«باي خەۋەرلىرى »گېزىتى نەشىر قىلىندى
ئىختىيارىي مۇخبىرمىز قۇربان مولنىياز خەۋەر قىلىدۇ :«مەدەنيەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش»چوڭ تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ،ھەر مىللەت ئاممىسغا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرنى تەشۋىق قىلىش ،مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باي ناھىيەلىك پارتىكوم «باي خەۋەرلىرى»گېزىتى نەشىر قىلىپ،12-يانۋار «باي خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ تۇنجى سانى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئىگىلىنىشچە بۇ گېزىت ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ بىۋاستە باشقۇرشىدا ئايدا 2سان،4بەتلىك ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە نەشىر قىلنىپ 20مىڭ نۇسخا بېسىلىپ ،ئىدارە ئۇرۇن،كان –كارخانا ،مەكتەپ ،كەنىت –مەھەللە ۋە ھەر مىللەت ئاھالىلىرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدىكەن.كەڭ قەلەمكەشلەرنىڭ ،ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ تۈرلۈك ژانېردىكى ئەدەبىي ئەسەر(خەنزۇچە خەت ھىساۋىدا 1مىڭ خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك)بەددىئىي سۈرەت،گۈزەل –سەنئەت ئەسەرلىرى ،خەۋەر ماقالىلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ئىشخانا ئادرېسى:باي ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى بىناسى
3-قەۋەت باي ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزى
ئېلخەت ئادرېسى :
baichengxb@126.com
تېلفۇن :8636822