كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 9

ئاتەش نەپەسلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 16:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېڭىقچى ئۇستام

ئادىل تۇنىياز



مەن شېئىرنى نەقەدەر ياخشى كۆرىمەن–ھە! شېئېر تۇرمۇش بوشلۇقلىرىدا مەن ئۈچۈن ئېچىلىپ تۇرغان مەنە چېچىكى، كائىناتنىڭ سۈكۈتىگە ئانا تىلى بىلەن تەڭكەش قىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ مەن ئارقىلىق ئورۇندىلىۋاتقان يېقىملىق كۈيى. شىئېرلىرىمدىن ئۆز قەلبىگە قۇلاق سېلىۋاتقان كىتابخانلىرىم توساتتىن مېنىڭ پەدە يۆتكىگىنىمنى، رېتىمنى بۇزۇپ تاشلىغىنىمنى سېزىپ قالدى. چۈنكى تۇرمۇشنى شېئىرنىڭ رېتىمىغا بويسۇندۇرغان مەن ئۈچۈن شۇنچە كەڭ دۇنيادا تۆت تامنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئىش ئۈستىلىگە مىخلىنىپ قېلىش، تىرىكچىلىكنىڭ تۈرلۈك ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە يەنىلا قەلەم بىلەن جان باقتىلىق قىلىش مەن ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ھامان بۇزىۋېتىلىدىغان خاتىرجەملىك ئىدى...
مەن شېئىرىمنى ئوقۇغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، شېئىر- مېنىڭ رەھمىتىم، ئالەمگە بولغان. شېئىر ــــ مېنىڭ سالىمىم، مۇھەببەت تولغان.

تېڭىقچى ئۇستام

تۇتسام
ئىقبالنىڭ
سۇنغان قولىدىكى چۈشتىن كېيىننى
دېرىزىسى يېنىدا زالنىڭ،
قاراڭغۇلۇق قاپلىدى مېنى.
ئاغرىق
ئوماق سول قولىنىڭ بېغىشىدىن
چاقماق يىلتىزىدەك تارقالدى ماڭا.
دەز كەتكەن، سۇنغان، يېرىلغان بارلىق
ئاسمان پارچە-پارچە ئاز قالدى ماڭا.

باشقا كۈن چۈشكەندە مېھىرلىك، يېقىن
قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتى
ۋالىلدىغان دوختۇرخانىدىن.
ئۇنىڭ بۈيۈكلىكى غېرىبلىقتىن،
بىھاجەت تىڭشىغۇچ، رېنتىگېن، سېتى.

قولى بىلەن كۆرىدۇ تېۋىپ
قىل تومۇرلار تۇتاشقان نەدە؟
ئۆز ئىگىسىنى تۇرار ھېس قىلىپ
كۆز كۆرمەيدىغان قاراڭغۇ يەردە.

چۆچۈگەن كۆمۈرچەكتىن قاس چىقاردى،
ئالدى تۇخۇملانغان داكىسىغا.
سۇنۇقنىڭ دەردىنى راس چىقاردى،
ئىقبال كۈلۈپ بەردى ئاكىسىغا.

※..........※........※
دۇنيا غېرىبسىنسا، ئادەملەر سۇنسا...
ساقىيار ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر بىلەن.
پەيدا بولىدۇ ئالەملەر سۇنسا
تېڭىپ قويغۇچى قات-قات نۇر بىلەن.

ئاينىڭ ئۆيىدە

چولپان ئۆگزىدە...
ئاق تېرەكلەر تاڭغا ئاز قالغان.
ئويغاندىم تۈننىڭ قارا كۆزىدە
چۈنكى چۈشۈمدە بۇ ھايات يالغان.

كىرسەم گۈمبەزلىك ئاينىڭ ئۆيىگە
بىر توپ جامائەت تۇرۇپتۇ ئۆرە.
دەقىقىدىن مەڭگۈلۈككىچە.

دەقىقىدىن مەڭگۈلۈككىچە
نۇر ئىچىدە بارچە ئۆمرىمىز،
چۈنكى ئالەم بىزنىڭ ئۆيىمىز.

نىياز قارى

چۆل شامىلىدىن قۇم ئارىلاش چىقىپ
كۇچا شەھىرىگە بېشىمنى تىقسام
نىياز قارى ئالدىمغا چىققان.

باغ ھويلىسىغا باستۇق ئاياق،
ئاق ئۆرۈك ھاسسىلىق، يالاڭئاياق،
قۇچقاچلار ئۈجمە بىلەن ئاپئاق-چاپاق،
پىشمىغان كۆك ئۈزۈم ساپاق-ساپاق،
باشلىرىمىزغا تۇرار ساڭگىلاپ
بوينى دارغا ئېسىلغان قاپاق.

مەن ئۆتمۈشنىڭ تېشىدىن كەلدىم
ئاپتاپتەك ئىسسىق سۆيگۈ ئىچىگە
سەرسان بولغان ياقا يۇرتلاردىن
سۇ بولۇپ قەلبىم، مېھرىبان خەلقىم!

بۇ يەردە بىر كۆرگەن بىر ئاڭلىغان
نىياز، ئايخان يا باشقا ھەر كىم،
كۆڭۈل ئاغرىتسىمۇ، كۆڭۈل خالىغان
تونۇشۇم، تۇغقىنىم، ئادىشىم بەلكىم...

※........※.........※
ھويلىدىن چىقتۇق،
تام تۈۋى گۈللۈك
مەللىرەڭ توخۇلار قاقىلدايتتى.
كالىلار پۇخادىن چىقماقتا ئۈنلۈك.
مەن ۋە باشقىلار سۈكۈتكە قايتتى.

كوچىدا يالغۇز قالغان نىياز قارى-
زېمىننىڭ يۇلتۇزى، ئالەمنىڭ يارى.
يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن بىرسى قارايتتى
ئۇنىڭغا، ماڭا، ساڭا كىتابخان،
بۇ شېئىر كەينىدە يورۇپ بولدى تاڭ.

بەرەڭگىنىڭ نېيى


ـــ بەرەڭگىنى كىم ياسىغان؟
دېھقان سورايدۇ يەردىن،
يەر ئاسماندىن.

كۆرۈنۈپ تۇرىمىز
قىشنىڭ ئىچى سۈزۈك،
بىز ئەينەككە كىرىۋالغاندەك.
ھەمدە ھەممە كۆكتاتنى كۈزلۈك
ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالغاندەك.

بەرەڭگىنىڭ نېيى پۈتۈك،
چېلىنمايدۇ چالساڭمۇ تۈزۈك
ئىچى توشۇپ كەتكەچ ئۆزىگە.
ئادەم سەگەك بەرەڭگىدىن
ئۆلۈم كۆرۈنۈپ تۇرغاچ كۆزىگە.

ئاسماننىڭ يۇلتۇزلۇق قۇرۇلۇشى،
يوپيورۇق مېڭە قۇرۇلمىسى،
سۇنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشى...
تەڭشەلگەن ھاياتلىق سازىنىڭ
ئۇشتۇمتۇت نۇردەك تۈزۈلۈشى.

ئۇشتۇمتۇت
بەرەڭگىنى كۆرۈپ قالدىم،
دۈشتە خۇشال چېلىنىۋاتاتتى
ئۈنىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.


«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:54  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 855
تۆھپە : 7
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 23:12:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت ، مۇئەللىپكىمۇ قۇت تىلەيمەن .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1595
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىر ،پاساھەتلىك تىل،باللارچە تەپەككۇر ....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 886
تۆھپە : 0
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 14:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شېئىرىمنى ئوقۇغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، شېئىر- مېنىڭ رەھمىتىم، ئالەمگە بولغان. شېئىر ــــ مېنىڭ سالىمىم، مۇھەببەت تولغان.



تىما يوللىغۇچىنىڭ ، مۇئەللىپنىڭ  ئىجادىيىتىگە  قۇت تىلەيمەن .

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:20:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسمىنىم ئايدىن يىراق


غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

قۇياشنىڭ نۇر يىپلىرىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتىمەن. قۇياشنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ زۇلمەت نۇرلىرىغا چىلاشمىغۇچە ھاياتىمغا ھەقىقىي چاقناش نېسىپ بولماس. شېئىرلىرىم بەلكىم قۇياش كەينىدىكى زۇلمەتنىڭ چېقىندىلىرىدۇر!
شېئىر ئارقىلىق شۇ قەدەر تەبىئى، شۇ قەدەر ئەركىنمەنكى، گويا تەبىئەتنىڭ مەركىزىدىن ھەر تەرەپكە تارىلىمەن.
شېئىر مېنىڭ بارلىقىم دېسەم بەزىلەر كۈلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كۈلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بارلىقىمنى شېئىر ئارقىلىق كۈيلەيمەن!


ئاسمىنىم ئايدىن يىراق

1
پارە-پارە بۇ تېنىمنىڭ ئەۋۋىلى تۇپراق ئىدى،
بەلكى تۇپراق ئوت، ھاۋا، سۇدىنمۇ ھەم خوپراق ئىدى.

مەن يارالمىشتا نېچۈن باش تارتتى ئىبلىس سەجدىدىن،
بەلكى تۇپراق بىرلە ئوت بىر لەھزىدە قوشماق ئىدى.

ئىشىق ئىلە دۇتار چېلىپ كىرسەمكى مەن يار كۆڭلىگە
بەلكى ئۇ ئايۋاندا ئىبلىس مەي ئىچىپ خۇشۋاق ئىدى.

كۆممىسە قەلبىمگە ئاللاھ ئىشقىنى گەۋھەر قىلىپ،
بەلكى ئۇ قەلبىم مېنىڭ بىر قۇپقورۇق قازناق ئىدى.

بۇ ۋۇجۇد يوقلۇقتىكى بىر باغكى ئىشرەت شادىدە،
شادىسىز ئۇ داغى-ھىجران يايلىغان يايلاق ئىدى.

ئاينى ئاسمانغا تېگىشمەس كىم قۇياشى بولمىسا،
ئول قۇياش بەلكى پىراقتىن چاچرىغان چاقماق ئىدى.

ئەي غوجى، ئالەم بىنا بولغاندا ئادەم ئەۋۋىلى
رەببىسى سۆيگۈ ئېلىگە قادىغان بايراق ئىدى.

2
ئىختىيار، جاڭگال باياۋان ياكى ئاينىڭ ياغلىقى،
ياكى چۆلدىن بىر پىيالە، ياكى گۈلنىڭ باغلىقى.

يا قەلەندەر توغرىقىدىن كۆكلىگەن بىر شاخ غەزەل،
ياكى كۆز ياشتىن توقۇلغان سۆيگۈنىڭ قولياغلىقى.

يا قەسەمگە ئەگىشىپ ماڭغاندا جىن بىئىختىيار،
پۇتلىشىپ كەتكەن گۇگۇمنىڭ تاڭغىچە ئويغاقلىقى.

تۆگىدەك چۆككەندە يەرگە قەبرىلەر ئۇخلاپ قېلىپ،
يا قۇياشنىڭ كۆكتىكى ئىشرەت ئىلە خۇشۋاقلىقى.

ئايغا ئاققان بىر ئېرىقنىڭ نالىسىدىن بىر قەدەھ،
ئىككى يۇلتۇزنىڭ پەلەكتە مەست بولۇپ قۇسماقلىقى.

ياكى يارنىڭ كۆڭلىكىدىن يىرتىلىپ مەجنۇن شامال،
بوپ بىگانە، ھەستۇ-ھەيران دەشتمۇ-دەشت قاچماقلىقى.

ياكى تەقدىرنىڭ مۇھەببەت ئەھلىگە زەخمەت قىلىپ
قانۇ-ياشتىن زەپ ئېسىل بىر جام شاراب تۇتماقلىقى.

3
چاچلىرىڭنىڭ چۈشلىرىنى قاپقارا بوستان قىلاي،
كىرپىكىڭنىڭ ھەر تېلىنى بىر بۈيۈك كارۋان قىلاي.

مەي ئىچىپ غۇنچە لېۋىڭنىڭ باغىدا بۇلبۇل بىلەن
يەتتە ئىقلىمغا مۇھەببەت ھەققىدە داستان قىلاي.

ئاھ، يېتىپ ئوڭدا، پەلەكنى يەرگە تەلمۈرتكەن تېنىڭ...
مەن چېقىپ ئەينەكلىرىڭنى يەتتە قات ئاسمان قىلاي.

قاپقاراڭغۇ كۆزلىرىڭدىن مارىغان كۆڭلۈم مېنىڭ،
ئۇندا يۇلتۇزلارنى تال-تال، بىقارار مارجان قىلاي.

ئىككى ياققا ئىككى پۇتلىرىڭ ماڭار غەمزە قىلىپ،
ئوتتۇرىسىدا ئۇنىڭكى لالىزار-رەيھان قىلاي.

ئۆلتۈرۈپ ئوينايدىغان بۇ جان سېنىڭدە ئىختىيار،
بىر قىتىم ئۆلتۈر، ئۇنى مەن مىڭ قېتىم قۇربان قىلاي.

دەر غوجى: بۇنداق نىگاركى دەۋزىخى گۈلزارىدۇر،
مەن ئۇنى ئىشقىم ئىلە بىر جەننىتى رىزۋان قىلاي!

4
ئايرىلىپ ياردىن، مېنىڭ دەردىم مۇھەببەتتىن گۈزەل،
يىغلىسام ھەققە، مېنىڭ ئەرزىم ھەقىقەتتىن گۈزەل.

ئالسا ھەق جانىمنى يارنىڭ دەردىدە شەپقەت قىلىپ،
بۇ ماڭا ئالەمدىكى بارچە ئادالەتتىن گۈزەل.

نە گۇناھ، باغرىمغا باسسام دىلدىكى يارىمنى مەن؟
يارنى بىر سۆيمەكلىكىم بەلكى ئىبادەتتىن گۈزەل.

گەر سۈكۈت ئىچرە ئۆزۈم يالغۇز مۇشائىر ئەيلىسەم،
مەي ئىچىپ دىلبەر بىلەن سۈرگەن پاراغەتتىن گۈزەل.

داد ئېتىپ جەھلى ئىشىق، يوق يارنى بار قىلسا ئۆلۈم،
بۇ ماڭا ئىككى جاھان كۆرگەن شاپائەتتىن گۈزەل.

ئۆلتۈرۈپ يارنى مۇھەببەت قەستىدە، مەن يار ئۈچۈن
ئەيلىسەم قەلبىمنى گۆر، يوق بۇ جىنايەتتىن گۈزەل.

ئەي غوجى تا ئۆلگىچە كەزسەڭ بۇ سۆيگۈ دەشتىنى،
ئۇچرىماس قەلبىڭ ئۈچۈن بەلكى ئىتائەتتىن گۈزەل؟!

5
ئاسمىنىم ئايدىن يىراق، قىينار يۈرەكىمنى پىراق،
نەكى يارىمنى كۆرەي ئاھ، يانمىسا دىلدا چىراق.

كۆز يېشىمنىڭ زەنجىرىنى ئۈزگىلى بىر غۇنچە يوق،
نەكى، غۇنچە تۈرمىسىدە ياتمىقىم گۈلدىن ئۇزاق.

نە مۇقامنىڭ خۇرجۇنىدىن تۆكۈلۈپ بىر تال غەزەل،
نە ئىشىقنىڭ ئەستىرىدىن يىرتىلىپ كەتكەن قوشاق.

نە ئوتۇنچى ناخشىسىدىن لالە-رەيھان لەۋلىرى،
بىر سۆيۈپ نە چۆل-باياۋانغا قېچىپ كەتكەن بۇلاق.

ماڭسا ھەيدەپ قويلىرىنى جاڭگىلى- تەندىن ئەجەل،
ناخشا ئېيتىپ نەكى جاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن پىچاق.

جاننى تەندىن ئايرىغان ئاھ، نە ئۆلۈم خامانلىرى،
ئۆلسە- ئۆلسە يا تۈگەر، يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق.

ئەي غوجى، ياردىن نىشانە تەندىكى جانىڭ سېنىڭ،
جان ئارا جاناننى كۆر، بولغىن خىجالەتتىن يىراق.


ئاپتور: خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار باش بېكىتىدە



«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:55  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىش


ﻗﻪﻳﺴﻪر ﺗﯘرﺳﯘن


شېئىر مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاۋازى، مەن ئۇنىڭ ھەر بىر تىنىقىغا سىڭگەن مۇڭلۇق ئەسلىمىلەر ئىچىدە قەيسەر تۇرسۇن بىلەن سىردىشىمەن. شېئىر ماڭا ھەمنەپەس بولۇپ، قارلىق تۈنلەردە ئاپئاق قارنىڭ سۈزۈك مىسرالىرىدا يالتىرىسا، يامغۇرلۇق تۈنلەردە غېرىبلىق باسقان ۋۇجۇدۇم بىلەن بىر گەۋدىلىشىدۇ. ئاشۇ ئاۋازلار مېنى سىرلىق ئورمانلىقتىن تەكلىماكان چۆللىرىگىچە، تارىم دەرياسىدىن يۈرىكىمدىكى چوڭقۇر ھاڭغىچە بولغان چەكسىز مۇساپە ئارىسىدا قەيسەر تۇرسۇن بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.
شېئىر مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىكى ئوت، ئەمما مەن شېئىرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوتتا ياشايمەن. ئاشۇ ئوتقا مۇجەسسەملەنگەن ئوتلۇق خىياللار مېنىڭ ھاياتلىق پەلەمپىيىمنى ھاسىل قىلىدۇ، مەن ئاشۇ پەلەمپەيدە توختىماي ھەرىكەت قىلىمەن. شېئىر ئاشۇ پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، مېنى توختىماي خىيال قىلىدۇ، ئۇ ماڭا ئەگىشىپ، مەن ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايلارغا، ھەتتا يۈرىكىمدىكى بىر تامچە قاننىڭ ئارىسىغىچە بېرىپ كېلىدۇ.

ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىش

ئۆچ ئالدىم ئۆزۈمدىن يەنە بىر قېتىم،
سەن تۇتقان گۈللەردە كۆيۈش ئارقىلىق.
ھاياجانلىرىڭنى بەرگىم يوق تۆلەپ،
بىر كۇپلېت ناخشىغا كۆمۈش ئارقىلىق.

ناخشىنىڭ ئىچىدە غەمكىن بەدىنىم
تىترەيدۇ ماڭغاندەك دارنىڭ ئالدىغا.
خىيال ۋە چۈشلەرنى قويسۇن دەپ ئوراپ،
بىر دەريا قولياغلىق ئەۋەتتىڭ ماڭا.

ئۆگەنسۇن ياغلىققا پېتىشنى قانداق،
دېڭىزغا پاتمىغان بىر تامچە يېشىم.
جېنىمدىن جان سوراپ كەلدى مۇھەببەت،
قېنىمنىڭ ئىچىگە پاتمىدى قېنىم.

چۈشۈمدەك كەڭ يولدا ماڭدىم قىستىلىپ،
قەلبىمگە ئوغرىدەك تىمسىقلاپ قاراپ.
نېمىشقا بۇ يوللار يىغلايدۇ ماڭا،
نېمىشقا ئالدىمدا ماڭىدۇ ئازاب.

دۇنياغا پاتمىغان بارچە ۋاقىتنى
ماڭىمەن قولۇمدا كۆتۈرۈپ ئاران.
سەن ئۈچۈن كۆيۈشكە ۋاقتىم يوق، بىراق
كۆيىمەن توختىماي ئاھ ئۇرۇپ ھامان.

ئاھ ئۇرۇش ئادەمگە ئەڭ زور تەسەللى،
قەبرىنى ئويغىتار ئۈنسىز مۇھەببەت.
ئاشىقنىڭ ئۆلۈمى ئەڭ كاتتا ئۆلۈم،
ئۆلگۈدەك ۋاقتى يوق بولغاچقا پەقەت.

تۆكۈلگەن دەرد

تۆكىمەن دەردىمنى ئۆزۈمگە پىنھان،
تۆككەندەك دەردىنى بۇلبۇلغا گۈللەر.
پادىشاھ ۋاز كېچىپ تەختىراۋاندىن،
ماڭغاندەك ئوردىدىن قەبرىگە قەدەر.

سالىمەن گاھىدا دەردىمگە قۇلاق،
كەتكەندە قەلبىمنىڭ ئەينىكى سۇنۇپ.
بىر قەدەھ شارابتەك بىلىندى پىراق،
يېقىلدىم ئاھ ئۇنى ئوتلىماي تۇرۇپ.

دەرەخلەر قوغلايدۇ يالىڭاچلىنىپ،
بەرداشلىق بېرەلمەي خىياللىرىمغا.
ھېسسىيات شۇ قەدەر مەۋھۇم بىر ئادەم،
مەۋھۇملۇق ئۈچۈنلا قىلار جان پىدا.

توختىماي يۇيىمەن خىياللىرىمنى،
سوپۇنلاپ ئەڭ يېڭى خىياللار بىلەن.
ئۆلۈشنى مەن خىيال قىلمىدىم، بىراق
بەدىنىم مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كېپەن.

ياشايمەن شۇ قەدەر ھېرىپ ھەر كۈنى،
بىر مىنۇت بىر يىلدەك بىلىنەر ماڭا.
بىر تامچە كۆز ياشتۇر يىغلاۋاتقىنى،
مۇھەببەت بولمايدۇ كۆز ياش بولمىسا.

بىر تامچە ياش ئۈچۈن يىغلايدۇ مەڭگۈ،
شاھ مەشرەپ يېنىدا ئولتۇرغان ئايال.
مەن ئاشۇ ئايالغا دەردىمنى تۆكۈپ،
توختىماي ئۆزۈمدىن سورايمەن سوئال

ﺋﯩﺲ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ
1
ﻗﺎرا ﻗﯩﺸﺘﺎ، ﻗﺎﭘﻘﺎراﯕﻐﯘدا
ﻗﺎﭘﻘﺎرا ﻛﯚﻣﯜرﻧﯩﯔ ﻗﺎﭘﻘﺎرا ﺋﯩﺴﻰ
ﻗﺎردﯨﻦ ﺋﺎﭘﺌﺎق ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪى
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪرﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ.
2
ﭼﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﻟﻐﺎن ﻛﯚزﻟﻪر
ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرار ﻗﺎﭘﻘﺎراﯕﻐﯘﻧﻰ
ﻛﺎرىۋاﺗﺘﺎ ﺗﻮﯕلاپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎۋاز
ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮدى ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻤﮕﻪ
ﮬﺎﻳﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻏﯧﺮﯨﭻ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪرﮔﯩﻠﻰ.
3
ﺑﻮﻳﯘﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻏﻪم
ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﻧﻪم...
ﻛﯚز ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﮬﺎڭ
ۋارﻗﯩﺮاﻳﺪۇ ﺗﺎملارغا ﻗﺎراپ
ﻗﻪﻳﻪردە دەپ دەرد-ﺋﻪﻟﻪم...

ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘزدەك ﺋﺎۋازى
رېئاللىققا ﺳﯘ ﻗۇﻳﻤﺎﻗﺘﺎ
ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰدە ﻣۆﻛﯜﺷﻤﻪك ﺋﻮﻳﻨﺎۋاﺗﻘﺎن دۇﻧﻴﺎ
ﺗﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻗﺎﭘﻘﺎرا ﺋﯩﺴﻘﺎ

ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﺋﻪﺗﺮاپ ﺋﺎﭘﺌﺎق
ﺋﯩﺴلاﻧﻐﺎن ﺋﯚي ﺋﺎق،
ﺋﯩﺴلاﻧﻐﺎن ﺗﺎم ﺋﺎﭘﺌﺎق،
ﻗﺎر ﻳﯘﭘﻴﯘﻣﯩلاق
ﺟﯩﻨﺎزﯨﺪەك ﺋﺎق

ﺋﯚﻟﯜم ﺋﺎق ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﺪى
ﺑﯩﺮاق ﺋﯘ
ﺋﻪﻣﺪىلا ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻳﯩﮕﯩﺮمە ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻘﺎ...



ئاپتور: «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜمىدە


«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:57  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:22:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەللىكنىڭ جاراھىتى


مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى

مەن ھاياتىمنى بىر ئىستاكان سۈپتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا ئۇنىڭغا تولدۇرۇلغان شاراب ياكى يامغۇر سۈيى، تۇمان ياكى ئاي شولىسى، شامال ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە شۈكۈر ئېيتىمەن. ئىستاكانىمغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇرغان چېغىمدىكى تۇيغۇلىرىم دەل شېئىرىلىرىمدۇر.
مەن ئۇنى ئەخلاق بازىرىنىڭ جارچىلىقىدىن، قەسىدىلەر جاڭگىلىنىڭ چېغىر يوللىرىدىن، ئۆز تۈرمىسىگە قامىلىپ قالغان مەھبۇسلىقىدىن، تەبىئەتنىڭ كاتىپلىقىدىن، ئاياللارنىڭ گىرىم ئۈستىلىدىن ياندۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىمەن.
لەھزە ئىچىدىكى چېقىلغان قاراڭغۇ تۇيغۇلىرىمنى مەڭگۈلۈك يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىش-ئۆز سۇلالەمنى قۇرۇپ چىقىشتىكى پروگراممامدۇر.

گۈزەللىكنىڭ جاراھىتى

لەنەتلىك گۈزەللىك
جاراھەتكە چىلاپ قەلبىمنى
پەيدا قىلدى بىر ئۆمۈرلۈك ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان.

ئەگەر قەلب بىر پارچە شېئىر بولسا
كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقار كىتابخان.

سۆيگۈنىڭ قارا رەڭلىك بايرىقى ئاستىدا
لەنەتلىك چۆللەر ئۆركەشلەر
سادا بېرەر لەنەتلىك ئاسمان.

تەنتەنىلىك مۇراسىم پەيتلىرى
ئەتىرگۈللەر ئېچىلغان
ئوقلار تېشىپ ئۆتكەن ئادەم كۆكسىدەك؛
تەن تەنگە سۆزلەۋاتقان ئاشۇ پەيت
گۈزەللىكنىڭ جاراھىتى ئوقچۇغان.

مىسلىسىز بىر خىيانەت
مىسلىسىز بىر جىنسى ھاياجان
پارتلايدۇ گۈزەللىكنىڭ تەنلىرىدە بىگۇمان.
قەبىھ كۆز ياشلار
قىپيالىڭاچ ھاياتلىقنىڭ گۈلدانى
ئېلىپ كېلەر ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان.

زۇلمەت دېرىزىلىرىگە ئېسىلىپ...

ۋەھىمىلىك گۈزەللىكنىڭ
ئاپئاق بارماقلىرىغا تىكىلىپ
ھەممە خاتىرىلەرنى ئەسكە ئالدىم
ھەممە خاتىرىلەرنى يوقاتتىم.

ئەسلىدە
بىر تامچە سۇ كەبى
لىغىرلاپ تۇرغىنىڭ ئەۋزەل ئىدى
قەلبىمدە... مىسرالىرىمدا... رېئاللىقىمدا.
ئاڭا سەپسېلىپ
ئاپئاق ئاسمان دىۋارىنىڭ كۆكۈش بۇلۇتلار قورشاۋىدا
ۋاقىت سۇلىرىغا چىلىشىپ تۇرغىنىنى
قۇشلارنىڭ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى
تاغ چوققىلىرىدىكى ئادەمگىياھ يوپۇرماقلىرىنى يىگەن كىيىكلەرنىڭ
ئوق جاراھىتىدە پەسكە غۇلاپ
ئەسلىمە ئۆڭكۈرلىرىدە كۆكۈش شولا تارىتىپ
كۆيىۋاتقانلىقىنى...
ئەتراپنىڭ ئۆتكۈر كالىي سىئانت پۇرىقى بىلەن لىق تولغانلىقىنى
كۆرگىلى بولاتتى.
يەنە
شادىمان ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىچىدىن چىققان
سۇغا چۆمۈلىۋاتقان
كىيىملىرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ تازلارغا يېلىنۋاتقان
بىر تالاي ئوبرازلارنى كۆرەتتىم.

كۆپكۆك چەمبىرەك
ئىككى ئالقان ئىككى تەرەپكە يېيىلىپ
ئارىسىدىن دەرەخلەر ئۈنۈپ
سۆيگۈ چىملىرى جىمىرلاپ
شاماللاردا لەرزان لەيلەۋاتقان بىر تال يوپۇرماققا تىكلىپ ئوڭدا ياتقان
بىر ئەرنى ئۇچراتقانتىم.

ئۇ كۈنلەر كەتتى
شاماللار كەتكەندەك
شامالدا كەتكەندەكلا...

ئەمدى ئالقانلىرىمنى يايسام
ۋاقىت تاغلىرى تاشلىنىدۇ كۆزۈمگە
شۇ قەدەر ئىگىز ھەم شۇ قەدەر تاقىر.
بۇ كۈيۈك تاغلار
ئەسلىمە قاراڭغۇسىدا يالتىرايدۇ
ئۆلۈك ئايالنىڭ كۆينەك ئويمىسىدىن چىقىپ قالغان
ئاپئاق ئاي شولىسىدەك
ئەمدى
ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالار كىيىكلەر
ئۆزىنى ھاڭغا تاشلىۋالار جەرەنلەر
بوينىدىكى قوڭغۇراقنى جىرىڭلاتقىنىچە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئارىسىدىن چىقىپ.

بارماقلىرىم ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقنى
ئاستا يانغا سۈرىۋەتتىم
كۆرۈندى يەنە بىر ئاسمان؛
«پادىشاھ ئوۋدىن قايتىپ
چاھار باغقا كىردى
كۆردى بىر زەڭگى بىلەن مەلىكىسىنى.»
مەلىكە شۇ كۈندىن بېرى
نۇرغۇن چۆچەك ئېيتتى
پادىشاھلار چۆچەككە ئايلاندى
مەلىكىلەر زۇلمەت قەسىرلەرگە.
ۋاقىت ئاپتاپلىرىدا بۇ چۆچەكلەر
گۈزەل قەسىرلەردە
ناخشا ئېيتار
قەدەھ سوقۇشتۇرار
بىليارد ئوينىشار
چاقچاقلىشىپ... تاماكا چېكىشىپ.

لەنىتى شەھرىزات
زۇلمەت قەسىرلەرنىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويدى
ئەفسۇن ئوقۇپ توساتتىن.

مەندە بىر ناخشا بار
ئۇنىڭ ئاھاڭىنى بىلمەيمەن لېكىن
شۇ ناخشىنى ئېيتىشقا ئالدىرايمەن
شۇ ناخشا ئۈچۈن ياشاپ كەلدىم
زۇلمەت قەسىرلىرىگە بەنت قىلىنغاندىن بېرى.


ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﯪﺗﺎﭖ...


بۇ ئىسىم گاھى
ئايالنىڭ ئىسمى بولۇپ
كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ يۈرەكلىرىمنى.
گاھى
يانىۋاردىكى سوغۇق مۇز بولۇپ
مۇزلىتىدۇ تىلەكلىرىمنى.
گاھى
مەن بىر يىرتقۇچ ئۇنىڭ چىداپ بولغۇسىز گۈزەللىكىدە
گاھى
مەن يۇۋاش تىلەمچى ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىدە.

ئۇيغۇر تىلىدىكى
ئۈچ بوغۇمدىن تۈزۈلگەن بۇ ئىسىمنىڭ
قات-قاتلىرىدا قەلبىم ياتىدۇ.
باھاردەك تۈگۈلۈپ
كۈزدەك سارغىيىپ
قىشتەك توڭۇپ...

بۇ ئىسىم
قارشى ئالغۇچىنىڭ تەنتەنىلىك تەۋەززۇسىدا
ئاستا بالقىيدۇ ھاۋاغا

بۇ ئىسىم
گۈل بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ
گۈلدەك تۇرۇپ.
ئاي بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ
قەلب كۆكىمدە ئايدەك يورۇپ.
بانۇلارنىڭ سەلتەنىتى يوق
باردۇر پەقەت ئۈچ بوغۇم سۆز....

قەدىرلىگىم،
ئىسمىڭ تۈپەيلى گاچىمەن
بۇ شېئىرنى ئوقۇغانلار گەر
«كىمتى ئۇ؟»دېسە ناۋادا
جاۋاب بەرمەي قاچىمەن...

ئىسمىڭ
بۇلدۇقلىتار
ئىچىمدە بىر قاراڭغۇ بۇلاقنى.


ﻛﻪﻝ، ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩھ ﺗﯘﺗﺎﻱ!


كەل
ساڭا بىر قەدەھ تۇتاي
كۈز شارابىدىن مەست بول،
ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىكى يالغۇز ئاياغ يولغا قارىما
ئەسلىمە غازاڭلىرى ئۇچۇپ كەتسۇن...

رېئاللىقتا
بىز مەھبۇسمىز ئچىمىزگە قامالغان
ياكى مېڭىپ يۈرگەن ئۆلۈكمىز
كۆكسىمىزگە خەنجەر قادالغان.
ئۆي...خىزمەت...كۈنسېرى رەڭگى ئۆزگىرىۋاتقان سۇلياۋ ئىپادە
ياشاش ئۈچۈن ياشاۋاتىمىز
چارچىساقمۇ شۇنداق زىيادە؛
يوشۇرىمىز ھەسرەت-قايغۇنى
سۆزلىرىمىز سىلىق-سىپايە.

كۆپكۆك ئاسمان... چەكسىز ئاق دالا
قېرىپ كەتكەن بالىمىز بالا
ھېسسياتىمىز...ئوي-خىيالىمىز
گۇگۇم بىلەن قورشالغان تالا؛
قايتىپ كېلىپ چۈشلەر قوينىغا
ئوخشاش چۈشنى كۆرەرمىز يانا.

مەن
شاراب ياسايمەن ھەسرەتلىرىمدىن
ئارمانلىرىم-خىياللىرىمدىن
كۆپۈكلىتىپ مىسرالارىمدىن.
ئۇنىڭ ئاچچىق، خۇشبۇي پۇرىقى
پۇراپ تۇرار قەلب يارامدىن.

زامان-زامانلاردىن بېرى
روھ كومزەكلىرىگە كەلدىم توشقۇزۇپ
شۇ تۈگىمەس شارابلىرىمنى.
ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم مۇڭدىشىپ
ئىچىپ كەلدىم ئازابلىرىمنى
كەيپ بولدۇم...تېنىم قەيەردە؟
سەھرادىمۇ ياكى شەھەردە؟...

سېنىڭ ئىسمىڭنى بىلگەندىن بۇيان
شۇ ئىسىم ئۈچۈن ياشىدىم
شۇ ئىسىم ئۈچۈن لەۋلىرىمدە قان.
قېرىپ كەتتىم...چاچلىرىمدا ئاق
كۈتۈشلەردىن ئۆرلەيدۇ تۇمان.
بوسۇغامدا سېنى كېلەر دەپ
ئولتۇرىمەن يىگانە ھامان.

كەل
ساڭا بىر قەدەھ تۇتاي
كۈز شارابلىرىدىن مەست بول
سۆيگۈنىڭ كۈتۈشلا ئەمەسلىكىنى
ئادەمنىڭ ھامان كۈتۈش ئىچىدە تۈگەيدىغىنىنى
تەن سىرتىدا ئەخلاق ئىسىملىك
باشقا بىرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى
ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ
قولۇمدىن بۇ قەدەھنى ئېلىشنىڭ
نەقەدەر قىيىن توختىغانلىقىنى...
ماڭا ئېيتقىن...ماڭا سۆزلەپ بەر.

كەل،
ساڭا بۇ قەدەھنى تۇتاي
كۈتۈش شارابلىرى سېنى مەست قىلسۇن
ئەسلىمە غازاڭلىرى تۆكۈلسۇن
ھىجران قوڭغۇراقلىرىنىڭ زىل ئاۋازىدا
سەبىيلىككە قايتقان ئارمانلار
قول تۇتىشىپ بىللە يۈگەرسۇن.
ئۇلار دېسۇن
سۆيگۈ ئەمەس ھەرگىز ئېرىشىش
سۆيگۈ ئەمەس ھەرگىز بىرلىشىش...

ئاپتور: يېڭىسار ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە

«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:58  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامدىكى مۇناجات

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

لەززەتلىك مېلودىيە ئىچىدە تەڭرى گۈزەل مىسرالارنى ئاتا قىلغان دەقىقىلەر ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرۈم تەسەددۇق بولسۇن!
بارچە رەڭلەر ئۆڭسىمۇ، ئىنسان مەنە ئاتا قىلغان ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەيدۇ. شۇنداق، بىز ياشايدىغان، كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان، سۆزلەيدىغان ئەمما گاس-گاچا، ئەما كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغاندا شېئىر تۇرمۇشىمىزغا مەنە ئاتا قىلىدۇ. شېئىر بىز كۆز يۇمغان، بىز ئاسىيلىق قىلغان، كۆرۈپ تۇرۇپ ئەسلىرىمىزدىن كۆتۈرۈلگەن سەرگۈزەشتىلەر ئۈچۈن ئابىدە تىكلەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلىقىمنى ئويلىسام مەندە يەنە بىر تاللاشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئەگەر تاللاش مەۋجۇت بولسا يەنىلا شېئىر يېزىش ئارمىنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمەن. چۈنكى مەن ئۈچۈن شېئىر يېزىش ھەۋەس ئەمەس تەغدىر.


تامدىكى مۇناجات
(نامانجان تۇرسۇننىڭ «840-يىلى» ناملىق ئۆزلەشتۈرمە رەسىمىگە قاراپ)


كۆز جىيەكلىرىگە ئولاشتى ئۇيقۇ،
ئالەم چۈشى باردىن يوق بولدى.
غايىب ئىشىك ئېچىلدى ئۇلۇغ،
غازاڭلارنى شامال ئۇچۇردى.

«مەن شامالنى پەيدا قىلىمەن
يۆنۈلۈشىنى كۆرۈپ تۇرىمەن
ساناپ تۇرىمەن يوپۇرماقلارنى
ئاڭلاپ تۇرىمەن پىچىرلاشلارنى...»

قۇلىقىمدا
غايىب نىدا
بىھۇش بولۇپ يېقىلدىم تامغا

ئۇ چاغ يوقلۇق ئىدىم ئۆزۈم
تۇغۇلمىغان، ئىسمىم نەدە؟
يېزىلمىغان پېشانەمگە
ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانا.
سۆزلەۋاتقان كېسەكلەرنىڭ
قاتارىدا تۇردۇم مانا.

قان-قېرىنداش، ۋەتەن دېگەن
ئىبارىلەر يىراقلاشقان،
سۆز ۋادىسىدا تېڭىرقاشقان
ئارقىسىدىن شائىرلارنىڭ
گۇمراھ بولۇپ كەلدىم مانا...

چېپىپ كەلدى ياۋ ئاتلىرى،
قىيا-چىيا قاناتلىرى
قۇرىتىدۇ گىياھلارنى
تەگسە قولى-ئاياقلىرى.
دۈپۈرلەيدۇ كۆكسىمىزدە
يۇرتىمىزنىڭ قىشلاقلىرى
چەيلەپ ئۆتەر چىملىقلارنى
جەڭ ئېتىنىڭ تۇياقلىرى
كۆزلىرىمنى ئېچىپ-ئېچىپ
تۇپراق بولۇپ ياتتىم مانا...

ئۇپۇقنى قانغا بويىغان كىم؟
دېڭىزلارنى سىزىغان كىم؟
ئەي گۇناھكار، ئاسىي قەلەم
ئاسمانلارنى تۈزىگەن كىم؟
يۇلتۇز بىلەن بېزىگەن كىم؟
قۇياش كۆيەر بېشىمىزدا،
ئۇ كۆزىتىپ تۇرار بەلكىم؟

دېڭىزلارنىڭ قاشاسى دەپ،
ئۇ تۇرغۇزغان تاغ چوققىنى.
ئەزىز قىلغان بۇ ۋادىنى،
كۆيۈپ تۇرغان تۇپراقلارنى
كۆزۈم ئوچۇق كۆرەلمىدىم،
يۈزۈم يېقىپ سۆيەلمىدىم،
قولۇم ئېلىپ پۇرالمىدىم
قاراپ-قاراپ چىدالمىدىم!...

بالىلارنىڭ قى-چۇلىرى
ئانىلارنىڭ ئاھ-ۋاھلىرى
بوۋىلارنىڭ دۇئالىرى،
ئەركەكلەرنىڭ پەريادلىرى
بوغۇزۇمدىن تۇتتى مېنى!
نالە قىلىپ قۇشلار ماڭا،
چوقىلايدۇ كۆزلىرىمنى...

مەن بىر مەھبۇس تام ئالدىدا
قەرزدارمەن جان ئالدىدا
قالقان بىلەن نەيزە ئارا،
بېشى چۆككەن ئات ئالدىدا
شانۇ-شەۋكەت يېزىلغان شۇ
تاش ئالدىدا،
باشىم چۆكۈپ تۇردۇم مانا.

رەسىمدىكى ئاتلىق كىشى،
يەرگە چۆككەن ئاتنىڭ بېشى.
ئات بېشى ئەمەس، ئادەم بېشى
تامچىلايدۇ كۆزدىن يېشى،
ئوقۇلماقتا مەڭگۈ تېشى...

قىزىل، قېنىق بويالغاندۇر
تاغ ھەم دېڭىز، ئاسمان يۈزى
ئاتنىڭ پۇتى، تۇياقلىرى
تۇپراقلىرى، گىياھلىرى
مەڭگۈ تارىخ دەپتىرىگە
ئاققان قىزىل سىياھلىرى
شۇ سىياھنى قەلىمىمگە
ئىچۈردۈم ھەم يازدىم مانا!...

قاراڭغۇدا يولغا چىققان ئۆلۈكلەر


گويا ئوق ۋىڭ قىلىپ
تۇمەن ساداقلار ئۇچۇپ كېلىپ
كۆتۈرۈلگەندەك ئاسمانغا
ھەسرەت بىلەن كىشنەپ يېقىلدى...

يۈرىكىمنى بېسىپ ئۆتتى
دۈپۈر-دۈپۈر
ئاتلار دۈپۈرى

تۇۋىقىدىن ئوتلار چاچرايتتى.
قۇيرۇقلىرى ئويناپ تۇراتتى
يايلىسىنى شامال يەلپۈيتتى

پەشتاقتىكى مەزىننىڭ ئۈنى
چاقىرماقتا ئۇلارنى
بېھىشنىڭ كەڭ باغچىلىرىغا...

كۆتۈرۈلگەن توزان جەڭگاھتا،
بېھىشنىڭ خىش–ئەقرىبالىرى.
كۆكسىگە سانجىلغان نەيزە قىزىل ئېچىلىدۇ،
يايلىسى بولىدۇ ھۆرلەرنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى...

قاسساپ ئۇلارغا قىسماق قۇرۇپ يېقىتىدۇ،
سانجىيدۇ كۆكسىگە ئۇزۇن خەنجەرنى.
قىزىل گۈللەر تۆكۈلىدۇ
گويا بىلىكىگە سانجىلغان ئۇكۇلدەك
مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ
پۇتلىرىنى سۇنۇپ
قىزىل گۈل ئارىسىدا ئۇخلىغان قىزدەك
يوغان كۆزلىرىدىن ئېقىپ چېقىدۇ
تۈكلۈك يۇزلىرىدە قېتىپ قالىدۇ ئىككى تامچە...

قوللىرىمدا شېئىر ئوقۇيمەن،
پۇتلىرىمدا چاۋاك چالىمەن.
كۆزلىرىمنى يۇمۇپ يېقىلىمەن،
چىمەنلەرنىڭ ئۈستىگە...

دۈپۈر-دۈپۈر
ئېلىپ كەلدىڭ بوراننى
دۈپۈر-دۈپۈر
ئېلىپ كەلدىڭ شامالنى
ھاسىراپ
كىشنەپ
چاقماق چاقتۇرۇپ
مىنىپ كەلدىڭ بۇلۇتلارنى

يايلىسىدىن ساقىپ چۈشتى تامچە-تامچە
ئايلاندى سەلگە
پۇشقۇرۇشلار ئىچرە
ئېچىلىپ گۈللەر
بىر چوغ چۈشتى جەننەتكە

نۇر تۆكۈلدى
ئاسماندىن يەرگە

قاراڭغۇدا يولغا چىقتى ئۆلۈكلەر
ئۈستىدىكى ئەزرائىل
ئورۇق، مىسكىن، لېكىن شاش يىگىت.

چاپتۇرماقتا
دۇلدۇللار ئۇنى
ئەگەشمەكتە سۆڭەكلەر

يۈرىكىمدە چاپماقتا
دۈپۈر-دۈپۈر
ئاتلار دۈپۈرى...


باياۋانغا توۋلاش


ۋاي، ئاللا... ۋاي، ئاللا... ۋاي، ئاللا...
كۈچەپ-كۈچەپ توۋلىغان
ئېچىنىشلىق ئاۋازلار
ئايلىنىپ كەتكەن ناخشىغا...

قىيا-چىيا جەڭگاھلاردىكى
كىشنەشلىرى شىرمەت ئاتلارنىڭ
بالىلارنىڭ نالىسى
ئۈركۈپ قاچقان كېيىكلەرنىڭ بوزلاشلىرى
توپتىن ئايرىلغان يارىدار جەڭچى...
ئاتامغا... ۋاي، ئاتامغا... ئاتامغا نېمە دەپ يىغلاي،
ئانامغا... ۋاي، ئانامغا... ئانامغا نېمە دەپ يىغلاي.
ئېتىمنىڭ... ئېتىمنىڭ ئالدىدىن ئاشقان،
ساماندەك... ۋاي ساماندەك سارغىرىپ يىغلاي.
ۋاي... ۋاي... ئانام...

چۆلدە ئېزىتقۇ
غۇلاچ تاشلاپ كېلىدۇ
قۇم بارخانلىرىدەك
كۈچەپ-كۈچەپ توۋلىغان
ئېچىنىشلىق ئىڭراشلار
قىيا تاشلار
باش سۆڭەكلىرى دولانگىت ئەزىمەتلىرىنىڭ
ئايلىنىپ كەتكەن بۇ جايدا
ۋاي-ۋاي... دېگەن بىر ناخشىغا...

دۇم-تاق...
داپنىڭ ئۈنى
كۈچەپ-كۈچەپ دەسسەشلەر
مەجنۇندەك ئايلىنىپ
كېلىپ تەگدى يۈرەككە...


ئاپتور: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە


«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:47  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلدىم دۇنيا ئايرىلغىلى سېنىڭدىن

قۇربان داۋۇت شاھىدى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن يېتىپ مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ئادەم چۈشىدە كۆرۈپ ئىشىق ئوتىغا مۇپتىلا بولغان ئاشىقىنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن، پۇتىغا تۆمۈردىن ئاياق كىيىپ، قولىغا تۆمۈر ھاسىنى ئېلىپ يولغا چىققانىكەن. نىھايەت، ئاشىق كىشى مىڭ بىر مۇشەقەتتە ئالتە تاغدىن ئېشىپ، ئالتە دەريادىن ئۆتۈپ تۆمۈر ھاسىسى ئۇپراپ يىڭنىدەك قالغاندا، تۆمۈر كەشىنىڭ چەمى نېپىزلەپ قەغەزچىلىك قالغاندا ئاخىرى مەشۇقىنىڭ ۋىسالىغا يەنى ئىشىق مەنزىلىگە يەتكەنىكەن. توغراقتەك چىڭ، مۇستەھكەم ئىرادە، ئىستەكلىرىمىز، يەنە شۇ توغراقنىڭ ھاياتلىق سۈيىدەك پاك ئىخلاس، ئەقىدىمىز، يۇلغۇن چېچەكلىرىدەك رەڭدار تۇيغۇ، سېزىملىرىمىز بىزنى ئۈمىد بىلەن روھلاندۇرۇپ، ئېسىمىزدە قالغان ھېلىقى ئاشىقتەك ئالتە دەريا، ئالتە تاغدىن ئېشىشقا، مۇشەققەتتىن كېيىنكى ۋىسال دەملىرىدىن بەھىر ئېلىشقا تەشنا قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىز تېخى دۇنيانى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، سۆيگۈنى، چىن مۇھەببەتنى، ئازابنى، دەردلىرىمىزنى، ئىزلىرىمىزنى تولۇق ھەم مۇكەممەل يېزىپ چىقالمىدۇق. ئەمما قەلەمدىن ئىبارەت بۇ نۇرلۇق مەشئەل ھاياتلىق مۇساپىمىزنى ھامان يورۇتىدۇ. قىسسە، رىۋايەتلەرگە باي سەلتەنەتلىك يىپەك يولى بويىدا ھەقىقىي شېئىر چوقۇم يېزىلىپ چىقىدۇ...


كەلدىم دۇنيا ئايرىلغىلى سېنىڭدىن


كەلدىم دۇنيا ئايرىلغىلى سېنىڭدىن
قىرىق يىلدىن ئارتۇق ماڭدىم يولۇڭنى،
يېتەلمىدىم ۋىسال قېنى، سەن قېنى؟
بەزەن يۇمشاق، بەزەن قاتتىق قولۇڭنى،
تۇتار چاغدا قۇربان قېنى، مەن قېنى؟

ھىجران دېگەن شۇنداق ئۇزاق بولامدۇ؟
زۇلەيخامۇ كۆيگەن تۇرسا قىرىق يىل.
ياكى ئىنسان شۇنداق يۈرۈپ غۇلامدۇ؟
ئېچىلماستىن ئارمان گۈلى قىپقىزىل.

بىلەلمىدىم سىرلىرىنى ئالەمنىڭ،
دۇنيا دېگەن زادى قانداق نەرسە ئۇ؟
كۆڭۈل كۆزى قاچان يورار ئادەمنىڭ،
كۆكنى سۆيگەن ئاق چوققىلار سەن شۇمۇ؟

دۇنيا دېگەن بىر خامانلىق جايمىكىن،
ئۆنچىلىرى دۆۋىلەنگەن بەك ئىگىز.
ياكى دۇنيا يۇلتۇزمىكىن، ئايمىكىن،
يا بولمىسا قۇرۇپ كەتكەن بىر ئېتىز.

بىر تۈپ توغراق بىر دۇنياغا تەڭمىكىن،
ھەر قەلبتە بىر تال دۇنيا بار دېسەك.
چىن مۇھەببەت دېڭىزدىنمۇ كەڭمىكىن،
ئۇنى تۇغقان ۋۇجۇدلارنى تار دېسەك.

چىغىر يوللار دۇنيا بولۇپ تۇيۇلار،
مەن چوڭ بولسام مۇشۇ يوللار بار ئىكەن.
بەلكىم بۇ يول بىر دۇنياغا سوزۇلار،
ئۈمىد دېگەن ئۈمىدۋارغا يار ئىكەن.

بەلكىم دۇنيا كۇۋۇكتىكى بىر كەپتەر،
بىر كۈنلەردە ئۇچۇپ كېتەر يېنىڭدىن.
دان تىلىمەس سېنىڭدىن ئۇ، روھ تىلەر،
ئەزىز نەرسە بار ئەزىزىم جېنىڭدىن.

دۇنيا ئەگەر يانچۇقتىكى پۇل بولسا،
ياشاش دېگەن قىممىتىنى يوقاتقاي.
ئىنسان دېگەن ئۆز-ئۆزىگە قۇل بولسا،
ئۇنداق ھايات قەدىمىنى توختاتقاي.

يورۇقلۇقنى دۇنيا شۇ دەپ ئويلىساق،
قەلبلەرگە كۆچكەي شۇنداق يورۇقلۇق.
ھېكمەت دېگەن چۇڭقۇرلۇقنى بويلىساق،
ئەڭ بەختىيار دولقۇن سۆيگەن قۇرۇقلۇق.

ئېرىقلارغا سۇ باشلىغان ئادەمنى،
بىر دۇنياغا سۇ باشلىدى دەيلىمۇ؟
ئاشىقىغا سىر بەرمىگەن ئالەمنى،
ئۇشتۇپ-ئۇشتۇپ بىر چىشلەمدىن يەيلىمۇ؟

دۇنيا بەلكىم يېتىم بالا، يالغۇز جان،
نۇردىن ئەمەس ئازابلاردىن سۈزۈلگەن.
دۇنيا ئەسلى بىزدىن ياخشى، مېھرىبان،
ئارىمىزدا بىر نەرسە بار ئۈزۈلگەن.

دۇنيا بەلكىم قىزىتىلغان بىر تونۇر،
يېقىلارمىز زوۋۇلىمىز تىنغاندا.
ھايات ئاخىر ئۆچۈپ كېتەر قۇرمۇ-قۇر،
ئەجەل قۇشى كوكۇلاڭدىن ئىلغاندا.

كېتىپ قالسام ئاشۇ كۈنى بىر دۇنيا،
مېنىڭ بىلەن يۈتەر كۆزدىن ئېھتىمال.
ئۆمۈر دېگەن نەچچە ئېغىز گەپ گويا،
بىر سۆزۈڭگە بىر دۇنيانى قېتىۋال.

ئېھ، بۇ دۇنيا تەنھا ھىجران كېمىسى!
بىز ئۇنىڭدا تىپىرلىغان بىر يۈرەك.
ھەر بىر ئادەم بىر دۇنيانىڭ جىلۋىسى،
ئۈنۈپ چىقار ئەتە يەنە بىر ئىستەك.


چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار


كۆڭۈل دېگەن كۆڭۈللەرگە باغلىنار،
ھېكمەت دېگەن كۆڭۈللەردە ساقلىنار،
ھەر كۆڭۈلدە ئوتقاش بولۇپ لاۋۇلدار،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى باغ، ئىرەم،
ئۇنىڭدىكى دالا-تۈزلەر گۈل، گېلەم،
قىلىپ ئاشۇ گۈزەللىكنى مۇجەسسەم،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

گاھ پادىشاھ تىلەمچىگە ئايلانسا،
تۇرۇپ بىر كۈن شاھلىققا تاز سايلانسا،
ئورا كولاپ ئاچكۆز ۋەزىر جايلانسا،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

پادىچىغا تەگكەن گۈزەل سەنەمدىن،
نېمە سىزسا تىرىلدۈرگەن قەلەمدىن،
كۆكتە قۇشتەك ئۇچىدىغان گېلەمدىن،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

بارسا كەلمەس يولغا كەتكەن بالىدىن،
قىزلىرىنى ئۆگەيلىگەن ئانىدىن،
ئوتۇن سېتىپ كۈن كەچۈرگەن دادىدىن،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

سۆزلەيدىغان ئالتۇن بېلىق ھەققىدە،
بۇرۇن قانداق ئىشلار بولغان مەككىدە،
قايسى ئەل بار دېڭىزلارنىڭ تەكتىدە،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

«ئۇر توقماق» نى بوۋاي قانداق ئىشلەتتى،
ياغاچ ئاتنى يىگىت قانداق كىشنەتتى،
كىم دىۋىنى يېڭىپ يەرنى چىشلەتتى،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

ھايۋانلارنىڭ يولدا قالغان ئىزىدىن،
ساندۇقتىكى پادىشاھنىڭ قىزىدىن،
قەدىم شەھەر، سىرلىق ئورمان، يېزىدىن،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

دانىشمەنلىك دەستۇرىنى يازغاندەك،
گويا بىر كان، چوڭقۇرلۇقنى قازغاندەك،
ھەر بىر سۆزنىڭ ۋەزنى تاشتەك، بازغاندەك،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

گېرمانىيە، دانىيەگە بارمىغان،
گىرىملارنى، ئاندېرسوننى ئاڭلىغان،
ئەرەب قىزى شەھرىزادتىن چانمىغان،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

ئەجداد، ئۇدۇم يىلىتىزىنى كۆكلەتكەن،
چىن ئىنسانلىق خىسلىتىنى ئۆگەتكەن،
ھەر قىسسىدە بىر دەردىنى تۈگەتكەن،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.

ئۇ زاماندىن بۇ زامانغا ياشىسۇن،
بىر باھاردىن مىڭ باھارغا ياشىسۇن،
قېرىمىسۇن قىرانلاردەك ياشىسۇن،
چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئەزىز ئانىلار.


ئېھ، شۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيلى

دىل قۇياشى كۈلسە پارلاپ ھەر سەھەر،
ئۈمىد بىلەن داۋان ئاشار بالىلار.
ئۇلۇغلۇقنى ساناپ چىقساق بىز ئەگەر،
ئاتا-ئانا مېھرى بۇرۇن سانىلار.

يېشىل يازنى جەننەت دېسەك بىز ئەگەر،
ئاتا-ئانا ئىزلىرىدىن ياز كېلەر.
يازساقمۇ گەر ئۇلار ئۈچۈن مىڭ ئەسەر،
بىر قېتىملىق ئاق سۈتىگە ئاز كېلەر.

ئاتا ئوخشار ئىگىز تاغقا، چوققىغا،
ئۇ ھاياتلىق تۈۋرۈكىنى يۆلەيدۇ.
ئانا جەسۇر، قارا ئۇنىڭ تۇرقىغا،
پەرزەنت ئۈچۈن چەكسىز بەدەل تۆلەيدۇ.

ئاتا دېڭىز دولقۇنلىرى قەھرىلىك،
ئۈزەر ئۇندا ھاياتلىقنىڭ كېمىسى.
ئانا بىر باغ سۇلمايدىغان سېھىرلىك،
پەرزەنت ئۇنىڭ مەي باغلىغان مېۋىسى.

ئاتا شەمشەر ئوت ئىچىدە تاۋلانغان،
مۈشكۈللەرنى پارە-پارە قىلىدۇ.
ئانا بىر كۈي ئۈزۈلمەستىن ئاڭلانغان،
ئۇنىڭ بىلەن جاھان ئىللىپ كېتىدۇ.

ئاتا بىر تال ئۆڭمەس رەسىم ئوخشىغان،
قىيالاردىن قىرانلىقنى تالاشقان.
ئانا بۇلاق يەر تېگىدىن ئوخچىغان،
ۋۇجۇدلارغا تومۇرلىرى تۇتاشقان.

ئاتا مەزمۇت قورام تاشتۇر چېقىلماس،
دۇنيا ئۇنى ئۆز ھۇلىغا قويىدۇ.
ئانا پىشقان بىر تۈپ بۇغداي قېقىلماس،
گەر قېقىلسا دۇنيا پۈتۈن ئۆلىدۇ.

ئاتا بەلكىم بىر رىۋايەت توقۇلغان،
سۆزلەپ بىرەر بالا ئۇنى بالىغا.
ئانا بەلكىم بىزنى دەپلا تۇغۇلغان،
بەش-ئالتىمىز پاتقان شۇڭا باغرىغا.

ئاتا قەيسەر بىر دانىشمەن، مۇئەللىم،
پەزىلەتنىڭ مەشئىلىنى كۆتەرگەن.
ئانا خالىس بىر خىزمەتكار، مۇرەببىم،
بىز ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالغان، نۇر ئەمگەن.

مېھرى-شەپقەت، ياخشىلىقنى سۆزلىسەك،
ئاتا-ئانا تەرىپىنى سۆزلەيلى.
چىن بەختنى، خۇشاللىقنى كۆزلىسەك،
ئېھ، شۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيلى!




ئاپتور: كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە




«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:49  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 282
تۆھپە : 3
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر مېنى چاقىرماقتا، چاقىرماقتا...

رەخىم ياسىن قاينامى


شېئىر بىر خىل ئۆزىنى بېغىشلىغان ھالدىكى كۈتۈش جەريانىدۇر... بۇ كۈتۈشتە تىل بېغىدىكى سۆزلەرنىڭ ۋاپادارلىقى بىلەن ئازاب تۈنىدە تەنھا كېزىپ يۈرگەن شائىرنىڭ تۈگىمەس قايغۇسى مەۋجۈت. ۋاپادارلىق بىلەن بىرىككەن قايغۇنىڭ شاخلىرىدا چېچەكلەپ پىشقان مېۋە ــــ شېئىردۇر...
ئۇنىڭ بىۋاپالىقى خالىسا كېلىپ، خالىسا كەتكەنلىكىدە، ۋاپادارلىقى ئۇنىڭ شائىر روھىغا مەڭگۈلۈك چاپلاشقانلىقىدا. مانا بۇ مەن بىلگەن شېئىر، ئۇنى تۇيغۇم بىلەن تۇتىمەن، يۈرىكىم بىلەن ياد ئېتىمەن، ھەر بىر نەپىسىم بىلەن كۈتىمەن. چۈنكى ئۇ ھېچنىمە ئەمەس...

ئائىشە قونغان دەرەخ

سىزنىڭ ئاۋازىڭىز يالتىرايدۇ
يورۇتۇپ قاراڭغۇلۇقنىڭ قۇلاقلىرىنى
ھىدلىرىڭىز تاتىلايدۇ
كۆزلىرىمىزنىڭ تىنىپ قالغان بۇلاقلىرىنى

بىز ئىچىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقتا
ئەتكەنچاينىڭ مەززىلىك سەھەرلىرىنى
كۆكتىن تامغان رىسقىمىز بىلەن
ئۇخلاۋاتقان تاملارغا يۈلىنىپ ئولتۇرۇپ...

قارايمەن نانلارنىڭ يۈگۈرگىنىچە قېچىۋاتقىنىغا
تىللايمەن ۋارقىرىغانچە قوغلاۋاتقان نەپسىمنى...

ھويلىمىزدا بىر دەريا بار ئىدى ئېقىپ تۇرغان ھاياجاندا
سىز ئۇنىڭغا قېيىقنى تاشلىدىڭىز باللىرىمنى ئوينىسۇن دەپ
بالىلىرىم چاقىرماقتا دادىسىنى بېلىقلارنىڭ قارنىغا...

بىر نەچچە تۈپ ئۈرۈك، ئالۇچا، بىر تۈپ ئۈژمە بار ئىدى بېغىمىزدا
سايرىدىڭىز شاخلىرىدا بالىلىرىمنى زوقلانسۇن دەپ
چاقىرماقتا بالىلىرىم مېنى ئاسماندا...

ئىشتىياق بىلەن يېزىلىۋاتقان بىر شېئىر بار ئىدى ئۈستىلىمدىكى قەغەزدە
قوندىڭىز مىسرالارنىڭ كۆكلەپ چىققان شاخلىرىغا
شېئىر مېنى چاقىرماقتا، چاقىرماقتا...

ئائىلىمىزنىڭ كېچىسىنى بۆلۈپ ئىككىگە
ئۇزىتاتتۇق يېرىمىنى زاماننىڭ غەم-قايغۇسىدا
بالىلىرىمىز ئۇخلار ئىدى ھۇجرىسىدا

مانا ئەمدى
باغلار ئارا ئويغاقلىقىنى تونۇۋېلىپ
ئەكس سادا شاخلىرىغا قونۇۋېلىپ
ئۈچكە بۆلدۇق سىز كەلگەچكە كېچىمىزنى
يۇرۇتقاچقا كەچمىشىڭىز ئىچىمىزنى...


سەندىن ئايرىلماقچىمەن...


قولۇمدىن ئايرىلدىم
كۆردۈڭمۇ ئېرىقىڭغا يېتىپ بارغان قاننى؟
كۆردۈڭمۇ قاندىن ئۈنگەن سۆزنى قارا-قارا؟

يۈرىكىم ئېزىلدى
كۆردۈڭمۇ ئاسمىنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشنى قاناتلىرى يوق؟
كۆردۈڭمۇ ئۇنىڭ بۇلۇتلىرىنى كۆيۈۋاتقان؟

كۆزلىرىم ئويۇلدى
كۆردۈڭمۇ چۈشلىرىمنى يورۇق روجەكلىرىڭدىن ئېقىپ چۈشكەن؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ كۆرگەنلىرىمنى يۇلتۇزلاردەك يىراق نۇرانە؟

پۇتلىرىم كېسىلدى
كۆردۈڭمۇ يۈگۈرۈپ بارغان خىياللىرىمنى ئەسلىرىڭگە يۈكۈنگەن؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ ئۆيۈمنى ئىشىك-دېرىزىلىرى يوق، تورۇسى ئاسمانغا تۇتاشقان؟

گۈلۈم سۇلدى...
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى باھارىڭغا سىڭىپ كېتىۋاتقان؟
   كۆردۈڭمۇ مېنىڭ خازانلىرىمنى كۆزلىرىڭدە لەيلەپ يۈرگەن؟

سەندىن ئايرىلماقچىمەن
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىمنى، سۇنغان روھىمنى؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ يالىڭاچ ئاۋازىمنى قات-قات سۆزلەر ئىچىدىكى؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ تەن دەرىخىمنى ئوتتىن ياپراق چىقارغان؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمدىن ياسالغان مۇنارلارنى كۆككە تاقاشقان؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ يولۇمنى قەبرىستانغا تۇتاشقان؟
كۆردۈڭمۇ مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنى ناخۇش تۇمان قاپلىغان؟!...

ئەمدى سەندىن ئايرىلماقچىمەن...
ئاۋۇ سۆزلەرگە قارا، ئات ئۈستىدە قىلىچ ئويناتقان
ئاۋۇ سۇلارغا قارا، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان
ئاۋۇ تاغلارغا قارا، تەسبىھ ئېيتىۋاتقان
ئاۋۇ دەريالارغا قارا، يىغلاپ ئېقىۋاتقان
ئاۋۇ ئادەمگە قارا، ئۆلۈمگە كېتىۋاتقان....


يۈرىكىم ياستۇقۇڭدۇر

ي
ۈرىكىم ياستۇقۇڭدۇر
ئۇخلايسەن
شاماللاردەك، بۇلۇتلاردەك، يامغۇرلاردەك...
خىيالىم ئۇيقۇڭغا ئەتىر گۈللەرنى چاچىدۇ
چىمەنلەرنى چۈشەيسەن

پەلەمپەيلەردىن چۈشىمەن
ئاۋازىڭدىن قاتۇرۇلغان
رىشاتكىلارنى سىلايمەن
چاچلىرىڭدىن گۈللەر چېكىلگەن
سۇ ئىچىمەن بۇلاقلاردىن
كۆزلىرىڭدىن تېشىپ چىققان
قەسىرلەر سالىمەن مەرمەرلەردىن
ئاغزىڭنىڭ ھىدىدىن چىققان
قول سۇنىمەن ئالمىلارغا
تېنىڭدە پىشقان...

يۈرىكىم ياستۇقۇڭدۇر
پەرىشانلىق پەيلىرىدە تىكىلگەن
ئۇخلايسەن ھەسرەتتەك، قايغۇدەك
شائىرنىڭ جىملىقىدەك
ئۇخلايسەن يۈرىكىمدە
يىراق بىر يەردە...

كېچىلەردىن چۈشىمەن
يامغۇردەك، شامالدەك، بۇلۇتلاردەك
چۈشلىرىڭ چىمەنلەرنى سەير ئېتەر
ئۇخلايسەن ھەسرەتتەك، قايغۇدەك
جىمغۇرلىقىمدەك...


ئاپتور: قورغاس ناھىيە مەركىزى سانائەت سودا بازىرى 24-دۇكاندا

«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:52  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش