى ھەرخىل . بەزى كىشىلەر بۇرۇنقى بالىلارمۇ رىسقى بىلەن ئۆزى چوڭ بولغانىكەن ، ئۇنداق ئىنچىكلەپ كەتكەننىڭ پايدىسى يوق. ئۆزى قانداق بولسا شۇنداق ھەممىگە قېنىپ چوڭ بولغىنى ياخشى دەپ قارايدۇ . ئەمما كۆچەتنى پۇتاپ تۇرمىسا ھەممىگە قېنىپ ئۆسىۋىرىدۇ ئەمما ئۇنداق كۆچەتنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقمايدۇ ، پەقەت نان يېقىش ئۈچۈن تونۇرغا ئوتۇن قىلىشقىلا يارايدۇ .
نىگاران
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
شېئىرىيەت
ئوبزور - مۇھاكىمىلەر
مەدەنىيەت - سەنئەت
كىلاسسىك ئەدەبىيات
تۈرك تىلى ئەدەبىياتى
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
نەسىرلەر
پىروزا
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش