كۆرۈش: 1150|ئىنكاس: 24

نۇرمۇھەممەتجان مېھمان قازا قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1044
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 78
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 00:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   نۇرمۇھەممەتجان مېھمان قازا قىلدى

9 c# w2 O2 }' {* a9 O

( G! y* Y( z$ m3 V0 a, x! {& `

QQ111.jpg


$ G; y2 ^- q1 j7 ]6 R1 t

7 |( e0 ^1 @2 |; L        نۇرمۇھەممەتجان مېھمان 1966 – يىلى 1- ئايدا يەكەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1981- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ 29 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا تىككۈچىلىك كەسپىنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ،قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش، چۇڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھازىرغىچە تىككۈچىلىككە ئائىت 15 پارچە، 2 مىليۇن خەتلىك كىتاب  يازغان، بۇنىڭدىن 13 پارچىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. مۇشۇنداق بىر پاراسەت ئىگىسى بۇ يىل 1- ئاينىڭ 2- كۈنى يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن تۇيۇقسىز قازا قىلدى، بىز كېيىم- كېچەك ساھەمىزدىكى بۇ بۈيۈك ناماياندىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر قايغۇرىمىز!
$ ^. e1 {. D/ n8 \ئۇ ھايات ۋاختىدا مۇنداق يازغانىدى:4 i* @7 k" ^2 O/ h- ~- t. Q

$ Q  D) E5 X6 O0 U0 g: N2 C6 Tگۈزەللىكتىن بىشارەت،* P! B" n2 b% T! M6 t0 v: g6 Z/ Y
كېيىنىش ھەم ياسىنىش.
: F) _" T8 x$ m  قامەتكە گۈل-سۆلەتتۈر،
7 u* e1 Z' s3 f# P( b3 u& cماسلاشتۇرۇپ تارىنىش!) ^6 J, d3 G- P. k. V: U8 c2 h0 b
( ]# k! F+ W4 Z- P# K6 m# D
  ماسلاشقاندا ھەر قاچان،  ~6 N  k5 \7 o5 g3 _: ]1 R
كېيىم بىلەن زىننىتىڭ., c, |, g/ g& n" f3 ~4 |/ u: w
       ياش ھەم روھلۇق بولارسەن،
- w7 _3 `9 E1 z' C3 S% h' Nئاشار ئەلدە ھۆرمىتىڭ.9 f! {) M: d5 m$ U' H
0 p# ^+ `$ Y6 ~4 I
ياسىنىشنى بىلمەسلىك،
+ x7 I4 T- D$ J, w( X3 Y) n, \+ G      ئىنسان ئۈچۈن بىر ئىللەت.
) f. k- l: \; l; y( \) e  l3 O   ئابرۇي تاپار دوستلىرىم،* e, T+ A0 Z, F" W# J. }  s) {4 y
كېيىنىشتە ھەر مىللەت.9 M- B( j0 S/ I1 U% ?

, c2 o3 f$ u- N8 N(نۇرمۇھەممەتجان مېھماننىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998- يىلى نەشىر قىلىنغان« كېيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى)
3 ?) p; H: `- t1 n5 p
# G6 k6 F6 V7 D& A( ~; B    تۆۋەندە نۇرمۇھەممەتجان مېھماننىڭ قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان بىر قىسىم مەرسىيەلەرنى تور ئەھلىگە سۇندۇق.* w; M& M5 Y7 d! D/ ?
+ G# [6 u9 g0 t8 l
3 n6 i) K8 Z' ?6 f# J
9 r) |/ R8 t" V5 I8 t7 U0 E. j& O
ئوغۇل ئىدىڭ ۋىجدانى سۈزۈك
, E$ t8 _/ c! Y2 V

% F  u5 e. ?& fئابلەت جۈمە تۇپراق
9 ^, Q6 G6 E1 j
                                             
/ O$ i: l# H5 p+ }; S7 I  ~4 p                           - ئاتاغلىق كېيىم- كېچەك لايىھىلىگۈچىسى، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى، قەدىردان دوستۇم نۇرمۇھەممەتجان مېھمانغا مەرسىيە' Z$ R5 d' |7 {/ G3 V% N8 `

* S" y+ N$ y6 D+ ~+ ]% p" T  ھايات ئۇلۇق، كەچمىشى راڭدار،
$ |+ w9 a) g  D    لېكىن پۈتمەس ئارزۇ- يۇ، ئارمان.# D# O$ }4 w1 m+ P
  ئەجەل كەلسە يوق ئىكەن ئامال،: f  B# ]( ^! N2 t
  قالار ئىكەن دەرت، پىراق ھامان., P" i2 A  q& @; t- ~6 j

! i4 @* K( O0 k4 q4 F* C6 q8 t0 Mبىلدۇق بۈگۈن يەنە بىر قېتىم،9 J: d9 m% f6 q- k3 V
ساڭا ئەجەل بەرگەن ساۋاقنى!
! r" ]) }6 i( J# d" z, @( D  بىزگە كەلگەن پىغان، پىراقتىن،: ?! s, R6 I  N$ E
  ئامال قانچە يارساق يۈرەكنى!( @7 i: j& g. g4 k% ]; Z5 ^
' q4 U' Y) D4 h/ a/ c, M
    ئوغۇل ئىدىڭ چىۋەر قول، ماھىر،, M9 C& A, N" ]9 \6 V' T( o. Q
      سۆيگۈ چاچقان ھاياتقا مىڭ خىل.
$ ]1 w$ k: S+ zتىككۈچىلەر زەردارى بولغاچ،
5 B% g3 z5 c  U7 U% f* c4 M     شاگىرتلىرىڭ يېتىشكەن سەرخىل.
/ s8 X) q: Q3 V' l2 z* S$ R
# C; }$ B9 K0 I   چىرايلارغا پەرلەپ ئۇز قامەت،' Y3 i- m- P4 l  N) C/ l" T9 ]
سالاپەتكە قوشتۇڭ لاتاپەت!4 t7 O0 A! R% ^- T: j
گۈزەللىككە تەشنا بولبۇلدەك،
6 J: |3 i0 z% }/ A  G. G, U      ئىزدەر ئىدىڭ ھەردەم پاساھەت.
# N, w6 I) p; _$ f6 C5 B) d3 c; O
2 f7 k% D1 [1 E8 }8 b      ئالىم ئىدىڭ كەسىپنى سۆيگەن،: u/ [) a& w( r
قايچا، بوردا ئۇپرىغان قولۇڭ., F" J$ m& ^4 d) m- }8 P
        ئون ئۈچ كىتاب يازدىڭ كۈنۇ-تۈن،5 Q6 P4 O  l7 m0 h! w# B. p. p! h
نۇرغا تولدى ئىزلىرىڭ، يولۇڭ.
7 r" h- w$ O8 U$ q( a! y6 {# E, A$ c6 t5 R! T
        جان تەسەددۇق، مۈلكىڭ تەسەددۇق،5 ~8 \* H6 y8 g! v" T7 }
دوستقا قاياش، قولۇڭدا لالەڭ.2 E3 l3 `, S+ I! Z% C5 K  D: c
     كەتسە دوست دەپ بارلىقىڭ ھەتتا،
! x7 f0 F. f0 ^3 o. L# E   چىقماس ئىدى تەمەننا، باھانەڭ!
% f" f* ?) K/ q0 W( x+ p- ]% b' E( k3 q6 P( |  M
   ئوغۇل ئىدىڭ ۋىجدانى سۈزۈك،
3 k/ B1 n1 f" t4 w1 _5 ~  ھەق يولىدىن تايمىغان قىلچە.
. \# t, x& I) N, v9 ?# i/ Wنامەرتلەرگە قىلماستىن پەرۋا،, u) F: b& W! {! c8 b4 H
   ھەق سۆزلىدىڭ ھەقدار كۈلگىچە.
# Y5 w2 J# ]( y7 V% O1 f' K5 B5 V' t: y$ e: m. @6 I5 t* c
   كەتتى جىسمىڭ تۇپراققا سىڭىپ،
- c: G4 `% g  a! b7 R8 {0 Zئەسلى ھالغا يانغاندەك گۇيا؛
7 Q0 |/ H4 x! M3 `/ d/ t    قالدى ۋاپا، ئىخلاس، ئەقىدەڭ،
0 Y  [: C9 W& j8 l  Y& nنەمۇنەڭدىن سانسىز تۇتىيا!
0 Z5 V1 @9 N/ w2 N# i6 |3 T5 T. ]- {. n& }4 Z4 [; |
     بولساڭمۇ ئاھ!... باھادىر، جەسۈر،
: t9 L$ D) s: F! p& @& w8 w! u   كەتتى ھايات، تۆكۈلدى ياپراق.8 [, v% _8 u5 j$ T( R, R
قەۋرەڭگە باش قويدۇق يەنىلا-* m* k  O/ o3 Y$ P+ \
   روھىڭ قوياش، ئىزلىرىڭ بايراق!
& J* Y$ e& E  f* }+ i: W3 \, L( C& S, Y5 t4 t1 Q% ?
/ s8 T: l1 X# X. V" p* ^8 Z$ D
. k+ G( g7 M. E$ M' _, |
2013 – 1- 7-كۈنى، قەشقەر گېزىتى
! I/ g6 {+ \; p! @' j2 k$ j3 j1 ?; Q' `0 d6 T% V/ F

# w8 ~4 ]5 X& n5 w/ v0 a3 P" O* f5 G& g3 D6 b- o, m

. ~( u, n1 p# W* l# jكەچمىشىڭگە گۇۋاھ ھاياتلىق
4 N$ U- d# M, {* J

& y* I- @8 f( y0 h4 O) w
* R/ g: K" c( ^- {/ H( R/ fئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىن' i( ]1 x) ]7 A2 [
         
# }4 d9 x! N& B) q0 V  t7 K                    
: C$ Z3 H, D5 D& a8 a0 b    -قەدىردان دوستۇم نۇرمۇھەممەتجان مېھمانغا مەرسىيە2 Q) }% e3 P, Y" l4 }) y& G* w5 }8 d$ |
     ! A9 O8 a9 D- N- }
        بىلمەي قالدۇق ۋاي ئېسىت- ئېسىت،
1 ~+ }( |, p$ {' F/ H/ [تەگدى ئەجەل ئوقى تۇيۇقسىز!
) s  p" R0 S  p- A3 i. C, ]   قەدەملىرىڭ تۈگەپ كەتكەندەك،, @7 D0 r. m' Z' K$ j, {$ q
      كەتتىڭ شۇنداق، شۇنداق تۇيۇقسىز!1 h3 `* d, Z* g: X5 z

+ z8 ^7 P: e4 T- U7 W  x  ^كۆز تەگدىمۇ تۈرقى- بەستىڭگە; M& C; o' P$ I3 |/ p' }" v$ o
   ياكى ئىجاد، قەدرىڭ، بارىڭغا؛
+ ]0 W. k; e  s8 H* c   تەقدىر چاقچاق قىلغاندەك گۇيا،
4 U/ u( i) X3 X' x7 r; `' l+ wقىلىچ ئوردى ئۆمۈر نارىڭغا!9 {- F$ W/ A% T& m/ y. L$ F$ ^0 L
( e" d0 ]2 K" s- E! L% ^0 ?
تىترەك باستى ۋۇجۇت – باغرىمنى،
& }! o# w- @* Mكۆزلىرىمدىن ئاقتى قانلىق ياش.% }3 g) r  v" H* G% R: O
          گۇلخان ئىدىڭ دوست ئۈچۈن ھەر چاغ،
' t/ r) H: [1 j2 r$ p: ^. |$ Z; mكۈلۈپ تۇرغان باھارغا ئوخشاش!
, j) \+ L. p" y" O
5 b: k) u1 o1 ?/ H; w* N* wرەڭدار ھايات داۋانلىرىدا،
. E. V9 c4 `1 `7 r7 B. }      پەلۋان بولۇپ پارلىغان ئىدىڭ.5 ]; K5 ^' d6 r* `; G
   بىلىمىڭدىن تىزىپ دۇردانە،& N; T$ T9 h+ m+ n2 d
     كىتاب قىلىپ پەرلىگەن ئىدىڭ.* t# k5 Y' k! K" [; ]8 G$ X8 g
6 p3 t, e8 v8 P! @% @2 U# L
    كېيىم – كېچەك ئىلمى قانىتىڭ-6 r/ G# n1 Q( a& d, G- E4 F/ K  x
  ئىدى سېنىڭ سۆيگۈ، تارتۇقىڭ!
! H# x; X2 m; W0 n8 oيۈرەك سالغاچ سانسىز بۇغۇنغا،
; j2 C9 P" [. A6 v; Q   شۇنى قىلدىڭ ئامەت، ئۇتۇقىڭ!( l( y! G+ ~. X0 c2 C- @
5 k# W/ `4 w- M
ساڭا بالدۇر كەلدى بۇ ئەجەل،
6 k- {; }, o, f4 b1 T, cبىراق ھەممە كەتمىدى تۈگەپ!! b: k- l5 P, q$ Z, r
   قالدى سەندىن ھۈنەر، پاراسەت،
  ^; ~; L: ^0 q3 |; _* Yئەۋلادلىرىڭ كۈلەر شۇ سەۋەب!( B9 R& Y$ q" r
0 g; a# G( W" ^8 g, \
   ئىزدىنىشىڭ،جەسۇرلىقىڭنىڭ،
* i, R- c3 [; aيۈرۈكىمدە ئىزنا، گۈلى بار.
; O* u& s, e* e0 `5 Y4 H; v, gخىسلىتىڭنىڭ، پەزىلىتىنىڭ
9 Y0 U3 Q* k3 f* z+ o/ J   ئەل قەلبىدە ئىزى، نۇرى بار.
: b" P3 v4 v/ l) m/ A7 W9 D
+ c0 X& A0 D! z" H' C* B0 c               جىسمىڭ كەتتى ھەسرەتكە پاتتۇق،" {3 h( ^0 r1 b( x! p6 A4 J) _6 n- a
      كەچمىشىڭگە گۇۋاھ ھاياتلىق.
% R% S, b, L. L( s/ u  f      جاۋاب بېرەر تاتلىق ھەر زامان،) w, l4 S7 b; r6 T+ f/ ?0 D
     روھىڭدىكى ئۆڭمەس ساۋابلىق!
. C$ w5 }$ |/ q5 J8 R* N
* r$ {% R5 y  |                        2013- 1-5-كۈنى، قەشقەر


3 m5 A6 D$ e0 H% {- D5 a" U1 ^! c/ ~! Y3 Y% @2 x4 F% I$ v

ئەلۋىدا، گۈزەللىك شەيداسى دوستۇم

      

                       - دوستۇم نۇرمۇھەممەتجان مېھمانغا مەرسىيە


/ n/ F, O& R# O  Y2 _: M/ a4 z% v5 q- _- U0 K: N& E

ئوبۇلھاشىم قاسىم قايناق

0 Q8 |+ f$ n( u9 |) u: e

+ D1 i& b8 i9 w( j  G9 r$ y, P+ y; i7 G/ A4 j& t8 C( x) y
6 k, ]7 ^! \7 w

يېڭى يىلنىڭ ھارپىسى،

تېلېفۇندا مۇڭداشقان.

شەنبە ياكى يەكشەنبە،

     كۆرۈشمەك بوپ خوشلاشقان.


; q# T7 Y; H" t1 h5 z* u

        كەلگەچ شۇ كۈن - شۇ شەنبە،

    كۆڭلۈم ئىدى بەك خوشال!

  كەلدى بىراق شۇم خەۋەر

بارلىقىمنى قىپ قامال.

4 F6 }1 t5 g2 J* ~8 n5 d

كۆز يۇمۇپتۇ تۇيۇقسىز-

   كەلگەچ ئاڭا شۇم ئەجەل.

تىترەك باستى تېنىمنى،

      ھەيران قالدىم بىر مەھەل...


9 p, U& ]+ g8 j4 t& U

   چاقماق چېقىپ بېشىمدا،

تاپالمىدىم يولۇمى...

تۇتتى يۈرەك ئاغرىقى،

  بىلەلمىدىم خۇددۇمنى!..


4 d5 _; n& z8 q4 p& T

   دىدىم: ئېزىپ ئەزرائىل،

   ئاشىق كەبى قول ساپتۇ.

  ياخشىلاردىن ياخشىنى،

    ئېلىپ كېتەي دەپ قاپتۇ!

' A) b, b$ y& F' U

    ئاھ ئەجەپمۇ قەدىردان-

    ئۇستاز ئىدى پەخىرلىك.

        ئەجىر، مېھنەت بەھرىدىن،

     ھەممە ئىشقا سەۋىرلىك.


' |$ Z' K0 |8 F$ u$ A2 h9 Z

       كېسىش، تىكىش كەسپىدە،

  ياراتقان ئۇز، يېڭىلىق.

          يازغان ئەسەر(4)، كىتابى(3)،

قەلىبلەرگە تېڭىقلىق!

: E6 n  w& Q. N$ s6 [9 ?2 X8 I

       گېزىتلەردە(1)، ژورنالدا(2)،

  ئىش-ئىزلىرى چاقنايدۇ.

   قامۇسلاردا نامى بار (5)،

بارچە ئىقلىم داڭلايدۇ.

' z! z/ x* a, X' e8 g

      شاگىرتلىرىڭ تۈمەن مىڭ،

ئەقىدەڭنى ئاقلايدۇ.

   ئۈلگە ئالغاچ سېنڭدىن

غۇرۇرىنى ساقلايدۇ.

   

     تەر، ئىجادتىن پۈتۈلگەن،

      ھەربىر قەدەم – ئىزلىرىڭ.

      ھۈنەردىن گۈل ئۈندۈرگەن،

   شۇ تىرىشچان قوللىرىڭ.


# D/ W; }/ y! Y2 m

        شۇنداق دوستۇم ئىدىڭسەن:

   بىلىمى بار، دىتى بار.

       لەۋزى ھالال، كەڭ ئالقان،

   سېخىلىقتا يولى بار!...

/ i; u+ M% T! V8 q$ X7 H+ b; E

      شۇنداق دوستۇم ئىدىڭسەن:

         ئىدىڭ دوستقا يۈلەك، مەرت

ئىجادكارلار تۆرىدىن

        ئورۇن ئالغان قانچە رەت(6).


% p$ t7 }+ n1 g1 {

      شۇنداق دوستۇم ئىدىڭسەن:

ئەخلاقى چىن، ۋاپادار.

   دوستلىرىڭغا ھەمدەم سەن،

       ياخشى، يورۇق يول ئاچار...


! {, v+ A: O3 g( M4 ~

            شۇنداق دوستۇم ئىدىڭسەن،

            تەرىپلىسەك دەيتتىڭ ياق.

         مىشچانلارغا باقماستىن،

          بۇ ھاياتقا گۈلخان ياق.

% Y& K: C/ M: n

       ۋادەرىخا، كەتتىڭسەن،

     قالدۇق بىزلەر پىراقتا.

     مۇنبەردىكى ۋەزلىرىڭ،

     مەڭگۈ ياڭرار قۇلاقتا.


! n/ T- T6 P8 k% D3 x' o7 }0 C. C$ ~" x: Q2 \; x& G+ }
( Y+ |8 e( p: b, ^" s7 g  s5 C/ i

ئىزاھاتلار

(1) گېزىت: «قەشقەر گېزىتى» بىلەن «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە ئىجادىيەت، ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

(2) ژورنال: « شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان.

(3) كىتابلار: نۇرمۇھەممەتجان مېھمان يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى»، « بەدەن تۈزۈلۈشى نۇرمال بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىيىملىرى»، «رىشىلىيە گۈل نۇسخىلىرى»،« ئۇيغۇر كىيىملىرىنى لايىھىلەش ئاساسلىرى»، « كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى»، « كىيىم-كېچەكلەرنى كېسىش ۋە تىكىش تېخنىكىسى»،« تىككۈچىلىك بىلىملىرى»،« تىككۈچىلىك تېخنىكىسىدىن سۇئال-جاۋاپلار»،

« تىككۈچىلىك تېخنىكىسى»، « ئادەتتىكى كىيىملەرنى كېسىش ۋە تىكىش»، « ئالى دەرجىلىك كىيىملەرنى كېسىش ۋە تىكىش»، « خرۇم كىيىملەرنى كېسىش ۋە تىكىش»،« ئۇيغۇر كېيىملىرىنى كېسىش، تىكىش، لايىھىلەش قوللانمىسى».

(4) ماقالە: مەرھۇم ھايات ۋاختىدا كىيىم-كېچەك ۋە تىككۈچىكككە دائىر 70 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.

(5) قامۇسلار: مەرھۇم  « جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئىجادكار ئەزىمەتلىرى» قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.

(6) مەرھۇم  « دۇنياغا مەشھۇر جۇڭگۇلۇق سەنئەتكار»، « دۇنياغا مەشھۇر شەخىس»، « دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئۇستازى»، « خەلقارا كېيىم – كېچەك لايىھىلەش مۇتەخەسىسى»، « غەربى-شىمالنى ئېچىش بويچە ئون مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013- 1- 5-كۈنى، يېڭىسار

7 b$ c. n6 j- {0 K0 r! \" P- h9 Y
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-22 00:51  1 g# r; `' Z* l! o6 ?  g3 M+ ~

- u$ X9 ?0 C, Z  S( f7 m
mukam.cn

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 02:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈن كېچىدە بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم ۋە چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈم. رەھمەتلىك بىلەن بولغان ئالدىنقى يىلىدىكى قەشقەر _ يەكەن سەپىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى كۆڭۈللۈك ئۇچىرىشىشلار، ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ئىختىيارسىز  كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.ئۇنىڭ ئوچۇق،تۈز مىجەزى ۋە ئۆزگىچە پىكىرلىرى مەندە ئىنتايىن ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.
3 E2 m5 u8 X: H! P2 Lمەرھۇمنىڭ ئائىلە - تاۋابات، ئۇرۇق - تۇققان ۋە دوست - يارەنلىرىگە سەبرە تىلەيمەن.$ O4 |0 L; z7 m5 q7 }
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!* Y$ |$ h: ~. N1 p

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1044
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 78
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 02:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى قايتا ياراتقىلى بولسا ئىدى، دەل مۇشۇنداق جاسارەتلىك، ئىزدىنىشچان، پاراسەتلىك، خەلقپەرۋەر ، ئەۋلاد سۈيەرلەرنى تىلىۋالساق بولاتتى، ھالبۇكى، ئۇنداق مۆجىزە ئىنساننىڭ قولىدا ئەمەس ئىكەن، ھايات چاغدا ئادەم ئادەمنىڭ قەدرىنى ئۆلگەندىن كېيىن بىلگەندەك بىلمەيدىكەن، شۇڭا بىر - بىرىمىزنىڭ قەدرىنى قىلايلى، دوست- قاياش بولايلى!ھەممە-ھەممىگە ئىنساپ، تەۋپىق، سالامەتلىك تىلەيمەن! دوستۇم نۇرمۇھەممەتجان مېھماننىڭ جايى جەننەتتە بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 886
تۆھپە : 0
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 07:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!4 o$ f- X. X" a
0 N, v, V" v* b+ Z# d

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 601
تۆھپە : 26
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:11:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسرىتا، مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 216
تۆھپە : 4
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!
8 ~( r/ D! m* ]$ N% f
* o' L# w) q( G: k

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1491
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 145
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2136
تۆھپە : 1
توردا: 258
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 11:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 855
تۆھپە : 7
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 11:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىگىمىز مەرھۇمغا ياخشى جاي ئاتا قىلغاي .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 276
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 11:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنىقى يىلى‹‹جەنۇپ سەپىرى››دە رەھمەتلىك بىلەن ئەسرارلاشقان ئىدۇق،ئاق كۆڭۈل،ئوچۇق-يورۇق،خۇشخۇي ئادەم ئىكەنتۇتۇق،ئەپسۇس ئۇ كېتىپ قاپتۇ،ئاللاھ  مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاي....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 12:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 535
تۆھپە : 0
توردا: 94
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 12:37:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھتىن مەرھۇمغا ياخشى ئاخىرەتلىك تىلەيمەن،  ھەقىقەتەن ئېسىل ئادەم ئىدى.% Z1 U6 v! v6 R8 \
3 p  D6 e/ {4 b
ئاللاھ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبرە بەرگەي!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 714
تۆھپە : 1
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 12:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىككۈچىلىك ساھەسىدىكى يۇلتۇز - نۇرمۇھەممەتجان مېھمان ئالەمدىن ئۆتتى

1 S4 I  K" S+ i. a

ئۆزىنىڭ 40 نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسىدە ئۇيغۇر تىككۈچىلىك كەسپى ساھەىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، بۇ ھەقتىكى كەسپىي بىلىملەرنى نەزەرىرىيىۋىلەشتۈرۈش ۋە  زور بىر تۈركۈم  ئىزاباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشقان  قەشقەر ئىشچىلار تېخنىك  مەكتىۋىنىڭ ئالىي لىكتورى، تىككۈچىلىك كەسپى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي ماھارەت باھالىغۇچىسى، تىككۈچىلىك كەسپى بويىچە مېخانىك، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، نۇرمۇھەممەتجان مېھمان نەشرگە سۇنماقچى بولغان «كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تىككۈچىلىك ئاساسلىرى دەرسلىكى»نى جىددىي تەييارلاش  جەريانىدا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن  2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى يۈرەك تىقىلمىسى كېسەللىكى قوزغاپ بىۋاق ئالەمدىن ئۆتتى.

نۇرمەمەتجان مېمان 1966-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈرۈپ، ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتى، 1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇغان. ئۇ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، كەسىپنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، تىىكۈچىلىككە دائىر 70 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان ھەمدە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كېيىم-كىچەكلىرى»، «بەدەن تۈزۈلۈشى نورمال بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىيىملىرى»، «رېشىلىيە گۈل نۇسخىلىرى»، «ئۇيغۇر كىيىملىرىنى لايىھەلەش ئاساسلىرى»، «كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى»، «كىيىم-كىچەكلەرنى كېسىش-تىكىش تېخنىكىسى»، «تىككۈچىلىك»، « تىككۈچىلىك  تېخنىكىسىدىن سۇئال-جاۋابلار»، « تىككۈچىلىك تېخنىكىسى»، «ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىسىش ۋە تىكىش»، «ئالىي دەرىجىلىك كىيىملەرنى كېسىش ۋە تىكىش» ،«خۇرۇم كىيىملەرنى كېسىش ۋە تىكىش» قاتارلىق 13 پارچە  كىتابنى يېزىپ ۋە تۈزۈپ ھەرقايسى نەشرىيات تەرەپلىرىدىن نەشىر قىلدۇرغان. «ئاياللارنىڭ كېيىنىشى ھەققىدە» ناملىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى خەلقئارا مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىش –ئىزلىرى «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئىجادكار ئەزىمەتلىرى» قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.شۇنداقلا ئىلەىرى- ئاخىرى بولۇپ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن «دۇنياغا مەشھۇر جۇڭگولۇق سەنئەتكار»، «دۇنياغا مەشھۇر شەخس»، «دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئۇستازى»، «خەلقئارا مۇتەخەسىس» قاتارلىق ناملارغا نائىل بولغان ۋە مىس مىدالغا ئېرىشكەن. غەربىي شىمالنى ئېچىش بويىچە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى «ئون مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.


' |8 q1 i3 e7 |% y" x
. S/ o" s' k$ J" r9 _
: R$ D. D" W; G: v) D

سۈرەتتە: مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش- پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر


5 e) ~6 n0 u5 |0 }: M
& C$ B7 H+ b5 t: }; I# j
! Z# A0 P) e, t. n% @

(«قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرلىرى ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، ئەنۋەرجان مەتنىياز، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى، فوتوسى)

. J- w: n/ @0 n9 G5 E- ^

QQ111.jpg


  ]0 \/ L6 L1 d( B# `0 @

سۈرەتتە: نۇرمەمەتجان مېھماننىڭ يېقىندا شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خۇرۇم كىيىملەرنى كېسىش ۋە تىكىش» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى

* i$ t- ]5 \( X2 p% |/ [/ d

; a' b. Y: y6 p' b$ d  W/ w% K6 w' p1 M) J+ y
  S  q+ _8 r0 B' e- Z! u# Y  ~+ L

QQ1.jpg

. y9 m0 m  i1 c

' y/ ?/ r9 J) p% V
! s5 U) [  ]0 q

QQ2.jpg

) e+ a( n# H. j4 H) G

( z( G/ X& o* n% T( G  i" _+ y4 L$ g, V( y4 G$ s5 X; Q


- Z0 M6 c( q9 u7 ]3 i$ }5 I  `; @' }  g7 E2 h2 b+ {

- a3 I. n4 N0 a/ w- U

QQ4.jpg


* w5 O% P! R; n/ m" p, [( U3 I0 `' j

! y! n! v1 l( w1 A

(ئەسكەرتىش : بۇ تېما «قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شائىر، پىشقان مۇخبىر ئابدۇشۈكۈر راشىدىننىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى)


$ Z& W* ?& e3 A8 m6 p  H2 V
1 T- U0 W& K3 ~! `- Z% J
ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1164
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 13:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1180
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 415
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 13:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي ، ياخشى ئىش- ئىزلىرى قەلبلەردىن ئۆچمىگەي ، ئېسىل پەزىلەتلىرى ئەۋلاتلارنىڭ ۋۇجۇدىدا كامالەت تاپقاي .

ئەڭ ياخشى ئۆزۈڭ بولۇپ ياشا !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش