كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 2

ئۇرغۇ: شېئىر،روھتىكى كىر ۋە‹‹قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 16:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى


مۇھەممەتجان ئەمەت





             ھەر قاچان
رەڭگى ئۆڭۈپ سۇسلاشقان  روھنى
دۆتلۈكىنى ھەتتا  بىر ئەلنىڭ
تۇيدۇرماستىن، نەمدىمەستىن ھەم
يۇيۇۋالغۇم  كېلىدۇ   سەندە.
قايتا- قايتا دەزماللاپ  -پاتلاپ
قىر چىقارغۇم  كېلەر  مىللەتكە
يۇمشاق باشنى، ئاجىز ئەقىلنى
بىر كېچىدە  ئۇزاتسام  دەيمەن
قايتىش  يولى تاقاق  بېكەتكە.

سەن  نەقەدەر گۈزەل ۋە ھەيۋەت
ئېھ، سۆيۈملۈك  يۇيۇش  دۇكىنى
روھىمدا  كىر، ئىرادەمدە  كىر
سەن  يۇيىۋەت، يۇيۇۋەت ئۇنى.

بۇ شېئىر ‹‹تەڭرىتاغ ›› ژۇرنىلى 1996-يىل 4-ساندا  ئىلان قىلىنغان


شېئىر، روھتىكى كىر ۋە<< قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى>>


ئەمەتجان قۇربان



)مېكرو ئوبزۇر(

‹‹ روھىيەت خىلۋەتلىرىگە پەقەت شېئىر تىۋىشىلا تولۇق يىتىپ بارالايدۇ›› دەپ توغرا  ئېيتىدۇ شائىر مۇھەممەتجان ئەمەت. شېئىرنىڭ رىياللىق چەمبىرىكىدىن  ھالقىپ ئۆتۈپ روھىيەت ئالىمىدە ئۆز سېھرى بىلەن يېقىملىق جىلۋە قىلىشى،چوقان- سۆرەن سېلىشى،ۋە  ياكى ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇشى شېئىرنى ئاز -تولا چۈشەنگەن، شېئىر سىزىمى بارلا كىشىنى ئارتۇقچە گاڭگىرتىپ  قويماس.
  شېئىرنىڭ مەپتۇنكارلىق تۈسى يالىتىلغان بۇ  سېھرى كۈچى بىزنىڭ ئالجىپ قالغان قەدەملىرىمىزنى ئاستا ئالدىغا  سېلجىتىپ ‹‹ ئوربېتا›› دىن چەتنەپ كەتكەن ھېس- تۇيغۇمىزنى يىنىككىنە  غېدىقلايدۇ، بىز  شۇ  چاغدا  تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن غايىبانە  بىر  قولنىڭ كىرلىشىپ تاراقشىپ كەتكەن، سۇسلاشقان جەۋەندە روھىيىمىزنى بىلىنەر-بىلىنمەس  تاتلاۋاتقانلىغىنى ھېس  قىلىپ يىتىمىز.
    بىر ئەلنىڭ دۆتلۈكىنى،مىللەت روھىدا قېتىپ تارشاق بولۇپ  كەتكەن كىرنى(ئەپەندى ماركىلىق  سوپۇن پاراشۇكىدىن نەچچە قاپ  كېتىشىدىن قەتئى نەزەر) قۇرۇق  يۇيۇش دۇكىنىدا يۇيۇپ ‹‹ئاقارتىپ›› مىللەتكە قايتىدىن گۈزەللىك باكتېرىيەسى يۇقتۇرۇش نىمە دىگەن ئۇلۇغۋار ئىستەك،ئۇمۇدكە تويۇنغان روھ -ھە ؟
    بىز مىللەت  روھىدىكى كىرنى ھەر خىل ئۇسۇللار  ئارقىلىق تاتىلاپ  بېقىۋاتىمىز،تاتىلاشقا چۈشكەن بارماقلارنىڭ تېخى  تېلىپ قالغىنى  يوق،ئەختەم ئۆمەر،نىزامىدىن ھۇسەيىن ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن روزى، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم...قاتارلىق ئىستىداتلىق يازغۇچى، شائىر تەقرىزچىلىرىمىز قەلبىمىزنى ماتىلاپ يۈرۈپ مەنىۋىيىتىمىزدىكى  يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى ئېغىز  ئالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. جۈملىدىن بۇ  شېئىرنىڭ  مۇئەللىپىمۇ ‹‹ئۆز ››ىنىڭ قاششاق روھىيىتىدىكى كىرلارنى يۇيۇش ئۈچۈن‹‹قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى›› غا ئىلتىجا قىلغاندەك  قىلىدۇ، شائىرنىڭ  بۇ  ئىلتىجاسى شەخسەن ئۆزىگە ۋەكىللىك  قىلماستىن،پۇتۇن ئاۋام - خەلقىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىغا، ياڭراق  ساداسىغا، يالقۇنلۇق خىتابىغا ۋەكىللىك  قىلىدۇ.
    قان-قېنىمىزغا سېڭىپ  كەتكەن بېزەڭلىك،مەينەتچىلىك،قاششاقلىق،ئۈمۈدسىزلىك، روھى غالىبىيەتچىلىك،شۈكرى قىلىش، ئىرادىسىزلىك... قاتارلىق مەنىۋى زۇكاملار يۈرەك-قەلبىمىزدە ئېغىر  خۇرسىنىش پەيدا  قىلسا مۇشۇ خىل  ھالەتنى شېئىرىي دېتال، ئىتنىك مەزمۇن قىلىپ ئىپادىلەپ  بەرگەن بۇ  شېئىرنى ئوقۇغۇنىمىزدا  شائىر مۇھەممەتجان ئەمەتكە ئىللىق  كۈلۈمسىرەپ  قارايمىز.
    بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى ئىللەت بارغانسىرى ئازايسا شۇ  مىللەتنىڭ چىرايىغا ‹‹ قان›› يۈگرەيدۇ، ئەكسچە بولسا ئۈمۇدسىزلىك پاتقىقىغا  پېتىپ گۆردىن چىققان ئۆلۈكتەك  كۆرىنىدۇ.ئالەمشۇمۇل  ئىززەت- ھۆرمەت  بىلەن ياشاپ كەلگەن،ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە-مىزاننى يىتەكچى  قىلىپ ئىلىم-تەھسىل بىلەن  دۇنيا  مېقياسىدا كاتتا  شۆھرەت ،يۇقۇرى ئىمتىياز دا  ياشىغان  ئەجدادىمىز بۈگۈنكى مەنىۋى دۇنياسى قاسراقلىشىپ  كەتكەن،ئاغزى  قايماقلىشىپ  كەتكەن، يۈزى داپشاقلىشىپ كەتكەن قىسمەن ئەۋلاتلىرىنىڭ تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرۇپ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈپ گۆرىدە قانداقمۇ خاتىرجەم  ياتار؟ جەزىملەشكە بولىدىكى يەنىلا ئۆز  روھىدىكى ئىللەتنى  ‹‹ يۇيۇپ ئاقارتماي›› تاپىنىنىڭ ئۇچىغا قاراپ ماڭىدىغان ئازغۇنلار شەك-شۇبھىسىزكى كەشى ئاسمانغا  بولۇپ قېلىپ بۆكى  قۇرتلاپ كەتكەن قاغا  جىگدىسى بىلەن  تولىدۇ،ئاندىن ئۆزىنىڭ بېشىنى ئۆزى يەيدۇ.
    قىسقىسى،‹‹ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى››  مەنىۋىيىتىمدە سەل-پەل مەنىۋى  سىلكىنش پەيدا قىلدى،بۇندىن كىيىن شائىرنىڭ مانا مۇشۇنداق مۇقامى كۆتۈرەڭگۈ، مىللەت پىسخىكىسىدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرگە تىغ  ئۇچى تىگىپ تۇرىدىغان،رەڭدار ئۈمۈد بىلەن  تۇيۇنغان ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    
    (بۇ  ماقالە 1997-يىلى يېزىلغان. )
    

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرغۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 16:38  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
96-يىللىرى  بۇ    شېئىر  ماڭا  ئازراق تەسىر  قىلغاچقا  بۇ  ماقالىنى  يېزىپلا  ژۇرنالنىڭ  بەت ئىچىگە  قىستۇرۇپ قويۇپتىكەنمەن. ئارىدىن  16 يىل  ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، تېخى3-4 كۈن ئىلگىرى        كىچىككىنە كىتاپخانامدىكى ماتىرياللىرىمنى  رەتلەۋېتىپ بۇ  ماقالە قۇلۇمغا چىقىپ  قالدى، ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسىياتىم، كۆز قارىشىم، دۇنيا قارىشىم، بەدئى كۆز  قارىشىمغا  ھۆرمەت قىلىپ  كونا  بولسىمۇ    بۇ  مۇنبەرگە  يوللاپ  قويدۇم، دوستلارنىڭ توغرا چۇشىنىشىگە  ئەرزىگەي!!!....                بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرغۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 10:42  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 782
تۆھپە : 5
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 19:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ شېئىرنىمۇ ماقالىنىمۇ ياقتۇردۇم. شېئىردىكى مەنە قاتلىمى ماقالە ئارقىلىق روشەن كۆرسىتىلگەنىكەن. يىزىلغىلى ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭا يېڭى ۋە يېقىشلىق تۇيۇلدى.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش