كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 7

قاۋسىلقان قامجان بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 267
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 15:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىيىپجان تەتقىقاتىغا باغلانغان رېشتە


ئەكرەم ئابدۇمىجىت،مۇھەممەتجان ئەيسا


(شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ پرافىسۇرى،تەتقىقاتچى قاۋسىلقان قامىجان بىلەن سۆھبەت)



سوئال: قاۋسىلقان ئۇستاز ياخشىمۇ سىز، بىز سىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى بولۇپمۇ، تېيىپجان ئىلىيۇپ تەتقىقاتىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەققىدە سىز بىلەن پىكىرلىشىشنى مەقسەت قىلىپ بۈگۈن ھوزۇرىڭىزغا كەلدۇق. تىيىپجان ئىلىيۇپ تەتقىقاتى ئۇزۇن يىلاردىن بېرى سىزنىڭ قولىڭىزدا بىر قەدەر گەۋدىلىك تەتقىق قىلىندى. بىزچە بۇ تەتقىقات ئۆز نۆۋىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ موھىم بىر تەركىۋى قىسمى. مۇمكىن بولسا سىزنىڭ مۇشۇ ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.
جاۋاپ: مېنىڭ تېيىپجان ئىلىيۇپنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىمغا  25 يىل ۋاقىت كەتتى. بۇ يىل ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. ئۇ توغرىسىدا يېزىلغان يەنە بىر پارچە ماقالەم پات ئارىدا «شىنجاڭ گېزىتى»دە چىقىدۇ. مەن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تىيىپجان ئىلىيۇپ ھەققىدە مەخسۇس ئۈچ كىتاپ يازدىم. تىيىپجان ئىلىيۇپقا  مۇناسىۋەتلىك باشقىلارنىڭ ماقالىلىرى، خەنزۇچە ماقالىلار ۋە تىيىپجان ئىلىيۇپنىڭ شېئىر توپلاملىرى بولۇپ جەمى 11 كىتاپ تۈزدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا تېخى مەلۈم بولمىغان خەنزۇ تەتقىقاتچىلىرى  يازغان 10 پارچە ماقالە، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان 500 بەتلىك بىر شېئىرلار توپلىمىمۇ بار.  تېيىپجان ئىلىيۇپنى بىرلا مىللەت ئەمەس بەلكى، ھەممە مىللەت ياخشى كۆرۇدىغان، سۆيىدىغان شائىر. ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىسى مىللەت، چىگرا، ئېرىق ھالقىغان دۇنياۋى تەتقىقات. بۇنى تەتقىق قىلىش مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق بىر چوڭ ئىش. شۇڭا ئۇ ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۈرۈپ زورۇر دەپ قارايمەن.
سوئال: سىز قانداق قىلىپ تىيىپجان ئىلىيۇپ ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
جاۋاپ: مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ تىيىپجان ئىلىيۇپنىڭ شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل سېھرى كۈچ بار ئىدى. شېئىرلىرىدا بىر خىل مەردانە قىياپەت چىقىپ تۈرىدۇ. مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىيكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇ ھەققىدىكى تەتقىقاتىم باشلانغان. مەن بۇ ھەققىدە ئىزدەنگەنسىرى تىيىپجان ئىلىيۇپنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ يوقۇرلىقىنى ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ موھىملىقىنى ھېس قىلدىم. نەتىجىدە بۇ چوڭ تېمىنىڭ قايناملىرىغا كىرىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۇستىگە تىيىپجان ئىلىيۇپنىڭ تەسىرى خەنزۇ ئەدەبىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىيدىلىكنىمۇ بايقىدىم. ئۇ يەنە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سەككىز دۆلەتنىڭ پەيتەختىدە شېئىر ئوقۇغان، 28 پارچە شېئىرى شۇ دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. 23يېشىدا چاۋشەنگە بارغاندا يازغان شېئىرلىرىمۇ چاۋشەن تىلىدا ئېلان قىلىنىپلا قالماي، خەلق گېزىتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. بۇ ئۇنىڭ ئەينى چاغلاردىلا ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى بىر بايراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۈرۈپتۇ. شۇڭا مەن مانا مۇشۇنداق شائىرنى تەتقىق قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ تەتقىقات نوقتىسى قىلدىم. مەن ئۇ ھەققىدە يازغان بىر توپلامغا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گوھىرى» دەپ نام قويدۇم. بۇمۇ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمدىن كەلگەن.
سوئال: سىزچە تىيىپجان ئىلىيۇپنى تەتقىق قىلىشتا يەنە قانداق خىزمەتلەر ئىشلىنىش كېرەك؟
جاۋاپ:مېنىڭچە تىيىپجان ئىلىيۇپنى تەتقىق قىلىدىغان بىر قاۋسىلقانلا بولسا بولمايدۇ. قازاق ئەدەبىياتىدا ئاباينى تەتقىق قىلىدىغانلار 500دىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلار ئاباينى بىر ئىلىم سۈپىتىدە تېخىمۇ يوقۇرى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ كۆپ قىرلىق نوقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ ئېلىپ بارغان. بىزمۇ تىيىپجان ئىلىيۇپنى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقاراغا يۈزلەندۇرۇشىمىز كېرەك.  2010-يىلى بەلكىم  تىيپجان ئىلىيۇپ يىلى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
سوئال:سىزنىڭ تىيىپجان ئىلىيۇپ تەتقىقاتىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان تەرەپلىرىڭىز بولغانمۇ؟
جاۋاپ: بىر ئادەمنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن تەتقىق قىلىش تولىمۇ كەسكە چۈشىدىكەن. ئالايلى مەن تىيىپجان ئىلىيۇپنى تەتقىقى قىلىشتا تولىمۇ قىينالدىم. بۇ تەتقىقات تېمىسىنى تاشلاپ قوياي دېسەم، پۈتۈم مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا سىڭىپ كىتىپتۇ. ئىزدەپ باراي دېسەم ئۇ يوق. يەنە كىلىپ ئۇ توغرىسىدا يېزىلغان سېستىمىلىق تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن. ماتېرىيال مەنبەسى كەم، يۆنۈلۈشلۈك نوقتىلىق تەتقىقاتلار يوق دىيەرلىك ئىكەن. مەن ئۈۈرمچىگە كەلگەندىن كىيىن، قازاقلاردىن سۇلتان جانبولاتۇپنى تەتقىق قىلدىم. بۇ بىر قەدەر ئاسانغا چۈشتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزى بار. بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسەم ئۆزىنى ئىزدەپ بارىمەن. شۇڭا ئۇنىڭغا پەقەت بىر يىللا ۋاقىت كەتتى. بۇغدا ئابدۇللا ھەققىدە يازغان« مانا بۇ بۇغدا» ناملىق كىتاپقىمۇ ئالتە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلدىم. بۇنىڭغىمۇ ئانچە قىينىلىپ كەتمىدىم، چۈنكى، بۇغدا بار. بىز بىرىمىزنى ھېمىشەم كۆرۈشۈپ تۈرىمىز. بىز يىقىن ئۈلپەتلەردىن. دېمەك، ئەڭ ياخشىسى شەخسىلەرنىڭ تەتقىقاتىدا ئۆزى بار چاغدا تەتقىقى قىلىش بەك موھىم ئىكەن.
سوئال: تىيىپجان ئىلىيۇپ ھەققىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ بەرگەن باھالىرى ئاز ئەمەس. سىزچە بۇ ھەققىدكى باھالارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكلىرى قايسى؟
جاۋاپ: تىيىپجان ئىلىيۇپ ھەققىدە راست دېگەندەك كۆپ باھالار بېرىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېتەم ھۈسەيىننىڭ «تىيىپجان ئىلىيۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇشكىنى، ئابايى، ئۇيغۇرنىڭ بايرىقى» دېگەن باھاسى بىلەن نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى ۋاڭ مىڭنىڭ «تىيىپجانغا يىغلايمەن» دېگەن ماقالىسىدا بېرىلگەن باھالار مېنىڭچە بىر قەدەر گەۋدىلىك ھەم قاراتمىلىققا ئىگە. شائىر ئەيچىڭمۇ ئەينى يىللاردا تىيىپجان ئىلىيۇپ بىلەن دوست ئۆتۈپ ئۇنىڭغا تېگىشلىك باھالارنى بەرگەن.
سوئال:سىز بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاپ: بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان، مۇكەممەللىشىۋاتقان، يېڭى ئەدەبىيات دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تېمىسىدا، نەزىريىسىدە يۈكسىلىش ھەم يېڭىلىنىشلار  بولىۋاتىدۇ. شەكىل دىگەن ھەممە نەرسىدە بار. ئەمما مەزمۇن ھەم تېما تاپماق تەس. مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىايتى بىلەن سېلىشتۈرساقمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ. 35 يىل ئىچىدە 300دىن ئارتۇق رومان چىقتى. يەنە كىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇنياۋىلىشىۋاتىدۇ.
سوئال: سىز بىر قازاق ئەدىپ بولۇش سۈپۈتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا گەۋدىلىك توھپىلەرنى قوشتىڭىز. ئىككى خىل ئەدەبىيات ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا قىينالغان تەرەپلىرىڭىزمۇ بولغاندۇ بەلكىم.
جاۋاپ: مەن گەرچە قازاق مىللىتىدىن بولساممۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئەسلا تاشلاپ قويمىدىم. مېنىڭ ياشلىق نەۋقىران ۋاقىتلىرىم جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىقى قىلىش بىلەن ئۆتتى. قەشقەردە 28 يىل تۇردۇم. مەن بىر پاخلانغا ئوخشاش ئىككى ساغلىقنى تەڭ ئەمگەنمەن. شۇڭا مېنىڭ تەتقىقات يۈكۈم تولىمۇ ئېغىر دەپ قارايمەن. تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېيىپجان ئىلىيۇپنى نوقتىلىق تەتقىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاق ئەدەبىياتغا خاس بولغان بىر قىسىم كىتاپلارنى يازدىم. ئارىدا مەن قازاقئىستانغا بىر قىتىم چىقىپ كەلدىم. شۇ يەردە چىقىدىغان «مۇستەقىل قازاقئىستان» ناملىق گېزىتتە مېنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچى قازاق» دېگەن تېمىدا تونۇشتۈردى. بۇ گېزىت قازاقئىستاندىكى نوپۇزلۇق نەشىر ئەپكارى بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپىنچە دۆلەت رەھبەرلىرىنى، مەشھۇر زاتلارنى ۋە ئالاھىيدە توھپىسى بارلارنى تونۇشتۈرىدىكەن. زىيارەت داۋامىدا يەنە بەزىلەر «سەن توغما قازاق تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى شۈنچە پۈختا تەتقىق قىلىۋىتىپسەن،  سېنىڭ بېۋاستە بۇنداق ئوتتۇرغا چىقىشىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدۇ» دېگەندەك باھالارنىمۇ بەردى. مەن مۇشۇنداق ئىككى قېرىنداش مىللەت ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن.
سوئال: ھەر بىر ئەدىپنىڭ مەيلى تەتقىقاتتا بولسۇن، مەيلى ئەدەبىي يېزىقچىلىقتا بولسۇن ئۆزىگە خاس تۇتقان يولى بولىدۇ. سىزنىڭمۇ  ئىجادىيەتتە ئۆزىڭىزگە خاس قانداق ئۇسۇللىرىڭىز بار؟
جاۋاپ:مەن ئادەتتە ئۆزۈمنىڭ تەتقىقاتىمغا پايدىلىق بىرەر ئۈچۈر ئاڭلىسام ئۇنى تاپمىغىچە بولدى قىلمايمان. كۆپىنچە ئۆزۈمنىڭ تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال كۆرۈمەن. ھەممىنى قارا-قۇيۇق كۆرۈش ھاجەتسىز. ئۇ بىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھەم ئاۋارىچىلىق. ئەھيىمىتى بار دەپ قارىغان ماتېرىياللاردىن كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى خاتېرىگە ئىلىۋالىمەن.
سوئال:ھازىر ئەدەبىيات-سەنئەتتە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم؟
جاۋاپ: ھازىر بىزدە كەم بولىۋاتقىنى بىر تۈركۈم قابىل ياش تەرجىمانلار قوشۇنى.  قازاقئىستان بۇ جەھەتتە ئالاھىيدە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. كۆپلەپ خەلقارالىق تەرجىمانلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ھەر خىل تىللارنى بىلىش شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتىدۇ. بىز ئۈچۈن ئىيىتقاندا ئالدى بىلەن مەملىكەت ئىچىگە تونۇتۇش بەك موھىم.  چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭكىنى دۇنياغا تونىتىدۇ. چىڭگىز ئايىتماتۇۋنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى جۇڭگۇغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمۇ ئاساسسىز  ئەمەس.
سوئال:سىزچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە كىملەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايسىز؟
ھازىر بىر قىسىم  يازغۇچى شائىرلار بەزى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە يەنە ھازىر ھاياتلاردىن پىشقان  پىداگوك، ئەتراپلىق تەتقىقاتچى، ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەتجان سادىقنى تەتقىق قىلىش كېرەك. بىزگە مەلۈم، قازاق پىرۇزىسىنى مۇختەر ئەۋىزۇپ يول ئېچىپ بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر پىروزىسىنى زۇنۇن قادىر ئېچىپ بەردى. زوردۇن سابىر ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى مۇئەييەن باسقۇچقا كۆتەردى. ئۇنىڭدىن باشقا مانا مۇشۇ يولغا توھپە قوشقانلارنىڭ ئىچىدە يەنە مۇھەممەتجان سادىقمۇ بار. ئۇنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، تەتقىقات نوقتىسى چوڭقۇر، نەتىجىسى گەۋدىلىك. ئۇنى چاچما شېئر ئىجادىيىتىنىڭ بوۋىسى، يىڭى زامان خەمسىچىلىكىدە زامانىمىزنىڭ ئابدۇرېھىم نىزارىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. پىروزىدا ئۇنىڭ  ئىزدىنىشلىرى كۈچلۈك، رومانلىرىدا پوئىزىيە تىلى كۈچلۈك. ھېسياتنى بېۋاستە ئوتتۇرغا قويىدۇ. ھەر خىل تارىخىي ماتېرياللارغا باي. ئۇنى ھەم بىر تەتقىقاتچى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىپ سەھنىگە ئېلىپ چىققان. ئۇيغۇر فولىكلۇرى جەھەتتە تۈنجى بولۇپ ئىزدەنگەن. شۇڭا ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش زورۇر دەپ قارايمەن.



غۇلجا ناھىيە چۇلۇقاي ئوتتۇرا مەكتەپ ئەكرەم ئابدۇمىجىت
:伊宁县曲鲁海中学:艾克热木。阿布都米吉提
مۇھەممەتجان ئەيسا:غۇلجا ناھىيە رادىئۇ-تېلۋېزىيە ئىدارىسىدىن ئارامغا چىققان


idraksoft

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 907
تۆھپە : 4
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەمنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خەيرلىك ئىشلىرى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ .
«باشقىلار ئۈچۈن تۆت ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويۇشمۇ ، ئەركەكلىك جۈملىسىگە كىرىدۇ». (ھېكمەت خاتىرەمدىن)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 22:47:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 22:47  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  914
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 35
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 23:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قا ۋسىلقان مۇئەللىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمگەك قىلغان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 267
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 16:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  2011- يىلى مەرھۇمنىڭ ئۆيىدە  بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بارغان ھەم بۇنى «تارىم »ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىدۇق. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ ئەدىپنى ئەسلەش، ئۆلۈمىگە قايغۇرۇش مۇناسىۋىتىدە  تورغا قايتا بەردۇق.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 14
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 18:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانىلىق باشقا ھەممە ھەممە تۇيغۇلارنى بېزەيدۇ. بەرىكەت يار بولسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1791
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 14:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قاۋسىلقان قامىجان مىللىتىمىز ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى 。 ئۇنىڭ ئەدىب ئۆلىمالىرىمىزنى ھايات ۋاقتىدا تەتقىق قىلىشى بىز ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ھەقىقىي ئۈلگە . مۇشۇنداق ئەزىمەت ئوغلانلىرىمىز كۆپرەك بولغان بولسا يۇلتۇزلىرىمىز تېخىمۇ چاقنىغان بولاتتى .  شۇ تاپتا زوردۇن سابىر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، مۇھەممەتجان سادىق كەبى ھاياتلىقىدا تەتقىق قىلىنىشقا مۇۋەپپەق بولۇنماي قالغانلار ، ھايات تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈۋاتقان ئەدىبلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ . بىزدە دىدارىنى كۆرۈپ ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئەدىبلىرىمىز ھەققىدىكى بىيوگرافك رومانلار بار، ھەتتا بىرەر ئەسىر ئىلگىرىكىلەر ھەققىدىمۇ ، ئەمما ئالدىمىزدا ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 383
تۆھپە : 2
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 18:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستاز بىر قازاق مىللىتىدىن تۇرۇپ ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ ئىزگۈلۈك ئىشلارنى قىلغان ئىدى . ئۇنىڭ  تىيىپجان ئىلىيوپ ئۈچۈن قىلغان تەتقىقاتى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يارقىن نۇختا . بىز  مەرھۇمغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ  روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمىز . ئەكرەمنىڭ  ئىزدىنىشى تېخىمۇ جەۋلان قىلغاي ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش