جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

«تۆگە»نىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ قالغان تۈگمە ئەزىز ھېيت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 22:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نارازى بولۇشنى ئىپادىلەشنىڭ  ئۇسۇلى كۆپ .خۇددى يۇقۇرقى ئىنكاستەكلا .....

        مەن  ئوتتۇرغا قويغان مەسىلە بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ نارازىلىقى بىلەن تۈگىمەيدۇ....

       ئادەمنىڭ ئاخىرى نىمىگە ئېرىشىشى نىيىتى تەرپىدىن بەلگىلىنىپ بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 22:53  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 22:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئالى  مەكتەپنىڭ دەرىسلىكىدىكى « .... ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ...» قاتارلىق 5 چوڭ تەركىپ ھەرگىزمۇ بىكاردىن چىققان قۇرۇق نەزىريە ئەمەس.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا تەۋە  توم-توم كىتاپلارنىڭ يۈز پارچىلاپ نەشىر قىلىنغاندىن باشقا ئۇيغۇر كىلاسسىك  ئەدەبىياتى ۋە «12 مۇقام» تەتقىقات جەمىيىتى قارمىقىدا «بۇلاق » ژورنىلىنىڭ نەشىر قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى،....«مىراس» ....دۇنيا ئەدەبىياتى» ...نىڭ ئىزچىل نەشىر قىلىنىشى  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى قارمىقىدىكى كەسپى تارماقلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ماس،بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.نەزىريە  مىڭ يىللىق يېزىلمىلار،ئاغزاكى جەھۋەرلەر ....ئاساسسىدا بارلىققا كەلگەن.شئېىردىن ئىبارەت بىر شاخنىڭ نەزىرىدىن ئۆتەلمەيدىغانلار ئەشۇ كەڭلىكنى قانداقمۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 80
تۆھپە : 7
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 23:09:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتقۇچى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 18:13
تىمىنى كۆرۈپتۇ ئەمەس چىكىپتۇ دەيلى...كىملەر شۇنداق سان  ...


ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار، پۇتى بولسا ماڭاتتى.بۇرۇن بىر مۇنبەردە شۇنداق ئىش بولغان.تېما يوللىغۇچى ئۆزىنىڭ تېمىسىنىلا يېرىم سائەت چېكىپ ، كۆرۈش قېتىمىنى بىراقلا يۇقۇرى كۆتۈرۈۋەتكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇنبەرمۇ كونا-يېڭى بولۇپ ئالمىشىپ ، مۇنبەرگە كىرىۋاتقانلارنىڭ سانى ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس.شۇنداقتىمۇ ئېزىز ھېيتنىڭ پىكرىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-3 23:09  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 02:41:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» كىم؟

ئەزىز ھېيت كۈن



    ۋاقىت 2012-يىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.بىز ھازىردا تۇرىۋاتىمىز.ھازىرنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ «شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»كىم؟ » دىگەن سۇئال سورالسا 20-ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى تۇغۇلغانلارنىڭ  شۈھبىسىزكى « شائىرنىڭ ئۆزى بولماي يەنە كىم بولاتى؟» دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقى ھەم مۇشۇنداق ئاددى سۇئالنى سورامدۇ؟ دەپ رەنجىيدىغانلىقى ئېنىق.لىكىن شائىرنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى يەنى شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»نىڭ كىملىكى ھەرگىزمۇ يەككە شەخس ياكى بىرلا ئوبكىت بىلەن چەكلىنىدىغان تار مەنىدىكى «مەن» ئەمەس.      

   ىبىر شائىرنىڭ ياكى بىر ھەۋەسكارنىڭ يەككە ئادەملىكى نوقتىسىدىن ئالغاندا نىمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش جەھەتتە  ھەركىم پۈتۈنلەي ئۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە.پەقەت ئۆزىلا ئاڭقىرالايدىغان باشقا ئىككىنچى بىر ئادەم قىلچە ئاڭقىرالمايدىغان قىلىپ يازسىمۇ ياكى بىر نەچچە ئادەم ئاڭقىرالايدىغان قىلىپ يازسىمۇ بولىۋېىرىدۇ.يازغان شئېىرىنى ئىلان قىلىش ياكى چۆرۈپ تاشلىۋىتىش ئۆز ئىختىياردىكى ئىش.ئۇنىڭ شئېىرىنى ئوقۇغىغانلار ماختامدۇ ياكى بولمايدىغانغا چىقىرامدۇ ئۇ (شائىر) بىلەن قىلچە ئالاقىسىز.شائىرنىڭ ئەل-جامائەتنى،يۇرت-ۋەتەننى ئويلاش،شۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئازاپ چېكىش ۋەزىپىسى يوق.خەلققە ئىلھام،جاسارات،ئۈمىت بېغىشلايدىغان ۋەزىپىسىمۇ يق.خەلقنىڭ زوقلىنىش تەلىپىنى قاندۇرىدىغان،خەلقنى غايە،ئۇلۇغ ئىدىيە بىلەن ئالغا يېتەكلەيدىغان،خەلققە بىلىم بېرىدىغان،خەلقنىڭ يۈرىكىدىكى،قەلبىدىكى گەپنى دەيدىغان،خەلقنى تەربىيلەيدىغان ۋەزىپىسى تېخىمۇ يوق.ئاتالمىش شۇ ۋەزىپىلەر سۈننىي،ياسالما،تېتىقسىز،ئەھمىيەتسىز ئۇقۇملار بولغاچقا شائىردىن ئىبارات تەنھالىق-يەككىلىك پادىشاھىنىڭ زىمىسسىگە يۈكلەنسە بولمايدۇ.شائىر ئۆزىنىڭ يەككىلىكى-تەنھالىقى-مۇستەقىللىقى-ئەركىنلىكى-خوجايىنلىقى-پادىشاھلىقىغا ۋەكىللىك قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ شۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.شۇڭا شائىر ئۈچۈن مىللى تىل،مىللى مەدەنىيەت،مىللى ئەنئەنە،مىللى ئالاھىدىلىك ...دىگەنلەرنىڭ شۇنداقلا جامائەت،  خەلقنىڭمۇ كېرىكى،ئەھمىيىتى يوق....ۋاكازالار .بىر يەككە پۇقرالىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقۇرقى چۈشەنچىلەرنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ.ھەتتا قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان كۆزقاراش- تونۇش ھېساپلىنىدۇ.ئادىمىيلىك جەھەتتىمۇ ۋىجدان،غورۇر،ئالى جاناپلىق ئۆلچىمىگە سالمىغاندا يەنىلا نورمال تونۇش ھېساپلىنىدۇ.                     لىكىن شۇ «نورمال» تونۇش-كۆزقاراشنى نورمال تۇيۇلغىلى قويمايدىغان بىر كۈشەندە بار.ئۇ بولسىمۇ ھەرقانداق بىر شائىرنىڭ قايسى قەۋمگە،قايسى ماكانغا،زامانغا،كىمنىڭ پۇشتى-ئەۋلادىغا تەۋە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدۇر.بۇ شۈھبىسىزكى شائىرنىڭ ئاسماندىن چۈشمەيدىغانلىقىنى ياكى يەردىن ئۈنۈپ چىقمايدىغانلىقىنى باشقا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش مەلۇم ماكاندىكى،زاماندىكى مەلۇم مىللەت-قەۋمگە مەنسۇپ بولغان بىر جۈپ ئاتا-ئانىدىن ئاپىردە بولۇپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغانلىقىنى مەڭگۈ-مەڭگۈ ئاشكارلاپ تۇرىدۇ ۋە شائىرنىڭ پىشانىسىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈپ قويىدۇ.«ئەل-ۋەتەن » «مىللەت ،خەلق» ئۇقۇملىرى بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كىشىلەرگە يالغان،ساختا،كۈلكىلىك تۇيۇلدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمىليەتتە «ئەل-ۋەتەن» ئاتالغۇسى ھەققىقى خاسىيەتلىك ئۇقۇمدۇر.                    
    ئەل سۆزى نىمە ئۈچۈن ۋەتەن سۆزىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسى تۆۋەندىكىچە ؛ ۋەتەن سۆزى بىرى : ئىگەدارلىق –خوجايىنلىق قىلىدىغان خەلقلەرنىڭ پۈتكۈل ماكانىنى،-يەر-زىمىن دائىرسىنى كۆرسىتىدۇ.يەنە بىرى:شۇ زىممىنىڭ پۈتكۈل خەلقنىڭ يۈرىكىگە،قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ يۈكسەكلىشىپ،مۇققەدەسلىشىپ كەتكەن سىماسىنى كۆرسىتىدۇ.ۋەتەن قەلبلەردە نەچچە مىڭ يىل ئۈزۈلمەي يۈكسەكلەشكەن،مۇققەدەسلەشكەن ئۇقۇم.پارلاق،شانلىق تارىخمۇ،قانلىق،ئېچىنىشلىق،پائاجەلىك تارىخمۇ ۋەتەن ئۇقىمى ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن... ۋەتەنسىز قالغانلار ياكى مۇھاجىرلار نەچچە ئەۋلاد يات ئەلدە ياشاپ قېلىشقا مەجبۇر بولسىمۇ يەنىلا كەكلىك تاغقا تەلپۈنگەنگە ئوخشاش ۋەتەنگە تەلپۈنىدۇ.ۋەتەن –ۋۇجۇتنى ھەم كۆڭۈللەرنى سىغدۇرىدىغان ئۇلۇغ ۋەتەندۇر.                                       

بىر كۆرۈنمەس زىمىن-ماكان بار .ئۇ بولسىمۇ دەل ئەل-ئاۋامنىڭ كۆڭلىدۇر.بىزنىڭ ھەربىرىمىز بىزنى تونۇيدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە ياشايمىز.بىز تونۇيدىغانلارمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە ياشايدۇ.جەمىيەت بىر چەمبەر.ئائىلە شۇ چەمبەرنىڭ يادروسى.نۇرغۇن  ئادەملەر نۇرغۇن ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ.يەنە نۇرغۇن ئادەملەر باشقا نۇرغۇن ئادەمنى ئۆچ كۆرىدۇ.ياخشى كۆرۈش قىممەتلىك بولغاندەك،ئۆچ كۆرۈش-كۈشەندىلىكمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك.چۈنكى رىقابەت،ئېلىشىش بولمىسا .ئادەم تەرەققى قىلامدۇ؟ جەمىيەت ئالغا ئىلگىرلەمدۇ؟ شۇڭا تالانتلىق،ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنى ئەتىېۋارلاپ قالماستىن كۈشەندە-توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان ئادەملەرنىمۇ ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.چۈنكى خوشال بولۇپلا ئۆتۈپ كەتسە ھاياتنىڭ نىمە مەزىسى؟ چوقۇم دوستانالىق بولۇش بىلەن بىرگە رىقابەت ،ئېلىشىشنىڭمۇ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى! شۇنداق بولغاندا بەزىلەرنى خوشاللىق بىلەن ،يەنە بەزىلەرنى غەزەپ بىلەن ئەسلەش بارلىققا كېلىدۇ! ئەل-خەلق بىر خەزىنە.ئەل-خەلق-ئادەمگە ئادىمىيلىكنى ئۈگىتىدىغان مەكتەپ.ئەلنىڭ ئەڭ ئاساسى قىسمى ئادىمىيلىكنىڭ ئېسىل تەرپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى- زىمىندا،كۆڭۈل-روھى بولسا ئەل-خەلقنىڭ كۆڭلىدە ياشايدۇ.دىمەك ئادەم ياشايدىغان ماكان ئىككى.چەتئەلگە ياكى باشقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنلەر ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش بىلەن ئۆز يۇرتىنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەڭلا سېغىنىدۇ.ئەسلەيدۇ.شۇڭا ئەل بىلەن ۋەتەن سۆزلىرىنى ئايرىپ تەسەۋۇر قىلىش تەس.نۇرغۇن مۇھاجىرلارنىڭ خەتلىرى،ياكى  ئەسەرلىرىدە   ئەل-ۋەتەننى  سېغىنغانلىقى چىن ،سەممىمى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ  ئوقۇغان ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلتۈرىدۇ.                             

  ماتىرياللاردىكى،ۋە سىياسى جەھەتتىكى «ئەل-ۋەتەن » ئۇقىمى ھەققىقەتەن كوللىكتىپ ئاڭ جەھەتتىكى قېلىپلاشقان،مۇنتىزىملاشقان ئۇقۇم ھېساپلىنىدۇ.لىكىن ھەر بىر كونكىرت شەخىسنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتلىرى،چۈشەنچىلىرى،ئەقىدە ،ئىتقاد تۇيغۇسى خاسلىققا،ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولىدۇ.ھەر قانداق ئىنسان ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ قېرىندش.  . ..ياخشى تونۇشلىرىغىچە مېھرىۋانلىق ۋە قىزغىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە.بۇ خىل قەدىرلەش تۇيغۇسى ئىنسانىيەتتىكى ھەر بىر نورمال ئىنسانغا ئورتاق.ئەمما ئۇنىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى پەرققە ئىگە.شۇ خىل قايناق تۇيغۇ يۈكسەكلەشرتۈرۈلگەندە ئەل-ۋەتەن    سۆيگۈسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
ئادەمگە ھايات ھەممىدىن قىممەت .
ھاياتتىنمۇ  قىممەت مۇھەبەت .                                    
لىكىن ۋەتىنىم ھۆرلىكى ئۈچۈن                                      
كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن ئەبەت.
( ۋېنگىرىيە شائىرى فىتۇفىنىڭ شئېىرى)                        

  كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى يۇقۇرقى تاللاش بىر شائىرانە تاللاش بولۇپ قالماس تىن بۈيۈك تاللاش شۇنداقلا مەجبۇررانە تاللاشتۇر.تارىختا شۇ خىل تاللاشقا نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ خەلقلىرى دۇچ كەلگەن.    خۇددى دوختۇر دوختۇرلىقى بىلەن،شوپۇر شوپۇرلىقى بىلەن شۇغىللىنىپ ئۆتىۋەرگەندەك شائىرمۇ خاتىرجەم ھالدا ئۆز شئېىرىنى يېزىپ ئۆتىۋەرسە «ئارتۇقچە» ئىشلارغا زىيادە كۆڭۈل بۆلمىسە بولىدۇ. لىكىن  ئىككى ئىش شائىرنى «خاتىرجەم» قىلدۇرمايدۇ.بىرى: ئەدەبىيات  جۈملىدىن شئېىريەت ئادەمشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بىر تۈرى.شئېىرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاخىرقى ھېساپتا ئادەمگە زوق بېغىشلاش ئۈچۈندۈر.ئەگەر شۇ قىممەتكە ئىگە بولمىسا شئېىر ئەمەس ئەخلەت ھېساپلىنىدۇ.يەنە بىرى: شائىرنىڭ  قەلبىدە ئۆز يۇرتى ،قەۋم قېرىنداشلىرى،گۈزەل تەبئەت ،ئىنسانلار دۇنياسىغا نىسبەتەن قايناق سېزىم بولىدۇ. ھاياتلىقنى ۋە دۇنيانى تونۇش داۋامىدا شائىردا شەخسى « مەن» دىن ھالقىپ كەتكەن، قېرىنداشلىرى،يۇرتاشلىرى،ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئورتاقلىقىغا –مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «مەن» چە قايناق،يۈكسەك ئىلھام،قىزغىنلىق پەيدا بولىدۇ.ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك مىللەت شائىرى ئۇيغۇرلا ردىن باشقا مىللەتلەر تارىخىدىمۇ ئۆتكەن.   ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «كۆكتە تۇلتۇزلار يانار،يەردە پەقەت شائىريانار » ناملىق مىسراسى ئۇنىڭ كاللىسى ئاددى شائىر ئەمەسلىكىنى،بىر شائىرنىڭ باشقا ئادەملەردىن قايسى جەھەتتە پەرقلىنىپ تۇرىشى كېرەكلىگىنى يارقىن بىلىدىغان مۇتەپەككۇرانە قەلب ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.مەيلى ئۆتمۈشتە،ھازىردا،ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن شائىر ئۆزىنىڭ ئەسلىيىتىدىن،قەۋمىدىن يۈز ئۆرۈپ خائىنغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىلا ئەشۇ ئوتتا ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن قاچۇرالمايدۇ....                  

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىدىن باشلاپ بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇپ  20 يىللىق تارىخى جەرياننى بېسىپ ئۆتتى.بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش،يېڭىلىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن،داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيلىك،ئېسىل خىسلەت،مىللى روھنى ،بىلىمنى،ئەقىل-پاراسەتنى،ھاللاللىق-ئەمگەكنى ،قېرىنداشلىقنى،ئىناقلىقنى،غەيرەت-شىجائەتنى ،ئېسىل ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىلىرى يوقاپ كەتمىدى.بەلكى كۈچىيىۋاتىدۇ.لىكىن مۇشۇ 20 نەچچە يىل داۋامىدا تۇغۇلغان ئەۋلادلار باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئاز بولغانلىقتىن تېخىمۇ موھىمى گۆدەك بولغانلىقى سەۋەبىدىن شەخسىيەتچىلىكى ،پۇلپەرەسلىكى،مەنپەتپەرەسلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەھۋال بار...شۇنداق بولۇشقا ئېچىۋېتىشتىن يۇققان تەسىرمۇ بار.شۇ خىل ۋەزىيەت ۋە چەئەل ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۈملىدىن ئۇيغۇر شئېىريىتىدە ئاساسلىقى ياشلار ئارىسىدا مىللەتپەرۋەرلىك،خەلقپەرۋەرلىك،ئەنئەنىلىرىنى ساختا ،يالغان،«كۆز بويامچىلىق»   دەپ چۈشىنىدىغان،چەتقكە قاققىدىغان،يەككە شەخىس-يەككە شائىر مەيدانىنى بىردىن-بىر مۇنبەر  قىلىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇلارنىڭ شئېىرلىرىدا قىسمەن كۆرۈلدى.ھاياتنى ۋە دۇنيانى تونۇش چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ بىر تەرەپمىلىكنى تۈزىتىپ بارىدۇ.20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىكى« گۇڭگاچىلار» ۋەكىللىرىنىڭ كۆپۈنچىلىرى 2000-يىلدىن ئىلگىرلا ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا ياندىشىش يولىغا ماڭغان بولۇپ ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپلەر بولۇپ قالدى.                     

   شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» مېنىڭچە قاتمال،ئۆلۈك ھالەتتىكى «مەن »بولماستىن ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولغان «مەن» دۇر.«مەن»نىڭ  تەۋەلىكى شئېىردىكى كونكىرت ۋاقىت،كونكىرت ئورۇننىڭ ئېھتىياجىغا   ئاساسەن بارلىققا كېلىدۇ.ئالمىشىدۇ.ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.«مەن» يىغىلىدىغان شۇنداقلا يېيىلدىغان ئۇقۇم.ئالايلۇق ئۆسمۈر ناخشىچى ئېرپاننىڭ «مۇھەبەتكە تەشنا ئىكەن يەر شارى » دەپ ئېيتقان ناخشىسىدا «مەن» ئىنسانىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان.مەزكۇر «يازغۇچىلار مۇنبىرى» دە 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىلان قىلىنغان «سەن ئوغۇزخان تۇغۇدىغان  قىز» ناملىق شئېىردا شئېىرنىڭ ئاپتورى بولغان «مەن» بىر  ئاتىنىڭ،بىر شائىرنىڭ ئوبرازىدىن ھالقىپ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى،كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ئاقىل سۈپىتىدە مەيدانغا چىققىدۇ.«مەن»نىڭ  تەۋەلىكى بىر پۈتۈن شئېىردا ئىپادىلىشتىن باشقا كۇپلىتلاردا،مىسرالاردا ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.«مەن» ئوبكىت جەھەتتە باشقا ئادەمنىڭ،كوللىكتىپنىڭ،مىللەتنىڭ...ئورنىغا يېيىلىشتىن باشقا جانلىقلا ر،ئۆسۈملۈكلەر،شەيىلەر،ھادىسىلەر،كۆرۈنۈشلەر...قىسقىىسى ئالەمگىچە يېيىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە.شائىر جىسمانى جەھەتتە ئۆزگەرمىگەن بىلەن روھى جەھەتتە ئېھتىياجغا قاراپ زۈرۈر بولغان ئادەم،جانلىق،ۋە ھەر خىل نەرسىلەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ ياكى ۋەكىللىك قىلىدۇ.شائىر شئېىر ئىچىدە تۇرىۋەرمەستىن «شئېىردىن چىقىپ كېتىپ» ئۆزى يورۇتىدىغان مەلۇم بىر «شەيى ئىچىگە كىرىش» مەجبۇريىتىنى ئورۇنلاش ھالىتىگىمۇ كىرەلەيدۇ.               «شئېىردىن چىقىپ كېتىش »-شائىرنىڭ شئېىرنى «مەن »نىڭ روھى،قەلبى بويىچە  ئەمەس يورۇتۇلىدىغان ئادەم،جانلىق،شەيى،جىسىمنىڭ  روھى، قەلبى ،تىلى بويىچە يېزىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنداق شئېىرلاردا  «مەن»نى يەنى ئاپتورنى چېلىقتۇرغىلى بولمايدۇ.ھەتتا «مەن» نىڭ بىرەر مىسرا قىستۇرما بايانىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇ خىل شئېىرلاردا   يورۇتۇلدىغان ئوبرازنىڭ ئۆزىنى مۇستەقىل ئىپادىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلغانلىقتىن يورۇتۇلىشى ئەسلىيىتى بويىچە ناھايىتى جەلپكار،جانلىق ھالدا ئىپادىلىنىپ چىققىدۇ.جانلىقلار تەسۋىرلەنگەن بولسا ئادەملەشتۈرۈلۈش خۇسۇسىيىتىگە،جىسىملار تەسۋىرلەنگەن بولسا جانلىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.ئاپتور ئۆزىنىڭ ئېڭى بىلەن تىلىنى  يورۇتۇلماقچى بولغان ئوبرازغا يەنى جانلىقلارغا،جىسىملارغا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدۇ.تەسۋىرلەش تاماملىنىپ شئېىر تولۇق ۋۇجۇدقا كەلگەندىن  كىيىن شائىرنىڭ ئېڭى ئۆز ئورنىغا-يەككىلىكىگە قايتىدۇ،تىلىمۇ ئۆزىگە قايتىپ كېلىدۇ.«شئېىردىن چىقىپ كېتىش» دىگەن سۆزنى تاشقىرى دۇنياغا ،دۇنيادىكى شەيىلەرگە شائىر ئۆزىنىڭ يەككىلىكى،قەلبىى يەنى ئىچىدىن تېشىغا قارايدىغان نەزرى،تەپەككۇرىنى تامامەن ئۇنتۇپ،دۇنيانى دۇنيانىڭ،شەيىنى شەيىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈش،يەنى تاشقىرلىقنى تاشقىرلىقنىڭ ئۆز كۆزىگە  ئايلىنىپ كۆرۈشىنى كۆرسىتىدۇ.بىز ئىنسانلاردا ئىچىدىن تېشىغا قارايدىغان،ئادەم نەزرى بىلەن دۇنياغا-تاشقىرلىققا تەپەككۇر يۈرگۈزدىغان ئادەت ئەنئەنە سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن.بۇمۇ توغرا.لىكىن بەزى چاغلاردا ئادەم زىيادە ھاياجانلانغاندا شەيىنى،رىياللىقنى ئەقىل بىلەن كۆرەلمەيدىغان،ھاياجان كۆزنىڭ ئورنىدا تۇرىۋالغانلىقتىن رىياللىقنى ھاياجان كۆزى  بىلەن كۆرۈپ سالىدىغان ،نەتىجىدە قەلەي ئالتۇندەك،سا بۈركۈتتەك كۆرۈنۈپ كېتىدىغان ساختا كۆرۈنۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.بىرتەرسا ئادەم دالىدا،سايلىقتا،ئايدىڭ كېچىدە تەنھا قالسا زىرىكىپ ئىتتىنمۇ بەك غېرىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.بىراق ھەققىقى بىر شائىر تەنھا قالسا ئالەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيى دەپ بىلەلەيدۇ.تەبئەت بىلەن روھداشلىق،قەلبداشلىق تۇيغۇسىغا چۈمۇلىلەيدۇ.ئۆسۈملۈك،ئۇچار قۇشلار ھەم خىلمۇ-خىل شەيىلەر بىلەن پىكىر،ھېسسىيات ئالماشتۇرالايدۇ.دەرەخلەرنى ئۇچۇرتالايدۇ.قورام تاشنى ناخشا ئېيتقۇزالايدۇ.چۈنكى ساپ،سەممىمى،تەبئى ،بۈيۈك قەلبكە ئىگە بولغان شائىر قەلبى بىلەن كۆرگۈچى،قەلبى بىلەن ئاڭلىغۇچى،قەلبى بىلەن جىمجىت ئاۋازدا سۆزلىگۈچىلەردۇر.شائىرنىڭ  رومانتىكىلىقى سەنئەتكارلارنى،دانىشمەنلىكى پەيلاسوپلارنى بېسىپ چۈشىدۇ.دىننىي رىۋايەتلەتلەردە شائىرلارنىڭ تەڭرىگە،پەيغەمبەرلەرگە،پەرىشتىلەرگە  ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان، كۆڭلىنى كۆزگە ئايلاندۈرالايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە رىۋايەت قالدۇرۇلغان..بىر ئەمانىڭ،بىر ساغرۇ-گاسنىڭ قەلبىنى،ھېس-تۇيغۇسىنى،ئازاپلىرىنى بىر رەسسام،ياكى بىر مۇزىكانت ئەڭ يارقىن يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىشى مۇمكىن.لىكىن تەسىرلىنىشچان،سېزىمچان بىر شائىر پەيتى كەلگەندە بىر ئەمانىڭ ياكى بىر گاسنىڭ روھىغا،قەلبىگە،يۈرىكىگە ھەققىقى ئايلىنالايدۇ،ئۆزگىرەلەيدۇ.ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى تىلنى شئېىرىي مۇزىكا قىلىپ ئىپادىلىيەلەيدۇ.بىر شائىر يېغىلىق –ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر باتۇر جەڭچىنىڭ شۇنداقلا ئالدىنقى سەپتىكى قەھىرمانلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.  
نۆۋەتتە زامانىۋىلىق ۋە ئۇچۇرنىڭ تىزلىشىشى يەر شارىنىڭ كىچىك بىر كەنتكە ئايلىنىپ قېلىش سۈرئىتىنى تىزلەتمەكتە.نۇرغۇن ئەنئەنە، ھەتتا مىللى تىل،مىللى تۇرمۇش،مىللى مەدەنىيەت،ئەنئەنىۋى مىللى مەھەللە،ئۆرپ-ئادەت،قائىدە،يوسۇن،مىللى ئىگىلىك،قىسقىسى ...ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەر زامانىۋىلىق،تەرەقىيات تەرپىدىن يۇتۇلۇپ كەتمەكتە، غايىسىزلىك،ئۈمىدسىزلىك كېڭەيمەكتە.مىللەتپەرۋەرلىك،ئەخلاق،ئالىجاناپلىق،ئەجدادلارغا يۈز كېلىش ...دىگەن  ئۇقۇملار ئاسارە ،ئەتىقىلەردەك ئاڭلىنىدىغان تۇيىلىدىغان  بولۇپ قالماقتا.ئەمەل-مەنسەپ ئىشقى،نام-شۆھرەت ئىشقى،پۇل-بايلىق ئىشقى،سەتەڭلەرنى قارماققا ئىلىندۇرۇش ئىشقى قاتارلىق تۆت خىل قاپقان نى-نى ئىقتىدارلىقلارنى،تالانتلىقلارنى قۇلغا ئايلاندۇرماقتا. شائىر ۋە شئېىر يۈزلىنىدىغان رىياللىق ئەنە شۇنداق گۈزەل،يېقىملىق،تەسىرلىك،ئېچىنىشلىق،مۇرەككەپ،رەزىل،خوشاللىق ۋە ئازاپ يېشى بىلەن تولغان...        

يورۇتۇلدىغان « جىسىمغا كىرىش» شائىرنىڭ يەككە ئۆزىنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ ئۆزى يورتماقچى بولغان جىسىمنىڭ كۆزى بولۇپ كۆرۈپ،قۇلىقى بولۇپ ئاڭلاپ، مېڭىسى بولۇپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ،يۈرىكى بولۇپ ھاياجانلىنىپ ئۆتۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.شائىر روھى جەھەتتىكى ئارتىستۇر.خۇددى كامالەتكە يەتكەن بىر ئارتىس «رولغا كىرىپ» ئۆزى ياراتماقچى بولغان ئوبرازنى دوراش بىلەن ئەمەس ئەكسىچە شۇ ئوبرازنىڭ قەلبى،روھى،مىجەزى ،ئىدىيىسىگە ئەينەن چۆكۈپ شۇئوبرازنىڭ ئەسلىئەندىزىدىنمۇ بەكرەك تىتىك-جانلىق ئوبراز قىلىپ يورۇتۇپ بەرگىنىدەك شائىرمۇ  ئۆزى  تەسۋىرلەنمەكچى بولغان ئوبكىتنىڭ روھىغا سىڭىپ پۈتۈنلەي  شۇ ئوبكىتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.شۇ چاغدىكى مېڭە ۋە تىل،ھەم يۈرەك ئوبىكىتنىڭ مېڭىسى ،تىلى، يۈرىكىدۇر.ئەگەر قورام تاش تەسۋىرلەنگەن  بولسا شائىرنىڭ ئۆزى ۋاقتىنچە قورامتاشقا  ئايلىنىپ كېتىدۇ.تاكى قورام تاش تەپەككۇردىن،ھاياجاندىن،سۆزلەشتىن توختىغىچە شائىرنىڭ روھى  قورام  تاشقا ۋاقىتلىق ئارىيەت بېرىلىدۇ.قورام تاش زۇۋاندىن تۆختىغان   ھامان ئاددى قورام تاش ھالىتى بويىچە قالىدۇ.شائىر قورام تاشتىن چىقىپ ئۆزىنىڭ ئادەملىكىگە  قايتىدۇ. شئېىردىن چىقىش،جىسىمغا كىرىش جەريانى جانلىقلارنى ئادەملەشتۈرۈش،جىسىملارنى جانلىقلاشتۇرۇش جەريانىدۇر، ئەشۇنداق جانلىقلاشتۈرۈش بولغاندىلا شئېىرنىڭ سېھرى كۈچى بولىدۇ.شائىرنىڭ «جىسىمغا كىرىشى»ياكى تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىشى يۇقۇرقى بايانلاردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك جەمىيەتكە يەنى ئادەملەرنىڭ روھى دۇنياسىغا كىرىشىنى ۋە تەبئىەتتىكى شەيىلەر ئىچىگە چۆكۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن» پەقەت ئۇنىڭ شئېىرلىرىدا ئىپادىلىنىپ قالماستىن  ماقالە،مەكتۇپ قاتارلىق ھەر خىل يازمىلىرىدا ۋە نوتۇق،سۆھبەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.شائىر شئېىر بىلەن ئىپادىلەشكە ماس كەلمەيدىغان ئوي-پىكىرلىرىنى،ئىدىيىسىنى ماقالە ۋە تۈرلۈك ژانىردىكى يازمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.شائىرنىڭ كىم سۈپىتىدە مەيدانغا چىققىشى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىق.يىراقنى كۆرگۈچى،ۋەزىيەتنى پەملىگۈچى،ئۆز مىللىتىنىڭ پەرزەندى ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغۇچى،دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ تەرەقىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچى،ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسسىيىتىگە يۈز كېلەلەيىدىغان بولۇشنى ئويلاپ يەتكۇچى شائىرلار ئاقىلانە يول تۇتۇپ شئېىردا ياكى ماقالە نوتۇقلىرىدا بولسۇن رىياللىق،كونكىرت ئەھۋال كىم بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىشنى تەلەپ قىلسا شائىر سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يېتىپ شۇ خىل مەيدانغا  ۋەكىللىك قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققىدۇ.پەقەت شۇ خىل تاللاشلا ئاقىلانە تاللاش بولۇپ،ماسلىشىش،ئۇيغۇنلىشىش،زۇرۈريەت بويىچە ئىش قىلىش ھېساپلىنىدۇ.بىر  شائىر ئۆمرىدە گاھ ساپ شئىر،گاھ ئىجتىمائى شئېىر ....ياكى ماقالە يازسا بولىۋېرىدۇ. شائىرنىڭ پىشانىسىگە«مۇنداق ئېقىمنىڭ ئادىمى» دىگەن تامغامەڭگۈلۈك بېسىلىپ كېتىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن ئەركىن تاللاش،جانلىق ئىش كۆرۈش يولىنى تۇتسا بولىدۇ.شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن» ئەنە شۇنداق ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان،  بۈگۈنگە ماسلىشالايدىغان،كەلگۈسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىن كۆرۈپ يېتەلەيدىغان،سەزگۈر،تەمكىن،ئۈمىدۋار«مەن» بولۇپ ئوتتۇرغا چىقالىسا ياخشى بولىدۇ ،ئەلۋەتتە.   

                 2012-يىل،2-ئاي،بۈگۈر   



كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 02:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن   « شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن» كىم؟ » ناملىق ماقالەمنى  بۇ ئىنكاس بوۈشلۇقىغا  كونا مۇنبەردىن يۆتكەپ ئېلىپ كەلدىم. مەخسەت شائىر نىڭ مەيدانى ھەققىدىكى كۆز قارىشىمنى مەزكۇر ماقالە بەلگىلىك ئىزاھلاپ بېرىدۇ.
مېنى «تەشۋىقات،چاقىرىق » يازىدۇ دەپ قارىغان كۆك تۇلۇن ۋە رىسالەت مەردانغا  ئوخشاشلارنى كۆرۈپ باققاي دىمەكچى....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 00:40:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېڭى شئېىرلار ياكى  مىكرۇ شئېىرلار بولماسلىقى كېرەك دىمەكچى ئەمەس. ئەدەبىياتتىن ئىبارەت كەڭ دېڭىز ئىچىدە مىكرۇ شئېىرلار كىچىك بىر ئېقىن خالاس.
     لىكىن شئېىريەتنىڭ يېڭى مەپتۇنكارلىرى ئىچىدە گۇڭگا شئېىر ،مىكرۇ شئېىر تەرەپدارلىرى ناھايىتى كۆپ سالماقنى ئىگىللەيدىكەن.
    گۇڭگا شئېىر،مىكرۇ شئېىرلارنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى ناھايىتى تۆۋەن.پۈتكۈل ئەدەبىياتتا تۇتقان ئورنىمۇ ئوخشاشلا تۆۋەن.لىكىن ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار پۈتۈنلەي ياشلاردۇر.بۇ ئەھۋال ياشلارنىڭ رىياللىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 01:26  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 00:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى نەزەردە تۇتۇشنى ئويلاپ يەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    « ساپ شئېىر » ئۇقۇمىغا  بولغان چۈشەنچە ئوخشاش ئەمەس.
   
     ئەنئەنىۋى شئېىرلارنىڭ ئوچۇق،سۈزۈكلىكىدىن،گۇڭگا شئېىرلارنىڭ يىغما تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى...بىرلەشتۈرۈلۈپ  
   سەنئەتلىك شئېىرلار يېزىلسا ئوقۇرمەنلەر ئاڭقىرالىسا ،سەل-پەل بەھىر ئالالىسا ،شائىر ئوقۇرمەننىڭ ئاڭقىرىشىنى كۆزدە تۇتىدىغان،ئوقۇرمەنلەر شائىرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىستىتىك زوق جەھەتتە يېتەكلەۋاتقانلىقىنى سېزىدىغان ھالەت شەكىللەنسە ياخشى بولاتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 01:28  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 00:53:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەممىنى ئېزىپ ئىچۈرۈپ قويۇش  ئادەتتىكىچە ئەنئەنىۋى شئېىرلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى

   ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئاڭقىرالمايدىغان بولۇش يېڭى شئېىر ،مىكرۇ شئېىرلارنىڭ ئەجەللىك ئاجزىلىقى،
   ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە مىكرۇ شئېىرلارنى مىكرۇ ئوبزورلار ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېڭى شئېىرلار  شئېىريىتىمىزدە مەيدانغا كەلگىلى چارەك ئەسىردىن ئاشتى.ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغىچە مۇقىم، ئېنىق نەزىريىسى يوق. ياكى تۇرغۇزۇلمىدى.ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ژانىر ۋە تۈرنىڭ ئۆلچىمى بار.

    دەل شۇنداق يوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن سەزگىلى بولماسلىق ئەشۇ خىل شئېىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى.
     ئەمىليەتتە  ئۇ ئاجىزلىقىدۇر. ئەسلى شۇ  خىل شئېىرلارنىڭمۇ ئۆلچىمى بولىشى،ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار  رەسمى شئېىريەت ئەھلى ئىچىدىكىلەردىن يېتىشكەن شائىرلاردىن بولىشى كېرەك ئىدى.
   
      ئەدەبىياتنىڭ ئۆتمۈشىدىن خەۋىرى يوق يېڭى ياشلار ئۇدۇل مىكرۇ  شئېىرلار  ،يېڭى شئېىرلار سېپىگە كىرسە  قالايمىقانچىلىقتىن باشقا قايسى يېڭى نەتىجە بارلىققا كەلسۇن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 01:30  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 253
تۆھپە : 3
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 03:55:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈن ئەپەندى، سىزنىڭ  «تۆگە»لەر بىريەردە قېلىپ،«تۈگمە»لەر دىققەتكە يېقىن بولۇپ كەتتى،دەپ ئەپسۇسلىنىشىڭىز تامامەن توغرا. لېكىن،سىزنىڭ يېڭى شېئىرىيەت ۋە ھېچنىمىزىمچىلاردىن ئاغرىنىشلىرىڭىزغا بەكرەك ھاياجان ئارىلىشىۋاپتۇ.يېڭى شېئىرىيەت بىزگە نېمە ئاتا قىلالىدى؟دېگەندە، ئۇ بىزگە ھېچ بولمىغاندا پىكىردە يېڭىلىق،شەكىلدە ئۆزگىچىلىك ئېلىپ كەلدى. ئادەتلەنگەن تەپەككۇرشەكلىگە ئانچە-مۇنچە يېڭى ھاياتى كۈچ بەخش ئەتتى. بۇ 20نەچچە يىللىق سىناقتىن ئۆتكەن ئەمەلىيەت.بۇنىڭغا سىزنىڭ ئۇشبۇ ماقالىڭىز سەۋەپلىكلا كۆزىمىزنى يۇمۇۋالساق سەمىمىيەتسىزلىك بولىدۇ. دەرۋەقە، سىز تەنقىدلەۋاتقان «ھېچنىمىزىم» ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بار. ئۇلار سۆزلەرنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ۋە ئىماگلارنى ئىشلىتىشتە ئاۋامنىڭلا ئەمەس،شېئىر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىتىۋەتكەن تەرەپلەرگە كۆز يۇممايمىز. مەلۇملۇقكى، ئەينى ۋاقتتىكى «گوڭگا شېئىر ھادىسى»مۇ موشۇنداق «ئۆگەيلىنىش»تىن ئىبارەت ئازاپلىق جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ،ئىرادىسىدىن تەۋرەنمىگەچكىلا ھازىرقى ئىتىراپقا ئىرىشىپ،«ئاكا»سى بىلەن ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا(ئىپادىلەش ئۇسۇلى) ئوخشاش ۋەزىپە(ئىستېتىك زوق)نى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. ھېچنېمىنىزم ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر يۇقارقى تەرەپلەرگە دىققەت قىلسىلا ،بۇنىمۇ نېمىشقا بىر سىناق،دەپ چۈشەنسەك  بولمايدىكەن؟! ئاۋۇ ئىماگلار ئۈستىدە ئەلكۈيى مۇنبىرى بولۇنغان گەپلەر ئاز ئەمەس. بۇنى شېئىرى ئىماگلارنىڭ ۋەزىپىسى نوختىسىدىن شەرھىيلىگەنلەرنىڭمۇ،باشقا بىر نوختىدىن شەرھىيلىگەنلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئاساسلىرى بار. شۇڭا سىزنىڭ ئالدىراپلا «ئۇلارنىڭ ئەسلا ئەدەبىياتقا يېڭىلىق بېغىشلاش ئارزۇسى يوق...» دېگەندەك ھۆكۈم خاراكتىرلىك يەكۈن چىقىرىشىڭىزنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئۇلاردىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ ئەشۇ «قارام»لىقىدىنمۇ كۆرۈپ يەتمىگەندەك قىلىسىز. سەل سالماق بولايلى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 12:00:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نەۋقۇت ئەپەندى  مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالەمدە «ھاياجان ئارلىشىپ »  قېلىشى پەقەت قىسمەنلىكنى ئىگىللەيدۇ.

        ھازىر دەرىجىدىن «ھالقىپ كەتكەن»يېڭى شئېىرلار ئېقىمىدا كېتىۋاتقانلارنىڭ 98 پىرسەنتى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان.بۇ يەردە گەپ ئاخىرى «نىيەت» كە بېرىپ تاقالدى. مېنىڭ «نام-شۆھرەتكە ئېرىشمەكچى» دىگىنىم ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنى يەنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن پىششىق خەۋەردار بولغان،شئېىرنىڭ ئەسلى ئۆلچىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان،شۇنداق تۇرۇپ «ئاتالمىش غەزەلچە» يازمىنى يازغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
     ناھايىتى كۆپ ساندىكى ياشلارنىڭ شۇ خىل « نىيەت» تىن خەۋەرسىزلىكى.كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قانۇنيەتلىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى دىمەي تۇرايلى.ھەتتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى،قانۇنىيىتىدىنمۇ خەۋەرسىز لىكى راست،شۇ ھالدا ئۇلار«يېڭى» د دىگەن ئۇقۇمنىڭ قىزىقتۇرىشىدا شۇ ئېقىمدىكى شئېىرلارغا قىزىقىپ،ئۇنىڭ ئەھلىگە ئايلىنىش يولىغا ماڭغان.ئۇلارنىڭ نەزرىدە ئەنئەنىۋى شئېىرلار«جىن» دەك سەت كۆرۈنىدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلگەن....
     بىز مۇشۇ تۇپراقتا ياشاۋاتىمىز.چەتئەلنىڭكىنى قۇبۇل قىلساقمۇ « ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى زىمىنىدىن يىلتىز تارتىپ چىققان يېڭىلىق» قا ئايلاندۇرساق ياخشى بولاتى.ئەگەر شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە يېڭى شئېىرلارنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ 60 پىرسەنتى ئاڭقىرالمايدىغان ئىش يۈز بەرمەيتى....

      سىز نىڭ «نىيەت» نى تىلغا ئالغانلىقىڭىز مەسىلىنىڭ مېغىزىنى تۇتقانلىقىڭىزدۇر. توغرا « يېڭى شئېىرلار» ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋەرمەي ئۇنىڭ «نىمە ئۈچۈن يېزىلىۋاتقانلىقى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە مەنىۋى زىمىنىدا يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ -يوق؟ ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس يېڭى شئېىرلار قانداق بولىشى كېرەك؟» دىگەندەك ماھايەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنزىرە قىلىنىشى زۈرۈر ئىدى.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 18:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن ئۆز قارىشىمدىن يېنىۋالغىنىم ئەمەس.ۋاقىت ۋە ئەمىليەت ھەممىنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر.

     يەنە بىر ئىش : غەرپنىڭ شئېىريەت ئېقىمىمۇ كىردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك زوقلىنىش ئادىتىگە ،روھى دۇنياسىغا غەرپنىڭ ئىستىتىك زوقلىنىش ئادىتى بېسىپ كىرىپ،ئەسلىدىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەرمۇ؟

   
     ئاخىرقى مەسىلە: چەتئەلنىڭ شئېىرىي ئېقىملىرىنى مودا بىلىش،ھەتتا ئەڭ ئاساسى يۈزلىنىش قىلىۋىلىش يېڭىلىقنى ئېلىپ كىرىش ۋە قۇبۇل قىلىش نوقتىسىدىن تامامەن توغرا.لىكىن ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ ئۆلچىمى بولۇش نوقتىسىدىن قارىغاندا مىللى ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكنى پۈتۈنلەي چىقىرۋىتىپ يۈزلىنىش بىكىتىشكە توغرا كەلسە يېڭى شئېىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى خوشاللىقتىن يېرىلىپ كېتەرمۇ؟

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 18:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ۋە ئەمىليەتنىڭ دانالىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.بەلكىم بىزنىڭ مىللىلىكىمىز بارغانسىرى سۇسلاپ ئەۋلادلىرىمىز غەرپلىشىپ ياۋروپالىقلىشىپ كېتەر.ئۇيغۇر دىگەن ناممۇ ئۇنتۇلار.ياكى ئەجدادلىرىنىڭ روھى خائىنلىق قىلغانلارنى ئۇرۇپ،روھمۇ،شئېىرمۇ ساپلىشار....

       يۇقۇرقىدەك كۈتۈش،سەۋىر قىلىش خاھىشى ئاجزىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.كۆڭۈل ئاق يەر-بوشلۇقتۇر.ئۇنىڭغا قانداق ئۇرۇق چۈشسە شۇنداق ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ. ئەۋلادلار چەتئەل شئېىريىتى داۋرىڭدا يېتىلسە ئەلۋەتتە  ئەجنەبى شائىرلار،خائىن شائىرلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.مىللى غورۇرى كۈچلۈك قەلەم ساھىبىلىرى ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ مىللى ساپلىقىنى قوغداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئۆز-ئارا بىرلىشىپ ئاتالمىش « يېڭىلىق » تونىغا ئورىنىۋالغانلارنىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كۆرسىتىپ، ئەدەبىياتنىڭ مىللى ئۆلچىمى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشى زۈرۈر....

      يەنە بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش: نوبىل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن چەتئەل شائىرلىرىنىڭ 99 پىرسەنتى مىللەتنىڭ شائىرى دەپ نام ئالغانلار. چەتئەل شئېىريىتى ئىلغارلىقىنى ئۈگىنىش خاتا ئەمەس. لىكىن ئۇلارنى دوراپ ئۇلارنىڭ پەدىسىدە شئېىر يېزىش « جۈگەندە شئېىر» لارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھازىر ھە دەپ بازارغا سېلىنۋاتقان «مىكرۇ شئېىر،ئاتالمىش غەزەل» لەر دەل شۇنداق « جۈگەندە» ( بۇغداي ئۇن،قوناق ئۇن ئارلاشمىسى»  شئېىرلار ھېساپلىنىدۇ....
     
      مېنىڭ  شۇ « جۈگەندە شئېىرلار» نى يېزىۋاتقانلار بىلەن شەخسى ئاداۋىتىم يوق.... شئېىريەتنىڭ  مىللى ئالاھىدىلىكى نوقتىسىدىن گەپ قىلغۇم كەلدى....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك تەلپۈنۈشىدىن قارىغاندا يېڭىللىققا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.بۇ  ئەدەبىياتتىكى يېڭىلىقلارغا قىزىقۇچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما «يېڭىلىق» يېڭىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ مەخسۇس كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇشنىلا كۆزلەپ،ئەنئەنىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدىمۇ يوق؟ ئەنئەنىنى ئىنكار قىلغانغا يارىشا زوقلانغۇچىلارغا مەنپەت ئېلىپ كېلەلىدىمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئويلاشقا توغرا كېلىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بەزى شئېىرلارغا قارايدىغان بولساق يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەش جەھەتتە توغرا بولسىمۇ،ئەنئەنىنى ئىنكار قىلغانلىقىنىمۇ يېڭىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىق دەپ چۈشىنىشكە توغرا كەلسىمۇ لىكىن يارىتىلغان يېڭىلىق ئەنئەنىنى ئىنكار قىلغانغا چۇشلۇق قىممەتكە ئىگە بولالىدىمۇ يوق؟ قىممىتى بولسا قايەردە؟ ئۇنى ئەڭ كۆپ ئوقۇرمەنلەر ئاڭقىرالىدىمۇ؟ ئۇنىڭدىن بەھر ئالادىمۇ ؟ دېگەن سۇئالىرىمىزنىڭ جاۋاپسىز قالىدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمىز.ھەقىقەتەن بىر قىسىم شئېىرلار ئەنئەنىنى بۇزغاننى ئاز دەپ ئاپتور ۋە ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا ئاڭقىرالايدىغان شئېىرلارنى يېزىۋاتىدۇ.بۇ نامدا يېڭىلىق بولسىمۇ ئەمىليەتتە شئېىريەتنى سىرلىقلاشتۇرۇشقا،ئوقۇرمەنلەردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش