پىداگوك، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى قاۋسىلقان قامىجان ۋاپات بولدى
6 k: z* s5 T7 d
" u3 K$ c& G/ e1 ]" ^$ _
# Q% B! Y1 S. D+ \' R9 |/ Tئاتاقلىق پىداگوك، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى قاۋسىلقان قامىجان 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىي بىلەن 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. قاۋسىلقان قامىجان 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1964-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ جۇڭگو تىل ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1964-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، 2002-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىرىق يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، «قازاق كىلاسسىك ئەدەبىياتى»، «نەسىرچىلىك يېزىقچىلىقى»، «جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر قازاق ئەدەبىياتى»، «ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان قازاق ئەدەبىياتى»، «ئاباي تەتقىقاتى»، «سېلىشتۇرما ئەدەبىيات» قاتارلىق ئون نەچچە خىل دەرسلەرنى ئۆتكەن.2011-يىلى «چىڭغىز ئايتماتوف ئاكادىمىيەسى»نىڭ ئاكادىمىكلىكىگە سايلانغان. قاۋسىلقان قامىجاننىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىنجىلىرى ناھايىتى مول بولۇپ،ئۇ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا «تېيىپجان ئېلىيۇپ تەتقىقاتى»،«ئەل قەلبىدىكى تېيىپجان ئېلىيۇپ» قاتارلىق تەتقىقات نەتىنجىلىرى بىلەن تېيىپجان ئېلىيوپ تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. «سۇلتان جانبولاتوف ۋە ‹ئېلجاۋ كۈنبېي› رومانى» قاتارلىق ئەمگەكلىرى بىلەن سۇلتان جانبولاتوف ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنە «مانا بۇ بوغدا» دىگەن ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى بىلەن بۈگۈنكى دەۋىر شىئېرىيىتىمىزدىكى ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللانى جاھان ئەھلىگە تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۆھىرى»،«ئۇلۇغ سىما، نۇرانە ئابىدىلەر»،«ئىز ۋە ئۈلگە»،«قەلەم ۋە قەدەم»،«قازاق ئەدەبىياتى ھەققىدە»،«ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»،«جۇڭگو ھازىرقى زامان قازاق ئەدەبىياتى» قاتارلىق 24 كىتاپنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرغان. بۇلاردىن باشقا يەنە «ئايتماتوف جۇڭگودا»،«تېيىپجان ئېلىيوپ شىئېرلىرىدىكى پەلسەپەۋى قاراشلار»،«كاسىمبەي ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە» قاتارلىق 320 پارچە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. قاۋسىلقان قامىجان «قازاق ئەدەبىياتى ھەققىدە» ناملىق كىتابى ئارقىلىق مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا، «ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئويلار» ناملىق كىتابى ھەمدە «مىكرو ھېكايە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىكى پەلسەپەۋىي قاراشلار» ناملىق ماقالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 7-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
* n) h1 w) V' L7 a$ u0 N
! @' y$ {5 ^5 h- [. z: ~' t: F
, i# o* P! N, N* b' o
مەرھۇمنىڭ نامىزى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ياڭخاڭ (نوغاي) مەسجىدىدە چۈشۈرۈلىدۇ.
|