تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

دولان ( ساجىدە سۇلايمان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكەننىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تىكەن، مېنى ئۆز قېرىندىشىڭىزدەك كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەسلىمۇ ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا ئەۋلادلىرى بىز، شۇنداقلا  خان ئوغۇزنىڭ  باللىرى بىز، شۇڭا شۇنداق تۇيغۇدا بولغىنىڭىز بەرھەق!

ئەمدى يۇرتۇمنى سورىسىڭىز،  بارچۇق دىيارىدا  شۇنداق بىر ماكان بار ئاجايىپ  گۈزەل.  ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن، خەلقىنىڭ ئىناق ئىجىللىقىدىن، ئەقىدىسىنىڭ ساپلىقىدىن ، تۆمۈر داۋامەت ئاكا بۇ بازارغا: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» دەپ نام بەرگەن ئىكەن، مانا بۇ دەل مېنىڭ ئانا يۇرتۇم  سېرىقبۇيا بولىدۇ. گەرچە مەن كىچىكلا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولساممۇ ئەمما يىلتىزىم يەنىلا شۇ يەردە.
بۇ يەر دەل مەكىت، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىلىرىگە چىگرىداش، بۇ يەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ «دولانلار» دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساجىدە سۇلايمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 01:51  

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بەكمۇ ئېسىل جەڭگىۋار چىقىپتۇ ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاكىمىزنىڭ دېكلىماتسىيەسى بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ دولام قالۇنىنىڭ ئاۋازى تەڭكەش قىلىنغان بولسا بۇ ئاۋازلىق ئەسەر تېخىمۇ ئېسىل چىققاتىكەن ئەمەسمۇ؟

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن.ئاچچىق-چۈچۈك تىللىرىڭىز بىلەن خەلىقىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتقان سىزدەك بىر مەنىۋى بۇلاقنىڭ كېچە-كۈندۈز بۇلدۇقلاپ تۇرۇشىنى،تەپەككۈرلۈك قەلەم شاھىدلىرى بولغان يازمىللىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،  ھارمىغايسىز.
بۇ دۇنياغا كەلدۇق.ھېلىلا كىتىمىز.

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ھەم تىكەن، بۇ تىمىغا ئىشتراك قىلغىنىڭلارغا رەھمەت.

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپېرىن ‹‹دولان››ىڭىزغا.   كىشىگە ھەقىقى زوق بەرگۈدەك ئەسەر بوپتۇ!   

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشڭمۇ سىز؟ساجىدە.ئاللاھ  ئىگەم تۇرمۇشىڭىزنى مەنىلىك،تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن. مەن ھازىر سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزدىن تۆرەلگەن ،ھەممە كىشىگە خۇشاللىق ،ھۇزۇر بېغىشلايدىغان  رومانىڭىز ‹‹مۇھەببەتتە مىنىڭمۇ ھەققىم بار››نى سېتىۋېلىپ ئۇقۇۋاتىمەن.ئۇقۇغانسىرى قۇلۇم ئىشقا بارمايدىغان،ئاخىرسى قانداق بۇلار دىگەن خىيالدا قادىلىپ تۇرۇپ ئۇقۇۋاتىمەن. مەن ئىشىنىمەن سىز چۇقۇم يەنە  مىسكىن قەلىبلەرنىڭ  قەلىب تارىلىرىنى چەككۈدەك ،غەپلەت بۈشۈكىدە ئويغىنالماي ئۇخلاۋاتقان بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان يىگىتلىرىمىز،يوپكىللىرى كىچىكىننە سەلكىن شامالدا قايرىلىپ كەتسە خىجىل بۇلۇشنى بىلگىدەك بولغان غۇبارسىز قىزلىرىمىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇقەددەس ئۆرپ ئادەتلىرىگە  ۋارىسىلىق قىلالىغۇدەك بۇلۇپ چوڭ بۇلۇشى ئۈچۈن ئىلھام مەدەت بولغۇدەك  كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالايسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tikan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 21:00  

بۇ دۇنياغا كەلدۇق.ھېلىلا كىتىمىز.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 04:03 , Processed in 0.096971 second(s), 9 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش