كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 2

مۇنۇ بېلىجان قويۇپتۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 315
تۆھپە : 1
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 13:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنۇ بېلىجان قويۇپتۇ
ئەدەبىي خاتىرە



    مۇنداق بىر ھېكايە بار.
    بوران-چاپقۇندىن كېيىنكى بىر ئەتىگىنى بىر ئادەم دېڭىز ساھىلىدا سەيلى قىلىۋېتىپ، ساھىلدىكى كىچىك ئورەكلەردە دېڭىز دولقۇنلىرى قىرغاققا چىقىرىۋەتكەن نۇرغۇنلىغان بېلىجانلارنى كۆرۈپتۇ. گەرچە ئارىلىق شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، ئۇلار دېڭىزغا قايتالماي كىچىك ئورەكلەردە قىينىلىپ جان تالىشىۋاتقان ئىكەن.
    خەۋپكە ئۇچرىغان بېلىجانلار بەلكىم نەچچە يۈز، نەچچە مىڭدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئورەكلەردىكى سۇلار قۇمغا سىڭىپ، پارغا ئايلىنىپ، بۇ بېلىجانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
    ھېلىقى ئادەم داۋاملىق ئالدى تەرەپكە مېڭىپتىكەن، تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتە بىر ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ قەدىمىنى توختىتىپتۇ. ھېلىقى بالا ھەر بىر ئورەكتىكى بېلىجانلارنى توختىماستىن دېڭىزغا تاشلاۋاتقان ئىكەن.ئاخىرى بۇ ئادم تاقەت قىلالماي بالىدىن سوراپتۇ:
    ـــ ئوغلۇم، بۇ ئورەكلەردە نەچچە يۈز، نەچچە مىڭلىغان بېلىجانلار بار تۇرسا، سەن قانداقمۇ قۇتقۇزۇپ بولالايسەن؟
    ـــ بىلىمەن، ـــ دەپتۇ بالا بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن.
    ـــ ھە؟ ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا تاشلاۋېرىسەن؟ بۇنى ساڭا كىم قويۇپتۇ؟
    ـــ مانا، بۇ بېلىجان قويۇپتۇ! ـــ بالا بىر تەرەپتىن جاۋاپ بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن بېلىجانلارنى دېڭىزغا تاشلاۋېرىپتۇ، ـــ مانا، بۇ قويۇپتۇ، ئەنە، ئاۋۇ قويۇپتۇ!يەنە ماۋۇمۇ قويۇپتۇ، بۇمۇ...ئاۋۇمۇ!...
    بۈگۈن سىلەر بۇ يەردە ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭلارنى باشلىدىڭلار. سىلەر ھەر بىرىڭلار بۇ يەردە ھاياتلىقنى قانداق قۇتقۇزۇشنى ئۆگىنىسىلەر. گەرچە سىلەر دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ بولالمايسىلەر، ھەتتا بىر ئۆلكە، بىر شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ قۇتقۇزۇپ بولالمايسىلەر.بىراق، سىلەر يەنىلا بىر قىسىم ئادەملەرنى قۇتقۇزۇپ قالالايسىلەر. ئۇلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتەلەيسىلەر. چۈنكى، سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىشىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ گۈزەللىك قوشالايسىلەر، بۇ سىلەر قىلىدىغان ۋە چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. بۇ يەردە مەن سىلەرنىڭ ئىگىلمەي-سۇنماي تىرىشىپ ئۆگىنىپ،مەڭگۈ بوشاشماي ‹‹بۇ بېلىجانمۇ قويۇپتۇ! يەنە بۇمۇ قويۇپتۇ! ئاۋۇمۇ، ماۋۇمۇ...›› دېگەننى چوڭقۇر ئەستە ساقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
    ئىزاھات: بۇ جۇڭگودىكى مەلۇم بىر تېببىي ئىنىستىتۇتقا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇتقى. ئەينى چاغدا ئۇ سۆزلىمەكچى بولغان نۇتۇق تېكىستىنى مەكتەپ دائىرىلىرىگە كۆرسەتكەندە بىر رەھبەر بۇنى چۈشىنەلمەي، نۇتۇق تېكىستىنى ياقتۇرمىغان ۋە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن بۇ نۇتۇق تېكىستىنى ئەينەن ئىشلەتكەن. مەن ئۇ سۆزلىگەن ھېكايىنى پەقەت تېببىي ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرىغىلا ماس كېلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. شۇڭلاشقا تەرجىمە قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بەھىرلەنسەك، دەپ ئويلىدىم. (تەرجىماندىن)
    بۈگۈنكى دۇنيا نەشرىياتى 2002-يىلى 5-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان ‹‹ھېكايىلەر دەۋرى ـــ كىچىك ھېكايىلەردىكى ئۇلۇغ ھېكمەتلەر›› ناملىق كىتابتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
   ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 13:09  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 14:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم، تەربىيىلىك قىممىتى يۇقۇرى  ئىكەن،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 14:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە سەۋىيىڭىزمۇ  يۇقىرى ئىكەن.
ھوزۇرلاندىم! رەھمەت!!
بولسا بالىلار ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىمۇ  تەرجىمە  قىلىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز!
ئاكا، مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 14:25  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش