كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 3

تۇرسۇنجان مۇھەممەت _ شىمال خاتىرىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2881
تۆھپە : 236
توردا: 1528
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 21:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىمال خاتىرىلىرى



(ئەدەبىي خاتىرە)



تۇرسۇنجان مۇھەممەت


1



زارىقىپ كۈتكەن كۈنلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى.

جەنۇبىي ۋە شەرقى شىنجاڭ ياش يازغۇچى-شائىرلار خۇددى سۆيگەن يارىنى كۈتكەندەك، يۈرىكىگە تۇنجى ئىشىق ئوتىنى ياققۇچى مەھبۇبىسىغا تەشنا بولغاندەك، بۇ كۈن ئۈچۈن خېلىدىن بېرى تەقەززا بولۇپ تۇرغانىدى.

7-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن، شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 7:30دا، ئۈرۈمچى خەلقارا چوڭ بازىرى ئۇدۇلىغا جايلاشقان «خاندىيار مېھمانخانىسى» ئالدىدىن ماشىنىغا چىققان 20 نەپەر جەنۇپ ۋە شەرقى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرى ھاياجان ئىلكىدە يولغا چىقتى. ئۈرۈمچى بىزنى ئەڭ ئامراق ئوغلىنى ئۇزۇن سەپەرگە يولغا سالغان ئانىدەك كۆز ياشلىرى ــ سىم-سىم يامغۇرى بىلەن ئۇزىتىپ قويدى.

ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ بەزىلىرى كونا تونۇش، بەزىلىرى تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان، پەقەت مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈشۈپ، ئىسىم-سۇپاتلىرى ۋە يازمىلىرى ھەققىدە يۈزەكى تونۇشقا ئىگە ئىدى. شۇنداق بولغانلىقىغا قارىماستىن ھەممەيلەننىڭ كەيپى چاغ، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ۋە دوستانىلىق، بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت بالقىپ تۇراتتى. پەقەت كىچىككىنە بىر ئىش بىزنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. چۈنكى، خوتەندىن بارىدىغان مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر خانىم ئانىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن بۇ قېتىملىق سەپەردىن قېلىپ قالغانىدى. ئۇ بىز بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن «خاندىيار مېھمانخانىسى» ئالدىدا ئاپتوبۇسقا چىققاندا، گەرچە كۈلۈپ تۇرسىمۇ يۈرىكىنىڭ چەكسىز پۇچىلىنىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدۇق ۋە ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا ئەپسۇسلۇق، ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىق ئالامەتلىرى تەپچىرىدى. بىز ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېيتىپ خوشلاشتۇق.

ماشىنا ئۈرۈمچى شەھىرى تاشقى ئايلانما يولىدا خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى – كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا چىقتى. شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت -ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، «يازغۇچىلار تورى»نىڭ باش مۇھەررىرى، بۇ قېتىمقى شىمال سەپىرىنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەيبۇ ياقۇپ ئورنىدىن تۇردى:

ــ سەپەرداشلار،ــ دېدى ئۇ ئىككى قولىدا يۈك-تاق جازىسىنى تۇتۇۋېلىپ،ــ سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپ بار. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىمالىي شىنجاڭ ياش يازغۇچى-شائىرلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا، جەنۇبىي،شەرقىي شىنجاڭ ياش يازغۇچى -شائىرلىرىنى شىمالىي شىنجاڭغا ئاپىرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىش، ھەر قايسى يۇرت يازغۇچى- شائىرلىرىنى يۈز كۆرۈشتۈرۈپ دوستلىقىنى چىڭىتىش،ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، رايونلار ئارا پەرقنى كىچىكلىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى تەشكىللەشنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزگەن ئىدى. بىز 2011-يىلى كۈزدە شىمالىي شىنجاڭ ياش يازغۇچى- شائىرلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرى، كەڭ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتۇق. بۇ قېتىم بىز سىلەرنى شىمالىي شىنجاڭ سەپىرىگە تەشكىللىدۇق. تۇنجى بېكىتىمىز نېفىت شەھىرى -قاراماي. ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇرمۇش ئۆگىنىمىز. ئاندىن بۆرتالا شەھىرىگە بېرىپ ئىككى كۈن ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولىمىز؛ ئاندىن گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا بەش كۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرقى بېكەت مايتاغقا قايتىمىز. ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ سانائەت شەھىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىمىز. ئومۇمىي پائالىيىتىمىز 11 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۆمىكىمىزنىڭ ئۆمەك باشلىقى غەيرەت ئاسىم ئاكىلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، تۈۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپنى شىمال سەپىرىدىكىلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش زۆرۈر دەپ قارىدۇق. بىرىنچىدىن، بۇ قېتىم سەپەرگە چىققانلار يازغۇچىلار، ژۇرنالىستلار، ئاۋامنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن قەلەم ساھىبلىرى. شىمالدىكى يازغۇچى-شائىرلار ۋە كىتابخانلار سىلەرگە دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن ئۆز ئوبرازىمىزغا دىققەت قىلساق، يولىمىزغا تەشنا بولۇۋاتقانلارغا ياخشى تەسىر بەرسەك. تېتىك، جۇشقۇن روھى ھالەتنى ساقلىساق. ئىككىنچىدىن، بىز يۇرت كېزىپ يۈرىدىغان ئادەتتىكى ساياھەتچى ئەمەس، شىمالنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىدىن زوقلىنىپلا قايتىپ كەلسەك بولمايدۇ. بىزدە ھەر قايسى يۇرتنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى، ئۇ يەردىكى يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدىغان روھ بولۇشى كىرەك. شۇڭا ھەممەيلەن تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنسەك. ئۈچىنچىدىن، ھەممەيلەن سەپەرنىڭ ئىنتىزامىغا ئاڭلىق بوي سۇنساق، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلساق. خۇشال باشلانغان سەپىرىمىز خۇشال ئاخىرلاشسا، بىرەر ئىش چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالساق.

ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى چاۋاك چېلىش ئارقىلىق  ئورۇلاشتۇرۇشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ــ بىز ئەمدى پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك يۈرگۈزۈش ۋە زۈرۈر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن بىر نەپەر ئەترەت باشلىقى سايلاپ چىقايلى،ــ دېدى ئەيبۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،ــ قېنى، ئاراڭلاردىن بۇ خىزمەتكە كىم ئەڭ لايىق؟ دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىڭلار.

سەپەرداشلار كۆپ تالاش تارتىش قىلماستىنلا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسماننى  ئەترەت باشلىقلىقىغا سايلاپ چىقتى.

ــ بۇ قېتىملىق شىمال سەپىرى ھەققىدە بىر ئەدەبىي خاتىرە يېزىپ، ئۇنى كىتابخانلار ۋە تور ئەھلىگە يەتكۈزۈش زۈرۈر، ئەمدى مۇشۇ ئەدەبىي خاتىرىنى يېزىشقا تېگىشلىك ئادەمنىمۇ بېكىتىۋالايلى،ــ دېدى ئەيبۇ ئاپتوبۇس ئىچىدىكىلەرگە تەكشى قاراپ چىقىپ،ــ ياخشىسى بۇ خاتىرىنى يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان ياكى بولمىسا تۇرسۇنجان مۇھەممەتتىن بىرىڭلا يېزىپ چىقىڭلار.

ــ تۇرسۇنجان يازسۇن،ــ ئەيبۇ ياقۇپنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ياسىنجان سادىق چوغلان ئېغىز ئاچتى. «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»دەك بۈيۈك ئەسەرلەرنى يازغان، خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن شۆھرەتلىك يازغۇچىنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى يىرىشقا كىم جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇنىڭ دېگىنى تېزلا ھەممەيلەننىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشتى.

ئەسلىدە مېنىڭمۇ ئارامخۇدا ساياھەت قىلىپ، ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلىنىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى يازغۇچى-شائىرلار بىلەن سىردىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مول تەبىئەت ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى بىلەن بەدىئىي جۇغلانمامنى بېيىتىپ كېلىش ئويۇم بار ئىدى. ئەمما ياسىنجان سادىق چوغلان ۋە باشقا سەپەرداشلارنىڭ ھە-ھۇسى بىلەن بۇ ۋەزىپە ماڭا يۈكلەنگەن بولدى. مەن سەل دىلىغۇللۇق بىلەن ماقۇل دېدىم.

سەپىرىمىز داۋاملاشماقتا. ئاپتوبوسىمىز ئۈرۈمچى-كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بىرەر سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن قاراماي يولىغا بۇرۇلدى. كۆپ ئۆتمەي ماشىنا توختىدى. نېمە بولغاندۇ، دەپ قارىساق ئۆمەك باشلىقىمىز غەيرەت ئاسىم بىزنى يول بويىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ھەممەيلەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئىگىز بويلۇق، قەددى- قامىتى كېلىشكەن، چىرايىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ رەھبىرىمىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق. غۇر-غۇر شامال سوقۇپ تۇرغان يول بويىدا ئۇ تەييارلىغان تاۋۇز، شاپتۇل دېگەندەك مېۋىلەرگە ئېغىز تەگكەندىن كېيىن يولىمىزغا راۋان بولدۇق.

ئۈرۈمچى بىلەن قاراماينىڭ ئارىلىقى 320 كىلومېتر بولۇپ، ئاپتوبۇسىمىز بەش سائەتتە بۇ مۇساپىنى تامام قىلدى. گەرچە ماشىنا بىز كۈتكەن سۈرئەتتە ماڭالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يول بويلىرىدىكى تۈرلۈك دەل-دەرەخلەر، كۆز يەتمەس كېۋەزلىكلەر، ئالتۇندەك چاقناپ، كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان ئاپتاپپەرەسلەر بىزنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالماقتا ئىدى. ھېچكىمدە سەپەر ھارغىنلىقى ۋە زېرىكىش بىلىنمەيتتى.

ئەتىگەن سائەت 7:30 دا يولغا چىققان ئۆمىكىمىز چۈش سائەت 12:30 دا قارامايغا يېتىپ كەلدۇق. ئاپتوبۇسىمىز «قاراماي مېھمانخانىسى» قوراسىغا كىرىپ كەلگەندە، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى، «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى دولقۇن تۇرغۇن، «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شائىر، يازغۇچى ئوسمان قاۋۇل، شائىر ئىبراھىم نىياز،سەۋىرىدىن ھېنىپىدىن قاتارلىقلارنىڭ بىزنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. تونۇش سىيما، تۇنۇش چىرايلار بىزنى يەنە بىر قېتىم ھاياجان كۆلچىكىگە چۆمۈلدۈردى. بىز ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئۇلار بىلەن قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتۇق.

ــ ئالدى بىلەن تائام. ئاندىن كېيىن كالام،ــ دېدى دولقۇر تۇرغۇن سائىتىگە قاراپ قويۇپ،ــ قېنى، گەرچە ۋاقىت ئازراق ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ تامىقىمىز ئىسسىق، ھەممەيلەن چۈشلۈك تاماق يەۋالايلى.

بىز قاراماي كاتتا مېھمانسارىيىنىڭ غەرپچە تاماق زالىدا چۈشلۈك تاماق يېدۇق. ئاندىن ياتاقلارغا ئورۇنلىشىپ بولۇپ، شىنجاڭ ۋاقتى سائەت ئىككىدە، پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە قاراماي شەھىرىدىكى زىيارىتىمىزنى باشلىۋەتتۇق.

دولقۇن تۇرغۇن ماشىنىدا يول باشلاپ بىزنى كونا قاراماي تېغىغا باشلاپ كەلدى. قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى زورىگۈلنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، كونا قاراماي تېغى دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى بولۇپ، قاراماي نېفىتلىكىنى تۇنجى بايقىغۇچى سېلىم بوۋاينىڭ قارا رەڭلىك ھەيكىلى مۇشۇ يەردىكى تەبىئىي نېفىت بۇلاقلىرىنىڭ قىرىغا ئورنىتىلغان ئىكەن. 4-5 مودەك دائىرىنى ئىگەللىگەن، كونا تەبىئىي ماي بۇلاقلىرىدا ھېلىمۇ لىققىدە خام نېفىت چىڭقىلىپ تۇرغان بۇ خاتىرە ئورنى بىزنى ھەيران قالدۇردى. ھەممەيلەن زورىگۈلنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزچە سېلىم بوۋاينىڭ ھەيكىلى ئالدىغا توپلاشتۇق. ئېشىكىگە قىڭغىر مىنىپ، ئالىچى راۋاپنى چېلىپ، كونا قاراماينىڭ چۆل- دالالىرىدا كېزىپ يۈرگەن خىزىر سۈپەت بوۋاينىڭ تۇنجى نېفىتلىكنى بايقىغان چاغدىكى قىياپىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتۇق.

سېلىم بوۋاينىڭ ھېلىلا قارا ماي كۆلچىكىدىن چىققاندەك كۆرۈنىدىغان ھەيكىلىگە قاراپ ئويلىنىپ قالدىم: كەكە ساقاللىق، يول-يول قۇرۇقلار قاپلىغان چىرايىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، ئويچان كۆزلىرى ئادەمگە مەيۈس تىكىلىدىغان، بارلىق ئارزۇ- ئارمانلىرىنى، دەرد-ھەسرىتىنى راۋاپ ئارقىلىق ئېشىكىگە سۆزلەپ بېرىۋاتقان بۇ تەنھا بوۋاي ئۆزى بايقىغان نېفىتلىكنىڭ بۈگۈنكىدەك زامانىۋى تۈس ئالىدىغانلىقىنى، ئۆزى كېزىپ يۈرگەن چۆل- جەزىرىلەردە بۈگۈنكىدەك زامانىۋى نېفىت شەھىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ئېلىمىزنىڭ نېفىت سانائىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قۇيۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمىدىكىنە؟ ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ نېفىتلىكتىن بەھرلىنىپ، ئۆز يۇرتىنى زامانغا لايىق قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنمىدىكىنە؟ شۇتاپ ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىن بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزىگە يۈكسەك ھۆرمەتتە ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتقان، خاتىرە ئۈچۈن تالىشىپ رەسىمگە چۈشۈۋاتقان ئوت يۈرەك ئەۋلادلىرىنىڭ تۇيغۇلىرىنى سېزەلىگەنمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ شادلىقىغا ئورتاقلىشالىغانمىدۇ؟!

زىيارەت ئۆمىكىمىز كونا قاراماي خاتىرە ئورنىدىن قايتىپ، قاراماي مۇزىيىنى، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ سۈيى قۇيۇلىدىغان توققۇز ئەجدىھا شارقىراتمىسىنى، ھەشەمەتلىك فۇنتانغا بېرىپ سۇ پەرىسىنىڭ گۈزەل ھەيكىلىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. قاراماي شەھىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات تارىخىدىن چوڭقۇر بىلىمگە ئېرىشتى.

قاراماي مۇزىيىدىكى خاتىرىلەردىن ئايان بولۇشىچە، 1909-يىلى مايتاغدا تۇنجى نېفىت قۇدۇقى بۇرغىلانغان. بۇ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان نېفىت سانائىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 1955-يىلى قاراماي 1-قۇدۇقىدىن سانائەت خارەكتىرلىك نېفىت ئېتىلىپ چىقىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك ــ قاراماي نېفىتلىكى بارلىققا كەلگەن. 1958-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى قاراماي شەھىرى قۇرۇلغان. 1959-يىلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، داچىڭ نېفىتلىكى بايقىلىشتىن بۇرۇنقى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغان ۋە جۇمھۇرىيىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان.

قاراماينىڭ بۈگۈنىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇھىتىنىڭ گۈزەل، شەھەر قىياپىتىنىڭ رەتلىك، پىلان-لاھىيەلىرىنىڭ ئەتراپلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ئېرىتىش دەرياسىنىڭ سۈيى قارامايغا باشلاپ كېلىنگەندىن كېيىن، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى بۇ قاقاس شەھەرنىڭ مۇھىتىدا تۈپتىن ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەن، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا سۈنئىي ئېرىق-قاناللار قېزىلىپ، سۇ باشلىنىپ، تۈرلۈك كۆچەتلەر تىكىلىپ، گۈل-گىياھلار ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر قىياپىتى بىر گۈزەل باغ تۈسىگە كىرگۈزۈلگەن. شەھەرنىڭ پاكىزلىقىنى تەرىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىكەن.

پائالىيەت كۈنتەرتىپىدىكى زىيارەت قىلىدىغان نوقتىلار كۆرۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، قاراماي شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈم ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاراماي مېھمانسارىيىنىڭ مىللىيچە غىزاخانىسىدا زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە كۈتىۋېلىش چېيى بەردى. كەچكى زىياپەتكە قاراماي شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تەن شياڭدوڭ، دولقۇر تۇرغۇن، ئوسمان قاۋۇل قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە قاراماي ئەدىبلىرىدىن ئىبراھىم نىياز، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى، سەۋىردىن ھەنىپىدىن، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ، دىلنۇر ياسىن قاتارلىقلار قاتناشتى. تەن شياڭدوڭ سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە قاراماي شەھىرىدىكى كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك ئۆتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن قاراماي شەھىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى.

2

8-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن.

بۈگۈن زىيارەت كۈنتەرتىپى بويىچە قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا، جەنۇبىي، شەرقى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرى بىلەن قاراماي ئەدىپلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئوسمان قاۋۇل رىياسەتچىلىك قىلدى. دولقۇن تۇرغۇن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نېفىتلىك ئەدەبىياتىنى جانلاندۇرۇش، ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر بۆلۈك تەدبىر-ئېتىۋار سىياسەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى:

ــ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىمىزنىڭ %80 خىزمىتى جۇڭگو نېفىتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بولىدۇ. بىز قاراماي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، نېفىتلىك ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق: (1) بىزدە قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، نېفىتلىك ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن نادىر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويدۇق. (2) ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە مۇكاپاتلانغان ھەر بىر پارچە ئەسەرگە 10 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىشنى تۈزۈملەشتۈردۇق. (3) توختاملىق يازغۇچىلار تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر توختاملىق يازغۇچىغا ۋەزىپە چۈشۈرۈپ، يىلىغا 10 مىڭ يۈەندىن پۇل بېرىمىز. (4) نوقتىلىق ئەسەرلەرلەرنى يۈلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، نوقتىلىق كىتاب چىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدۇق. يەنى ھەر يىلى ئىككى قېتىم، 3-ئايدا بىر قېتىم، 10-ئايدا بىر قېتىم نوقتىلىق يۈلەش تۈرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، تەلەپكە يەتكەن ھەر بىر پارچە ئەسەر ئاپتورىغا 10 مىڭ يۈەن بەرگەندىن سىرت، پۈتكەن ئەسەرلەرنى نەشرىياتلارغا سۇنۇپ، نەشر قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. (5) ئاپتونوم رايوندىن مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قەرەللىك ئىجادىيەت كۇرۇسلىرى ۋە ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ، نېفىتلىك يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتتۇق. (6) قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرۇسىدا ئىجادىيەت بازىسى قۇرۇپ نېفىتلىك ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيەت بازىسى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردۇق. (7) ھازىر توختاملىق يازغۇچىلار تۈزۈمىنى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەندۈردۇق. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىن بازىمىزغا كېلىپ، قاراماينى يېزىشنى خالىغان يازغۇچىلارنى تاللاپ، توختاملىق يازغۇچى قىلىپ بېكىتىپ، ئەسىرى پۈتكەنلەرگە 24 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەندىن سىرت، كىتابىنى نەشر قىلىشنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق...

دولقۇن تۇرغۇننىڭ سۆزى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان بۇنداق ئېتىۋار سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان بولسا ئۆزىدىمۇ قارامايغا كېلىپ ئەسەر يېزىش ئويى پەيدا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەت يىغىنىدا يەنە پېشقەدەم ئەدىپ، نېفىتلىك ئەدەبىياتىنىڭ تۆھپىكارى ئارسلان تالىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مول ئىجادىيەت دەرىسى ئۆتتى.

سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئۆمەك باشلىقىمىز غەيرەت ئاسىم خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى:

ــ بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىمىز نەتىجىلىك بولدى. كۆزلىگەن مەقسەتكە تولۇق يەتتۇق. دولقۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى، ئارسلان تالىپنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ئۆمىكىمىز ئەزالىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق جانلىق ئۆگۈنۈش پۇرسىتى بولدى. ئارسلاننىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىش، خاتىرە يېزىش، ئىجادىيەت ئىزچىللىقىنى ساقلاش روھى ھەممەيلەننىڭ ئۆگۈنۈشىگە ئەرزىيدۇ. تەكلىپىم، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ  خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى؛ ئاپتورلارغا بولغان مۇلازىمەت روھى؛ تەشكىلىي خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى ياخشىلاش؛ ئەدەبىياتقا مەبلەغ سېلىشنى قانداق ھەل قىلغانلىقى ھەممەيلەن  ئويلىنىپ بېقىشىغا تېگىشلىك مەسىلە. مېنىڭچە ھەممەيلەن ئۆز ئىجادىيىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشىمىز، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن قۇربان بېرىش، ئىجادىيەت ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجادىيەتكە ئۆزىمىزنى بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جەرەنبۇلاق خۇجۇلۇق باشقۇرۇش شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شائىر ئىبراھىم نىيازنىڭ يول باشلىشى بىلەن جەرەنبۇلاق رايونىدىكى خەلق مەيدانى، بۇرغىلاش ئەترىتى، نېفىت ئېلىش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك ــ قاراماي نېفىتلىكىدىكى زىيارىتىمىز ئاخىرلاشتى.

3


2012-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئەتىگەن سائەت 7:30.

بىز قاراماي مېھمانسارىيىنىڭ ياۋروپاچە تائاملار رېستۇرانىدا ئەتىگەنلىك ناشتا قىلغاندىن كېيىن  قاراماي مېھمانسارىيىنىڭ چوڭ مەيدانىدا ماشىنىغا چىقتۇق. دولقۇن تۇرغۇن، ئوسمان قاۋۇللار بىزنى ئۇزىتىپ تولى ناھىيەسىگە بارىدىغان تاشيول ئېغىزىغىچە كەلدى. بىز ئۇلار بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. ئەمدىكى مەنزىلىمىز بۆرتالا ئوبلاستى ئىدى.

قاراماي شەھىرىدىن باشلانغان تاغ يولى تولى ناھىيەسىنى يانداپ ئۆتۈپ، 100 كىلومېتردىن ئاشىدىغان تولى يايلىقىنى (بۇ يايلاقنىڭ ئېنىق ئىسمى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، ئارىمىزدا ئۇنى بىلىدىغانلار بولمىغاچقا مەن «تولى يايلىقى» دەپ ئاتىدىم)  كېسىپ ئۆتىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى (تۈزلەڭدە چوڭ بولغانلار) يايلاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيمىز. بىز كۆرۈپ چوڭ بولغان زېمىن ئاساسەن قۇملۇق ۋە قۇملۇق گىرۋەكلىرىدە سۇ قوغلىشىپ بەرپا قىلىنغان يېشىللىقتىنلا ئىبارەت. شۇڭا تولىي يايلىقى بىزدە ئاجايىپ كۈچلۈك ھەۋەس ۋە مۇھەببەت قوزغىدى. دۆڭ-ئېدىرلار، يېشىللىق قاپلىغان تۈزلەڭلىكلەر، يول بويلىرىدىكى ئويمانچاقلاردا ھەر خىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەنىدى. كۆز يەتمەس يېشىللىق ئىچىدە موتسىكلىت مىنىپ پادا بېقىۋاتقان چوپانلار كۆزگە چېلىقاتتى. گىرەلىشىپ كەتكەن تۆپىلىكلەردە، تىك يارلارنىڭ چوقىسىدا تۇلۇمدەك سەمرىپ كەتكەن ئايغىرلار، تايچاقلىرىنى كەينىگە سېلىۋالغان بايتاللار ئوتلاپ يۈرەتتى. ئاشۇ ئات توپى ئىچىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر ئاق ئاتقا كۆزۈم چۈشتى. ئىختىيارسىز «مەمەت ئاۋاق» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن، تۇرۇس تاغلىرىدا كىشنەپ يۈرگەن مەمەت ئاۋاقنىڭ ئاق ئېتىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يۈرىكىمدىن تارىغان بىر ئىللىق ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. مەن ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ئاشۇ ئاق ئات ئۆلمەس ئوبراز بولۇپ تۈنۈگۈننى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئىدى.

تولى يايلىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا توختاپ، ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىمىزنى بېسىپ، تاۋۇز، قۇغۇن ۋە نان بىلەن دالا تامىقى يېدۇق. ئاندىن يېشىل كىمخاپ يېپىنغان يايلاقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ رەسىمگە چۈشتۇق. تاماقتىن كېيىن سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ شىنجاڭ ۋاقتى 2 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بۆرتالا ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلدۇق. ئالاتاۋ ئېغىزى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش شۆ يۈەنبىڭ، بۆرتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى شىيۇڭ خوڭجىيۇ،ئالاتاۋ ئېغىزى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلزىرە ئالاقىدار خادىملارنى باشلاپ بىزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىمىزغا چىققان ئىكەن. ئۇلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالغاندىن كېيىن ئالاتاۋ ئېغىزى مېي لەنگې رېستۇرانىدا كۈتىۋېلىش چېيى بەردى. چايدىن كېيىن ئالاتاۋ تاشيول چىگرا ئېغىزى، جۇڭگو-قازاقىستان چىگرا ئېغىزى، ئالاتاۋ چىگرا مۇداپىيە 1-قاراۋۇلخانىسى، ئالاتاۋ ئېغىزى تۆمۈر يول ئالماشتۇرۇش پونكىتى، تۆمۈريول مال سېتىۋېلىش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق.

راستىنى دېگەندە جەنۇبىي شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن مېنىڭ چېگرا دېگەندىن تۈزۈك خەۋىرىمىز يوق ئىدى. خەرىتىلەردە دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ چىگرىسى ھەرخىل سىزىقلار ئارقىلىق ئايرىلاتتى. جۇڭگو-قازاقىستان چىگرا ئېغىزىنى كۆرگەندىن كېيىن، گەرچە بۇ چىگرىغا سىم توسۇقلار، تۈرلۈك چىگرا ئايرىش پاسىل تاملىرى سېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ پاسىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇنى چىگرا مۇداپىيە قاراۋۇلخانىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قانداق قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە تۇنۇشقا ئىگە بولدۇق. يىراقتىن كۆرۈنگەن قازاقىستان ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى، باغۋارانلىرى كۆزىمىزگە چېلىققاندا، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئانا تۇپراققا بولغان سۆيگۈمىز، ئانا ماكانغا بولغان مېھرىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى.

ئالاتاۋ ئېغىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ساھىبخانلار بىلەن خوشلىشىپ، كەچ سائەت 6دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە بۆرتالا ئوبلاستىغا يېتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ قونالغۇمىز شەھەر مەركىزىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا مېھمانخانىسى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان كەچكى قارشى ئېلىش زىياپىتىگە داخىل بولدۇق. زىياپەتكە بۆرتالا ئوبلاستلىق سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئاتاغلىق ئەدەبىي تەرجىمان مۇساجان ھۈسىيىن ( ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ ئاكىمىز 80-يىللاردا دۇنياۋى مەشھۇر ئەدىپ مۇپاسسانىڭ «ھايات» ناملىق رومانىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن)، بۆرتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خۇ يىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى شىيۇڭ خوڭجىيۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئا. ئويۇن (موڭغۇل) قاتارلىقلار قاتناشتى.

زىياپەتتە مۇساجان ھۈسىيىن بىزگە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:

ــ بورتالا موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، «يېشىل يايلاق» دېگەن مەنىدە، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە ئالتاي ۋىلايىتى، جەنۇپتا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالى قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 27 مىڭ 200 كۇۋادرات كىلومېتر، ئوبلاست بۆرتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسىدىن ئىبارەت بىر شەھەر، ئىككى ناھىيەدىن تەركىپ تاپقان. ئالاتاۋ چىگرا ئېغىزى، سايرام كۆلىدىن ئىبارەت ئىككى مەنزىرە رايونى بۇ ئوبلاست تۇپرىقىدىن ئورۇن ئالغان. ئومۇمى نوپۇسى 480 مىڭ، موڭغۇل مىللىتى ئاپتونومىيەلىك مىللەت بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇدىن ئىبارەت 35 مىللەت باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز-ئارا ياردەملىشىدىغان، ئىناق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت چىگرا رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     

4


10-ئىيۇل، ئەتىگەن سائەت 7:30 ، بورتالا ئوبلاستى.

بۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى پىلان بويىچە بۆرتالا شەھىرىنىڭ شاۋيىڭپەن بازىرى ئوتۇبۇلاق كەنتىنى، بۆرتالا شەھەرلىك چىندىل يېزىسىنى، 84-تۈەن 6-لىيەندىكى 3000 مولۇق سېرىق سەبدە گۈلى بازىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق.

سېرىق سەبدە گۈلى تۈرلۈك گىرىم بۇيۇملىرىغا خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي كىرىمى يۇقىرى سورتلارنىڭ بىرى ئىكەن. چىندىل يېزىسىنىڭ نۇپۇسقا توغرا كېلىدىغان يېرى ئارانلا 2 مو بولۇپ، قۇشۇمچە ئىگىلىك بولمىغاچقا بىر قەدەر نامرات يېزا ھېسابلىنىدىكەن. يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق ھۆكۈمەت 84-تۈەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سېرىق سەبدە گۈلى ئۈزۈشكە تەشكىللەپتۇ. بىر كلوگرام سېرىق سەبدە گۈلى ئۈزۈلسە 0.3 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئادەتتىكى بىر دېھقاننىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى 160 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. سېرىق سەبدە گۈلى 5-ئايدا ئېچىلىپ، كۈز كەلگۈچە داۋاملىق ھوسۇل بېرىدىكەن. يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %40 تىنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىپتۇ.

ئېكىسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چۈشلۈك تاماق يېيىلدى، چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 2 دە، «ئوتتۇرا ئاسىيا مېھمانخانىسى»نىڭ 6-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا زىيارەت ئۆمىكىدىلەر بىلەن بورتالا ئوبلاستىكىدىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنغا بۆرتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خۇ يىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا خۇ يىڭ بورتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى بىر قۇر تۇنۇشتۇردى. ئاندىن مۇساجان ھۈسىيىن بورتالادىكى يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ، بۆرتالادىكى ئاپتورلارنى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە تۇنۇشتۇردى. غەيرەت ئاسىم سۆز قىلىپ بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ــ بىز تۈنۈگۈن بورتالا تۇپرىقىغا قەدەم بېسىپ ئالاتاۋ ئېغىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق، كەچتە بورتالا ئوبلاستىدىكى رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتۇق. بۈگۈن يەنە نۇرغۇن ساياھەت ئورۇنلىرىنى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئۆلگە نۇقتىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۆزگىچە تەسىراتلارغا ئېرىشتۇق. ھازىر سۆھبەت يىغىنى ئېچىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت ئۆز -ئارا ئۆگۈنۈش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، كېيىنكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت. شۇڭا ھەممەيلەن ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا پىكىرلەشسەك.

ئەيبۇ ياقۇپ جەنۇبىي، شەرقىي شىنجاڭ ۋەكىللىرىنى بورتالالىق يازغۇچى-شائىرلارغا تۇنۇشتۇردى:

ــ بۇياق خوتەن ۋەككىلىرىدىن تۇرسۇنجان مۇھەممەت، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى (مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يىغىن ئەھلىگە سالام بەردىم، ئاندىن تۇنۇشتۇرۇش داۋاملاشتى)، بۇياق ئابلىكىم تالىپ، گۇما ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شائىر؛ بۇياق مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم، كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، يازغۇچى.

خوتەن ۋەكىللىرى تۇنۇشتۇرۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن نۆۋەت قەشقەر ۋەكىللىرىگە كەلدى:

ــ بۇياق، «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە» قاتارلىق يىرىك رومانلارنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمەتلىك يازغۇچىسى ياسىنجان سادىق چوغلان بولىدۇ ( ياسىنجانمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يىغىن ئەھلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى)؛ بۇياق «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئىبراھىم، بۇياق كونا شەھەر ناھىيەلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كادىرى، شائىر ئاتىكەم سېدىق ئايقۇت خانىم، بۇياق قەشقەر «جەۋلان ئادۋۇكاتلىق ئورنى»نىڭ ئادۋۇكاتى ئابدۇرېھىم غازى بولىدۇ.

ھەممەيلەن قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن ئەھلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ــ ئەمدى نۆۋەت كورلىنىڭ،ــ دېدى ئايبۇ ياقۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ،ــ بۇياق، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران بولىدۇ؛ بۇياق شىنجاڭ «تيەنتوڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنى»نىڭ ئادۋۇكاتى، يازغۇچى گۇلباھار ئەزىز خانىم؛ بۇياق كورلا شەھەر تۈبرىچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى ئىلھام ئابدۇرېھىم بولىدۇ؛ بۇياق بۈگۈر ناھىيە رادىئو- تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى، شائىر ئېزىز ھېيت كۈن بولىدۇ.

قىزغىن چاۋاك سادالىرى ئىچىدە بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئەدىپلەرمۇ بورتالالىق ئەدىپلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ــ ئەمدى ئاقسۇ دىيارىغا كېلىمىز،ــ دېدى ئەيبۇ ياقۇپ،ــ بۇياق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسمان؛ بۇياق كۇچا قىزى، «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يازغۇچى پاتىگۈل نىياز خانىم؛ بۇياق ئاقسۇ شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا؛ بۇياق ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كادىرى، شائىر مۇختار داۋۇت بولىدۇ.

ئاقسۇ دىيارىدىن كەلگەن قەلەم ساھىبلىرىمۇ ئورنىدىن بىر-بىرلەپ تۇرۇپ يىغىن ئەھلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ــ ئەمدى شەرقىي شىنجاڭ ۋەكىللىرىدىن كېلىمىز،ــ دېدى ئەيبۇ بىر چەتتە ئولتۇرغان تۆت ئەدىپنى كۆرسىتىپ،ــ بۇياق «تۇرپان» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى، مۇخبىر، شائىر ھەبىبۇللا رەجەپ؛ بۇياق «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ياش شائىر تۇرغۇن جالالىدىن؛ بۇياق قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخەت ئىبراھىم ؛ بۇياق قۇمۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەمەت ئەسرا بولىدۇ.

تونۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەممەيلەن بىر-بىرىگە مېھرى- مۇھەببەت بىلەن بېقىپ، ئۇزۇنغىچە گۇلدىراس-ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

سۆھبەت يىغىنىدا «بارلىق دەرت-ئەلەملەر مەن بىلەن كەتسۇن» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن قۇۋانخان ئانا، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ كادىرى بەختىيار پازىل، ئەخمەتجان ياسىن ئىقبال، ئىمام ئىسمايىل، مەمتىلى ھېلىم قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى تۇنۇشتۇردى. پېشقەدەم تەزكىرىشۇناس، تەتقىقاتچى ئىمام ياقۇپ ئاكا بورتالانىڭ يۇرت بولۇپ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يازغۇچى ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، دوستلار!

بۈگۈن مەن مۇشۇنداق بىر كۆڭۈللۈك سۆھبەتكە داخىل بولغىنىمدىن ھەم ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى قىممەتلىك كۆڭۈل سۆزۈڭلارنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن. شۇنداقتىمۇ، كونا تامنىڭ كەينىدىن توشقان چىققاندەك، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە ئېغىز پىكىر بايان قىلىشقا مۇيەسسەر بولغىنىمدىن بىر تەرەپتىن پەخر ھېس قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن بالىلىق قىلىۋاتقاندەك قورۇنۇش ھېس قىلماقتىمەن. گەرچە مەندە تىلغا ئالغۇدەك ئىجادىيەت تەجىربە ـ ساۋاقلىرى بولمىسىمۇ ئۆزرە قويماقتىن ئىتائەت قىلماق ئەلا دېگەندەك، سۆز نۆۋىتىدە ئۆزۈمنىڭ چولتا قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ باقسام.

مېنىڭچە، ئەدەبىياتنىڭ بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىنىش تارىخىنى بىز رەقەم ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلساقمۇ لېكىن ئەدەبىياتنىڭ ئادەم بىلەن تەڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزى مۈكەممەل بىر ئەدەبىيات. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەدەبىياتنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى ئادەمنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى بىلەن تەڭ دەپ قارىغىلى بولىدۇ. دېمەك، ئەدەبىيات ھامان بىزنىڭ ئىچىمىزدە، بىزنىڭ قەلبىمىزدە، بىزنىڭ روھىيىتىمىزدە مەۋجۇت نەرسە. بىزنىڭ قەلەم ـ قەغەز، ھەرپ ـ سۆزلەرنىڭ ياردىمىدە مەيدانغا كەلتۈرىدىغىنىمىز بولسا دەل ئەنە شۇ ئىچىمىزدىكى ئەسلىدىنلا بار نەرسە. بىزنىڭ بۇ جەرياندىكى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھەركىتىمىز ئىچىمىزدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئاشۇ نەرسىلەرنى ئوبىيكتىپ قوراللارنىڭ ياردىمىدە تېشىمىزغا چېقىرىش جەريانىمىزدۇر. بىر ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئەسلىدىنلا بار نەرسىنى تېشىغا مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىرالىشى سەنئەت جۈملىسىدىندۇر. لېكىن رېئاللىقتىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئەسلىدىنلا بار نەرسىنى تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىدە تېشىغا چېقىرالىشى مۈمكىن ئەمەس. مېنىڭچە بىر ئادەم بۇ جەرياننى نۇسرەتلىك بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن بىر نەچچە مۇھىم قەدەملەرنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك.

بىرىنچىسى، بىر ئادەمدە ئەدەبىياتقا نىسبتەن يۈكسەك قىزىقىش بولۇشى كېرەك.

بىر ئادەمدە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزىقىش بولماي تۇرۇپ بۇ تۇنجى قەدەمنى باسالىشى تولىمۇ قىيىن جەرياندۇر. شۇڭا ئەدەبياتتىن ئىبارەت بۇ ھەركەت جەريانىغا بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتى، ئىسسىق قېنى بىلەن كىرىشىمىز كېرەك. چۈنكى يۈكسەك بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ يۈكسەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئۆزۈمنى مىسال ئېلىپ ئېيتسام، مەن تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقىۋاتقاندا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن بىرى بولغان << ئابدۇراھمان خان غوجا >> دېگەن داستان بىلەن ئۇچراشقان. بۇ داستان شۇ چاغدا مېنىڭ بالىلىق قەلبىمگە ئاجايىپ بىر تەسىر قىلغان. مەن ئەنە شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم ئەدەبىياتنىڭ ئادەمنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىرالايدىغانلىقىدەك سېھرىي كۈچىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا مەنمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ياش ياكى كۈلكە چىقىرالايدىغان ئەنە شۇنداق بىرەر پارچە نەرسىنى مەيدانغا كەلتۈرەلىسەم، دەپ شېرىن خىيال قىلغان ۋە بالىلىق قەلبىم بىلەن كۆپلەپ سىناق قىلىپ باققان. ئەپسۇسكى مېنىڭ بۇ جەريانىدىكى بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىم تولۇق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. چۈنكى مەندە بۇ پائالىيەتكە تېخى ئۇ چاغدا يېتەرلىك تەييارلىق ئىدى. شۇڭا مەن داۋاملىق ئۈگۈنۈشۈم، ئىچىمدىكى نەرسىنى تېشىمغا مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىرىشىم ئۈچۈن زۆرۈر تاشقى كۈچلەر بىلەن ئۇچىرىشىشىم كېرەك ئىدى.

ئىككىنچىسى، كىتاپقا بولغان تويماس ھەۋەس بولۇشى كېرەك. بىز ئادەتتە بارلىق ھۈنەرلەرنىڭ ئۇستازى بولغىنى بىلەن ئىجادىيەتنىڭ ئۇستازى بولمايدۇ، دەپ قارايمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، بىر ئەدەبىي ئىجادىيەتچىنىڭ بىردىن ـ بىر ئۇستازى كىتاب. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان ئاپتورلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزمۇندىكى كىتاپلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دۇنيا قاراش، قىممەت قاراش، ئىجادىيەت مىتوتلىرى پىرىسلانغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق كىتابلار بىزنىڭ تەربىيلىنىشىمىزگە ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىپ تۇرىدۇ. مەن بەزىدە كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسىنىڭ يوقلىغى ھەققىدىكى پىكىرلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىمەن. قارىماققا بۇنداق پىكىرلەر توغرىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن مەسىلىنىڭ يەنە بىر يۈزىدىن قارىغاندا توغرا بولمىغان قاراشدۇر. شۇنداق، بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدىكى كىتاب جازلىرىدا دەستە ـ دەستە كىتابلار بار. بىز ئۇ كىتابلارنىڭ ئالدىنى بىر نەچچە قېتىمدىن، كەينىنى بىر قېتىمدىن ئوقىغان. بەزى كىتابلارنى كېيىنكى جەريانلاردا قايتا ئوقۇشقا پۇرسەت بولغىنى بىلەن يەنە زور بىر تۈركۈم كىتابلارنى  قايتا ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئوقىغان بارلىق كىتابلارنىڭ تولۇق بايانلىرى بىزنىڭ مېڭىمىزدە ساقلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ساقلاش سېستىمىمىز ئاۋاز ساقلاش ئۈسكىنىسى ئەمەستە. شۇڭا بۇ ھالغا قاراپلا كىتاپنى كۆپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرسەك توغرا بولمايدۇ. چۈنكى كىتاپ بىزگە تۇرمۇشىمىزدا ئۇچىرىغان تۈرلۈك ـ تۈمەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتىدۇ. مانا بۇ كىتابنىڭ ئەڭ زور ئەھمىيىتى. شۇڭا بىز كىتابتىن ئايرىلساق كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولىمىز. كىتاب ئوقۇشتىكى يەنە بىر مەسىلە كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش بىلەن سېتىۋىلىپ ئوقۇش مەسىلىسى. مەيلى بىز بىر پارچە كىتابنى سېتىۋىلىپ ئوقۇيلى ياكى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيلى، بىزنىڭ شۇ بىر پارچە كىتابتىن ئېرىشىدىغان مەبلىغىمىز ئادەتتە ئوخشاش قىممەتتە بولغان بولىدۇ. بىراق بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بولىدۇ. بىر ئاپتور ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق ئىجادىيەت سەپىرىنى تاماملاپ بىزگە تاپشۇرغاندىن كېيىن بىز ئۇ ئاپتورنىڭ ئىلمىي، بەدئىي ئەمگىكىدىن مويەن دەرىجىدە مەنپەتكە ئېرىشتۇق. ئەمما شۇ ئەسەرنىڭ ئىگىسى بولمىش ئاپتور نېمىگە ئېرىشىشى مۈمكىن؟ ناۋادا بىزنىڭ كىتابقا بولغان مۇھەببىتىمىز ئۆزئارا ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنسە شەكسىزكى بىز ھەر بىر ئاپتورغا ئادىمىگەرچىلىككە قەرزدار بولغان بولىمىز. چۈنكى كىتابنىڭ بازار تېپىشى بىلەن ئوقۇرمەن تېپىشى ئايرىم ـ ئايرىم ئىككى ئىش بولۇپ، بازار تاپقان كىتابلارنىڭ ئوقۇرمەن تېپىشى، ئوقۇرمەن تاپقان كىتابنىڭ بازار تېپىشى كۆپ ھاللاردا بىر ـ بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيدۇ. گەرچە بىزنىڭ كىتابقا بولغان مۇھەببىتىمىز كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ ۋەسلى پىراقىغا يېتەلىسىمۇ بىزنىڭ كىتابنى سېتىۋالماي ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش ئۇسۇلىمىز ئىككى تۈرلۈك زىيانلىق ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ بىرى، بىز شۇ ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىگە چوڭقۇر ھاڭ قېزىپ قويغان بولىمىز. چۈنكى كىتاب تاۋارغا ئايلانغاندىن كېيىن قىممەت يارىتالمىسا ئەھمىيەتسىز بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ بىر ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىلىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن توسالغۇلارغا ئۇچۇرايدۇ. زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ يەنە بىرى، بىزنىڭ كىتاپنى مەلۇم قىممەتگە ئىگە تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ قايتا ئىشلەپچىقىرىدىغان نەشرىياتچىلىقىمىز پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى نەشرىيات مەلۇم نىسبەتتە تاۋارغا ئايلانغان كىتاب ياراتقان قىممەت ئارقىلىق ئۆزىنى قامدايدۇ. ئەگەر نەشرىيات تاۋارغا ئايلاندۇرغان كىتاب ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتالمىسا چوقۇمكى نەشرىياتنىڭ كىتاب ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان ئېھتىياجى ئۆزلىگىدىن كەينىگە چېكىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭا شەخسەن مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، كىتابنى مۇھەببەت بىلەن ئوقۇش، كىتابنى سېتىۋىلىپ ئوقۇش. ئەمما ھازىرقى بازار ئىگىلىكى باسقۇچىدا كىتابلارنىڭ باھاسى بىزنىڭ قوبۇل قىلىش ئىستىمالىمىزدىن خېلىلا يۇقۇرلاپ كەتتى. بىر كولوگىرام قوي گۆشىنىڭ ھازىرقى نورمال بازار باھاسىنى بىز ئەللىك يۈئەن دەپ قىياس قىلساق بەزى كىتابلارنى بىز ئىككى كىلوگىرام قوي گۆشىنىڭ پۇلىغا، ھېچ بولمىغاندا بىر كىلوگىرام قوي گۆشىنىڭ پۇلى بىلەن تەڭ قىممەتتە سېتىۋالىمىز. شۇڭا بىز ئۆزىمىزدە كىتاب سېتىۋىلىشتەك ئۆزگىچە بىر سودا قىلىش ئۇسۇلىنى ياراتمىساق ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇرى باھادا كىتاب سېتىۋىلىش بىزنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ. شۇڭا كىتاب سېتىۋىلىشنى ئادەت قىلمىغاندا ئايلىق كىرىمىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولمىغان قىممەتتە كىتاب سېتىۋىلىش كىشىنى بىئارام قىلىدىغان، ئىچىنى ئېچىشتۈرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇ نۇقتىدا ھەر قايسى نەشرىيات ئورۇنلىرىمۇ كىتاب باھاسىنىڭ كىتاب سېتىۋىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېتىۋىلىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشىنى چوڭقۇر ئۈمىد قىلىمەن. مىسالغا ئالسام، شەخسەن مەن ياش يازغۇچى، ژورنالست مۇھەممەتسالىھ ئاكا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان «مۇھاكىمە ۋە بايان» دېگەن كىتابنى سېتىۋىلىش جەريانىدا توقسان نەچچە يۈەن پۇل بىلەن خېلى ئۇزۇن دېئالوگ قىلىشقان.

ئۈچۈنچىسى، ئەدەبىي تىلنىڭ كەڭ ئىمكانىيىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىللە ئىجادىيەت تىلى بوشلۇقىنى يارىتىش. ئەدەبىي تىل ھەر بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم پايدىلىنىش قورالى بولسىمۇ ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاپتورلارغا تەقسىملىنىشى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، ھەر بىر ئاپتوردا چوقۇم ئىجادىيەت تىلى بولۇش كېرەك. چۈنكى ئەدەبىي تىل ئومۇملۇققا ئىگە بولسا، ئىجادىيەت تىلى يەككىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ مەڭگۈلۈك ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بولمايدۇ. بەلكى ھەر بىر بىر ئاپتورنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىدە بىردىن ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بولغان بولىدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى مەڭگۈلۈك بولۇپ قالسا شۇ ئاپتورنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىدىكى يېزىقچىلىق پائالىيىتى بىر خىللا بولۇپ قالغان بولىدۇ ـ دە، ئۆزىدىن ھالقىش، يېڭىلىق يارىتىش مۇساپىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. پەقەت ئەدەبىي ئۇسلۇبنى ئاپتورنىڭ مۈلكىگە ئەمەس بەلكى كىتابنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرغاندىلا شۇ ئاپتورنىڭ ئەدەبىي ھاياتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي تىل مۇھىتىدىن ئۈنۈمۈلۈك پايدىلىنىش بىلەن بىللە يەنە ھەر بىر ئاپتور ئۆزىگە خاس بولغان ئىجادىيەت تىلى مۇھىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى ۋە بۇ تىل مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلىتىپ تۇرۇشى كېرەك. دېمەك ئەدەبىي تىل بىزنى بىر پۈتۈن ئەدەبىي مۇھىتقا باشلاپ كىرسە، ئىجادىيەت تىلى بىزنى باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت مۇھىتىغا تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان بەلكى ئۆزىمىزگىلا خاس بولغان ئەڭ يېڭى ئەدەبىي مۇھىت ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزگىلا خاس بولغان ئىجادىيەت تىلى مۇھىتىدا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك قىممىتىمىزنى يارىتىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىمىز.

تۆتىنچىسى، ھەر بىر ئاپتور ئۆزى مەيدانغا كەلتۈرگەن ھەر بىر پارچە ئەسەردە بىر قېتىمدىن ئۆلۈپ تۇرۇشى كېرەك. بىز تىلغا ئالغان بۇ ئۆلۈش تەپەككۈردىكى يېڭىلىنىش بولۇپ، بىر ئاپتور مەلۇم بىر پارچە ئەسەردە مەلۇم بىر خىل ئىدىيەنى، مەلۇم بىر خىل قاراشنى، مەلۇم بىر خىل قىممەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئىنسان تەپەككۈرى توختىماي ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان سېستىما بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر بىر نەپەستە بىزگە ھېس قىلدۇردىغىنى بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. دېمەك بىز بىر پارچە ئەسەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ بىر قېتىملىق ئاڭ ھەركىتىمىزمۇ تاماملانغان بولىدۇ. ئارقىدىن بىز يېڭى بىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە قەلەم تەۋرەتكىنىمىزدە چوقۇم ئالدىنقىسىدىن پەرقلىق بولغان يېڭى بىر ئاڭ ھەرىكىتىنىڭ كونتۇرۇللىقىدا بولغان بولىمىز. مانا بۇ ھال بىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ۋە رەڭدار بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بىز كېيىنكى قېتىملىق ئىجادىيەت مۇساپىمىزدىمۇ ئالدىنقى قېتىملىق تەپەككۈرنىڭ قورشاۋىدا تەپەككۈر قىلساق بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىمىز ھالەك بولغان بولىدۇ ـ دە، بىز ياراتقان ئەسەرلەر خۇددى بىرى يەنە بىرىنىڭ داۋامىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ھالەتنىڭ قايتا ـ قايتا تەكرارلىنىشى نۆۋىتىدە شۇ بىر ئاپتورنىڭ يېزىقچىلىق مۇھىتىدىكى ھالاكىتىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. دېمەك بىر ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەدەبىي مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرىمەن، دەيدىكەن چوقۇم ھەر بىر پارچە ئەسەر تاماملانمىسىدا قايتا ـ قايتا ئۆلۈپ تۇرۇشى ۋە ئارقىدىن ئۆزىنى تەكرار ـ تەكرار يېڭىلاپ، يېڭىدىن ـ يېڭى كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا كەلتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

ئېھتىمال بىزدە يۇقارقىدەك بىر قاتار ئىدىيەۋى تەييارلىقلار تولۇق ھازىرلانغان ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىمىزدىكى ئۆمۈر مۇساپىمىز، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شارائىتىمىز، ئوقۇرمەنلەر دۇنياسىدىكى ئورنىمىز ئەدەبىيدىلىككە سوزۇلۇشى مۈمكىن.

ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرىنىڭ سۆزى تۈگىشىگە تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان ھادىق چوغلان سۆز ئالدى:

ــ بورتالا مېنىڭ نەزىرىمدە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي ماكانلىرىدىن بىرى. مەن چۈشتىن ئىلگىرى بورتالا شەھىرىنىڭ 40 كىلومېتر يىراقلىقتىكى دەلتۇ قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلدىم. ئەدەبىيات كۆپچىلىك دېگەندەك مېھرى-مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر. بۇ كوچىغا ھەركىم ئۆزى خالاپ كىرگەن، شۇڭا ئەدەبىيات كوچىسىدىكى ھەر بىر ئادەمدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك. مېھرى-مۇھەببەت دېگىنىم ئۆزىنى بېغىشلاش دېمەكتۇر. ئەدەبىياتنىڭ ئوتى بۇ كوچىدىكى ھەر بىر ۋىجدانلىق ئادەمنىڭ يۈرىكىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆچمەيدۇ. شۇڭا ھەر بىر قەلەم ئىگىسى ئۆز بۇرچىنى ئۇنتۇماي، كەسپىگە سادىق بولۇپ،  ئەجداتلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان تۈرلۈك مىراسلىرىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىشقا تىرىشىشى كېرەك.

مەن ئەدەبىيات كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇمىغان، ئەمما باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدىن باشلاپ ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدۇمغا ئەدەبىياتنىڭ ئوتى تۇتاشقان. كېيىن كىتابتىن ئىبارەت دوستنى تېپىۋېلىپ ئۆزەمنىڭ تۇرمۇشىنى مول مەنىگە ئىگە قىلدىم. كېيىن شۇ ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئەدەبىيات كوچىسىنىڭ سادىق يولۇچىسىغا ئايلاندىم. مېنىڭ ئىجادىيىتىمدىكى نەتىجە تارىخىي رومانچىلىقتا كۆرۈلدى. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل مېھرى- مۇھەببەت جاريانى بولغاچقا ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزگە قانماي ئولتۇرۇپتىمىز. ئىجادىيەتتە تالانت ئەڭ مۇھىم، ئەمما تىرىشچانلىق، ئىزچىللىق بولمىسا تالانتنىڭ رولىمۇ جارى بولمايدۇ. ئىزچىل يېزىش ۋە توختىماي كىتاب ئوقۇشلا يازغۇچىنى تەربىيەلەيدۇ، تەپەككۇرىنى قانات قاققۇزالايدۇ. مەن ئۆزەمنى سېغىن كالىغا ئوخشىتىمەن، كىتاپ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئۆگۈنۈشتىن ئىبارەت ئوت- چۆپنى كۆپرەك يەيمەن. شۇنىڭغا يارىشا ھوسۇل بېرىشكە تىرىشىمەن. ئولتۇرغانلارغا تەكلىپىم، جىقراق ئوقۇپ، جىقراق يېزىپ ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا جىقراق ئبەرتىپ كۆرسەڭلار، ھامان نەتىجىسىنى كۆرىدىغىنىڭلار ئېنىق.

جەنۇپ ۋەكىللىرىدىن پاتىگۈل نىيازمۇ سۆزگە قېتىلدى:

ــ مەن بىر ئوقۇتقۇچى، مۇنبەردە 17 يىل ئىشلىدىم. بالىلار بىلەن بىللە ئۆگۈنۈپ، مائارىپ ھەققىدە بەزىبىر تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازدىم. 2008-يىلى ناھىيەمىزدە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ناملىق ژۇرنال نەشر قىلىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا تەشكىل مېنىڭ مەلۇم جەھەتتە قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ مېنى بۇ ژۇرنالغا يۆتكەپ كەلدى. ژۇرنالدا تەھرىرلىك قىلىش داۋامىدا ۋۇجۇدۇمدا ئەزەلدىن ئەدەبىياتقا نىسبەتەن بىر خىل تەلپۈنۈشنىڭ بارلىقىنى، ئەدەبىيات ئوتىنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كەسىپكە بولغان مۇھەببىتىم تېخىمۇ ئاشتى. تەھرىرلىك قىلىش داۋامىدا ئۆزەممۇ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بەزىبىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازدىم. يازغانسېرى قەلبىمدىكى ئوت تېخىمۇ لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. مەن ئىشىنىمەن، قەلبىمدىكى بۇ ئوت ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ...

سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا غەيرەت ئاسىم خۇلاسىلاپ مۇنداق دېدى:

ــ بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىمىز ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى. 9 نەپەر يازغۇچى شائىر ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن ئۆزىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بورتالادا ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يازغۇچىلار قوشۇنىمۇ كېڭىيىپ، 300 گە يېقىن ئىجادىيەتچى ۋە ھەۋەسكارلار بارلىققا كەپتۇ. بۇ خۇشاللىنارلىق نەتىجە.

سۆھبەتتىن مەلۇم بولدىكى، ھەممەيلەن ئۆگۈنۈشنىڭ، كىتاب ئوقۇشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆگۈنۈش، كىتاب ئوقۇش يازغۇچى-شائىرلار سەل قارىسا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپتۇر. ئىزچىللىق، تىرىشچانلىق بولمىسا بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرالمايمىز. ھەممەيلەننىڭ كەسپى باشقا، ئىجادىيەت بولسا ئىشتىن سىرت شۇغۇللىنىدىغان بىر خىل ھەۋەستۇر. شۇڭا ئىزچىللىق ۋە تىرىشچانلىق بولمىسا يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ 10-20 يىللىق ئىجادىيەت پىلانىنى تۈزەلمەيلا قالماستىن ئىجادىيەت نىشانىنىمۇ بېكىتەلمەيدۇ. شۇڭا ئىزچىللىقنى ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۆمەكتىكىلەر نۇرغۇن تۇرمۇش بىلىملىرى ۋە تەجرىبە –ساۋاقلارغا ئېرىشتۇق. ئۆگىنىش مەخسىدىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشتى. جەنۇپ-شىمال ئاپتورلىرى ئۆز-ئارا يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆز-ئارا ئۆگۈنۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ مۇشۇ قېتىملىق سەپەردە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجىلەرنىڭ بىرىدۇر. بىز يازغۇچى شائىرلار جاپاغا چىداش ۋە ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇربان بېرىش جەھەتتە قۇۋانخان ئانىمىز بىلەن مۇساجان ئاكىمىزدىن ئۆگەنسەك بولىدۇ.

سۆھبەت يىغىنى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلىپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە تولۇق يەتتى. يىغىندىن كېيىن بورتالا ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن مېنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە بورتالا ئوبلاستىدىكى يازغۇچى-شائىرلار تەشكىللىنىپ، «ئابدۇشۈكۈر ئارامگاھى»دا جەنۇبىي ۋە شەرقى شىنجاڭدىن كەلگەن ياش يازغۇچىلارغا چاي بەردى. سىرتتا شارىلداپ يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، شائىرلار شېئىر ئوقۇپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بۇ پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشتى. بولۇپمۇ بورتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى  ئا. ئويۇن موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە تىللاردا ناخشا ئوقۇپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايەن قىلدى.

«تۈگىمەيدىغان سورۇن يوق، ئوزىمايدىغان مېھمانمۇ يوق» دېگەندەك، بىزنىڭ بورتالادىكى كۈنلىرىمىز ھەش-پەش دېگۈچە ئاخىرلىشىپ قالدى. بۇ گۈزەل شەھەر، جۈملىدىن بۇ يەردىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن قىزغىنلىقى كۆڭلىمىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى.

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:30 دا ئىلىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. رەئىس خۇ يىڭ خانىم بىزنى ئۇزىتىپ سايرام بويىغىچە كەلدى.


5


سايرام كۆلى بىر خىسلەتلىك كۆل، خەلق ئارىسىدا «بورتالا شەھىرىدىن سايرام كۆلىگىچە 90 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلنىڭ ئايلانمىسى 90 كىلومېتىر، چوڭقۇرلىقى 90 مېتىر كېلىدۇ» دەيدىغان رىۋايەت بار. ئادەم بۇ كۆلگە سىنچىلاپ قارىغاندا ئۇنىڭدا نۇرغۇن سىرلارنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولىدۇ. بۈگۈن بۇ كۆل دوستلۇق مېھرىگە چۈمۈلۈپ تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كەتتى. ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھېس قىلىشى بەسى مۈشكۈلدۇر.

بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇس سايرام كۆلى بويىغا يېتىپ كەلگەندە، بىزنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئىلى يازغۇچىلىرىدىن پەرھات جامال، ئەسئەت ئابدۇرېشىت، ئەنۋەر ناسىرى،  شاۋكەت ئىبراھىم،كەنجى خۇمارجان، زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت، گۈلبانۇم ئابابەكرى، ماخمۇت مەمەتجان قاتارلىقلارنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە ئىككى سائەتتىن ئاشقان ئىكەن. ئۇلار بىزگە باغرىنى كەڭ ئېچىپ، ئاپتوبۇستىن چۈشكەن ھەر بىر ئەدىپ بىلەن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان بىر تۇققانلاردەك قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتى. ئېھتىمال، سايرام كۆلى تېخى بۇنداق دوستانىلىقنى، بۇ خىل قىزغىنلىققا تولغان يۈز كۆرۈشۈشلەرنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئېھتىمال ئۇنىڭ كۈچلۈك شامالدا دولقۇنلىنىپ تۇرغان تىنىق سۈيى بىزنىڭ ھاياجانلىق قەلبىمىزدىن ئەنداز ئالغان بولۇشى مۇمكىن.

جانۇپ-شىمالنىڭ تەشنالىقى بۇنىڭلىق بىلەن قانىدىغاندەك قىلمايتتى. مېھمانلار ۋە ۋە ساھىبخانلار كوللىكتىپ ۋە ھەر كىم ئۆزى خالىغان ئادىمى بىلەن ئاشۇ چايقىلىپ تۇرغان سايرام كۆلى بويىدا خېلى ئۇزۇنغىچە رەسىمگە چۈشۈش داۋام قىلدى. ئاندىن بىزنىڭ شەرىپىمىزگە تەييارلانغان مېۋە-چىۋىلەر بىلەن يۇمشاق نانلاردا قايتا ناشتا قىلغاندىن كېيىن ساھىبخانلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن سايرام-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا كىرىپ، غولجىغا قاراپ يول ئالدۇق.

كۆپ ئۆتمەي بىز سايرام-قورغاس ھەشەمەتلىك كۆۋرۈكىگە يېتىپ كەلدۇق. يەر يۈزىدىن 270 مېتر ئېگىز، تاغلاردىن تاغلارغا تۇتاشقان، ئۇزۇنلىقى 3000 مېتردىن ئاشىدىغان بۇ گۈزەل كۆۋرۈكنىڭ سۈرىتىنى ئىلگىرى تېلېۋېزوردىن، گېزىتلەرنىڭ رەڭلىك بەتلىرىدىن كۆرگەن ئىدۇق. بىز كۆرگەن كۆۋرۈك پەقەت تېلېكامىرالارنىڭ، سۈرەت تارتىش ئاپاراتلىرىنىڭ كۆزىگە سىغقان ئايرىم تەرەپلىرى ئىكەن. ياپيېشىل تاغلار، كۆككە بوي سوزغان قارىغايلار ئارىسىدا غايەت زور يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان كۆۋرۈكنى ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تاماشا قىلغاندا ئۇنىڭ ئادەمگە بېرىدىغان ئىستېتىك زوقىمۇ باشقىچە بولىدىكەن. مەن ئاپتوبۇس ئىچىگە نەزەر تاشلىدىم. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. دېرىزىدىن قاراپ كۆۋرۈكنى تاماشا قىلىۋېتىپتۇ. مەنمۇ پەسكە قارىدىم، مەن شۇتاپ تاغقا يامىشىپ بۇغۇلۇۋاتقان ئاپتوبۇستا ئەمەس، بەئەينى كۆكتە ئۇچۇۋاتقان ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغاندەك تەسىراتقا كەلدىم. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىن تاغ قاپتاللىرىدىكى غايەت زور قارىغايلارنىڭ ئۇچى ئارانلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

بىز سايرام بويىدا تۇتاشقان دوستلۇق گۈلخىنىنىڭ يالقۇنىنى سايرام-قورغاس كۆۋرۈكى ئاتا قىلغان ھاياجان بىلەن تېخىمۇ ئۇلغايتقىنىمىزچە مېڭىپ قورغاس ناھىيە سۈيدۈڭ بازىرىغا يېتىپ كەلدۇق. ئابدۇرېشىت باينىڭ ھەشەمەتلىك قوراسىدا ئوخشىغان لەڭمەن بىلەن چۈشلۈك تاماق يەۋالغاندىن كېيىن سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇغلۇق تۆمۈرخان مەقبەرىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق.

تۇغلۇق تۆمۈرخان مەقبەرىسى قورغاس ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 61-تۈەننىڭ 7-لىيەنىگە جايلاشقان بولۇپ، غولجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 90 كلومېتر، قورغاس ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 45 كىلومېتر كېلىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 7- ئەۋلادى بولۇپ، مىلادى 1328-يىلى تۇغۇلغان. مىلادى 1346-يىلى 18 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان، 1352-يىلى 24 يېشىدا ئىسلامغا كىرگەن. 1360-يىلى 3-ئايدا ماۋرەئۇننەھىر رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتا چاغىتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1363-يىلى 36 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئالمىلىق شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەيۋەتلىك مەقبەرە ياسىلىپ، ئىسلام قائىدىسى بويىچە يەرلىككە قويۇلغان. مەقبەرىنىڭ شەرق تەرىپى بىلەن غەرپ تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 14.7 مېتر، جەنۇپ تەرىپى بىلەن شىمال تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 8.8 مېتر، ئىگىزلىكى 13.35 مېتر كېلىدۇ.

بۇ يەردىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەچ سائەت 4:30 دا غولجا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ يېڭىدىن ئېچىلغان، بارلىق شارائىتلىرى تولۇق بولغان «چولپان مېھمانخانىسى»دا ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. كەچ سائەت 5 تە، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كۈتىۋېلىش چېيى بەردى. چاي ئىلى دەرياسى يېڭى كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ساياھەت ئورنىغا تەييارلانغان بولۇپ،ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى باقىت مۇقەممەت (قازاق) كۈتىۋېلىش سۆزى قىلدى. ئاندىن زىياپەت رەسمىي باشلاندى، ئارامگاھنىڭ ئارتستلىرى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئوقۇپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈردى. قازاقچە، ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، تاتارچە ناخشا– ئۇسسۇللار سەپەر ھاردۇقلىرىمىزنى نەگىدۇر قوغلىۋەتتى. ئاقسۇ دىيارىدىن كەلگەن مۇختار داۋۇت قازاقلارنىڭ «قارا يورغا» ناملىق مەشھۇر ئۇسسۇلىغا جۈر بولدى، ئابلىز ئوسمان «ئادنوشكا»غا ئوبدانلا دەسسەپ، سورۇن كەيپىياتىنى بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى.


6


7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30، غولجا شەھىرى.

بۈگۈن زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمى ئاچقان 6- نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇق. رەئىس سەھنىسىدە ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەتەن ئېزىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ھەيئىتى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىق، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئاتاغلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسەن، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى باقىت مۇقەممەت، «ئىلى دەياسى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شاكىرجان ئىلاجى قاتارلىقلار ئولتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا پېشقەدەم شائىر تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن  رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، تالانتلىق شائىر ئابلىكىم ھەسەن، ئىلى ئوبلاستىدىكى يازغۇچى-شائىرلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 نەپەردىن ئارتۇق ئەدىپ قاتناشتى.  

«ئىلى دەرياسى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1999-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئالتە نۆۋەت تارقىتىلغان بولۇپ، مۇكاپاتنىڭ نىشانى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى، ئۇيغۇر پىسخىكىسى گەۋدىلەنگەن، شۇنىڭدەك يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئەسەرلەرگە بېرىلىدىكەن. بۇ مۇكاپات  ئىلىدىكى مەرىپەتسۆيەر كارخانىچىلار، ئالدىن بېيىغان شەخسلەرنىڭ قوللىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، 6-قېتىملىق بۇ مۇكاپاتنى «چولپان» سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىدىكى دىلشات ئۆمەر قاتارلىق ئۈچ ئاكا - ئۇكىلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ماخمۇت يولۋاسنىڭ «چىرايلىق چىۋىن» ناملىق ھېكايىسى، ئەدھەم ئىبراھىمنىڭ «جۇنۇن» ناملىق يۈرۈشلۈك شېئىرلىرى، خالمۇرات قەييۇمبەگنىڭ ژۇرنال مۇقاۋىسىغا سىڭدۈرگەن ئىجادى ئەمگەكلىرى 6-نۆۋەتلىك «ئىلى دەياسى (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

يىغىندا بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «چولپان» سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى دىلشات ئۆمەر سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم رەھبەرلەر، قەلەم ساھىبلىرى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىراق يوللارنى بېسىپ جەننەت ماكان ئىلى دىيارىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەدىپ مېھمانلار، مۇبارەك قەدىمىڭلارغا مەرھابا!

«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆتمۈش ھاياتى، نۆۋەتتىكى رېئال كەچمىشلىرى بەدىئىي يوسۇندا يورۇتۇلغان مەنىۋى قامۇستۇر. «ئىلى دەرياسى مۇكاپاتى» ئەدىبلەر ماكانى يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ شۆھرەتلىك مۇكاپاتى بولۇپ، بىلال نازىمى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زوردۇن سابىر كەبى ئىجادكارلىرىمىز بىلەن ھۆسۈن تاپقان ئەدەبىيات گۈلزارلىقىمىزنى تېخىمۇ جەزىبىدار تۈسكە ئىگە قىلماقتا. «چولپان» سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىمىزنىڭ 6-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىشقا ئىشتىراك قىلغانلىقى مەزكۇر شىركىتىمىز تارىخىدىكى قۇتلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەلگە خىزمەت، ئەدىبلەرگە يۆلەك بولۇش شىركىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. شۇنىڭدەك بارلىق ئەدىبلەرنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمىز.

مەن بىر كىتابخۇمار قىزغىن ئوقۇرمەن، سىلەرنىڭ ئەسىرىڭلارنى دائىم ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئىخلاسمەن مۇخلىسىڭلار، سىلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ، تۇرمۇشۇمنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىۋاتقان ئاددىي بىر كارخانىچى. سىلەر بىلەن دىدارلىشىپ، چامىم يەتكەنچە خىزمىتىڭلاردا بولغىنىم، ھەر بىرىڭلارغا ئاددىي بولسىمۇ بىر پىيالە چاي تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆممەكتىمەن.

مەن ئاخىرىدا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىدىن ئىلھام تۇلپارلىرىنى چاپتۇرۇپ، ئىلى ۋادىسىنىڭ گۈلىستان باغرىغا يېتىپ كەلگەن ئەدىپ دوستلىرىمنىڭ ئىلىدىكى كۈنلىرىگە شاد- خوراملىق تىلەيمەن. شۇنىڭدەك، ئىلىنىڭ نۇرانە ئېقىنلىرى، ناۋالىق باغلىرى، ھاۋالىق تاغلىرىدىن ئىجادىيەت ئۇزۇقى ئېلىپ، يېڭى-يېڭى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىغا تىلەكداشمەن.

ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىپ بولغۇچە زالنى ئۆرۈۋەتكۈدەك گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

يىغىندا يەنە غەيرەت ئاسىم، قاسەن، باقىت مۇقەممەت، ئابلىمىت سادىق قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن شەرھىلىدى. جەنۇپ يازغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران بىلەن مەن سۆزگە تەكلىپ قىلىندۇق. مۇكاپاتلانغان ئاپتورلار ۋەكىلى بولۇپ شائىر ئەدھەم ئىبراھىم سۆز قىلدى.

يىغىن ئاخىرلىشىپ، بارلىق رەھبەرلەر، مېھمانلار، ئەدىپلەر غولجا دۆڭ مەھەللە شىپاڭ دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى دىلشات ئۆمەر ھازىرلىغان چايغا داخىل بولدۇق.

مەن شۇ چاغقىچە ئىلى باغلىرىدا بولىدىغان مۇنداق باراۋەتلىك چايلارنى، سورۇن ئەھلىنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ، قىن-قىنىغا سىغماي قالغان كۆرۈنۈشلىرىنى تېلېۋىزىيە ئىكرانلىرىدىن، تۈرلۈك پائالىيەتلەر سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىملەردىن كۆرگەن ئىدىم. ئەمما، سورۇن دېگەننىڭ نەخ ئۆزىنى كۆرگەندە، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چاقچاقلىق ئولتۇرۇشلىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى ئاندىن بىلگىلى بولىدىكەن. شۇ كۈندىكى سورۇندا ئاتاغلىق خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇربان، ئۆزىنىڭ ھازىر جاۋابلىقى، چاقچاقلىرىنىڭ دەللىكى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە ئەل ئارىسىدا ھۆرمەت تاپقان ھەبىبۇللا (يەرلىك تىلدا «ھېبىي» دەپ ئاتىلىدىكەن)، يۇمۇر ئۇستىسى ئەخمەتجان تۇرداخۇن ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، سورۇن ئەھلىگە، جۈملىدىن جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىغا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى ئاتا قىلدى. ھېبىنىڭ چاچما ئوق ئاتقاندەك شەكىلدە سورۇنغا تاشلايدىغان ھازىر جاۋاب چاقچاقلىرى سورۇن ئەھلىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىرىۋەتتى. ئۇ ئاۋۋال چاقچاقنى غولجىدىكى ئۆزى تونۇيدىغان ئەدىپلەردىن باشلاپ، بارا-بارا جەنۇپ ۋەكىللىرىگىمۇ ئۆتتى. ئۇ ياسىنجان سادىق چوغلاننى «يەكەن دەرياسىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ خام بېلىق يەپ سەمىرىپ كەتكەن»گە  ئوخشاتسا، «قەشقەر» ژۇرنىلىدىكى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ بېشىنى شائىرلارنىڭ سوقا تېشىغا، مېنى بولسا «قېشىنى چۈشۈرۈۋەتسە چاپىنى بار قاشتېشىغا ئوخشايدىغان»غا چىقاردى. تۇرپاندىن كەلگەن ھەبىبۇللا رەجەپنى (ئۇلارنىڭ ئىسمىلا ئەمەس، چىرايىمۇ خېلى ئوخشايدىكەن) «مەندىن ئېشىپ قالغان لايدا ياسىغان ئۇكام» دەپ سورۇننى قىزىتتى.

مەن قىرىق ياشلاردىن ھالقىغان، تېخىچە ئۆيلەنمىگەن، تاپقان-تەرگىنى بىلەن نامرات، ئىگە-چاقىسىز 40 تىن ئارتۇق بالىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھازىر جاۋاب كىشىگە چەكسىز ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن تىكىلدىم. ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن سورۇن ئەھلى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ئەشۇ قىزغىنلىقى جەنۇپ ياش يازغۇچى-شائىرلىرىدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات پەيدا قىلدى.

سورۇندا ئەخمەتجانمۇ بوش كەلمىدى. ئۇ سورۇن ئەھلىگە قىزىق-قىزىق يۇمۇرلاردىن سۆزلەپ بەردى.

ــ بىر كۈنى،ــ دېدى ئەخمەتجان سەل نېرىدا مۇخۇركىسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ ئولتۇرغان ھېسامكامغا قاراپ قويۇپ،ــ ئىككى باي بىلەن ھېسامكام ئىئانە ھەققىدە سۆزلىشىپ قاپتۇ.

ــ مەن،ــ دەپتۇ بايلاردىن بىرى مەيدىسىگە مۇشتلاپ،ــ ھويلامنىڭ ئوتتۇرىسىغا تانا تارتىمەن، ئاندىن بارلىق پۇلۇمنى ئاسمانغا ئاتىمەن، تانىنىڭ بىر تەرىپىگە چۈشكەن پۇلنى ئۆزەم ئالىمەن، يەنە بىر تەرىپىگە چۈشكەن پۇلنى ئىئانە قىلىمەن.

ــ مەن،ــ دەپتۇ يەنە بىر باي بوش كەلمەي،ــ ھويلامغا بىر چەمبەر سىزىمەن، ئاندىن بارلىق پۇلۇمنى ئاسمانغا ئاتىمەن، چەمبەرنىڭ ئىچىگە چۈشكىنى مېنىڭ، سىرتىغا چۈشكىنىنى ئىئانە قىلىمەن.

ــ مەن،ــ دەپتۇ ھېسامكام مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ،ــ ھويلامغا تانىمۇ تارتمايمەن، چەمبەرمۇ سىزمايمەن، پەقەت بارلىق پۇلۇمنى ئاسمانغا ئاتىمەن، يەرگە چۈشكىنى مېنىڭ، چۈشمىگىنىنى ئىئانە قىلىمەن.

ئەخمەتجاننىڭ بۇ يۇمۇرىنى ئاڭلاپ ھېسامكاممۇ كۈلۈپ كەتتى.

شۇ كۈندىكى سورۇندا خەلق ناخشىچىسى ۋەلى ياقۇپ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ سورۇنغا ھۆسۈن قوشتى. ھازىر جاۋاب شائىر يۈسۈپجان قەييۇم سورۇن ئەھلىگە ئاتاپ شېئىرى چاقچاق ئوقۇپ ھەممەيلەننى ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلدۈردى.

دۆڭ مەھەللىدىكى سورۇن ئاخىرلىشىپ بولغۇچە ئىلىدىكى پارھات جامال، ئەنۋەر ناسىرى، شەۋكەت ئىبراھىم، ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، شاۋكەت رۇستەم،كەنجى خۇمار باشچىلىقىدىكى يازغۇچى-شائىرلار ئىلى دەريا بويىغا سورۇن ھازىرلىغان ئىكەن، ئۆمەكتىكى ئاتىكەم سېدىق ئايقۇت، گۈلباھار ئېزىز، پاتىگۈل نىياز قاتارلىق ئەدىبەلەرنى غولجىدىكى قەلبىنۇر ئىلياس، زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت قاتارلىق ئايال ئەدىبلەرگە تاپشۇرۇپ، قالغانلىرىمىزنى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي يېڭى سورۇنغا ئېلىپ كەتتى. بىز ئىلى دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئارامگاھتا، بۇ قەدىمىي دەريانىڭ شاۋقۇنلىرىغا قۇلاق سالغىنىمىزچە ئەدىبلەر دوستلىقىنىڭ يېڭى سىمپونىيەسىنى بىرلىكتە ياڭراتتۇق. سورۇن كۈلكە-چاقچاق بىلەن باشلىنىپ، كەچكىچە داۋام قىلدى.

7


7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن،غۇلجا شەھىرى، غولجا ناسىيەسى.

بۈگۈنكى كۈنتەرتىپ ئاساسەن شەھەر ئىچى ۋە غولجا ناھىيەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9 دا، شاۋكەت ئىبراھىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن غولجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە، ئاتاغلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاتىرە ئۆيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا باردۇق.

غولجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ 1903-يىلى كەنجى قۇم ئىسىملىك بىر مەرىپەتپەرۋەر كىشىنىڭ تەشەببۇسى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ساي بويى مەسچىت يېنىغا (ھازىرقى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئورنىغا) سېلىنغا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئاتاغلىق يازغۇچى- شائىرلاردىن تىيىپجان ئېلېيوف، ئابدۇراخمان قاھار قاتارلىقلار بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان، زۇنۇن قادىر، زوردۇن سابىر قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار بۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئىكەن.

بىز مەكتەپكە بارغاندا سابىق مەكتەپ مۇدىرى، زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان شۆھرەت نېغمەت ئەپەندىم، مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، خاتىرە ئۆينىڭ بارلىققا كېلىشىگە كۈچ قوشقۇچى غەيرەت ئەركىن قاتارلىقلار بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كاتتا يازغۇچىسىنىڭ خاتىرە ئۆيىگە كىرگەندە، بەكمۇ ھاياجانلاندۇق. ئەل سۆيگەن ئاتاغلىق يازغۇچىمىزنىڭ ئىشلەتكەن ئۈستەل- ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندە، ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەندە، بۇ ئۇستازغا بولغان سېغىنىشىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. مۇشۇ خاتىرە ئۆينى بارلىققا كەلتۈرگەن ھۆرمەت ساھىبلىرىغا بولغان قايىللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

زوردۇن سابىر خاتىرە سايىرى 2010-يىلى باشلانغان بولۇپ، «يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى»، «ئىلىم ئىزدەش يولىدا»، «ئۆچمەس ئىزلار»، «قىممەتلىك ھايات»، «يازغۇچىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى»، «يازغۇچى چەتئەل زىيارىتىدە»، «يازغۇچى تۇرمۇش قاينىمىدا»، «قىممەتلىك دەقىقە، ئۇنتۇلماس ئەسلىمە» قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن.

مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن تۇرپان يۈزى (غۇلجا ناھىيەسى) دىكى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جىلىليۈزىدىكى پاششالىق باغنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. قايسى پاششادىن قالغان باغ ئىدىكىن، تەبىئىيلىكى شۇنچىلىك قوغدالغان، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر، قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان ئۈرۈكلەر، غۇچچىدە مېۋىلىگەن ئالمىلار،گۈل-گىياھلار ئارىسىدىن ئېلىنغان، سېمۇنتلانغان چىغىر يول، باغ ئوتتۇرسىدىكى فۇنتانلىق چوڭ كۆل، شاراقلاپ تۇرغان سېغىزخانلار، چىرىلدىشىۋاتقان تۇمۇزغىلار، باغ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدىغان كەپتەرلەر... بەلكىم نامەلۇم بىر پاشا بۇ باغنى ھاياتى دۇنيادىكى جەننەتكە مىسال قىلىپ ياساتقان بولسا كېرەك. ئەمدىلىكتە ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئارامگاھىغا ئايلانغان ئىدى. چۈشلۈك تاماق مۇشۇ باغقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر جىلىليۈزىلىك ساھىبخانلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن پاششالىق باغنى بىردەم تاماشا قىلغاندىن كېيىن، سايىۋەنلىك چوڭ شىپاڭغا چىقىپ، سالاسۇن بويلىتىپ سېلىنغان قېلىن كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىن ئورۇن ئالدۇق. چۈشلۈك تاماققا غولجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر خانىم، ئاتاغلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر، ئابلىكىم ھەسەن، ئەل سۆيگەن ناخشىچى، شىنجاڭ مۇقام يۇرتىنىڭ مۇقامچىسى ئابلىز شاكىر ۋە غولجا شەھىرىدىن چىققان مۆھتىرەم مېھمانلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇنەۋۋەر خانىم ئالدى بىلەن جەنۇبىي ۋى شەرقىي شىنجاڭدىن كەلگەن ياش يازغۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، غولجا ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ــ ناھىيەمىزدە،ــ دېدى مۇنەۋۋەر خانىم خۇشخۇيلۇق بىلەن،ــ 23 يېزا-بازار بار. ئومۇمىي نوپۇسى 420 مىڭ، نوپۇسنىڭ %80 تىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 49.6 تىنى ئىگەللەيدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى غولجا ناھىيەسىدە ئەڭ گەۋدىلىك ساقلانغان. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن يازغۇچى- شائىرلارنىڭ بۇندىن كېيىن دىيارىمىزغا داۋاملىق كېلىپ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، ناھىيەمىزنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى قارشى ئالىمەن.

پاششالىق باغدىكى چۈشلۈك تاماقمۇ كۈلكە-چاقچاق بىلەن باشلاندى. غولجا ناھىيەسىدىكى ئاتاقلىق چاقچاقچىلاردىن سالىي ئاكا، لەتىي ئاكا، تۇرغان مۇدا قاتارلىقلار قىزىق چاقچاقلىرى، كۈلدۈرگە-يۇمۇرلىرى بىلەن بىزنى كۈلدۈرۈپ، كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىرىۋەتتى. يۈسۈپجان قەييۇممۇ شېئىرى چاقچاقلىرى بىلەن سورۇنغا ھۆسۈن قوشتى.

8


7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن، غولجا.   

بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمىزدىكى غولجا شەھىرىدە بولىدىغان پائالىيەت پىلانلىرىمىز ئورۇنلىنىپ بولغان ئىدى. شۇڭا ئەتىگەن سائەت 8 بىلەن ياتاقلارنى ئۆتكۈزۈپ، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى «تەلىم جىرغىلاڭ ساياھەت ئورنى»غا بېرىش ئۈچۈن تەييارلاندۇق. شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 8:30دا ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ، يېڭى مەنزىلگاھىمىزغا قاراپ يولغا چىقتۇق.

غولجا گۈزەل باغلىرى، ھاۋالىق تاغلىرى بىلەن مەشھۇر يۇرت ھېسابلىنىدۇ. سايرام بويىدىن باشلانغان غولجا سەپىرىمىز ئاجايىپ بىر يېشىللىق ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئۆمىكىمىز «چولپان» مېھمانخانىسىدىن يولغا چىقىپ، غولجا شەھەر توغراق يېزىسى، غولجا ناھىيەسىنىڭ ئارائۆستەڭ، يېڭىتام، بايتوقاي قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىدىن ئۆتتى. مەن ئۇزۇندىن بېرى نامىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بۇ يۇرتلارغا تويماي قاراپ، ئەشۇ يېشىل زىمىندىن ئاتاغلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى ئىزدېدىم. زوردۇنكام يېڭىتام يېزىسى بىلەن بايتوقاي يېزىسى ئارىسىدىكى بوستان كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ روھى ھېلىھەم مۇشۇ گۈزەل دىيارنىڭ ساپ ھاۋالىق دالالىرىدا كېزىپ يۈرگەندەك، ئۇ بىزگە يىراقتىن قاراپ، دىقماق قوللىرى بىلەن شەرەت قىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ماشىنىمىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ياماتۇ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، قاش دەرياسى، تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى قوشۇلغان بۇ ھەيۋەتلىك ئېقىنغا نەزەر تاشلىدىم. كۆۋرۈكنىڭ بۇ تەرىپى توققۇزتارا ناھىيەسىگە تەۋە بولۇپ، ئاقتۆپە، تىكئېرىق، تاشتۆپە يېزىلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ توققۇزتارا ناھىيە بازىرىغا كىردۇق. ناھىيەلىك يولۇچىلار بېكىتى ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۈچ چاقلىق موتسېكلىت مىنىۋالغان خەلق قىزىقچىسى تۇرداخۇن (پاكار) بىلەن كۆرۈشتۇق. ئاندىن يەنە ماشىنىغا چىقىپ، ئاغارسىن يېزىسىدىن ئۆتۈپ، قاپچىغاي توسمىسىدىن ئۆتتۇق. ئىلى دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا سېلىنغان بۇ توسما ئادەمگە خېلىلا ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. توسمىنىڭ نېرىسى ئىگىز داۋان بولۇپ، داۋاندىن ئاشقاندا جىرغىلاڭ يېزىسى ۋە ئۇنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مايلىق ئاپتاپپەرەسلىرى كۆزگە چېلىقاتتى. جىرغىلاڭ يېزىسىدىن ئۆتۈپ، تىك تاغ باغرىنى بويلاپ بىر ئىككى سائەت ماڭغاندىن كېيىن مەنزىلگاھىمىز ــ توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مەشھۇر سەيلىگاھ ــ «تەلىم جىرغىلاڭ»غا يېتىپ كەلدۇق.

تەلىم جىرغىلاڭ ــ ئۈچ تەرىپى تاغلار بىلەن قورشالغان، تاغلار بۈككىدە قارىغاي، تاغ تېرەكلىرى بىلەن بىزەلگەن كۆركەم ئارامگاھ بولۇپ، تاغ سۇلىرىنىڭ شارقىرىشى ۋە تۇمۇزغىلارنىڭ چىرىلدىشى بۇ خىلۋەت ماكاننىڭ سۈكۈتىنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن. تاغلار ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن تون كىيىپ، مەيدىسىنى كەرگەن پېتى قەد كۆتىرىپ تۇرىدىكەن. بۈگۈن ئارام ئالىدىغان كۈن (شەنبە) بولغاچقا ئىلى رايونىدىن ۋە باشقا ئورۇنلاردىن دەم ئالغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىدى.

بىز چىدىرلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، سومكىلارنى تاشلاپ، ئەتىدىن بېرى نەچچە سائەت يول ماڭغانلىقىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ، ئاشۇ گۈزەل تاغقا چىقىپ بۈككىدە قارىغايزارلىقتا دەم ئېلىپ كىرىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خۇددى بىرى بۇيرۇق بەرگەندەك تاغ تامان يول ئالدۇق.

ئەدەبىيات كوچىسىدىكى يولۇچىلار ھېسسىيات تىپىغا تەۋە ئادەملەر بولۇپ بەزىدە ئۇلار شوخ، كىچىك بالىغىمۇ، بەزىدە ئېغىر-بېسىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، توختالغان، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق ئۆتكەن مويسىپىتلارغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ. بۈگۈن ھەممەيلەن ــ «قەشقەر» ژۇرنىلىدىكى ئەنۋەر ئىبراھىممۇ، ئاتىكەم سېدىق ئايقۇت، گۈلباھار ئېزىز، پاتىگۈل نىياز قاتارلىق ئەدىبەلەرمۇ، ئاپاراتىنى توغرىلاپ توختىماستىن تاغ مەنزىرىلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان ئېزىز ئەيسا، ئاللىقانداق خىياللارنى سۈرگىنىچە جىممىدە كېتىۋاتقان ئىلھام ئابدۇرېھىم، ئابدۇرېھىم غازىلار شۇتاپ كىچىك بالىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ قالغانىدى.

بىز ــ ياسىنجان سادىق چوغلان، ئېزىز ئىمىر يانغىن، مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم ۋە مەن ــ ھەممىدىن كېيىن قالغان يولۇچىلار بوپتىمىز. تاغ ئېتىكىگە كەلگەندە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، ئېزىز ھېيت كۈن، ھەبىبۇللا رەجەپ، تۇرغۇن جالالىدىن، ئەخەت ئىبراھىم، ئابلىز ئوسمان، مۇختار داۋۇت، بەختىيار زۇنۇن (شوپۇر) قاتارلىقلار ئاللىقاچان تاغنىڭ قاپبېلىگە بېرىپ بولغان ئىكەن. بىز ئۇلارغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تاغ باغرىدىن باشلىنىدىغان چىغىر يولغا چۈشتۇق.

دۇنيادا تاغدىن سىرلىقراق، تاغدىن ئاجايىباتراق يەنە بىر زېمىن بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۆز باغرىدىكىلەرگە قاراپ جىممىدە تۇرۇشىمۇ بىر سىر. بىز چەت-چۆرىسىدە ئاق چېچەكلىك قارا بېدە، چىمچۇق، پاقا يوپۇرماق، ياۋا بۆلجۈرگەن، ياۋا كەندىر، ئەمەن، گۈللەپ تۇرغان چوڭ خۇخىلار ئارىلاش ئۆسكەن چىغىر يولنى بويلاپ مېڭىپ، كۆزلىگەن مەنزىلىمىزگە يەتكىنىمىزدە ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالدۇق. پەستە تۇرۇپ قارىغاندا بىزگە تاغنىڭ ئۈستى بولۇپ كۆرۈنگەن چوققا ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نېرىسىدىكى يەنە بىر تاغنىڭ ئېتىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. «تاغنىڭ ئۈستىدە تاغ بار» دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ. قىرغاققا چىقىپ قالغان بېلىقتەك ئېغىزىمىزنى ئېچىپ ھاسىراپ تاغ ئۈستىگە چىقساق، باشقىلار يەنە بىر چوققىغا ياماشقان ئىكەن. گۇلباھار ئېزىز ھەممىنىڭ ئالدىدا تاغ ئۆشكىسىدەك چېپىپ كېتىۋېتىپتۇ. شۇ تاپ ئاتىكەم سېدىق ئايقۇت، پاتىگۈل نىياز خانىملارنى كىم ئايال كىشى دېيەلەيدۇ؟ ئۇلار ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان جاسارەت بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىپ باراتتى. بىزمۇ لېۋىمىزنى چىشلەپ ئىككىنچى چوققىغا ياماشتۇق. تىلىمىز بىر غېرىچ ساڭگىلاپ، تاغ باغرىدىكى سۇنىڭ شارقىرىشى بارغانچە چىرايلىق ئاڭلىنىشقا باشلىغاندا ئىككىنچى چوققىغىمۇ يېتىپ كەلدۇق، ئاپلا... ئۇنىڭ نېرىسىدا يەنە بىر چوققا، باشقىلار ئۇنىمۇ بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن سەپىرىنى باشلاپ بوپتۇ.

ئۈچىنچى چوققىنى ئاخىرقىسى بولسا كېرەك دەپتىمەن، كىم بىلسۇن، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە يەنە بىر تاغ قەد كېرىپ تۇراتتى. ئەمدى تۆتىنچىسىگە چىقىشقا ئىشەنچىم قالمىدى. چېكەم قورۇلۇپ، نەپىسىم يېتىشمەي قالدى. ئۈچىنچى چوققىنىڭ ئۈستىدە مەن، ئەنۋەر ئىبراھىم، ئابدۇرېھىم غازى، ئېزىز ئەيسا قاتارلىق تۆتىمىز قېلىپ قالدۇق. قالغانلار ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ يول باشلىشى بىلەن ئەڭ ئۈستىدىكى چوققىغا قاراپ يول ئالدى. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەڭ ئېگىز چوققىغا يېتىپ بارغان ئەدىپلەرنىڭ «ھەي...!» دەپ خۇشال ۋارقىرىشى تاغلارنى زىلزىلىگە سالدى.

بىز يېرىم سائەتتەك دەم ئېلىپ كەينىمىزگە ياندۇق. 2 سەئەت 50 مىنۇتتا چىقىپ بولغان ئۈچىنچى چوققىدىن 1 سائەت 20 مىنۇتتا چۈشۈپتۇق، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا كۈچ كەتسە، تاغدىن چۈشۈشكە كاللا كېتىدىكەن. تاغقا چىقىشتىن چۈشۈش تەس ئىكەن. مىڭ بىر قىيىندا تاغ باغرىغا چۈشۈۋالدۇق. بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئاسمانغا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان، بۈككىدە قارىغايلىق جىممىدە قارا تون يېپىنىشقا تۇتۇنغان ئىكەن. سائەت 6:30 دا كەچلىك تاماق تارتىلدى. ھەممەيلەن چوڭ، يومىلاق چېدىرنى بويلاپ ئولتۇردۇق. ئوتتۇرىغا داستىخان سېلىندى. سورۇننىڭ تۆرىدە بىزگە ھەمراھ بولۇپ چىققان ئۇستازلاردىن ئابلىمىت سادىق، مەمتىمىن ھۇشۇر، قەييۇم سوپى، غەيرەت ئاسىم قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئىدى. ئەنۋەر ناسىرى بىلەن شاۋكەت ئىبراھىم ئاشخانا بىلەن چېدىر ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ تاماقلارنىڭ تارتىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. يىلىكتەك پىشۇرۇلغان گۆش، ئوخشىتىپ ئېتىلگەن نارىن، ھەر خىل قورداقلار كەلتۈرۈلدى. كەچلىك تاماق ئۈچۈن سويۇلغان قوينىڭ بېشى ئابلىمىت سادىقنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئۇ پىچاقنى قولىغا ئېلىپ، ئويلانغىنىچە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى.

ــ بىر ئىش يادىمغا كېلىۋاتىدۇ،ــ دېدى ئۇ بىزگە تەكشى قاراپ چىققاندىن كېيىن،ــ 1994- يىلى بولسا كېرەك، جەنۇپ ۋە شەرقىي شىنجاڭ يازغۇچىلىرى «تەلىم جىرغىلاڭ» يايلىقىغا بىر قېتىم كەلگەن، مۇشۇ تۆردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف، ئەلقەم ئەختەم، شۈكۈر يالقۇن، قەييۇم تۇردى، رەھمىتۇللا جارى قاتارلىقلار ئولتۇرغان، ئۇ چاغدا بىز مۇلازىمەتچى ئىدۇق. مانا بۈگۈن شۇ ساھىبقەلەملەرنىڭ ئورنىدا بىز ئولتۇرۇپتۇق. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئولتۇرىدىغانلار جەزمەن چىقىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، سىلەر ھەممىڭلار ھاياتى كۈچۈڭلار ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار ئىكەنسىلەر، ئەدەبىياتنىڭ يۈكى ئۇنچە يېنىك يۈك ئەمەس، ئەمما، مۇشۇ ئورۇندا ئولتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يۈكنى ئاخىرغىچە كۆتۈرۈشكە تىرىشمىساڭلار بولمايدۇ.

ئابلىمىت سادىق ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاشۇ تەۋەررۈك ئۇستازلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گەپلىرى ھەممەيلەننىڭ قەلب بېتىگە ئاجايىپ كۆركەم نەقىش بولۇپ چېكىلدى.


9


7-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 5، تەلىم جىرغىلاڭ.

تەلىم يايلىقىدا تاڭ ئاتتى. تاغلارنىڭ ئۈستى ئاقىرىپ، كېچىچە ياغقان يامغۇرنىڭ نەملىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. قارىغايزارلىقتىن سېغىزخاننىڭ شاراقلىغىنى، تاغ قۇشقىچىنىڭ چۇرۇقلىغىنى، تىيىنلارنىڭ چىرقىرىغىنى ئاڭلىناتتى.

مەن، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، ئابلىكىم تالىپ، ھەبىبۇللا رەجەپ، سەمەت ئەسرا تۇرا، ئېزىز ھېيت كۈن قاتارلىقلار تاڭ يورۇشىغىلا چىدىردىن چىقىپ، مۇزدەك تاغ سۈيىدە يۈزىمىزنى يۇيدۇق. ئاندىن ئېقىن بويلاپ خېلى ئۇزۇن ماڭدۇق. ئەتىگەنكى تاغ ھاۋاسى شۇنچىلىك ساپ، نەمخۇش غۇر-غۇر شامال سوقۇپ تۇراتتى. كېچە ياغقان يامغۇر سۈيىدە يۇيۇلغان قارىغايزارلىق پاكىزە ھاۋا ئىچىدە تېخىمۇ جۇلالىق، كۆركەم كۆرۈنەتتى. تاغ ئېتەكلىرىدە ئېچىلغان سېرىق، قىزىل، ھالرەڭ گۈللەر بىزگە سالام بېرىۋاتقاندەك بېشىنى ئېگەتتى. تاغ قاپتاللىرىدا يايلاۋاتقان يىلقىلار، ئاق چېدىرنىڭ يېنىدا كالا سېغىۋاتقان قازاق ئاياللىرى، ئاقۇش ئىس كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئوچاقلار... ھەممە نەرسە ئادەمگە شۇنچىلىك ئۇز ۋە يېقىملىق تۇيۇلاتتى.

بۈگۈن يەنىلا تەلىم جىرغىلاڭ يايلىقىدا ئارام ئالدۇق، تۆنۈگۈن غەرپ تەرەپتىكى تاغقا چىققان بولساق بۈگۈن شەرق تەرەپتىكى تاغقا ياماشتۇق. تاغ ئوخشاش، ئەمما بىزگە بەرگەن تەسىرى ئوخشاش ئەمەس ئىدى.

تەڭرى زېمىننى ياراتقاندا تۈرلۈك بوياقلار بىلەن ئۇنى بېزىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىلى ۋادىسىغا بولسا يېشىل بوياق جىقراق تېمىپ كەتكەن بولسا كېرەك. راستىنى دېسەم بۇنداق چىرايلىق تاغلارنى تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلدى. كۆڭلۈمدە پەيدا بولغان پىكىرلەرنى، تاغ ھەققىدىكى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدىكى ئىبارىلەرنى بىرمۇ بىر يېزىشقا قەلىمىم گال كەلدى.

ئەتىگەن توققۇزتارالىق ئەدىپلەردىن ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تۇرسۇنئاي سۇلتان بىز ئۈچۈن بىر قويغا دۇئا ئالغان ئىدى. چۈشتە شۇ قوينىڭ گۆشىدە قىلىنغان قورداق ۋە شورپا بىلەن غىزالاندۇق، ئاندىن ھەممەيلەن ئۆزلىرى خالىغانچە ساياھەت قىلىپ، كۆڭلى تارتقانلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، بۈگۈنكى ۋاقىتنى توشقۇزدۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى پائالىيىتىمىزمۇ ئاخىرلاشقان بولدى.

10


7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، تەلىم جىرغىلاڭدىن يولغا چىقىپ، سائەت 12 لەردە  قورغاس ناھىيەسىنىڭ سۈيدۇڭ بازىرىدىكى «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاشخانىسى»دا چۈشلۈك تاماق يەپ، سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق. 12 سائەتتىن ئارتۇق يول مېڭىپ، كەچ سائەت 6 لەردە نېفىت - ئېتىلىن شەھىرى مايتاغقا يېتىپ كەلدۇق. بىز كەلگەندە، مايتاغ نېفىت- خېمىيە سانائىتى شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەت ئېلى، مايتاغ نېفىت- خېمىيە سانائىتى شىركىتى رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ليۇ مىڭروڭ، مايتاغ كان رايونلۇق مۇلازىمەت بۆلۈمى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لو جىچۇ، مايتاغ نېفىت- خېمىيە سانائىتى شىركىتى باش دېرىكتور ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پولات، مايتاغ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ جيەنفىڭ، مايتاغ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يازغۇچى ئادىل غۇجالىم قاتارلىق رەھبەرلەر بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز ئالدىراپ «مايتاغ مېھمانخانىسى»غا ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن كەچكى كۈتىۋېلىش چېيىغا داخىل بولدۇق. چايدا مۇھەممەت ئېلى سۆز قىلىپ بىزنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مايتاغنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇردى. گەرچە بۈگۈن بىز 12 سائەتتىن ئارتۇق يول ماڭغان بولساقمۇ، مايتاغدىكى رەھبەرلەرنىڭ بۇنچە قىزغىنلىقىغا قاراپ ھاردۇقلىرىمىزمۇ بىراقلا چىقىپ كەتكەندەك بولدى. چاي بەكمۇ قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى پولات، ئادىل غۇجالىم قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەتىگەنلىك ناشتا قىلغاندىن كېيىن، كۈنتەرتىپتىكى مايتاغدىكى زىيارىتىمىزنى باشلاپ، مايتاغ مەدەنىيەت مەركىزى، ئېتىلىن زاۋۇتى، ئېكېلوگىيە باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇق، مايتاغنىڭ پاكىزە، گۈزەل، ئۆلچەملىك شەھەر رايونىنى كۆزدىن كەچۈردۇق. ئاندىن مېھمانخانىغا قايتىپ، مايتاغ ئەدىپلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سۆھبەت يىغىنىغا مايتاغلىق ئەدىپلەردىن پېشقەدەم شائىر توختى قاسىم خۇشال، پېشقەدەم يازغۇچى ئېزىز ھەسەن، شىرئېلى يۈسۈپ، تۇرسۇن كېرىم، شېرىنئاي، زۆھرەگۈل ئەخمەت، مۇكەررەم قاتارلىق ياش يازغۇچى-شائىرلار قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىغا ئادىل غۇجالىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

ــ بىزدە ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنىدىغان «مايتاغ ئەدەبىياتى» دەيدىغان بىر ژۇرنال بار،ــ دېدى پولات ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ،ــ يۇرتىمىزدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە يازغۇچىلار مۇشۇ ژۇرنالنى مەنبە قىلىپ سانائەت ۋە شەھەر تۇرمۇشىنى يېزىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ــ ھازىر بىزدە 47 نەپەر يازغۇچى-شائىر بار،ــ دېدى توختى قاسىم خۇشال سۆز ئېلىپ،ــ تولىسى ياشلار، ئۇلارنىڭ ئالدىنىڭ 5-6 پارچىدىن كىتاۋى نەشر قىلىندى. ئەمما، بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يازغۇچى-شائىرلار بىلەن تۇنۇشلىقىمىز، ژۇرناللار بىلەنكى ئالاقىمىز كەمرەك بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى شىمالىي شىنجاڭ سەپىرىگە ئاتلانغان ئەدىپلەر ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن تونۇشقىنىمىز بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەرىپى. بىز بۇندىن كېيىن ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق ئاۋازىمىزنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئاڭلىتىشنى بەكمۇ خالايمىز. بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ بىزنى قوللىشىغا مۇھتاجمىز.

ئادىل غۇجالىم ياسىنجان سادىق چوغلاننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى:

ــ قېنى چوغلانبەگ، مايتاغلىقلار سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنىمۇ ئاڭلىسۇن، بىزگە ئىجادىيەت تەجىربىلىرىڭىزدىن ئاز-تولا سۆزلەپ بېرىڭ.

ــ ئەجداتلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن ياش سانائەت رايونىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم،ــ دېدى ياسىنجان سادىق چوغلان مايتاغ ئەدىبلىرىگە قاراپ،ــ مايتاغ ھەقىقەتەن تەرەققىي قىپتۇ، مۇھىتىمۇ بەك گۈزەل ئىكەن، مەندە ياخشى تەسىر قالدۇردى. بايا بولغان پاراڭلاردىن بىلىشىمچە، مەيلى قارامايلىق ئەدىبلەر بولسۇن ياكى مايتاغلىق ئەدىبلەر بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدا سانائەت تېمىسىنى يورۇتۇشتىن ئىبارەت باش نىشان بەلگۈلىنىپ قاپتۇ. بۇنداق بولغاندا ئىجادىيەت رامكىغا كىرىپ قېلىپ، تۇرمۇشنى كەڭ تۈردە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. مايتاغلىق ئەدىبلەرگە سانائەت ئىنشائاتىنىلا چۈشەندۈرۈشنى قوغلاشماي ئادەمنى يېزىشنى ئاساس قىلىش، ئادەم ئارقىلىق سانائەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مېنى مىسالغا ئالساق، مەن يەكەن دەريا بويىدا چوڭ بولغان، سانائەت تىمىسىغا ھە دېگەندە كىرىشەلمەيمەن. مايتاغ ئەدىبلىرىمۇ يېزا ئىگىلىك، سۇ قۇرۇلۇش تىمىسىغا ئاسانلا كىرىشىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما چوقۇم ھەر خىل تېمىلاردا ئەسەر يېزىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش لازىم. يەنە بىرى، ۋاقىتنى تۇتۇش مەسىلىسى. بۇ جەھەتتە غەيرەتكامنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى باركەن، ئۆتكەندە بېيجىڭدىن بىللە قايتقاندا، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ئەسەر يازدى. بۇ قېتىممۇ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ خاتىرە قالدۇرۇپ، يېڭى-يېڭى ئىجادىيەت پىلانى تۈزدى. ۋاقىتنى تۇتۇش، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەممەيلەن غەيرەتكامدىن ئۆگەنسەك، ئىجادىيەتكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتساق بولىدىكەن.

ــ قېنى تۇرسۇنجان، سىزمۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ باقمامسىز؟ــ ئادىل غوجالىم مېنىمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

ــ ياسىنجان بەك ئوبدان گەپ قىلدى،ــ دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ پىكرىنى ياقىلاپ،ــ ئىجادىيەتتە ھادىسىۋى نەرسىلەرنى، مۇقىملىشىپ قالغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى شۇنداقلا ئەسەر قىلىپ يازساق، ئۇنىڭ كىتابخانلارنى جەلىپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئەدەبىيات ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىۋى خاتىرىسى، شۇنداق ئىكەن، ئۇمۇ ئادەمنى ئاساس قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئارقىلىق دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى كېرەك. مېنىڭچە بولغاندىمۇ سانائەت رايونىدا چوڭ بولغان يازغۇچى-شائىرلار مەنىۋى كۆزىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا ئەمەس، شۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئوي خىيالى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، قايغۇ- خۇشاللىقلىرىغا قارىتىشى كېرەك. ئوقۇرمەنلەر سانائەت رايونى ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئادىمىيلىكنىڭ پۇرىقىنى ئەمەس، نېفىتنىڭ پۇرىقىنى ھىدلىسىلا بولمايدۇ.يەنە بىرى، ھازىر بۇ سورۇندا جەنۇپتىكى «يېڭى قاشتېشى»، «قەشقەر»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «كروران» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ، شۇنداقلا ئىچكى قىسىمدا ناھىيەلەر ئۆز ئالدىغا نەشر قىلىۋاتقان «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «كېرىيە» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ژۇرناللار ئاللىقاچان ئۆز رايونىدىن ھالقىپ ئەسەر قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. مايتاغ ئەدىبلىرى ھەقىقى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ ئىبەرتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى جانۇپقا يەتكۈزۈش ئارزۇسى جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

سۆھبەت يىغىنىدا يەنە مايتاغلىق ئەدىبلەردىن مۇكەررەم خانىم، ئادىل غۇجىئالىم قاتارلىقلارمۇ پىكىر قىلدى.

ــ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزمۇ ئىنتايىن نەتىجىلىك بولدى،ــ دەپ خۇلاسە قىلدى غەيرەت ئاسىم ئاخىرىدا،ــ مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، يازغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆگۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم. يازغۇچى-شائىرلار ئۆگۈنۈش ئارقىلىقلا نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. كىتابتىن، ئادەمدىن، تارىختىن  ئۆگۈنۈش ئارقىلىقلا يېڭى يول تېپىپ، يازغانلىرىغا دىئاگنۇز قويۇپ، ئىجادىيەتتە يېڭى پەللىلەرنى يارىتالايدۇ. يەنە بىرى، ئىزچىللىق مەسىلىسى، يازغۇچى-شائىرلار ئىزچىللىق ئىچىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ. ئىزچىللىق يازغۇچىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئەدىب ئىزچىللىق ئىچىدە ئىجادىيەت پىلانىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، ئۆز- ئارا ئۆگۈنۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. يىغىن ئەھلىگە رەھمەت.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن چۈشلۈك تاماق يېيىلدى. تاماققا تۈنۈگۈن بىزنى كۈتۈۋالغان مۇھەممەت ئېلى قاتارلىق رەھبەرلەر تولۇق قاتناشتى. ئۇلار بىزنىڭ مايتاغدا ئۇزۇنراق تۇرۇپ بېرىشىمىزنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلدى. ئەمما، كۈنتەرتىپ بۇرۇنلا تۈزۈلۈپ بولغاچقا غەيرەت ئاسىم، ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلار ئۆزرە سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمىكىمىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. غەيرەت ئاسىم بىز بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا مۇنداق دېدى:

ــ بۇ قېتىملىق شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتىمىز ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭچە كۆپچىلىك نۇرغۇن تۇرمۇش ئۆگەندى ۋە ھەر قايسى يۇرتلاردىكى ئەدىبلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، پىكىرلىشىپ، ئەمەلىي يېزىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى موللاشتۇردى. بىز ئەدەبىياتنىڭ ئادىمى، ئەدەبىيات بىزنىڭ سىرداش دوستىمىز. بىز ھېچكىمگە دېيىشكە پېتىنالمىغان گەپلىرىمىزنى ئەدەبىياتقا دەيمىز. شۇڭا ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ياخشى دوستنى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتايلى. ئەدەبىياتنىڭ مۇشەققەتلىك، ئەمما شەرەپلىك كوچىسىدا قولنى قولغا تۇتۇپ ئاخىرىغىچە يۈرەيلى. ياشىسۇن ئەدەبىيات!

ھەممەيلەن قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن غەيرەت ئاسىمنىڭ پىكرىگە ماقۇللۇق بىلدۈردۇق.

ــ سەپەر جاريانىدا بەزىبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلار مۇۋاپىق بولمىغان بولسا، كۆپچىلىك ئەپۇ قىلغاي،ــ دېدى ئەيبۇ ياقۇپ ئاخىرىدا،ــ ئوپچە پائالىيەت بولغان ئىكەن، تەشكىلىي تۈزۈم جەھەتتە تەلەپنى چىڭراق قويۇشقا توغرا كەلدى، بىزدىن ئۆتكەن يەر بولسا كۆڭلۈڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار.

سەپەرگە چىققاندىن بېرى، ئايرىلىش ھەققىدە ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، ئەيبۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئايرىلىش مىنۇتلىرىنىڭ قىستاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. نېمىشقىكىن كۆڭۈللەر يېرىم بولدى، ئەمما، سەپەر جەريانىدا بىر تۇققاندەك ئىززەت-ئېكرام بىلەن بۇ قېتىمقى ساياھەتنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىمىزدىن ھەممەيلەن مەمنۇن ئىدۇق. بىزدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە بىر قېتىم جەم بولۇش ئىستىكىمۇ پەيدا بولغان ئىدى.

11


ئەمدى ئەدەبىيات ھەققىدە ئاز-تولا بىر نېمە دەيدىغان يەرگە يەتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىكەنمەن. ئەمما، بۇ يۇرتلاردا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ياشايدىغانلىقى ماڭا ئايان. بەلكىم ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىش، بىر ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ كۈلكە-چاقچاق بىلەن سەپەر قىلىش پۇرسىتى مەڭگۈ نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن.

بۇ قېتىم «خاندىيار مېھمانخانىسى» ئالدىدا ئاپتوبۇسقا چىققاندا، بىللە سەپەر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن 20 نەچچە ئادەمنىڭ بەزىلىرى تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاپتوبۇس ئىچىدە ھېچكىم قورۇنۇپ قالمىدى. خۇددى بىر ئۆيدە چوڭ بولغان ئاكا-ئۇكىلاردەك ئۆزلىشىپ، بىر-بىرىگە باغرىنى ئېچىپ، سەپەر خۇشاللىقىغا بىللە تەنتەنە قىلدى.

بەلكىم، سايرام كۆلى تا مۇشۇ كۈنگىچە، يۈز نەچچە كىلومېتر يىراقلىقتىن  مېھمانلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ كۆرۈشكەن ساھىبخانلارنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بەلكىم، ئالاتاۋ ئېغىزىدىكى چېگرا تېشى، ئابدۇشۈكۈر ئارامگاھىدىكى شىپاڭ، جىلىليۈزىدىكى پاششالىق باغ، جۇڭغار دالالىرىدىكى ۋىشكا-كاچالكىلار، توققۇزتارادىكى تەلىم جىرغىلاڭ يايلىقى ۋە ئۇ يەردە قەد كۆتۈرگەن قارىغاي، ئاق قېيىن، تاغ تېرىكى تا مۇشۇ كۈنگىچە چىن كۆڭلىدىن سىردىشالايدىغان بۇنداق بىر توپنى ئۇچرىتىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەدەبىياتتىكى دوستلۇق، سودا ساھەسى، ئەمەلدارلىق كوچىسىدىكى دوستلۇققا قارىغاندا ھەقىقى، چىن بولىدۇ. بىرەر پايدا ياكى يۇقىرى مەرتىۋىنى تەلەپ قىلمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ قېتىمقى سەپەردە ئەدەبىياتنىڭ كۈچى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. يۇرت-يۇرتلاردا قىزغىن كۈتىۋېلىشقا ئېرىشتۇق. بولۇپمۇ ياسىنجان سادىق چوغلاننى سورايدىغانلار، ئۇنى ئېلىپ قېچىپ ئۆز چېيىغا ئېغىز تەگكۈزۈشنى ئىستەيدىغانلار بەكمۇ كۆپ بولدى. ئۆزلىرى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان «باھادىرنامە»گە ئىمزا قويدۇرىۋالغانلارمۇ ئاز بولمىدى.

مېنىڭچە ياسىنجاننىڭ پۇچۇركىسى كىشىلەر ئاتايىن ئىزدەپ-سوراپ ئېلىۋالىدىغان ئۆلچەملىك خەت شەكلىمۇ ئەمەس. ئەتىۋار بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلايدىغان خۇشخەت ئەسىرىمۇ ئەمەس. ئەمما، كىشىلەرنىڭ ئەشۇ ھەركىتىدە ئەل سۆيگەن يازغۇچىسىغا بولغان ھۆرمەت، ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە بولغان قايىللىق ئەكىس ئەتكەن. خۇددى ئەيبۇ ياقۇپ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە «يازغۇچىلار خەقنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭماسلىقى، ئۇلار خەلقنى ئەگەشتۈرۈپ مېڭىشى كېرەك» دېگەندەك، بۇ قېتىملىق سەپەردە ياسىنجانغا ئەگەشكەنلەر، ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈش نۆۋىتىنى تالاشقانلار ھەقىقەتەن جىق بولدى. بۇ ماھىيەتتە خەلقنىڭ ئەدەبىياتقا ئەگەشكىنى، ئەدەبىياتنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگىنى ئىدى. مەن بۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا، خۇددى ئاتاغلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر تەلىم جىرغىلاڭ يايلىقىدا ئېيتقاندەك، «ئەدەبىياتنىڭ مەڭگۈ يەردە قالمايدىغانلىقىغا، ھەقىقى يازغۇچىلارنىڭ ھامان خەلق تەرىپىدىن قەدىرلىنىدىغانلىقى»غا ئىشەندىم. مەنمۇ بار ئاۋازىم بىلەن غەيرەت ئاسىمغا قوشۇلۇپ، «ياشىسۇن ئەدەبىيات!» دەپ توۋلىدىم.

بۇندىن بىر ئەسىر ئىلگىرى، ئامېرىكىدا جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى پارتلاپ بۈگۈنكى ئامېرىكا پەيدا بولغان ئىكەن. بىراق بىز ئەدەبىياتنىڭ كۈچى ئارقىلىق جەنۇپ-شىمالنى بىرلىككە كەلتۈردۇق. جەنۇپ-شىمال يازغۇچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق مېھرىنى چىڭىتتۇق. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۆتكەن يىلى تەشكىللىگەن شىمالىي شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى ۋە بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شىمال سەپىرى بۇ ئۇتۇقلۇق بىرلىشىشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇردى.

جەنۇبىي ۋە شەرقى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شىمالىي شىنجاڭنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىمىز شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇشۇ قەدىمىي يۇرتلارنى ئاپىرىدە قىلغان ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ساياھىتىمىز مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىمىزدە  ئەجداتلارنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە جان كىرگۈزۈپ، ئۇنى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بارلىقىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرى مۇشۇلا ئەمەس، مېنىڭ يازغىنىم دېڭىزنىڭ تامچىسىدۇر. تېخىمۇ نادىر يازمىلارنىڭ پات-يېقىندا يورۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

خەير شىمال، خەير شىمالدىكى دىلكەش دوستلار، ئامان بولساق يەنە كۆرۈشەرمىز. ئەدەبىيات باغلىغان كۆڭۈل رېشتىمىز مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي. چىن دوستلىقىمىزغا كۆز تەگمىگەي.



mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1508
تۆھپە : 0
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 22:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دەسلەپتە مەنمۇ ژۇرنالدىن بۇ خاتىرىنى ئوقۇۋېتىپ خۇددى ئۆزۈمنى «شىمال سەپىرى»گە بارغاندەك ھېس قىلغان، ھەمدە ئاپتور تۇرسۇنجان مۇھەممەت ئەپەندىگە ئىچىمدە كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئوقۇغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ خاتىرىنى مۇنبەردە كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۇرسۇنجان ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا   تۇرسۇنجان ئەپەندىگە بىر يۈرەك سۆزۈم بار ئىدى، مۇشۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرىغا قويىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى رايونىمىز تەۋەسىدە ياخشى چىقىۋاتقان، نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ بىرى. بېرىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ تىلى، بەدىئىيلىكى ياخشى. ئەمما كوررېكتورلۇقتا ئېغىر مەسىلە بار. مەسىلەن: 2012-يىللىق 6-ساندىكى «18-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!» دېگەن شوئاردىكى «غەلىبىلىك» سۆزى «غەلبىلىك» دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان.يەنە شۇ مۇقاۋىدىكى «نۇرمۇھەممەت باتۇرنىڭ 18مېدالى» دېگەن سۆز مۇقاۋا بىلەن مۇندەرىجىدە بىر خىل (يەنى خاتا) ، ئەسەرنىڭ ئۆزىدىكى ماۋزۇدا بىرخىل (يەنى توغرا) يېزىلغان. ئارقا مۇقاۋىسىدا بولسا «ژۇرنىلىمىزنىڭ 2013-يىللىق سانلىرىغا مۇشتەرى بولغايسىز» دېگەن سۆزدىكى «مۇشتەرى» سۆزى «مۇشتىرىي» دەپ يېزىلغان، ئاخىرىدا «...قەرەلسىز مۇشتەرى بولالايسىز» دەپ توغرا ئاخىرلاشقان. دېمەك بۇ سۆز ئارقا مۇقاۋىدىمۇ بىردەك ئەمەس.( بۇ  مۇقاۋىدىكى گەپ ئەمدى)
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم: بىر ژۇرنال دېگەندە بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭمۇ (بىر ئادەمنىڭ) ھەم تەھرىرلىك ھەم كوررېكتورلۇق قىلىشى ئاسان ئەمەس. يەنە ئىچكى بەت ۋە ماۋزۇ خەتلەرنىڭ يېزىلىشى، لايىھەلىنىشىدىمۇ مېنىڭچە، ئازراق مەسىلە بار. مۇمكىن بولسا بۇندىن كېيىن مۇشۇ نۇقتىلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 23:24  


شادلىقىم زۇلمەت، ھەسرىتىم ئاپپاق...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2881
تۆھپە : 236
توردا: 1528
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 22:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى سەپەر ھەققىدىكى خەۋەر ۋە سۈرەتلەر مۇنبىرىمىزدە ئۇدۇللۇق يوللانغان ئىدى. بۇ خاتىرىمۇ «يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىندى. «قەشقەر»،«كۈسەن مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ باشقىلارنىڭ يەنە ئۆزگىچە نۇقتىلاردىن چىقىپ يازغان ئەدەبىي خاتىرىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى. تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا تۇرسۇنجان مۇھەممەت يازغان  بۇ ئەسلى، بىرىنچى قول يازمىنى يوللاپ شۇ كۈنلەردىكى ئەسلىمىلەرنى قايتا ۋاراقلىغىمىز كەلدى. ئاپتور - تۇرسۇنجان مۇھەممەت باشقىچە قاراشتا بولمىغاي!

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 366
تۆھپە : 0
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 23:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان  مۇھەممەتنىڭ بۇ خاتىرسىنى ژورنالدىن ئوقۇپ مەنمۇ شۇ پائالىيەتتە ئۇلار بىلەن بىللە بولغاندەك تۇيغۇلارغا كېلىپ قالغانىدىم . ماڭا بەك قىزىق تۇيۇلغىنى :   ئىلى خەلق قىزىقچىسى ، ھازىرجاۋاپ ھېبىنىڭ تۇرسۇنجانغا قىلغان چاقچىقىغا خېلى كۈنلەرگىچە كۈلۈپ يۈردۈم
«قېشىنى چۈشۈرۋەتسە  قاشتېشىغا ئوخشايدىكەن ...»  
تۇرسۇنجان 11-ئايدا خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ، پائالىيەتكە قاتناشقان نۇرگۈل ئەبەيدىن قاشتېشى ژورنىلى 2012 -يىللىق 6-سانىدا بېرىلگەن «ئايبانۇم » تېمىسىدىكى ھېكايەمگە ژورنال ۋە قەلەم ھەققى ئەۋەتىپتۇ. شۇ چاغدا بىز بەك جىددى ئىشلەپ كېتىپ تۇرسۇنجانغا رەھمەت ئېيتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەپتىمەن بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ، مەندىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئالمىغانلىقىمنى سورىغىنىدا مەنمۇ چاقچاق قىلىپ :
-تاپشۇرۇپ ئالدىم لېكىن سىزدىن تازا خۇش بولمىدىم جۇمۇڭ ، جاپا تارتىپ قەلەم ھەققىنى ئەۋەتىپ يۈرگىچە چاپىنى بار قاشتېشى ئەۋەتسىڭىزچۇ نۇرگۈلدىن دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ .  تۇرسۇنجانمۇ بوش كەلمەي ،
خوتەن قاشتېشىنى شۇنداق ئەرزان كۆرۈپ قالدىڭىزما ، ئۇنچىلىك ئاز پۇلغا چاپىنى يوق قاشتېشىمۇ كەلمەيدۇ ...شۇڭا ئەسەرنى جىق جىق يېزىڭ ! ئاندىن چاپىنى بار قاشتېشى ئەۋەتىپ بېرەي ، -دەپ ئېغىزىمنى ئەتتى ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش