كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 1

 مىھىرى-مۇھەببىتىمىز تۇنجىقىپ قالمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 12:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مىھىرى-مۇھەببىتىمىز تۇنجىقىپ قالمىسۇن
   «سەن كىشلەرگە قانچىلىك مىھىرى-مۇھەببەت نەزىرىڭ بىلەن قارىساڭ ئۇلار ساڭا شۇنچىلىك سۆيۈملۈك كۆرىنىدۇ.»
              مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
    مەن يىقىندا بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بارغان ئىدىم،ئۆي ئىچىدە دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشلەر داستىخانغا جەم بولۇشقان ئىدى.ئۆينىڭ تۆرىدە 70ياشلار ئەپچورىسىدىكى چىرايلىق قىرىغان،ئاپ-ئاق ساقاللىق بىر كىشى ئولتۇراتتى،دوستۇم بۇ كىشىنى بوۋام دەپ تۇنۇشتۇردى،قالغانلىرى ئاتا-ئانىسى,ئاكا-ئىنە, ئاچا-سىڭىللىرى ئىكەن.بۇلارنىڭ چھىرىدىكى خۇشاللىقتىن ئىللىق بىر ئائىلە ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى.بىز جىمجىتلىق ئىچىدە تاماققا تۇتۇش قىلدۇق.توساتتىن سىرىتتا بىراۋلارنىڭ جىدەل-ماجرا قىلىشقاندەك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ جىمجىتلىقىمىزنى بۇزدى،”ئوغلۇم چىقىپ قاراپ باققىنە“دىدى -بوۋاي، دوستۇمنى.
    بىر ئازدىن كىيىن دوستۇم قايتىپ كىلىپ خوشنىلار بالا ئارىسىغا كىرىپ ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ دىدى ،بۇنى ئاڭلىغان بوۋاينىڭ ئاچچىغى كىلىپ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتىدە سۆزلەپ كەتتى.”بۇ جاھانغا نىمە بولۇپ كەتكەندۇ؟يىراقتىكى تۇغقاندىن يىقىندىكى خوشنا ياخشى دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ئەجەپمۇ بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتۇق،قىنى بىزدىكى مىھىر-مۇھەببەت؟قىنى بىزدىكى خوشنىدارچىلىق؟قىنى بىزدىكى ئادىمى پەزىلەت؟بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە مىھىرى-مۇھەببەت دىگەن نەرسە يوقاپلا كەتتىغۇ.ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدا مىھىرى-مۇھەببەت بولمىسا بۇ جاھاننىڭ گۈزەللىكىدىن قانداقمۇ ھوزۇرلانغلى بولسۇن“ دەپ سۆزنى توختاتتى.
    بوۋا دىدى10ياشلار  ئەتراپىدا بار نەۋرىسى گەپ قىستۇرۇپ،سىز باياتتىن بىرى بىر نەرسىنى يوقاپ كەتتى دەپ سۆزلەپلا كەتتىڭىز،سىز يوقىتىپ قويغان نەرسىڭىز قانداق نەرسە ئىدى؟ دەپ سورىدى بوۋاينى يەنە گەپ قىلدۇرماقچى بولۇپ.بۇنى ئاڭلىغان بوۋاينىڭ سەل چىرايى ئىچىلدى دە چۈشەنچە بىرىشكە باشلىدى،”بالام ئۇ نەرسىنى مەن يۇتۇرۈپ قويمۇدۇم،ئادەملەر يۈتۈرۈپ قويدى“.”ئەمىسە ئۇنى ئوغىرى ئاپتۇما؟“يەنە سورىدى نەۋىرسى چۈشەنمىگەندەك قىلىپ.بۇ قىتىم بوۋاي راستىنلا كۈلدىدە ”شۇنداق بالام توغرا دىدىڭ،ئوغرى ئالدى.“”قانداق يامان ئوغىرى ئۇ؟“ يەنە سورىدى نەۋىرىسى.”پۇل ئوغىرى بولمامدۇ بالام پۇل.......“.”بوۋا قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، پۇلنى ئوغرا ئالغىنىنى كۆپ ئاڭلىغان لىكىن پۇلنىڭمۇ ئوغىرلىق قىلغانلىقىنى بۈگۈن ئاڭلىدىم“ دىدى،نەۋرىسى ھەيران قالغان ھالدا.بۇ جاھاندا ھەممە نەرسىنىڭ ئوغىرىسى بار بالام دەپ چۈشەندۈردى بوۋاي.”ئوغىرى ئالغۇدەك زادى قانداق موھىم نەرسە ئىدى ئۇ “دەپ سورىدى نەۋرىسى تىخىمۇ قىزىقىپ قىلىپ،بوۋاي ئەمدى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.”بولىدۇ بالام مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي“ دەپ سۆزلەشكە باشلىدى.”بالام باياتتىن يوقاپ كەتتى دىگەن نەرسە مىھىرى-مۇھەببەت بولۇپ ئىنسانلارنڭ ھاياتى ،تۇرمۇشى ھەتتا بىرەر قىتىملىق خۇشاللىقىمۇ ئۇنىڭسىز بولمايدۇ.ئۇ شۇنداق موھىم بىر نەرسىدۇركى ئادەمنىڭ جىنىدىنمۇ موھىمراقتۇر،چۈنكى بۇ دۇنيا ئاشۇ مىھىرى-مۇھەببەت بولغاچقىلا گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.بۇ جاھاندىكى بارچە نەرسە ئۇنىڭ سىھىرىى كۈچى بىلەن دوستانە ،ئىناق،خاتىرجەم ياشىيالايدۇ ھەم مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ.مىھىرى-مۇھەببەت دىگەن ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىلىك،ئاق كۆڭۈللۈك،مىھىربانلىق،كۆيۈمچانلىق ۋە ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلىندىغان ئەڭ نازۇك تۇيغۇ بولۇپ،بۇ تۇيغۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى،ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنى بىر بىرىگە باغلاپ،ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئىناقلىق دوستلۇق پەيدا قىلىپ كىشلەرگە ھەقىقى ھاياتنىڭ ۋە بەخىتنىڭ ھوزۇرىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.مانا مۇشۇنداق قىممەت باھالىق ئىنسانى بايلىقىمىزنى ئازغىنە مەنپەئەتكە ياكى پۇلغا تىگىشىپ ھەممىنى پۇل بىلەنلا ئۆلچەپ مىھىرى-مۇھەببەتتىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ ئۇنىڭ ئورنىنى شەخسىيەتچىلىك،ئاچكۆزلۈك ۋە رەزىللىك قاپلىماقتا.ئەمدى بولغاندا ھەممە ئادەملەر بۇ جاھاندا مىھىرى-مۇھەببەت قالمىدى ياكى يوقاپ كەتتى دەپ قاقشىماقتا.مىھىرى-مۇھەببەت راستنلا يوقاپ كەتتىمۇ؟ياق.مىنىڭچە ئۇ ھەرگىز يوقاپ كەتمىدى ھەم يوقاپ كەتمەيدۇ.ئۇ ھىلى ھەم ئىنسانلار قەلبىدە بار بولۇپ،ئىشلىتىلمەي كۆمۈلۈپ تۇنجۇقۇپ قالماقتا.مىھىرى-مۇھەببەت دىگەن ئەسلىدە بىر بۇلاققا ئوخشايدۇ،بۇلاق سۈيىدىن كىشلەر قانچە كۆپ پايدىلانسا ئۇنىڭ سۈيى شۇنچە كۆپ يىڭىلىنىپ ئەسلىگە كىلىپ،ساپلىشىپ تۇرىدۇ.ئەگەر ئىشلەتمەي تاشلاندى قىلىپ قويسا ئۆز ئورنىدا تۇرىۋىرىپ ئۆز ئىچىدىن بۇزۇلۇپ،لاي-لاۋا توشۇپ تۇنجىقىپ قالىدۇ،مىھىرى-مۇھەببەت    دىگەننىمۇ ئىشلىتىپ ئايغىنى چىقىرىپ تۇرمىسا تۇنجىقىپ قالدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىھىرى-مۇھەببەتنى ھىچكىم تىجەپ قىلىپ ئۆزى پايىدىنىلالمايدۇ،ئۇنى پەقەت كىشىلەرگە بىرىش ئارقىلقلا پايدىسىنى كۆرگىلى ۋە ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا دەيمەن بالام، مىھىرى-مۇھەببەتنى تىجەپ ئاياپ ئولتۇرماي كىشىلەرگە كەڭ تاشا بەرگۈلۈك ،شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ تۇنجىقىپ قالمايدۇ،ئەگەر ئاۋازىم يەتكەن بولسا پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ھاياتلىقنى مىھىرى-مۇھەببەت بىلەن زىننەتلەڭلار،بۇ دۇنيانى پەقەت مىھىرى-مۇھەببەتلا گۈزەل قىلالايدۇ دەپ ئاۋازىمنىڭ بارىچە توۋلىغان بولاتتىم“ دىدىدە بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك جىمىپ كەتتى......  


ئاپتور:  قاغلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن      

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1564
تۆھپە : 16
توردا: 155
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 01:08:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى  مۇھەببەت  تۇنجۇقۇشقا  يۈزلىنىۋاتىدۇ،  بۇ  ئاساسلىقى ئادىمىيلىك  ئەخلاقنىڭ  سۇسلىشىۋاتقانلىقىدىن بولسا  كېرەك

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش