كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 2

قارىلىق قەسىدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   قارىلىق قەسىدىسى

                                                    ئەخمەتجان ئابدۇللا

     قېرىنداشلار، قىياسىمچە قازاق قەۋمىدىكى قەدىردان قېرىندىشىمىز، قابىل قەلەمدىشىمىز قاۋسىلقان قامىجاننىڭ قازاسىدىن قاتتىق قايغۇردۇق. قارچۇقىمىزغا قىيامەت قەيىم قىياسلىنىپ قەلبىمىزنى قورقۇنچ قاراڭغۇسى قاپلىدى. قوۋناقلىق قۇشلىرىمىز قارىلىق قەپىزىگە قاپسىلىپ قانات قاقمىدى....
    قاۋسىلقان قامىجان قىرانلىقتىن قېرىلىققىچە، قەددى-قامىتى قېڭغىيىپ قىيسايغۇچە قىرىق قىش قەلەمگە قانمىغان؛ قەلب قەسىرىدە ‹‹ قازاقشۇناسلىق ›› قىيامى قاينىغان؛ قەدىر – قىممەتتە قەشقەرىيدىن قېلىشمايدىغان؛ قەلەم-قەغەزگە قاراپ قېنىشمايدىغان ؛ قەلەم قۇۋىتى قايماق، قەدەم قۇربىتى قايناق؛ قۇچاقىغا قالاقلىق قونمىغان، قازاسىغىچە  قۇلىدىن قەلەمنى قويمىغان؛ قازاقلارغا قۇياش، قالغانلارغا قاياش قابىلىيەتلىك قەلەمكەشتۇر.
    قاۋسىلقان قامىجاننىڭ قەلەمكەشلەر قۇشۇنىمىزغا قوشقان قۇتى قەلبىمىز قىرغاقلىرىدا قىيانلايدۇ.
قەدىرلىك قۇرداشلىرىمىزدىن قازاق قېرىندىشىمىز قامارۋاي قۇۋانبىك، قىرغىز قېرىندىشىمىز  قومىغاي قۇلداي، قەشقەردىن قۇربانجان قەييۇم ، قۇمۇلدىن قاۋۇل قادىرلار قاراقاشلىق قاسىم قۇشۇققا قۇشۇلۇپ قاۋسىلقان قامىجاننىڭ قازاسىدىن قايغۇرۇپ قارغۇلارچە قۇشاق قاتماڭلار.
    قاۋسىلقان قامىجاننىڭ قازاسى قەلبىمىزدە قايغۇ قاباھىتىنى قۇتراتسىمۇ، قازاغا قارشىلىق قىلماسلىق ــــ قېرىنداشلارغا قۇتلۇق قىلىقتۇر. قۇرئانىمىزنىڭ قائىدە- قانۇنلىرىمۇ قازاغا قارشىلىق قىلىشنى قوللىمايدۇ.
قازا ــــ قىران، قېرىلىققا قارىمايدۇ.قايسى قالىدۇ، قايسى قايتىدۇ؛  قاچان، قانداق قايتىدۇ قاتار قىلمايدۇ. قەسىرگە قاچقانلارنى قوغدىمايدۇ، قىشلاقتا قالغانلارنى قوغلىمايدۇ.
    قەدىرلىكلەر قامۇسلىرىغا قارىساق، قاشتېشى قەلئەلەردە قونغان قەدىرخاندەك قاغانلارمۇ، قۇرئان قىسسىلىرىنى قەلب قازىنىغا قۇيىۋالغان قارىلارمۇ، قانۇن قامچىلىرىنى قۇلىغا قېسىۋالغان قازىلارمۇ قازادىن قاچالمىغان. قازا قىلماي قالمىغان.
قەدىمدىن قەۋمىمىز قازاغا قايىلدۇر.
قېرىنداشلار، قۇرداشلىرىمىز قازا قىلسا قەتئى قىلچىلىكمۇ قارشىلىق قىياپىتىدە قىقىراشمايلى. قازا قىسمەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ قازا قىلغۇچىنىڭ قوروسىدا قۇرئاننىڭ قۇرلىرىدىن قىرائەت قىلايلى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 359
تۆھپە : 1
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز سەۋىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىمىز .

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  914
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 32
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. بىز ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلارنىڭ تېگىشلىك قەدرىنى قىلىپ قويغىنىمىز ياخشى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش