يېقىندا، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي تەنقىدچى كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بۇ، ئاپتورنىڭ «يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى»، «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە» قاتارلىق كىتابلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر ئىلمىي ئەمگەك سەمەرىسى بولۇپ، مەزكۇر كىتابقا ئاپتورنىڭ « ‹سىددىقنامە› دىكى شېئىرىيەتكە دائىر بايانلار»، «كاشغەردىكى نەۋايىشۇناسلىق ھەققىدە»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى زامان دەۋرى ۋە ئۇنى ئىلمىي ئاتاش مەسىلىسى» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى كىرگــۈزۈلـــگـــەن. ئـــۇيــغــۇر ئــەدەبـىيــاتى تــەتقىقاتى تېيىزلىقتىن-چوڭقۇرلۇققا قاراپ راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.