كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 3

ئەتىرگۈلنىڭ بىشارىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 315
تۆھپە : 1
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 13:10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەتىرگۈلنىڭ بىشارىتى
ئەدەبىي خاتىرە



1

    يول ياقىسىدا تىكەنلىك ئەتىرگۈللەر ئېچىلغان ئىكەن. ئۈچەيلەن بۇ يولدىن پىيادە ئۆتۈپ قاپتۇ.بىرىنچىسى قەدىمىنى تېز-تېز ئالغىنىچە ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئىككىنچىسى ھەيرانلىقتىن ئۇھسىنىپتۇ:
    ـــ ئاپلا! گۈل ئارىسىدا تىكەن بار ئىكەن!
    ئۈچىنچىسىنڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىپتۇ:
    ـــ ياق، تىكەن ئارىسىدا گۈل بار ئىكەن!
    بىرىنچىسى ئېرەڭسىزلىك بىلەن ھېلىقى مەنزىرىدىن قىلچىلىك ھۇزۇرلىنالماپتۇ، ئىككىنچىسى ھېلىقى مەنزىرىدىن ناھايىتى بىئارام بوپتۇ. ئۈچىنچىسىچۇ، ئۇ شۇنچىلىك خۇشال ھەم ئازادە سېزىپتۇ.

2

    يول بويىدا ئەتىرگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ. ئۈچ ئادەم يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ گۈللەرنى زوق بىلەن تاماشا قىپتۇ.
    بىرىنچىسى خۇشاللىقىنى باسالماستىن گۈلنى ئۈزۈشكە تەمشەلگەن ئىكەن، قولىغا تىكەن كىرىپ قاناپ كېتىپتۇ.
    ئىككىنچىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ گۈلگە ئۇزاتقان قولىنى شۇ ھامان تارتىۋاپتۇ.
    ئۈچىنچىسى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەڭ چىرايلىق بىر تال گۈلنى ئۈزىۋاپتۇ.
    كەچتە ئۈچىلىسى چۈش كۆرۈپتۇ. بىرىنچىسى چۈشىدە تىكەننىڭ سانجىلىشىدىن قورقۇپ ‹‹قۇتقۇزۇڭلار!›› دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىككىنچىسى چۈشىدىكى ئەتىرگۈلگە قاراپ ئامالسىزلىقتىن ھەسرەتكە چۆمۈپتۇ. ئۈچىنچىسى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ ئارىسىدا ئەتىرگۈلنىڭ يېقىملىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.

3

    مۇئەللىم دەرستە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئەتىرگۈل توغرىسىدا سۆزلەپتۇ. دەرستىن كېيىن مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپتۇ:
    ـــ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇغىنى نېمە؟
    ـــ قورقۇنچلۇق تىكەن! ـــ دەپتۇ بىرىنچىسى.
    ـــ چىرايلىق گۈل! ــ- دەپتۇ ئىككىنىچىسى.
    ـــ مېنىڭچە تىكەنسىز بىر خىل ئەتىرگۈل يېتىشتۈرۈپ چىقساق دەپ ئويلايمەن، ـــ دەپتۇ ئۈچىنچىسى.
    نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئالدىنقى ئىككى ئوقۇغۇچى ھېچقانداق نەتىجە قازىنالماپتۇ. ئۈچىنچىسى بولسا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپتۇ.
    بۈگۈنكى دۇنيا نەشرىياتى 2002-يىلى 5-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان ‹‹ھېكايىلەر دەۋرى ـــ كىچىك ھېكايىلەردىكى ئۇلۇغ ھېكمەتلەر›› ناملىق كىتابتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
   ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 13:10  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 684
تۆھپە : 4
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 16:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ئەلتۇغ ئەپەندى.

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1410
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 289
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 17:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل قانداق نەرسە؟

گۈل شۇنداق ئۈزۈلىدىغان نەرسە.

ئويناي ئۆرگۈلۈپ قالسۇن يۆرگۈلۈپ،
ئىچىمدە مىڭ قۇل زىندانە بولدۇم.
                       ‹ -خوجا مۇھەممەد ›

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1532
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 45
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 22:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راخمات .بۇ دەرىسنىڭ خەنزۇچىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن بولساممۇ،لىكىن ئىددىيۋى تەربىيەنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش