كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 1

چۈنكى مەن ''بۈيۈك'' ئادەم ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1488
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 12:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىلەر ياختۇرامدۇ، ياختۇرمامدۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ مېنىڭ بىر ئادىتىم بار، ئۇ بولسىمۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئىشقا مېڭىش يولىدا كۆز ئالدىمدىكى ئادەملەر ئېقىمىغا بولۇپمۇ شۇ كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىللىرى، مېڭىش قىياپىتى، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆز خىيالىدا توغرا دەپ قىلىۋاتقان ئىش ھەركەتلىرى، ئۈنلۈك ياكى تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەشلىرى، تېلىفوندىكى يۇقىرى ياكى تۆۋەن ئاۋازلار، بەزىلەرنىڭ گەرچە "زوڭتوڭ" بولمىسىمۇ قاپاقلىرىنى سۈزۈپ خۇمداننىڭ مورىسىدەك ئىگىلمەي-سۇنماي "دانكۇ"دەك مېڭىشلىرى(چۈنكى ئۇ ئۆز خىيالىدا بۈيۈك ئادەم)، سالاملىشىشلاردىكى سەھەردىن باشلانغا يالغان،ساختا ھال سوراشلار، يوللاردىكى كىشىلەرنىڭ " تاغىل يول" بىلەن چاتىقى يوق، خالىغان ئۆزىگە قۇلاي جايدىن ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىشلىرى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە يول بەرمەي سىغدىلىپ چىقىپ، چۈشۈشلىرى...... ئىشقىلىپ ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە توغرا بولغان ئىش ھەركەتلىرىگە زەڭ سالغىنىمدا مەنمۇ بىلىپ بىلمەي ئۆزەم بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان خىياللارنى سۈرۈپ قويۇمەن ۋە ئۇنى خاتىرەمگە يېزىپ قويىمەن. كائىناتتا يەر شارى پەقەت بىرلا، ئەمما ھەممە كىشى خىيالىدىكى يەر شارى ئوخشىمايدىكەن، بەزىلىرىنىڭ شەرىقتىن غەرىپكە چۆگلىسە يەنە بەزىلىرىنىڭ غەرىپتىن شەرىققە چۆگىلەيدىكەن، يەنە بەزىلىرىنىڭ شىمالدىن جەنۇپقا، يەنە بەزىلىرىنىڭ...... ئىش قىلىپ شەرىققە چۆگلىگەن غەرىپكە چۆگلىگەننى ، غەرىپكە چۆگلىگەن شەرىققە چۆگلىگەننى ساق دەيدىغان ئادەم بەك ئازكەن. سورۇندا ھەركىم بىر قالتىس ناتىق، ئۇنىڭ ئۆزى كۆرگەن دۇنياسى بىباھا ۋە بۈيۈكتۇر، سۆزلىرى ئۈنچە مەرۋايىت ۋە دۇردانىدۇر، كىشىلەر ئارىسىدا دەرەخ يۇپۇراق تاشلىغاننى كۆرۈپ ئۇ دەرەخ ساراڭ بولمىسا يۇپۇرمىقىنى تاشلامدۇ دەيدۇ، ھەتتا ئىچكى ئەزالىرىنىڭ كاشىلىسى چىقسا شۇنىمۇ "تىلايدىغانلار "مەنچە ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ھەركىمنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلىرى بۈيۈكتۇر، شۇڭا ئۇلار ئۆزگىلەرنىڭ نەگە ئالدىراش ماڭغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەم بىلىشنىمۇ خالاپ كەتمەيدۇ، ھەتتا ئۆزگىلەرنىڭ ئۇتتۇق قازىنىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ قەلبىدە مەمنۇنلۇق ئۇياقتا تۇرسۇن چىرايدا ساخاتا مەمنۇن ئەمما باغرىنى مىڭ قۇرۇت تىتمىلاۋاتقان ھالىتىنى بىر ئامال قىلىپ گۈزەل ئوخشۇتۇش ۋە ئىپادىلەش شەكلى بىلەن نەزىريە شەكىللەندۈرۈپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە تىرىشىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا " نېمە كارىم" لىق قاراش بەك موھىم. ئەلۋەتتە خىيال دېگەن قانداق سۈرسە بولىۋىرىدۇ، ھازىرچە خىيالغا تېخى قانۇن چىقمىدى،قايسى خىيال توغرا قايسى خىيال خاتا بۇنىڭغا ئېنىق تەبىر بېرىلسىمۇ ئەمما ئاڭلايدىغان قۇلاقلار تولىمۇ ئاز، چۈنكى "بۈيۈك" ئادەملەر "ئادەتتتىكى"ئادەملەرنىڭ تەبىرىنى ئاڭلاشنى "پەس" كۆرىدۇ، بىز بۇنى ئېتىراپ قىلايلى! ،ھازىرغىچە ئاشۇ كىشىلەردە " مەن كىم؟" دېگەن سۇئالغا ھەقىقىي جاۋاب ئىزدىگەن كىشىلەر بارمىدۇ؟، ئەمما " ئۇ كىم؟" دېگەن سۇلنى قويسىڭىز ئاساسەن خېلى تىرىشىپ تەرىپلەپ بېرىدۇ. شوپۇرلۇق كېنىشكىسى يوق بىر "بۈيۈك"شەخىسنىڭ نەچچە يىللىق تاكسى شوپۇرىغا " قاتناشتىكى موھىم مەسىلىلەر ھەققىدە تەلىم بېرىشى ۋە تاكسى شوپۇرىنىڭ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ گەپ قىلماي بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرىشىدىن" ، پىيەدە يول يۈرىۋاتقان كىشىنىڭ يۈگىرەۋاتقان كىشىگە يۈگۈرۈشنڭ ئەخمىيىتى ھەققىدە بۈيۈك تەپپەكۈر بۇلاقلىرىنى پارتىلىتىشلىرى، كېسەل كىشىنىڭ ساغلام كىشىگە سالمەتلىكنىڭ موھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىبىنسىنا نەزىريىرىلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشلىرى، بەزى كىشىلەرنىڭ مەجبۇردىن مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى "بۈيۈكلەر" سەھنىسىگە قىستاپ كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەتىراپتىكىلەرگە كىبىر بىلەن نەزەر سېلىشى،.....ئادەمدە زادى كىم ساق، كىم ساق ئەمەس دېگەن خىيال پەيدا بوپ قالىدۇ. مەنچە بولسا ئۇلارنىڭ شۇ "بۈيۈك" مىيىتى ياتىدىغانغا مارىسنىڭ ئەڭ قىممەت ياغاچ ماتىرىيالىدىن تاۋۇت ياساپ دۇنيا ئېكىرانىدا ناميەن قىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتسە بەك ياخشى بولاتتى.، ئەپسۇس ئىش ئۇنداق بولماي نامىراتمۇ، بايمۇ ، رەھبەرمۇ، پۇقرامۇ، ئالىي ئىنجىنىرمۇ ئادەتتىكى خادىممۇ......ئىش قىلىپ ھەممە ئادەم ئورتاق ياتىدىغان تاۋۇتتا يېتىپ كېتىپ بارىدۇ، بۇ خىل ھال بۇ"بۈيۈك" ئادەملەر ئۈچۈن بەك "نومۇس" ئىش بولدى. چۈنكى يەر شارى بىز قەۋىم ئۈچۈن چۆگلىشى كېرەك.
. o" k0 D# K- w" z' {8 G1 @) H

يەتتە خىل رەڭ ھەقىقەتەن ئارلىشىپ كېتىپتۇ، كىمنىڭ قانداق رەڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەك ھەقىقەتەن تەس، بۇنى ئايرىشقا ھەقىقەتەن بىر قالتىس ماھارەت كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەردە قانداق ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە، باشقىلارنى دوراپ ياشاش ئېىقىمى كۆپ ساندىكى كىشىلەردە ئورتاق ساقلانغان بىر خاھىش، تۇغۇلدۇم ، قانداق ياشاپ قانداق كېتىش مېڭىنى چارچىتىدىغان تايىنى يوق بىر ئىش بولغاچقا كۆپ ساندىكى كىشلەر رىۋايەتلەردىكى 1000ياشقا كىرىپتۇ دېگەن ئۇقۇمنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغاچقا باك "خاتىرجەم" ياشاشنى ئادەت قىلىدۇ، سەن ئۆلۈپ كېتىسەن دىسە شۇ كىشىنىڭ قولىنى چىن ئەقىدە بىلەن سىقىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئەكسىنچە شۇ كىشىگە لەنەت ياغدۇرۇپ "ئۆلمەيدىغان ئەبلەخ" دەپ ئەرۋايىمىز پەلەككە ئۆرلەپ كېتىدۇ، بىز بۇنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك(چۈنكى سىناقتىن ئۆتكەن). سىز نېمە ئۈچۈن پېقىرنى كۆزگە ئىلمايسىز ، چۈنكى سىز بىر " بۈيۈك" ئىنسان، مەسىلە بەك ئاددىي، مانا بۇ مەزكۈر دىيارىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ئاشۇ "بۈيۈك" كىشىلەرنىڭ ئۆزگىلەرنىڭ كىتابىنى ئوقۇماسلىقىدىكى سەۋەب. سىز بىر كىتاپ ئوقۇغاندا نېمە ئۈچۈن ۋاراقلاپ ئاللاقانداق سىزگە تەسر قىلىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئىزدىگەن چېغىڭىزدا نېمىلەرنى ئويلايسىز؟، نېمە ئۈچۈن؟....، نۇرغۇن كىشىلەر 5-دوختۇخانىنىڭ تېزىرەك سېلىنىپ داۋالاشقا تۇتۇش قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىشىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ قاچان ئەمەلگە ئاشار؟، ئادەمنى كېسەل چىرمىغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىچكى ئازا كېسىلىم دەپ قارايدۇ، نىيەت ۋە دىلدىكى كېسەلنى ھېچكىم خىيال قىلغىنى يوق، بۇنداق كېسەل ھەر زامان "بۈيۈك" تەپپەكۈرلەرنىڭ بۆشۈكى ئىكەنلىكىنى سىزمۇ بىلىسىز، نىيەت كېسىلى يامرىغان رايۇن قەۋىملىرىنىڭ كەلگۈسىدە كۆرىدىغان كۈننى سىزمۇ پەرەز قىلالايسىز ئەۋەتتە، كىبىر سەھنىسى خېلى تەرەققىي قىلغان بۇ قەۋىم ئارىسىدا كىبىر سەنئىتى رەڭدارلاشتى، بۇ راسقۇ؟، كىبىر قىرغىنچىلىقىدا نۇرغۇن دىللار يارىدار بولدى، ئەممە كىبىرنىڭ باھاسى يوق!. سىز ھەر كۈنى كەشىڭىزنى كىيىپ سەھەرلىك قەدىمىڭىزنى تاشلىغاندا سىزنىڭ ئاشۇ"بۈيۈك" پۇتىڭىزغا تاش، شوخىدىن ساقلاپ ماڭدۇرىدىغان شۇ ئايىقىڭىزنىڭ چەمىگە قاراپ باقامسىز؟...!!!!!!!، مەنچە بۇ بەك قىيىن ئىش. قورساق غېمىدا غىزا يەپ بولغاندىن كېيىن ئاش-تائام ھەققى ئۈچۈن"دۇئا" قىلىپ ئاش ئەتكەن كىشىنى خىيالىمىزغىمۇ ئەكەلمەسلىك كىشىنى كىبىرلىك بىلەن ئويلۇنۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ، لېكىن مەن بۇ مەسىلىلەرنى خىيال قىلسام مېڭەمنىڭ چارچايدىغىنىنى بىلىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلار"ھەقىقەتەنمۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز"....!. ئىگىز بىنا بىلەن بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر ئاي شارىدىن قارىغاندا قايسىنىڭ ئىگىز قايسىنىڭ پاكار ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمايمىش(چۈنكى مەن چىقىپ باقمىغان)، سىز ۋە مەن خېلى "بۈيۈك" خىياللارنى قىلىپ، " بۈيۈك قامۇسلارنى" يېزىپ "بۈيۈك قەدەم" لەرنى بېسىپ، "بۈيۈك" تونلىرىڭىزنى كيىپ، "بۈيۈك" قاتناش قورالىڭىزنى ھەيدەپ "بۈيۈك" سۆلىتىڭىزنى كىيىم مودېللىرىدەك نامايەن قىلغىنىڭىزدا ، ئۆزىڭىزدىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىڭىزگىمۇ ئېنىق بولمىغان"بۈيۈك" نىشانغا ماڭغان چېغىڭىزدا مىسالى كېسەل كارۋىتىدا ئېڭىراپ ياتقان تۇنۇشلىرىڭىز، خوشنىڭىز، دوستىڭىز، خىزمەتتىشىڭىز ......ئۈچۈن يانچۇقىڭىزدىكى "بۈيۈك" بايلىقىڭىزنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى خىيال قىلماي ئۇلار ئۈچۈن سەمىمى تىلەكتە داۋالىنىش ھەققى تاپشۇرۇپ قويۇشنى خىيال قىلىپ باقتۇقمۇ؟.....بىلىمىز  بۇلار بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتسىز!!!....بۇ يەردە بۇنداق ساھەلەردىكى ئىشلارنى داۋاملىق تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، چۈنكى مۇشۇلارنى ئۇقۇۋاتقان چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلىدۇ!!!...... چۈنكى مەن "بۈيۈك" ئادەم ئەمەس.  چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر قۇلڭدىن كەلسە گۈل قىس دەيدۇ، ئەمما ئۇ گۈل دەپ قىسىۋالغان گۈلنىڭ گۈلمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ بۇنى بىلمەك تەس! ....................خەير! ماڭغان يولىڭزدىن كېيىنكىلەرنىڭ يولى راۋان بولسۇن!.


mukam.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  881
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەستاھىدىل قاراپسىز ، تېخىمۇ چوڭقۇر قارىسىڭىز ، زور ئىشلار يۈزبىرىدۇ.

ئادەم__ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش