كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 1

ئون قەدەم ئارلىقتىكى بوشلۇقنى قەدىرلەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1003
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 06:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون قەدەم ئارلىقتىكى بوشلۇقنى قەدىرلەش
شىې فېڭروڭ
قىزچاق پىتنە-ئىغۋاغا ئۇچرىغانلىقتىن مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ يۈرەلمىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقىلار سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرگىدەك ئەسكى قىز بولماستىن،بەلكى ئاق كۆڭۈل ئاجىزە ئىدى.ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز سىرتقا چىقىشقا پېتىنالماي،4-كۈنى سەھەردىلا ئۆيىدىن چىقتى،خىزمەتكە ئەمەس بەلكى تاغ چوققىسىدىكى بۇتخانىغا باردى.
  بۇتخانىدا بىرمۇ تاۋاپ قىلغۇچى يوق ئىدى.غەرەزسىز راھىب سەھەر كەلگەن بۇ قىزچاقنى كۆرۈپ،يېنىك خورسىندى.
  قىزچاق ئاۋۋال بۇتساتۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ قەغەز كۆيدۈردى،ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ،غەرەزسىز راھىبتىن،-قانداق قىلسام،بۇ قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىمەن؟،دەپ سورىدى ۋە ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە بۇتقا قاراپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ پاكلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى.
-ماڭغىن،-دېدى راھىب قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ.
-نەگە بارىمىز؟،-سورىدى قىز.
-مەن سېنى قەلبىڭدىكى تىلسىمدىن ئۆتكۈزۈپ قوياي!،-جاۋاپ بەردى راھىب.
-ئەجىبا بىر نەچچە قەدەم ماڭغانغا قەلبىمدىكى تىلسىمدىن ئازاد بولارمەنمۇ؟،قىزچاق ئىشەنمىگەن قىياپەتتە راھىبقا ئەگىشىپ ماڭدى.
ئۇلار بۇتخانىدىن چىقىپ،تاغ چوققىسىدىكى ئوچۇقچىلىققا كېلىپ توختىدى.بۇ چاغدا پۈتۈن ئاسمان-زېمىننى تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولۇپ،ئون قەدەم يىراقلىقتىكى نەرسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتى.-قارا ئۇ نىمىگە ئوخشايدىكەن؟-سورىدى قىزچاقتىن راھىب ئالدىدىكى تۇماننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
-بۆرىگە ئوخشايدىكەن،دېدى قىزچاق.راھىب بۇرۇلۇپ يەنە بىر توپ تۇماننى كۆرسىتىپ،نىمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى سورىدى،-يولۋاسقا ئوخشايدىكەن،-دەپ جاۋاپ بەردى قىزچاق.
-توغرا،بۇ تۇمانلار خۇددى يىرتقۇچ بۆرە-يولۋاسقا ئوخشايدۇ،لېكىن ئۇلار ساڭا زىيانكەشلىك قىلالامدۇ-يوق؟،قاراپ باق!،-دېدى راھىب قىزچاقنى ئۈندەپ.قىزچاق ئەڭ قويۇق بىر توپ تۇمانغا ئۆزىنى ئاتتى،ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپ سۈكۈتتە تۇردى،ئەمما ھېچنىمىنى سەزمىدى.
  قىزچاق كۆزىنى ئېچىۋىدى،راھىب ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.
  -پىتنە-ئىغۋا دەل تۇمانغا ئوخشاش نەرسىغۇ؟،قارىماققا ئۇ كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ،لېكىن بەرىبىر ئىچى قۇرۇق نەرسە-دە؛ئەمما ئادەم قارىماققا ئاجىزدەك كۆرۈنسىمۇ،قەددىنى رۇسلاپ،تەۋرەنمەي تىك تۇرۇپ،قۇلاقنى يوپۇرېۋىلىپ،كۆرمىگەنگە سېلىپ يۈرەلىسىلا،پىتنە-ئىغۋ قىلچىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.ئېھتىمال سېنى شۇنداق كۇس-كۇس پاراڭلار،شۇنداق ياۋۇز كۆزلەر چىرمىۋىلىشى مۇمكىن،ئەمما سەن بۇنىڭلىق بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايسەن،-راھىب سۆزىنى توختىتىپ،قىزچاقنى ئەتراپىدىكى تۇماننى كۈزىتىشكە ئۈندىدى.
  قىزچاق ھەر بىر توپ تۇماننى ئىنچىكە كۈزەتكەندىن كىيىن،-مەن تۇماننىڭ بىر خۇسۇسىيىتىنى بايقىدىم،ئۇ بولسىمۇ،تۇمان پەقەت ئون قەدەمنىڭ سىرتىدا بولىدىكەن،ئون قەدەمنىڭ ئىچىدە كۆرۈنمەيدىكەن،-دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
  راھىب كۈلۈپ كېتىپ قىزچاققا،-سەن ھازىر پىتنە-ئىغۋا ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇڭ.توغرا پىتنە-ئىغۋا ئادەملەرنى كۆرۈشكە پېتىنالمايدۇ!،ئۇ پەقەت پەقەت ئون قەدەمنىڭ سىرتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ،ئون قەدەمنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇق سېنىڭ زېمىنىڭ.بۇ ئون قەدەم ئارلىقتىكى بوشلۇقنى قەدىرلىگىن!،مانا بۇ تەڭرى ساڭا ئاتا قىلغان قوغدىنىش رايونى،-دەيدۇ.
  قىزچاق خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى ۋە راھىبقا باش ئۇردى،ئاندىن خۇشال ھالدا تاغدىن چۈشتى.
  شۇنىڭدىن باشلاپ،قىزچاق ھەر كۈنى باشقىلارغا كۈلۈپ باقىدىغان بولدى.كىشىلەر بۇ ئاپتاپ چىراي قىزچاقنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن،تەدرىجى ھالدا ئۇنى خاتا ئەيىپلىگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى،شۇنىڭ بىلەن قىزچاقنىڭ دوستلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.قاباھەتلىك چۈشتەك ئۆتكەن ئەشۇ كۈنلەرنى قىزچاق تىزدىنلا ئۇنتۇپ كەتتى.



伽师县气象局:尼加提•伊布拉音
邮编:844300
电话:13779717511
QQ:2469252261
《مىكرو ھىكايىلەردىن تاللانمىلار》ژونىلىنىڭ 2012-يىللىق8-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
پەيزاۋات ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن   نىجات ئىبراھىم

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 18:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلسەپەۋىلىكى خېلى  يۇقىرى مىكرو  ھېكايىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش