كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 3

ئاپامنىڭ يېڭى ھېكايىسى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 525
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 12:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپامنىڭ يېڭى ھېكايىسى...


ئاپام بىرىنچى ھېكايىسىنى ئېيتقان ئىدى بەك مۇڭلۇق، بۇ ھېكايە ئىچىدە ئالتە بالا ئۆتكەن ئىدۇق ئىجىل. مانا بۈگۈن ئاپام ئىككىنچى ھېكايىسىنى باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر بالىغا ئېيىتقان ھېكايىسى ئوخشىمايدۇ.
«مەن دادىڭىز بىلەن تۇنجى توي قىلغاندا قار چۈشمىگەن مەزگىل ئىدى. بىز توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قار توختىماي ياغدى. شۇ چاغلاردا ئۆز ئۆيۈم بىلەن دادىڭىز بىلەن تۇتقان ئۆيۈم يىراق بولغاچ ھەر بارساق بىر كۈن قونماي قايىتمايتتۇق. بىز دائىم ئاشۇ ئۆيگە بېرىپ قونغاندا قار يېغىپ قالاتتى.دەل شۇ كۈنى بىزنىڭ ھويلىنى يوغان ئاياغ تاۋۇشى بىر ئاللاتتى. ھەمدە بۇ ئاياغ تاۋۇشى  نەچچە مەن ياتقان دەرىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ قايتاتتى. بۇ دادىڭىز ئىدى. مەن دادىڭىزنىڭ بۇنچە بالدۇر نېمىگە مەن ياتقان ئۆينىڭ دەرىزىسىگە كېلىش سەۋەبىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئاپامنىڭ يېنىدا ئۇزۇن يېتىۋىلىش ئۈچۈن بېشىمنى يوتقانغا تېخىمۇ پۈركىۋالاتتىم. نەچچە رەت شۇ ئاياغ ئاۋازى تەكرار تەكرارلانغاندا، ئاپام مېنى تۈرتۈپ «قىزىم ئالىمجان قار سۈپىرىدىغان سۈپۈرگە ئىزدەۋاتىدۇ ئەقىچان، تېپىپ بەرگىنە، سىزلەرنىڭ كەلگىنىڭلارغا ھەر دائىم ئاق يوللۇق قىلىپ قار ياغىدۇ، ئالىمجاننىڭ نەچچە مېڭىشىدىن  قېلىن ياققاندەك قېلىدۇ. بولمىسا ئۇكىلىرىڭ قانداق تازلاپ بولاتتى» دەپ سۆزلەپ قوياتتى. مەن ئاستا قوپۇپ دادامنىڭ جۇۋۇسىنى ئارتقىنىمچە تېشىغا چىقسام. دادىڭىز قوللىرىدا قارنى ئېتىۋاتقان ھالىتىنى كۆرەتتىم. دادىڭىز «بۇ ئۆيدە سۈپۈرگىنىڭ ئورنى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟ بۈگۈن يەنە تاپالمىدىم» دېگىنىچە ئاشۇ ئۆتكۈر كۆزلىرىدە ماڭا قارايتتى. مەن قىزارغىنىمچە ئاستا ھويلىمىزنىڭ بىردىن بىر كۆتمەك سۈپۈرگىسىنى ئىزدەيتتىم. ئۇ چاغلاردا تۇرمۇشىمىز غورگۈل بولغاچ بەزىدە دادىڭىز بۇ ئۆيگە كەلگىنىدە كۆتمەك سۈپۈرگىنى قولىغا ئېلىپ «كېلەر قېتىم سۈپۈرگە ئېلىپ كېلەيلى» دەپ قوياتتى. ئەمما ھەردائىم بۇ ئۆيگە كېلىمىز دېگىنىمىزدە قىيىن ئاپامنىڭ «ئۆيگە ئالغاچ بېرىڭلار» دېگەن نەرسىلىرىنىڭ كۆپلىكىدە كۆتۈرەلمەي ئالمايتتۇق.
دادىڭىز قولۇمدىكى سۈپۈرگىگە قاراپ قويۇپ ئېغىر ئۇھسىناتتى. مەن ئۇنىڭ ئۇھسىنىشلىرى ئىچىدە بىر بىرىدىن بىر ياش پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئىنىلىرىمنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇلار ياتقان ئۆيگە كىرەتتىم. دادىڭىز قارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ سۈپۈرەتتى. ئاپام كاڭدا ئولتۇرۇپ مەشنىڭ ئىسسىقىدا تەرلىنىپ كىيئوغۇلنىڭ راھەتىنى كۆرەتتى. دادام قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭا ۋە دادىڭىزغا ئىنساب تىلەپ جەينامازدا ئۇزۇن ئولتۇراتتى.
دادىڭىز ھويلىلارنى تازىلاپ بولغاندا كۈن پارقىراپ چىقاتتى. ئۇنىڭ مەڭزىنىڭ قىزىللىقىنى ئۇ ئۆيگە قوللىرىنى ئۇۋىلاپ كىرگىنىدە بىلەتتىم ھەم سۆيۈنۈپ قالاتتىم. دادام تاپسىغا چۈشۈپ دادىڭىزنى يۇقىرىغا قوللىرىدىن تۇتۇپ چىقىراتتى. ئاپام سۇرۇپ تۈنۈگۈن بىز ئېلىپ كەلگەن قايماقتا قايماقلىق قىلىپ ئەتكەنچاينى ئېتىپ جوزىغا ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ جېھرىدىكى خوشاللىقلارنى،كۆزلىرىدىكى رازىمەنلىكلەرنى كۆرگىنىمدە ھاياجانلىنىپ دادىڭىزغا يەر تېگىدىن قايتا – قايتا قاراپ قوياتتىم.
چاي شۇنداق ئىچىلەتتى. بەش ئىنىم دادىىڭىزنىڭ ئۆپچىرىسىدە ھېلى دادىڭىزنىڭ مەڭزىنى سىيلىسا ھېلى قاتتۇرۇپ كەيۋالغان شەپكىسىگە ئېسىلاتتى. ھېلى پار - پۇر پارقىراپ تۇرغان خۇرۇم چاپىنىنى يېنىش يېنىشلاپ تۇتۇپ قوياتتى. دادىڭىز ئېگىز بولغاچ دائىم روس ئەرلىرىگە ئوخشاش ئۇزۇن ئۆتۈك، خۇرۇم چاپان، مۇيلۇق شەپكە كىيىپ يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا خۇددى ئۆزۈمنى بىر قوغدىغۇچى بىلەن بىخەتەر ماڭغاندەك ھاياجانلىناتتىم. مانا كېچە قار يېغىپتۇ، ئەتتىگەن سەھەر قوپۇپ دادىڭىزنى ئەسلەپ قالدىم. دادىڭىز قار تازلىغاندىكى ئاپامنىڭ ھاياجانىنى بىلىپ بېقىشنى تۇيۇقسىز خالاپ قالدىم. ئەمما بۇ شەھەردە ھويلا يوق!»
ئاپام كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئىدى. مەن كۆزلىرىمنى دەزىرىگە تىكتىم. تېشىدا لەپىلدەپ قار ياغماقتا. قارغا قارىغىنىمچە قاردىن باشلانغان تۇنجى قەدىمىمدە ئاپامنى مومامدە،ك دادامنى بوۋامدەك ھاياجانلارغا قويالمىغىنىمدىن ئەبسۇسلىنىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلمەكتە، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن « مۇنىرە، كېلەر يېلى قار ياققاندا غولجىغا بارايلى، مەن ھويلىدىكى قارنى پاكىزە سۈپۈرۈپ ئاپامنى بىر قېتىم بولسىمۇ خوشال قىلاي» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.  مەن كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم. دادام بولغان بولسىمۇ، ئاپامدەك مۇشۇنداق ئارزۇدا ياناار بولغۇيدىمۇ، مەندەك باغرى تاش قىزىنىڭ قاردىكى باسقان قەدىمىنىڭ بۇ شەھەرگە چۈشكىنىگە رازى بولار بولغۇيدىمۇ؟! تۇيۇقسىز قەلبىمدە يەنە بىر ئارمان كۆتۈرۈلدى. مەن ئاستا دەرىزىگە تىكىپ تۇرۇپ لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان قارغا ئىچىمدە سۆزلىدىم « كېلەر يىلى بىر قېتىم قار ياغقىچە يۇرتۇمغا بېرىپ قار يېغىشىنى ئاپام بىلەن كۈتۈپ ئاپامنى باغرى تاشلىقىم بىلەن ئەمەس، ئۆز ئارزۇلىرى بىلەن خوشال قىلمىسام»


2013- يىلى 14- يانۋار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 12:48  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 338
تۆھپە : 2
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىڭىزنىڭ  يېڭى  ھىكايىسىنى ئوقۇغىنىمدىن خوشالمەن سىڭلىم . مەندىن ئانىڭىزغا سالاملار بولسۇن . ھەر بىر كۈنى خاتىرجەملىك ، خوشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن .

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش !
(سەئىدى)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1604
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 131
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 16:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپامنىڭ يېڭى ھېكايىسى يىقىشلىق راۋان چىقىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 785
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 13:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ ھېكايىسىچۇ ھەدە؟

گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش