«تۆگە» نىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ قالغان « تۈگمە»
( تەقرىز)
ئەزىز ھېيت كۈن
يۇقۇرقى ماۋزۇدىكى«تۆگە » بىلەن «تۈگمە» نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى تەخىرسىزلىك-تەققازالىق-زۈرۈريەتنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش بىر تەخىرسىزلىك .بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنياۋى تىل بولغان ئېنگىلىز تىلىدا ۋە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىش ،بىۋاستە ئېنگىلىزچە ئەسەر يېزىش مۇمكىن بولمىسا ئۇيغۇرچىدىن بىۋاستە ئېنگىلىزچىغا ئۆرۈش.. .نۆۋەتتە ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كەلگەن خىرىس كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى،تىلۋېزىيە ،تورنىڭ تىز تەرەققى قىلىشى....قاتارلىق تەرەپلەردىن ئېشىپ بارماقتا . ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى نىمە؟ ....ئەدەبىياتنىنىڭ پەنلەر ۋە ئىلمىيلىككە باغلىنىشى ...ئەدەبىيات نىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بىلەن باغلىنىشى...ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك تەلىپىنى زوقلىنىش ئادىتىگە ئۇيغۇن ھالدا يۈكسەلدۈرۈش...ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى قانداق گەۋدىلەندۈرۈش ... قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇنىيلىققا، ئىجتىمائىلىققا،ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنىغا، ئەدەبىياتنىڭ تەرەقىياتى ۋە ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ تەرەقىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر بولۇپ « تۆگە » ئاتىلىشقا مۇناسىپ بولغان مەسىلىلەر ئىدى. «يازغۇچىلار تۆرى » نىڭ « كونا مۇنبەر » ىنى ۋە «يېڭى مۇنبەر» قۇرۇلغان بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى ئەھۋالغا ئومۇمى جەھەتتىن نەزەر سېلىپ «كونا كېسەل» نىڭ «يېڭى مۇنبەر» گىمۇ بىر ئوبدان «جايلىشىۋالغان» لىقىنى سەزدىم.« تۈگمە» ۋە «كونا كېسەل» ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋال بىر ئىشنىڭ زۈرۈريەت ياكى زۈرۈريەت ئەمەسلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن.1986- يىلى «تەڭرى تاغ » ژورنىلى دەسلەپ نەشىر قىلىنغاندا «خائىن تاغلار » ماۋزۇسى ئاستىدا بىر يۈرۈش شئېىرلار بېرىلىپ « گۇڭگا شئېىر» لار دەۋرى باشلانغان.شۇ چاغدا شۇ ئېقىمغا يۈزلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ياشلار ئىدى.«گۇڭگا شئېىر » ئۇيغۇر ياش شائىرلىرى،ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن بىر «تېيىلىش كۆلچىكى» بولۇ ش رولىنى ئوينىغان.ئەخمەتجان ئوسمان شۇ ئۇستخىنى بار بىر پارچە « گۆش» نى تاشلاپ قويۇپ ،چەتئەلدە ئۆتۈۋەردى.«گۇڭگا شئېىر»ئۆزى كىرگەن بىلەن ئۇنىڭ نەزىريىسى كىرمىگەنلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلى نمىغانلىقتىن « تېيىلىش كۆلچىكى» ىگە ئايلاندى.شۇ مەزگىلدە شۇ ئېقىم ۋەكىللىرى بولغان ئەركىن ئىبراھىم،ئابدۇقادىر جالالدىن،پەرھات ئىلياس...قاتارلىق سەزگۇر شائىرلار شۇ « تېيىلىش كۆلچىكى» دىن ئەڭ ئاۋال چىقىۋالدى.تەدرىجى ھالددا «گۇڭگەا شئېىر » غولغۇلىسى بې سىقتى.گۇڭگا شئېىردىكى يىغما تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئەنئەنىۋى شئېىريەتكە يېڭى قان بولۇپ كىرىپ شئېىريەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاش ۇردى. شۇنداق قىلىپ 2007-يىلغىچە نورمال ھالەت داۋام قىلغان.لى كىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ھېچنىمىزىم» نىڭ شامىلى پەيدا بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۈيلۈش دەرىجىسىگە يەتتى،
بىز «يېڭى مۇنبەر» نىڭ « شئېىريەت» سەھىپىسىگە قارايدىغان بولساق « پاسىئان غەزەل كۆرگۈچىلەر سانى 2304 ، ئىنكاس 74 قېتىم » دىگەن سانلىق مەلۇماتنى كۆرىمىز. «غەزەل» نى تور ئەھلى كۆرۈپ چىققان.بىرلا سۆز ؛ غەزەلنى بۇزغان.مەن ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكەن « تۆگە» مەسىلىلەر بىزنىڭ نەق رىياللىقىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتسا غەزەلنى چۇۋۇش زۈرۈريەتمۇ؟ بىز يەنە « مۇنبەر» دىكى تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى.«يازغۇچىلار لۇغىىتى» سەھىپىسىدە « بۇغدا ئابدۇللا، كۆرگۈچىلەر سانى 116 قېتىم، ئىنكاس 4 قېتىم » يەنە « ئېكران ۋە سەھنە ئەدەبىياتى »سەھىپىسىدە « ۋەھمىلىك قان، كىنو سىنارىيىسى .كۆرگۈچى 48 قېتىم،ئىنكاس 1» ۋە يەنە « يەر-جاي ناملى رى »سەھىپىسىدە « ئورخۇن شەجەرەسى رومانى» دىكى يەر ناملىرى.ماقالە،كۆرگۈچى 109 قېتىم ،ئىنكاس1» «مەدەنيەت سەنئەت » سەھىپىسىدە « كىرىيە كىلياڭ مەشرىپىدىكى ئىپتىدائى تىياتىر ئېلمنتلىرى.ماقالە كۆرگۈچى 48 قېتىم،ئىنكاس 1 »
كىيىنكى سانلىق مەلۇمات ئالدىنقى سانلىق مەلۇمات بىلەن زور پەرققە ئىگە.غەزەلنى –شئېىرنى بۇزغان ھەتتا ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ بۇزغان ئاپتورنىڭ «يېڭى ئەسىرى» نى كۆرگۈچىلەر سانى 2304 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.كىيىنكى 4 سەھىپىدىكى ئەسەرلەرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 400 گىمۇ يەتمىگەن. ماقالەمنىڭ بېشىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان « تۈگمە » دەل ئەشۇ ئاتالمى ش « غەزەل» دەك ۋە « مىكرۇ لىرىكا » « مىكرۇ ئوبزور » دىيىلۋاتقان زۈرۈريەتسىز بولغان يېڭىلىق يارىتىش يېزىلمىلىرىغا قارىتىلغان.بۇ «تۈ گمە» لەر مەن يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويغان « تۆگە» مەسىلىلەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.ئالايلۇق «يازغۇچىلار لۇغىتى» سەھىپىسىىدە تەۋەرۈك لىرىك شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ تەرجىمھالى بېرىلگەن.«سالغا تېشى » ۋە ئابدۇمىجىت مەھەمەت تەرجىمە قىلغان مەزكۇر داستاننىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بېرىلگەن.ئەگەر مۇنازىرە،تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلسە مۇشۇ بىر تېمىنىڭ ئۆزىدىلا 1-بۇغدا ئابدۇللا قانداق شائىر؟ 2- شائىرنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى 3- سالغا تېشىنىڭ بەدئى خۇسۇسىيەتلىرى 4- يىرىك ئەسەرلەرنى ئېنگىلىزچىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىش ...قاتارلىق ئوقۇرمەنگە ئەقلى ھەم بەدئى مەنپەت بېرەلەيدىغان نادىر تېما ئىدى.ئەپسۇس كۆرگۈچىلەر سانى 300 گىمۇ يەتمىگەن.كەينىدىكى سەھىپىلەرمۇ بىر-بىرىدىن موھىم بولۇپ «تۆگە » مەسىلىلەر ئىدى.ئەپسۇس تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغان.
مېنىڭچە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغالمىغان دىمەي تورداشلارنىڭ دىققىتىنىڭ قوزغىلىشى ئويغانمىغان دىيىش مۇۋاپىق.مەيلى مەزكۇر مۇنبەردىكى ياكى باشقا مۇنبەرلەردىكى مۇنازىرىنى ئالايلى.تۈپ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش.يەنى ئالىقاچان تولا غاجىلىپ قېتىپ كەتكەن سۆڭەك « گۇڭڭا شئېىر» ئۇقۇمىنى دەستەك قىلىۋېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپ مىلىكبىلەن يۇغۇرۇلغان گەپلىرىنى پىرىنسىپال ئۇقۇم،چۈشەنچىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ،ھەممىسى ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ،بىر توپ گۇپپاڭ چىلارنىڭ ئايىقى چىقمايدىغان مۇنازىرسىگە ئايلاندۇرىدۇ.مەيلى «ئەل كۈ يى مۇنبىرى» دىكى « ئەخمەتجان ئوسمانغا تەنقىد بولسۇن » ياكى مەز كۈر مۇنبەردىكى « پاسىئان غەزەل» مۇنازىرىسى بولسۇن ئوخشاشلا گۇ پاڭچىلارنىڭ تور ئەھلىنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىش، «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش ئويۇنى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتقا ۋە جەمىيەتكە قىلچە پايدىسى يوق.ئەدەبىيات چۈشەنچىسى تېيىز ياش ئوقۇرمەنلەرنى ئازدۇرۇش،تور ئەھلىنى كولدۇرلۇتۇشتىن باشقا رولى يوق.
سۇنزىنىڭ« ھەربى ئىشلار دەستۇرى » قەدىمكى زاماندا ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن بولسا يېقىنقى زاماندىن بۇيان سودا ،شىركەت،كارخانا،كى شىلىك مۇناسىۋەت،جاھاندارچىلىق قاتارلىق كەڭ ساھەلەرگە تەدبىق قىلىنماقتا .پاسىئان گۇرۇھىدىكىلەر ئاۋال «ھېچنىمىزىم چاقىرقى» نى ئەمدى بولسا «پاسىئانچە غەزەل» نى ئوتتۇرغا چىقاردى.بىز ئۇلارنىڭ نىمە قىلاۋاتقانلىقىغا سەپ سېلىش،غەزەپلىنىش بىلەن چەكلەنمەي نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىشىمىز.سېزىشى
مىز كېرەك.ئۇلار شۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىق ،ئەگرى يول،تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسا گۆدەكلىك،ئازغۇنلۇق دىيىشكە بولاتى.بىراق ئۇلار ھەممىنى بىلىدۇ.
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا نام-شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ.ئۇلار گېتلىرنى ئۇستاز تۇتقانلاردۇر.بۇ دۇنيادا نامقالدۇرۇشنىڭ ئىككى يولى بار.بىرى ئۇلۇغ يول،يەنى ئەڭ ياخشى تۆھپە بىلەن نام قالدۈرۈش .يەنەبىرى ئىپلاسلىق يولى يەنى ئەڭ سېسىق ئىشلارنى قىلىپ نام قالدۇرۇش.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەڭۋازلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ،كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.توغرا،نورمال،ئەنەنىۋى يولدا مېڭىپ نام قازىناي دىسە بۇ نىڭغا قابىليىتى يەتمەيدۇ،ۋاقىت،جەريان كېتىدۇ.كۈتۈش؟ بۇ بىر ئازاپلىق جەريان!قانداق قىلىش كېرەك ؟ قەتئى نىيەتكە كېلىپ ئىشتاننى باشقا كىيىش كېرەك! ئادەملەرنى قەستەن تېرىكتۈرۈش،غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇغلارنىڭ يوللىغا ھۇجۇم قىلىش،كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەت قىلىش كېرەك!گەرچە ۋىجدان تولغانسىمۇ چىداپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىش كېرەك.شۇنداق ئىشتاننى باشقا كىيىپ چىققاندىن كىيىن بەزىلەر غەزەپلىنىدۇ.بەزىلەر كۈلىدۇ.بەزىلەر قوشۇلىدۇ. بەزىلەر ئىچ ئاغرىتىدۇ.شۇ ساراڭلىق يولىدا مېڭىش جەريانىدا ھەممە ئادەم تونىۋالىدۇ.شۇ جەرياندا تىل،ئاھانەت،لەنەت،نەپرەت يامغۇرىغى ئاستىدا قالغان تەقدىردىمۇ سەۋىر قىلىش،بەرداشلىق بېرىش كېرەك. ئايلار،يىللار ئۆتۈپ بىر پەيتكە كەلگەندە ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئادەمگە ئايلىنىش تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ.شۇ چاغدا خائىنلىق چاپىنىنى سېلىۋې تىپ سادىقلىق چاپىنىنى كىيىۋالساق بولدى.شۇڭىچە بىزنى تىللىغانلارم ۇ ھەم بىزنى ماختىغانلارمۇ ئۆزلىرى بىلمەي بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلا ر،كەتمىنىمىزنى چاپقانلاردۇر.شۇڭا تىللايدىغانلار قانچە كۆپەيسە شۇنچە ياخشى !بىزنىڭ مەخسىدىمىز ئەدەبىيات ئەمەس،شئېىريەت ئەمەس بەل كى نام-شۆھرەت قازىنىش...
بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئەگرى نىيىتى ئۈچۈن كۆپ ئادەمنى كولدۇرلىتىۋاتقانلىقىنى ،ساز ئورنىدا چېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.مېنىڭچە مەسۇليەت تۇيغۇسىغا ئىگە قەلەم ساھىبىلىرى شۇ بىنورمال ھالەتنى بايقاش بىلەن چەكلەنمەي ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئەشۇ مەككار،ساختىپەزلەرنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنىنى پاكىز ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،بىتەرەپ تۇرىۋاتقان تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى باشتا ئوتتۇرغا قويۇلغان «تۆگە» مەسىلىلەرگە بۇراشقا كۈچ چىقىرىشىنى مۇراجەت قىلىمەن!شۇ نداقلا ئەدەبىيات ئوتىدا، مىللى مەدەنىيەتنى قوغداپ يۈكسەلدۈرۈش ئوتىدا يېنىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ،ياش ھەۋاسكارلارنىڭ شئېىريەتتىن ئىبارەت بىر تار يولغا دىققەت ئېتىبارىنى قارىتىش بىلەن چەكلەنمەي مەزكۇر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ماكرۇلۇق نەزرىنى،ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەر قايسى ژانىر،تۈرلىرىنى تەڭ-ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى،ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار تەسىرى قاتارلىق 5 تەركىبى ھىمزىر-ھىم يۇغۈرۈلغان يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئويىغا ماسلىشىپ ئىجادىيەتنىڭ سۈپەتلىك،خىلمۇ-خىل ،رەڭدار بولغان يېڭى مەنزىرسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
«تۆگە» بىلەن «تۈگمە » نىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالماسلىقى كېرەك.مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلسىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلىشى،قەلەم سا ھىبىلىرى بۇ جەھەتتە سەممىمى ھالدا مەسۇليەتچانلىق تۇيغۇسىدا پىكىريۈرگۈزىشى،مۇنبەرنىڭ ساغلام،ئەتراپلىق،رەڭدار،جۇلالىق،ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلالايدىغان،كۈچلۈك قەلەمكەشلەر يىغىلغان،خەلققە بەدئى زوق بېغىشلايدىغان،بىلىم بېرىدىغان،ئۇچۇر يېڭىلىق تارقىدىغان،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ زامانىۋى گۈللۈك باغچىسى،يارقىن،پارلاق مۇنبىرىگەئايلىنىشىغا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىردىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
2012-يىل،2-ئاپرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-2 18:05