ئادىلجان جامال ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، گۈزەل سەنئەتكە ئوتلۇق ئشتىياق باغلاپ ۋە مۇشۇ كەسىپتە ئىزدىنىپ بىر قاتار نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق رەسسام ئادىلجان جامالنىڭ ‹‹ئانا يۇرتۇم›› تىمىسىدىكى ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان كۆرگەزمە زالىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئېچىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەشكىللىگەن، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى، كەسىپداشلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر ساھە قىزىققۇچىلاردىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى ۋە كۆرگەزمىنى كۆردى. كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بويان سىزغان ئانا يۇرتۇم تىمىسىدىكى تەبىئەت مەنرىرىلىرى ۋە دېھقانلار تۇرمۇشى، سەھرا ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 100 پارچە ماق بۇياق رەسىمى قويۇلدى.
ئادىلجان جامالنىڭ تەرجىمھالى
ئادىلجان جامال 1979-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇما ناھىيە كېلىياڭ يېزىسىنىڭ ياركېچىك كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شۇ يېزىدا ئوقۇغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسپىگە ئوتلۇق ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئارزۇسى بويىچە 1999-يىلى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكوم مەكتىۋىنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە 1-دەرىجىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 6-ئايدا ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ماي بۇياق رەسىم كۆرگەزمىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىشى بويىچە كەسپى ماي بۇياق رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
رەسسامنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئىنسانىيەت دۇنياسى گۈزەللىك دۇنياسى، بىز ھەممىلا جايدا گۈزەللىككە ئىنتىلىمىز ۋە گۈزەللىك يارىتىمىز. ئەنە شۇ گۈزەللىكنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى ۋە سىمئوۋولى بولغان رەسساملىق سەنئىتى شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تارىخى تەرەققىيات ۋە يېڭى ئېقىملارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت پىشۋالىرى ھەمدە قەلىمى ئۆتكۈر، مەشھۇر رەسساملار ئارقا-ئارقىدىن يىتىشىپ چىقىپ، رەسساملىق سەنئىتىدە بۆسۈش خارەكتىرلىك شان-شەرەپلەر يارىتىلىپ، رەسساملىق سەنئىتىدە نۇرغۇن تۆھپىلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. مەن ئۇزۇن يىل رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان رەسساملاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆگۈنۈش، ئۈگەنگەنلىرىمنى يەنىمۇ تاكاموللاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتىمنىڭ 33-باھارىدا بىر نەچچە خىل سىزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۇرتۇمنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىلىرىنى ۋە خىيالىمدىكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى سىزىپ چىقىپ، گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان بەدىئىي كارتىنىلارنى مەيدانغا كەلتۈردۈم ھەم ئۇنى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. ئەسەرلىرىمنىڭ بەدىئىيلىكى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس دەپ قارايمەن، ئەمما مەن ئۆز كەسپىمنى سۆيۈپ ۋە بۇ يولدا ئىزدىنىپ، ئۆزۈم ياقتۇرغان تەبىئەت مەنزىرىلىرى بىلەن چىن ھىسسىياتنى يۇغۇرغان ئاساستا ئىجادىيەتكە كىرىشتىم ۋە يۇقۇرقى بىر قاتار ھاسىلاتلىرىم بىلەن جامائەتچىلىككە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمەن. كەڭ كۆرۈرمەن دوستلارنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ رەڭدارلىقى، مەزمۇنى ۋە ئىستىتىك زوقى توغرىسىدا ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر كۆرگەزمە 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئېچىلىدۇ. قەدەم تەشرىپ قىلىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ كىلىپ كۆرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.