دولان
ساجىدە سۇلايمان
مۈڭگۈزى تاق كەركىدان، ئول باشىدا كۆكمەت دولان،
تەڭدىشى مۈڭگۈز-تۇران،«تۇمشۇق» ئايا! ھەيۋەت دولان.
«غەربىچىن»(ماچىن)بېشى-مۇرئەل بېشى،«ئارچىن» قېشى،
ئىككى «چىن» قېرىندىشى، تۇغقان ئارا ئۈلپەت دولان.
توندىكى بەلباغ تۈرۈم، ئاسقان پىچاق ئەردەك كۆرۈم،
زەپتىدە ئۆلۈم-كۆرۈم پالۋان بىلەك جۈرئەت دولان.
شاپ بۇرۇت مويلۇق بەدەن، يولباش بۆرە ئوۋلار جەرەن،
يىلتىزى «ئوغۇز» تىرەن، قەھرى لاۋا شەرمەت دولان.
قىزلىرى بەرناسىدا، سۇمرۇغ جۇلا پەرۋازىدا،
خۇلقى ئۇز ئەخلاقىدا شەرمى-ھايا ئىپپەت دولان.
بەرمىدىڭ تەقدىرگە تەن، قۇدرەتكە تەدبىر ئىلمى-پەن،
گۈللىسۇن ئانا ۋەتەن ئاھ! ئىپتىخار شۆھرەت دولان.
ئاۋازدا : ئابدۇقەييۇم ئىمىن