مۇھەممەدجان يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 15:05 
زۆھرەگۈل خانىم مۇمكىن بولسا ‹‹قار ياغماقتا لەپىلدەپ ئ ...
مەھەممەتجان توختى
قار ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار
قار ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار،
ئاق لىباسقا ئورالدى ئەتراپ.
يۇيۇلسىمۇ كۆڭۈل كىرلىرىم،
بىراق روھىم تۇرار قاغجىراپ.
ئوي-خىيالىم چىگىش شۇ قەدەر،
ئۆتۈپ كەتتى تۈننىڭ يېرىمى.
قۇچاقلايدۇ ۋاپادار ياردەك،
يۈرىكىمنى ياشاش بېسىمى.
كۆزلىرىڭگە باقسام مۇڭلىنىپ،
يۈرىكىڭمۇ ئاغار ئېھتىمال.
بۇ زاماندا ئەر بوپ ياشاشنىڭ،
تەسلىكىنى بىلەمسەن ئايال.
قار ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار،
كەلگىن قاردەك ئاققىنە ئەي يار.
قار كېچەيلى ئۇتۇپ ھەممىنى،
بەر تەسەللى سەن ماڭا دىلدار.