2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئابلىز ئوسمان ،مۇتەللىپ ئىسكەندەر قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ تەشكىللىشى ،مەرھۇم مامۇتجان داۋۇتنىڭ سىرداش يېقىنلىرىدىن "ئاتەش ئارامگاھىنىڭ خۇجاينى سازەندى ئابلىكىم ئەمەت ۋە مۇھەممەتجان تەۋەككۇللەرنىڭ پائالىيەت سورۇنى ھازىرلىشى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى "ئاتەش" ئارامگاھىدا مەرھۇم مامۇتجان داۋۇت ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىغى داغدۇغىلىق خاتىرلەندى .پائالىيەتكە مەرھۇم مامۇتجان داۋۇتنىڭ ھەر ساھەدىكى ئەل- ئاغىينىلىرى شۇنداقلا ھازىرقى ۋاقىتتا ئىگىلىك تىكلەپ بەلگۈلۈك ئۇتۇق قازانغۇچىلاردىن ئابلىكىم ئەمەت ،مۇھەممەتجان تەۋەككۈل،مۇھەممەتجان ئىسلام ،تۇرغۇن سەمەت ،مۇقەررىپ توختى ،مۇھەممەت سەمەت ،مۇختەر ئەمەت قاتارلىقلار ؛ئۇرۇق-تۇغقان ئائىلە ئەزالىرىدىن مەرھۇم مامۇتجان داۋۇتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئايالى گۈلشەن خانىم ،قىزلىرى گۈلمىرە، گۈلچىمەن،گۈلجەننەت ۋە مەرھۇمنىڭ سىڭلىسى گۈلزار داۋۇت قاتارلىقلار : ئاقسۇدىكى ئەدىپلەردىن ئابلىز ئوسمان،مۇتەللىپ ئىسكەندەر ،ئېھسان ئەپەندىم ،مۆھتىرەم يازغۇچىمىز ئەزىز ساۋۇت ئاكا ،باتۇر رەھمىتۇللا،ئەخەت داۋۇت، ئەخمەتجان سادىق،ئەزىز ئەيسا ۋە ئۇلارنىڭ بىرقىسىم رەپىقىلىرى بولۇپ 50تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
خاتىرلەش پائالىيىتى تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك كۈنتەرتىپلەر بىلەن داۋام ئەتتى
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئەڭ ئاۋۋال قەبرىستانلىققا بېرىپ مەرھۇم مامۇتجان داۋۇتنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويۇپ مەرھۇم مامۇتجاننىڭ ئۇ ئالەملىگى ئۈچۈن ئىزگۈ تىلەكلەرنى تىلەشتى .كىيىنكى قەدەمدە يەنە ئۇلار "ئاتەش" ئارمگاھىغا قايتىپ كېلىپ مەرھۇم مامۇتجان داۋۇتقا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ،مەرھۇم مامۇتجان داۋۇت بۈگۈنكى زاماندىكىلەرگە قالدۇرغان ئادىمىلىك، ئىلىم سۈيەرلىك ،ئۆز خەلقى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش ،ھەر ساھەدىلەربىلەن بولغان ئىناق-ئىتتىپاقلىق ، يىراقنى كۈرەرلىك…تىن ئىبارەت قىممەتلىك روھىنى بەس بەستە ئۆز دىكلاماتسىيىسى ،ئەسلىمىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىشتى .
مەرھۇم مامۇتجاننىڭ ئىچ كۈيەرلىرىدىن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كۈچاردىن بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا كەلگەن ئەدىب ئەھەت داۋۇت ئەپەندى مەرھۇم مامۇتجاننىڭ قىزلىرى گۈلمېھرى ،گۈلچىمەن ،گۈلجەننەتلەرگە چىمەن دوپپا تەقدىم قىلدى .
پائالىيەت تۇلىمۇ دوستانە ،قىزغىن ، ئېلىپ بېرىلدى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئاقسۇدىكى يازغۇچى شائىرلار ،ئەدەبىيات سەنئەت ئاشىنالىرى ،كارخانا –ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ مەرھۇم مامۇتجان داۋۇت نۇرلاندۇرغان خەلقىمىزنىڭ ھەرجەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ھۇل تېشى بولغان ئەدەبى ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۆڭۈل بۈلۈش كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت قىممەتلىك روھنى يەنە بىرقېتىم نامايەن قىلدى
تۈۋەندە بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى بىرقىسىم رەسىملەر ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى
مۆھتىرەم يازغۇچى ئەزىز ساۋۇت ئاكا ،ئەزىز ئەيسا، ئابلىز ئوسمان
(ئوڭدىن) 2-مەرھۇم مامۇتجاننىڭ سىڭلىسى گۈلزار خانىم 3-مەرھۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئايالى گۈلشەن خانىم
مەرھۇم مامۇتجاننىڭ قەبرىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 17:04