«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى
ئۆزى ئويغاق، ئۆزىدىن بەكرەك روھى ئويغاق ئوقۇرمەنلەر ئاسمىنىدا قۇياشتەك پارلاۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1951-يىلى دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 61يىللىق قىش ۋە باھارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى خەلقئاراغا ۋە دۆلەت ئىچىگە ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى باشقۇرىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش مەركىزى چىقىرىدۇ. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى تۈزۈپ نەشر قىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە « ئاممىۋى مەدەنىيەت» نامىدا ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى سەنئەت سارىيى تەرىپىدىن چىقىرىلاتتى. 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دېگەن نام بىلەن ئاشكارا تارقىتىلىدىغان بولدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى «خەلقچىللىق، ئىلمىيلىك، ئاممىبابلىق، ئوقۇشچانلىق» شۇئارى ئاستىدا ئاز لېكىن ساز مۇھەررىرىلەر قوشۇنىنىڭ قان ۋە تەر بەدىلىگە، ئۇيۇشۇشچان، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، ئاقىل ئاپتورلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقىت ۋە ئۇيغاق ئىختىراسى ئەجرىگە، سەگەك، قاتتىق تەلەپلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەدىتى شەرىپىگە 315 سان نەشر قىلىندى.
تەھرىراتىمىز «ژۇرنال ئۈچۈن ژۇرنال چىقىرىش» تەك «ئالۋاڭنى ئادا قىلىش» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ قىممەتلىك ۋاقتىغا ۋە زېھنىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىلەن ئەسەر تاللاپ، تەھرىرلەپ، نەشر قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ ژۇرنال ھەر ساھەدىكى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قولىغا تەگكەن ھامان ئالدى بىلەن مۇھەررىرلەرنىڭ كامالى ئېھتىرامىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن بىر دەستە گۈل، چۆلدە چاڭقىغانلار ئۈچۈن مۇزدەك بىر پىيالە زەم – زەم، تېڭىرقىغانلار ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىدىيە ۋە ئاڭ سەپىرىدىكى يولۇچىلار ئۈچۈن پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، پسخولوگىيە دەرسخانىسى؛ قەلب جەۋھەرلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلار ئۈچۈن تىل ھېكمىتى قامۇسى بولۇشى مۇمكىن، قىسقىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دىن ئىبارەت بۇ تەپەككۇر ئالىمىدە ئاپتور، مۇھەررىر ۋە ئوقۇرمەن ئارىسىدا ئورتاق غايە، ئۇلۇغۋار مەقسەت بار. 61 يىللىق قىش باھار، ياز ۋە كۈز تۇيغۇلىرى ھەممىمىزگە بۇ نۇقتىنى تونۇتتى ۋە تونۇتۇپ كەلمەكتە. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى بۇ ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشى ۋە مۇكاپاتلىشى شەرىپىگە ئېرىشتى ــ يەنى «جۇڭگو سەرخىل ژۇرناللار سېپى» دىكى نەشرىي ئەپكار ۋە «شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نەشرىي ئەپكار... بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىۋاتىدۇ، يېڭى شان ـ شەرەپلەر چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.
خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى ISSN1008 ____ 6498.
مەملىكەت ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن نومۇرى: CN65___1073/I
چەتئەللەرگە تارقىتىش ئورنى: جۇڭگو كىتاب ئىمپورت ـ ئېكىسپورت ( گۇروھى) باش شىركىتى ئېكىسپورت بۆلۈمى
P.OBOX88,16Gongti East Road,Beijing100020,China
چەتئەللەرگە قارىتا ۋاكالەت نومۇرى: 6498BM ،
مەملىكەت ئىچىدە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 22__58
تەھرىرات ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي دوستلۇق يولى 1-كوچا 43-نومۇر، پوچتا نومۇرى: 830011
(地址:乌鲁木齐市友好北路北一街43号<<新疆文化>>杂志编辑部)
ئەسەر قوبۇل قىلىش تور ئادرىسى:bagmatyusup2@Hotmail.com
Tel: (0991) 2856942
سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىز بار. يەر شارىمىزدا بىرلا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى » مىز بار. ئۇنىڭغا كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن قاراشتەك قىزغىن مۇھەببىتىمىز ۋە ئېغىر مەسئۇلىيىتىمىز بار!
بەگمەت يۈسۈپ، 1964-يىلى قۇمۇل قارا دۆۋىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكلۇتىتىنى پۈتۈرگەن،شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنىستىتۇتى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەر، تىل _ يېزىق ئىشخانىسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك سىياسى كېڭەش، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ھازىر «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ئومۇمى بايان»،«قۇمۇل مۇقاملىرى بىلەن دولان مۇقاملىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرىقى»، »قۇمۇل مۇھەببىتى»، «قوغۇن يۈرتىدا باھار» قاتارلىق ماقالىلىرى، تېلۋىزىيە سىنارىيىلىرى بار. ھازىرغىچە «نادان مۇخلىسلار»، «رىۋايەت ئارىلى»، «ئاق بوز ئات»، «يىراقتىكى تەبەسسۇم»،«قارا شاقىراتما» قاتارلىق شىئېر، نەسىرلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار» مۇكاپاتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق «تەڭرىتاغ ـ ئەدەبىيات ـ سەنئەت» مۇكاپاتى ۋە «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
|