كۆرۈش: 317|ئىنكاس: 8

ئادىلجان جامال ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 959
تۆھپە : 0
توردا: 236
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 18:34:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادىلجان جامال ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.



خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، گۈزەل سەنئەتكە ئوتلۇق ئشتىياق باغلاپ ۋە مۇشۇ كەسىپتە ئىزدىنىپ بىر قاتار نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق رەسسام ئادىلجان جامالنىڭ ‹‹ئانا يۇرتۇم›› تىمىسىدىكى ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان كۆرگەزمە زالىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئېچىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەشكىللىگەن، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى، كەسىپداشلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر ساھە قىزىققۇچىلاردىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى ۋە كۆرگەزمىنى كۆردى. كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بويان سىزغان ئانا يۇرتۇم تىمىسىدىكى تەبىئەت مەنرىرىلىرى ۋە دېھقانلار تۇرمۇشى، سەھرا ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 100 پارچە ماق بۇياق رەسىمى قويۇلدى.














ئادىلجان جامالنىڭ تەرجىمھالى


ئادىلجان جامال 1979-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇما ناھىيە كېلىياڭ يېزىسىنىڭ  ياركېچىك كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شۇ يېزىدا ئوقۇغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسپىگە ئوتلۇق ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئارزۇسى بويىچە 1999-يىلى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكوم مەكتىۋىنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە 1-دەرىجىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 6-ئايدا ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ماي بۇياق رەسىم كۆرگەزمىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىشى بويىچە كەسپى ماي بۇياق رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.





رەسسامنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

  

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئىنسانىيەت دۇنياسى گۈزەللىك دۇنياسى، بىز ھەممىلا جايدا گۈزەللىككە ئىنتىلىمىز ۋە  گۈزەللىك يارىتىمىز. ئەنە شۇ گۈزەللىكنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى ۋە سىمئوۋولى بولغان رەسساملىق سەنئىتى شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تارىخى تەرەققىيات ۋە يېڭى ئېقىملارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت پىشۋالىرى ھەمدە قەلىمى ئۆتكۈر، مەشھۇر رەسساملار ئارقا-ئارقىدىن يىتىشىپ چىقىپ، رەسساملىق سەنئىتىدە بۆسۈش خارەكتىرلىك شان-شەرەپلەر يارىتىلىپ، رەسساملىق سەنئىتىدە نۇرغۇن تۆھپىلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. مەن ئۇزۇن يىل رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان رەسساملاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆگۈنۈش، ئۈگەنگەنلىرىمنى يەنىمۇ تاكاموللاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتىمنىڭ 33-باھارىدا بىر نەچچە خىل سىزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۇرتۇمنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىلىرىنى ۋە خىيالىمدىكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى سىزىپ چىقىپ، گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان بەدىئىي كارتىنىلارنى مەيدانغا كەلتۈردۈم ھەم ئۇنى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. ئەسەرلىرىمنىڭ بەدىئىيلىكى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس دەپ قارايمەن، ئەمما مەن ئۆز كەسپىمنى سۆيۈپ ۋە بۇ يولدا ئىزدىنىپ، ئۆزۈم ياقتۇرغان تەبىئەت مەنزىرىلىرى بىلەن چىن ھىسسىياتنى يۇغۇرغان ئاساستا ئىجادىيەتكە كىرىشتىم ۋە يۇقۇرقى بىر قاتار ھاسىلاتلىرىم بىلەن جامائەتچىلىككە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمەن. كەڭ كۆرۈرمەن دوستلارنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ رەڭدارلىقى، مەزمۇنى ۋە ئىستىتىك زوقى توغرىسىدا ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ،  قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.











مەزكۇر كۆرگەزمە 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئېچىلىدۇ. قەدەم تەشرىپ قىلىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ كىلىپ كۆرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 19:02  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1511
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 365
تۆھپە : 0
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 18:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى پائاليەتلەر بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 546
تۆھپە : 2
توردا: 136
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 18:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

م

سالام تەبەسسۇم ، ئادىلجان جامال رەسىم كۆرگەمىسىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ، مۇمكىن بولسا ‹‹...بىر كىچىك كەنتىدە ...›› دېگەننى ‹‹ياركېچىك كەنتىدە ›› دەپ تۈزىتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 18:57  


كۆيمەكتە ئەنە ئاھ، قاردىكى قۇياش
http://kilyang.blogbus.com/  غا مەرھەمەت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1114
تۆھپە : 3
توردا: 220
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 20:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادىل جامالنى بىر ناخشىچى دەپ تونۇيتتۇم . ھەر قىتىم كەسىپداشلار ، دوسىت-بۇرادەرلەر بىلەن مۇزتاغ رىستۇرانىغا بارغاندا ، ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ قايتاتتۇق . بۇگۈن ئۇنىڭ بىر رەسسام ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قايىللىقىم يەنىمۇ ئاشتى . ئادىلجاننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئۇنى تەبىرىكلەيمەن .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 959
تۆھپە : 0
توردا: 236
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 21:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 18:52
سالام تەبەسسۇم ، ئادىلجان جامال رەسىم كۆرگەمىسىدىن خە ...


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاكا، ئادىلجاننىڭ ماڭا بەرگەن تەرجىمھالىدا شۇنداق يېزىلىپ قالغان ئىكەن. مەنمۇ بىلمىگەچكە شۇنداق ئېلىۋىرىپتىمەن. ئەركزات ئاكامنىڭ ئۆزگەرتىپ قويغىنىغا رەھمەت! سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 21:45  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1509
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 620
تۆھپە : 0
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاننىڭ ئىنىسى ئەركىنجان جامالمۇ ئاكىسىدەك بۇساھەدە كۆزگە كۆرۈنىشىگە تىلەكداشمەن.

ھەر سەھەردە تەلمۈرۈپ كۈتكىلى مەن قاي زامان،
ھەر گۇگۇمدا قول شۈمۈپ ئۆتكىلى مەن قاي زامان.

             _خاتىرەمدىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 817
تۆھپە : 1
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سىزىلغان رەسىملەر ئىكەن . مەنزىرە تاللىشى بەك ياخشى بۇپتۇ . ئۇتۇق تىلەيمەن !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  356
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1124
تۆھپە : 0
توردا: 687
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 21:24:23 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنە ئادىل جامال بىلەن تۇنۇشقان ئاز كەم ئالتە يىللىق ھاياتىمدا ئىزچىل بىر بىرىمىزگە تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىپ سىرى ئەسرالىشىپ ئۆتۈۋاتىمىز،بۇ زات پۈتۈن ۋاقتىنى سەنئەت ئۈچۈنلا ئاتىۋەتكەن ،ئۇيغۇر رەسساملىقى ئۇچۇن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئۈمۈدلۈك كەسىپچان رەسسام نۆۋىتى كەلگەندە ئۇھەم مۇزىكانىت سەنئەتكار ئۇيغۇر خەلىق ناخشا مۇزىكىللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلاۋاتقان ھۆرمەت ساھىبى،قىسقىسى ئۇ سەنئەتنى بارلىغى بىلەن سۈيىدىغان سەنئەتكار.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگىنىگە شۇنچىلىك خۇرسەنمەن.
ئاخىردا كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرىنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇنغان تەبەسسۇم خانىمگە شۇنداقلا كۆرگەزمىگە قاتناشقان بارلىق ئەزىزلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.رەھمەت سىلەرگە!

مىھرىمدە ئېچىلغىن چوغلۇق گۈلىدەك، سەن ئۈچۈن سەكپارە ھامان بۇ يۈرەك....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  356
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1124
تۆھپە : 0
توردا: 687
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 21:25:49 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگەزمە ۋاقتى يەنە ئون كۈن ئۇزارتىلدى ۋاقتى بارلارنى تەكلىپ قىلىمىز پۈتۈنلەي ھەقسىز.

مىھرىمدە ئېچىلغىن چوغلۇق گۈلىدەك، سەن ئۈچۈن سەكپارە ھامان بۇ يۈرەك....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش