جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 0

باھار (غوجامۇھەممەد قابىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 689
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     غوجامۇھەممەد قابىز

                    باھار

     سېغىندىم مەن سېنى نىگاردەك،
     پەسىللەرنىڭ ئەركىسى باھار.
     سۆيگۈ ئوتى سەندىن تۇتاشقان،
     پەسىللەرنىڭ سەركىسى باھار.

     سەن كېلىسەن كۈلەر تەبىئەت،
     چېكىسىگە گۈل-چېچەك قىسىپ.
     ياسىنىدۇ باغلار سۈرەتتەك،
     بوي بەستىگە تەڭ بېزەك ئېسىپ.

     قىز لېۋىدەك يۇمران ياپراقلار،
     ئۇسسۇل ئوينار لەرزان شامالدا.
     بىلىجانلار ئۈزەر پىلتىڭلاپ،
     قىرغاق سۆيۈپ ئاققان زىلالدا.

     سەيلىگاھقا چىللايدۇ كاككۇك،
     ناخشىسىدا ئىزدەپ يىراقتىن.
     ھارارەتتىن ئېرىيدۇ ۋۇجۇت،
     باھار ئىشقى سالغان پىراقتىن.

     دىماقلارغا ئۇرىلار گۆپ- گۈپ،
     چىمەنلەردىن تاراتساڭ ئىپار.
     ئۇنتۇلمايدۇ تۈنجى باھاردا ،
     يۈرىكىمگە ئوت سالغان نىگار.

     باھار ئىشقى، نىگار سالغان ئوت،
     ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتەيدۇ شۇنچە.
     كەل، مەرھابا پەسىل ئەركىسى،
     يۈرىگىمنى قىلاي سۆيۈنچە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojakabiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-3 10:09  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش