كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 2

(كۆكيار) سۇ كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  207
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 3
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇ كەلدى


سۇ كەلدى سۇ
بىز ياسىغان كىچىك ئىرىقتىن
ئۆتتى چۈمۈلىلەر
ئات قىلىپ يۇپۇرماقلارنى.
مامكاپ گۈلى
كۆرگەندەك خەلىقنىڭ پادىشاھىنى
سالام قىلدى ئىگىلىپ .

ھەي بالىلار،
سۇ ۋە لايدىن قەلئە ياساڭلار
بىز كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلايلى
قەلئە ئالدىغا
تىزايلى قاتار قىلىپ مەڭگۈ تاشلارنى.
بىز چاپقان ئىرىق
ئېقىپ ئۆتسۇن شەھەرنىڭ ئوتتورسىدىن .

جۈرئەت
سەن ۋاراتانىڭ چىگرىسىنى ئايرىۋەت
بىز توپ تېپەيلى
كىم يەڭسە شۇ سۇلتان بولسۇن .
يېڭىلگەنلىرىمىز
ئارغىماق ئېتىمىزغا مېنىپ
قوغدايلى قەلئەنى يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ۋۇجۇمىدىن
بىز تاكى
ئانىلىرىمىز ئىسىملىرىمىزنى توۋلىمىغۇچە
قايتىپ كىرمەيلى...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 15:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 359
تۆھپە : 1
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتىكەن . بالىلارغا خاس بۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىلىنىڭ تېخىمۇ راۋان بۇلۇشىغا يەنە كۈچەپ باققان بولسىڭىز ئېسىل ئىش بولاركەن !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  207
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 3
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قار بالا


كۆزىنى كۆمۈردىن
بۇرنىنى سەۋزىدىن
بىر قار بالا ياسىدىم .
بوينىغا
ئېسىپ قويدۇم شارپامنى .
توڭۇپ كەتمىسۇن دەپ
كېيگۈزدۈم چاپىنىمنى.
ئۇمۇ شوخ ئىكەن
كېيىۋالدى شەپكەمنى.

بىر دەمدىن كىيىن
قۇياش چىقتى ئۇپۇقتىن
قار بالا خۇش بولۇپ كۈلۈپ كەتتى
ئۇنىڭ قوللىرى ئېرىپ كەتتى
مەن يىغلاشقا باشلىدىم،
بىچارە قار بالا ئۆلۈپ كەتتى.

دەپنە قىلدىم ئۇنى قۇياشقا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش