كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 0

ئەلتۇغ:قەشقەرنامە(نەسىرىي شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 13:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەشقەرنامە


! {8 B4 ~; w4 t7 N; b* T' c% E8 x
8 G0 d6 W) _& n8 C    قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى رەسمىي ئاخىرلاشتى.   {# ]2 f7 S! _+ Y( Z$ p  I$ r/ @3 E" D
    بۇ يىل قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولۇپ، شەھەر قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش، شانلىق مۇساپىنى ئەسلەپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى بىرلىشىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ئىدى. پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرى مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ شەھەردە تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە شەھەرگە قاراشلىق ھەرقايسى يېزا - بازار، كوچا باشقارما، ئىدارە - ئورۇن، كان - كارخانىلارغىچە مەخسۇس قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ھۆججەت تارقاتقاندىن سىرت، «تەڭرىتاغ تورى»، «قەشقەر گېزىتى»، «قەشقەر ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورى»، «قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىسى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پائالىيەت توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدىكى، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، ئوبزورچى قاتارلىق ئەدەبىيات - مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەر ساھە زاتلار «شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى» نى خاتىرىلەش باش تېما قىلىنغان، قەشقەر شەھىرىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى، شەھەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئائىلە، شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش، ئۆتكەن ئىشلار خاتىرىسى، 60 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تەسىرلىك ئىشلار، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا مېھىر - مۇھەببەت، شەھەر خەلقىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان، «ئالاھىدە رايون قەشقەر» نىڭ ياخشى ئوبرازىنى تېخىمۇ يورىتىپ بېرىدىغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل قەشقەر بەرپا قىلىشتەك قىزغىنلىقىنى نامايان قىلىدىغان خەۋەر، تەپسىلى خەۋەر، مۇلاھىزە، نەسىر، ئەسلىمە، شېئىر، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ژانىردىكى 400 پارچىگە يېقىن ئەسەرنى ئىجاد قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتۇردى. «قەشقەر گېزىتى» پائالىيەت توغرىسىدا مەخسۇس بەت تەسىس قىلىپ، بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى گېزىت بېتىدە ئېلان قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئەسەرلەرنى باھالاش ئېلىپ باردى. باھالىغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى ئارقىلىق، ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئاتەشنىڭ «بۇ قەشقەر، شاھانە شەھەر»، ليۇ چۇبونىڭ «قەشقەرگە قونۇۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىن ئۆزگىرىشكە نەزەر» قاتارلىق ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە يېزىقتىكى 40 پارچە ئەسەر تۆت دەرىجە بويىچە باھالاندى.. M1 R- x4 T; M4 N
    تۆۋەندە بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيىتىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

+ D" V  g2 L. F! }1 v9 e7 c, |! l
    ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ (يەكەن  ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)4 N5 t8 H/ M) H% n/ C8 x
+ S; Q  f: |* P
. l& \# n  f* N+ R0 t
قەشقەرنامە
: S' W/ J' \1 Q" k6 B- J(نەسىرىي شېئىر)
* b  `3 F2 m% H* p2 a


3 L  ?; m. I7 f0 Z9 p    قەشقەر!1 U* u2 d/ h! ^, ?8 p
    ئېھ، چىرايلىق، سۆيۈملۈك شەھەر! يالتىرايدۇ سەندە ھەر كۈنى، سۆيگۈ تولغان پارلاق بىر  سەھەر! ھەربىر سۈبھىي دەمدە كۆتۈرۈلگەن ئالتۇن قۇياش ئۇزاق ئەسىرلىك شانلىق تارىخىڭنىڭ نۇرلۇق سېمۋولى بولغان ھېيتگاھنىڭ كۆككە تاقاشقان ھەيۋەت  قۇببىلىرىگە لەۋ ياقىدۇ قېنىپ - قېنىپ... يېڭى تويى بولغان كېلىنچەكتەك تارتىنغىنىچە چۈمپەردىسىنى ئاستاغىنە ئاچىدۇ  يېپيېڭى بىر كۈن، قۇياش باغاشلاپ سۆيىدۇ يەنە ئەگرى - بۈگرى كوچىلىرىڭنى يېنىپ - يېنىپ... چاچار نۇرلىرىنى رەستىلەردىن رەستىگە قەدەر! ئەنە بىر كۈنلۈك ئالدىراش ھايات يەنە باشلىنىدۇ ئۆز رېتىمىدە، قۇۋناقلىق، ئىزگۈلۈك، ئۆملۈك ۋە مېھرىبانلىق قۇچاقلىرىڭغا تاشلىنىدۇ بولۇپ رەسىدە... ھېرىپ قالغان قۇياش مەپتۇن بولۇپ لاتاپەتلىك تۇرقۇڭغا، ھەر گۈگۈمدا ئارام ئالغىلى باغرىڭغا  ئاستاغىنە چۈشەر!
4 D" g, C% b* i  H' x    قەشقەر!
& @; s9 v  W) \# t2 ~3 p& {    قەلبىم تۆرىدە نۇرلۇق بىر گۆھەر! تىلغا ئالسام نامىڭنى ئېغىزىمغا تولدۇرۇپ ھەر چاغ، ۋۇجۇدۇمدا پارلايدۇ ئوخچۇپ يۈكسەك ئىپتىخار، يالقۇنلىغان مېھرىڭدە، پەرۋىشلىنىمەن بولۇپ سەمەندەر! ئۆركەشلەيسەن قەلبىمدە ھەر دەم ۋە بېرىسەن ماڭا كۈچ - غۇرۇر، ئاشۇ سېھىرلىك تىنىقلىرىڭدىن  بىر گۈزەللىك قەلبىمگە كۆچەر! چاقناپ سەندە ئەجداد سىماسى، يۈرىكىمدە ئوت بولۇپ يانار! پارلاپ سۆيگۈم، يېنىپ پاك ئىشقىم  شۇ قەدەر جەزبىدار،  شۇ قەدەر گۈزەل!
" E' a/ c$ J. J5 H' `! Z: i- m, [9 @2 W    قەشقەر! 1 Q$ _: R8 c1 @4 S9 O
    سەن سېھىرگە لىق تولغان شەھەر! گوياكى ئۈستى ئوچۇق مۇزېيسەن پەرىشتىلەر ئۆز قولىدا بېزىگەن، گوياكى زېمىندىكى سېھىرلىك بىر نەقىشسەن ئىسكەندەرمۇ سەندىن نۇسخا ئىزدىگەن! گوياكى بىر سەنئەتكە ئەندازسەن ھەر بىر ئىلىم ئەھلى بىر كېلىشنى ئىستىگەن! ئالەم بازارىدا  يەكتاسەن، يەكتا، ئەسىردىن ئەسىرگە خەلقىم قەلبىدە بىر بۈيۈك پەدەر! سەن ئەزىزانە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئوچىقىسەن، تالايلىغان ھېكمەت تولغان تىلسىماتلار قۇچىقىسەن، ئەجدادلار ئەقىل - پاراسىتىنىڭ يۈكسەك جەۋھىرىنىڭ چوققىسىسەن! ئىلىم - ئېرپان، مەرىپەتنىڭ بۈيۈك قۇچىقىسەن شۇ قەدەر يالقۇنلۇق، شۇ قەدەر ئوتلۇق ۋە شۇ قەدەر گۈزەل! ئەنە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ، پارلاق تارىخىنىڭ ئىزلىرى مۇجەسسەمدۇر ئىللىق كۆكسۈڭدە! ئەنە، يۈسۈپ، مەھمۇد بوۋىلىرىمنىڭ نۇرلۇق سىماسى يالتىرار گۈل چېھرىڭدە! ئەنە، «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئالەمشۇمۇل ھېكمىتى چاقنار لاتاپەتلىك سېھرىڭدە، تالايلاپ ئەۋلاد باغرىڭدا ئۈزەر! سەن يۈرىكى ئالەمنىڭ! سەن تىلىكى ئادەمنىڭ! سەن تۈۋرۈكى ھاياتلىق ۋە ماتەمنىڭ! يورۇتىسەن ئەۋلاد قەلبىنى بولۇپ گوياكى نۇرلۇق بىر ئەختەر!3 j2 K+ e0 C- E
    قەشقەر!, J. |. P  F5 A% f
    مۇھەببەتلىك قەدىمىي شەھەر! ئەنە، تۈمەن دەرياسى يىلان كەبى سوزۇلۇپ، تالايلىغان تارىخ-كەچمىشلىرىڭگە گۇۋاھ بولۇپ، تولغانغىنىچە يىراق - يىراقلاردىن مەۋج ئۇرۇپ ئېقىپ كېلەر! ئەنە، مەردۇ-مەردانە ئوغلۇڭ سىيىت نوچى كەبى باتۇر ئەزىمەتلىرىڭ ۋۇجۇدىنى كۈچلىمەك بولۇپ زۇمرەت سۇلىرىڭنى ئوچۇملاپ ئىچەر! ئەنە، ئۇ شاۋقۇن سالىدۇ...  تولغىنىدۇ... چاپچىيدۇ... ئەۋلادلار قەلبىگە كۈچ - جاسارەت بېرىپ، شاۋقۇن سالىدۇ جۇشقۇن شۇ قەدەر!
' b0 o: b, m2 [, P( }3 ]    قەشقەر! * X  r  T; K7 f! F0 c; y6 s
    قەلبىمدىكى يىگانە شەھەر! چاقنىماقتىسەن تارىخ بېتىدە شۇنچىلىك يىگانە ۋە شۆھرەتلىك لاتاپىتىڭ بىلەن بولۇپ گويا نۇرلۇق بىر زۆھەل! جاھان ئەھلى بولۇشۇپ ھەيران ياش تۆكىدۇ قىلغىنىچە ئىللىق تەبەسسۇم، مەپتۇن قىلىسەن ھەر دىلنى تۈگەل! ئەنە، چېلىنماقتا دەۋرنىڭ گۈدۈكى ھەيۋەت، كېتىۋاتىسەن سەپنىڭ ئالدىدا شۈنچىلىك مەغرۇر ۋە قەيسەر! ھەر مۈشكۈلاتقا بېرىسەن تاقەت، توسالمايدۇ سېنى ھېچ خەتەر!  گويا ھەر قەدەملىرىڭدە  ئالەمچە ئۇتۇق، شان - شەرەپ ۋە كاتتا زەپەر...
& A+ M: g% I* f3 T    قەشقەر!
( d4 X8 u( \  X. M; t    مەغرىبتىكى مەرۋايىت شەھەر! ئەنە... قوينۇڭدا ئىمارەتلەر كۆتۈرمەكتە قەد - شۇنچىلىك ئېگىز، شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە شۇنچىلىك رەت - رەت!  ئۈمتۈلمەكتىسەن تارىخ ئېقىنلىرىدا، بولۇپ كەلگۈسىگە سەرۋاز! سەندە ئۆزگىرىش، سەندە ئىنتىلىش، سەندە يېڭىلىق، سەندە يۈكسەك بىر پەرۋاز! قالدۇرماقتىسەن ئالەم - جاھاننى شۇنچىلىك ھەيرەت! سەن تاڭدىكى چولپانسەن چاقناق، خىرەلەشمەس ئەبەدىل ئەبەد! باھادىر يىگىت - قىزلىرىڭنىڭ  تومۇر - تومۇرلىرىدا، ۋۇجۇد - ۋۇجۇدلىرىدا، قان - قانلىرىدا ئۇرغۇيدۇ كۈچ - جاسارەت، ئۇلۇغۋار غەيرەت! خەلقىڭ ياڭرىتىدۇ ھەر زامان يېڭى دەۋرىڭ ئۈچۈن ئۆلمەس كۈي - غەزەل! بىنالىرىڭ پۈتكەن غۇرۇردىن، كوچىلىرىڭ تومۇرىدۇر ئىماننىڭ، ئارتۇق كەتمەس بېھىش سەندە دېسەممە ئەگەر! پەخىرلىنىپ غەزەلخان ئوغۇل - قىزلىرىڭ، شەنىڭ ئۈچۈن كۈي - داستان پۈتەر!
( n+ y7 p/ |6 H# w    (تامام)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 13:06  
2 m  G( h1 O# |' h# L3 |( p  N

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش