داپ چېلىش
(نەسىر)
ئابدۇمىجىت قاھىر
سۈپسۈزۈك بىر ئېرىق سۇ قىزنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆكسىنى رېلىس قىلىپ ئاۋۋال بەللىرىگە، ئاندىن ئۇنىڭ ئىنچىكە بەللىرىنى بويلاپ تولغان ساغرىسى ۋە يوتا-يوتىلىرىغا قاراپ ئېقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كىيىمسىز تېنى سۇ ئىچىدە خۇددى رىۋايەتلەردىكى گۈزەل مەلىكلەرنىڭ ئاپئاق يىپەك يوتقان ئىچىدىكى سۈپسۈزۈك قاشتېشىدەك تېنى بولۇپ ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى. بۇ قولۇمدىكى ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقان داپنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن قوياش نۇرىنىڭ كاللامدىكى باشقىچە شەكىلدە ئەكىس ئېتىشى ئېدى.
مەن ئاۋۋال قولۇمدىكى يوغان داپنىڭ قىرلىرىغا ئۇرۇپ باقتىم. تاكىلدىغان زىل ئاۋاز بىلەن تەڭ قاپقارا بىر تال چۈمۈلە داپ يۈزىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. مەن داپنى رىتىمسىز بىر ئاھاڭغا ئۇرغاچ داپ چېلىۋاتقان يوغان بارمىقىمنى داپ مەركىزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ باقتىم.
بوم ئاۋاز...
چۈمۈلە سىلىق تېرىدىن تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتەتتى-يۇ يەنە يۇقىرىغا يامىشىشنى داۋام قىلاتتى. داپنىڭ خۇددى ئاياللارنىڭ يالىڭاچ رەڭگىگە ئوخشايدىغان قېلىن تېرىسى مېنىڭ داپ چېلىۋاتقان ھەم ئەشۇ قىزنىڭ ئادەمسز جايدىكى تېنىنى قانغۇچە تاماشا قىلىۋاتقان چاغدىكى يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدەپ سوققىنىغا ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە يېنىڭ تىترەپ غەلۋە قىلاتتى. مەن ھېچقاچان چۈمۈلىگە بۇنچىۋالا قىزىقسىنىپ قاراپ باققان ئەمەس. ئۇ پەقەت يەرلەردە، تېرىكىپ تۇرغان جۇدۇن ئادەملەرنىڭ بويۇنلىرىدا تىمسىقلاپ يۈرىيدىغان كىچىككىنە بىر جانلىق. چۈمۈلىنى سۇ ئىچىدە ئۆز ئەكسىگە قاراپمۇ قويماستىن كۆككە قاراپ ياتقان ئەشۇ قىزغا ئوخشىتىش تامامەن مومكىن. چۈنكى ئۇنىڭ زىلۋا تېنىنى داپ ئۈستىدە توختىماي ئۆمىلەۋاتقان چۈمۈلنىڭ تېنىگە سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇلاردىكى بىردىنبىر پەرق ــــ قىز ئىنتايىن ئاپئاق، چۈمۈلە بولسا....
مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تېگىدىن چىقىۋاتقان، رېئاللىققا بويسۇنۇشنى پەقەتلا خالىمايدىغان بىر خىل كۈچلۈك تۇيغۇ بىلەن ئۇنىڭ ھەممە جايلىرىغا بىردىنبىر قاراپ چىقماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە كۆز يۈرگۈتۈشنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىدىم. چۈنكى مەن ئاپتاپقا قاقلاپ تۇرۇپ يەڭگىل تاراقشىتىۋاتقان داپنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ تۇرغان قاپقارا چۈمۈلە ماڭا داپ يۈزىدىن شۇنداق بىر پەرى بولۇپ كۆرۈنگەن قىزنىڭ ئۇياتلىك يەرلىرىنى توسۇپ ئۆلۈپ قالغاندى...
2012-يىلى 2- ئاپرىل
(چارەك)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساباھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-2 21:09