مەن+شېئىر
مەن ھەر قانداق قېلىپتىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ يەنىلا قىلىپ ئىچىدە تىپىرلاپ يۈرگىنىمنى ھېس قىلغىنىمدا يازماسلىق نىيىتىگە كەلدىم. باشقىلارنىڭ سېنى چۈشىنىشىگە يول قويمىساڭ ،ئاخىرىدا ئۆز-ئۆزۈڭنى چۈشەندۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇققىنىمدا بولسا يېزىش تۇيغۇسىدىن ۋاز كېچەلمىدىم.ئاھ،خۇدا! مەن نېمىدېگەن ئىپلاس-ھە!
بىز رىلىستىن چىقىپ كەتتۇق ،مەنزىلگە ئەمەس ،باشلىنىش نوقتىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .
سۆزلەرنىڭ مۇھەببىتى ۋە مەنە زىياپىتى مېنى سېپى ئۆزىدىن ئاشىققا ئايلاندۇردى ،سۆيگۈنىڭ زۇلمىتىدە بەھۇزۇرمەن.
ئەي،سۆز چوڭقۇر سۈكۈتسەن .ئەي، سۆز چوڭقۇر مۇناسىۋەتسەن .
شېئىر مەسىلىسىدە شەكىل ۋە باشقا تالاش-تارتىش ئەۋجىگە چىققانسېرى،جەۋھەرنىڭ ئۇنتۇلىدىغانلىقى ئىنىق.مۇھەببەتتە نە داۋراڭ، نە داۋراڭسىزلىق دەپتىكەن .شۇڭا،ئويغا چۆكۈشلا بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەرمىكىن دەپ ئويلايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 20:52