ximal
كۆرۈش: 2519|ئىنكاس: 17

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2599
تۆھپە : 84
توردا: 508
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 18:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.jpg


2.jpg


3.jpg


4.jpg



«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى

ئۆزى ئويغاق، ئۆزىدىن بەكرەك روھى ئويغاق ئوقۇرمەنلەر ئاسمىنىدا قۇياشتەك پارلاۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1951-يىلى دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 61يىللىق قىش ۋە باھارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى خەلقئاراغا ۋە دۆلەت ئىچىگە ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى باشقۇرىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش مەركىزى چىقىرىدۇ. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى تۈزۈپ نەشر قىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە « ئاممىۋى مەدەنىيەت» نامىدا ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى سەنئەت سارىيى تەرىپىدىن چىقىرىلاتتى. 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دېگەن نام بىلەن ئاشكارا تارقىتىلىدىغان بولدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى «خەلقچىللىق، ئىلمىيلىك، ئاممىبابلىق، ئوقۇشچانلىق» شۇئارى ئاستىدا ئاز لېكىن ساز مۇھەررىرىلەر قوشۇنىنىڭ قان ۋە تەر بەدىلىگە، ئۇيۇشۇشچان، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، ئاقىل ئاپتورلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقىت ۋە ئۇيغاق ئىختىراسى ئەجرىگە، سەگەك، قاتتىق تەلەپلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەدىتى شەرىپىگە  315 سان نەشر قىلىندى.

تەھرىراتىمىز «ژۇرنال ئۈچۈن ژۇرنال چىقىرىش» تەك «ئالۋاڭنى ئادا قىلىش»  ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ قىممەتلىك ۋاقتىغا ۋە زېھنىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىلەن ئەسەر تاللاپ، تەھرىرلەپ، نەشر قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ ژۇرنال ھەر ساھەدىكى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قولىغا تەگكەن ھامان ئالدى بىلەن مۇھەررىرلەرنىڭ كامالى ئېھتىرامىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن بىر دەستە گۈل، چۆلدە چاڭقىغانلار ئۈچۈن مۇزدەك بىر پىيالە زەم – زەم، تېڭىرقىغانلار ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىدىيە ۋە ئاڭ سەپىرىدىكى يولۇچىلار ئۈچۈن پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، پسخولوگىيە دەرسخانىسى؛ قەلب جەۋھەرلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلار ئۈچۈن تىل ھېكمىتى قامۇسى بولۇشى مۇمكىن، قىسقىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دىن ئىبارەت بۇ تەپەككۇر ئالىمىدە ئاپتور، مۇھەررىر ۋە ئوقۇرمەن ئارىسىدا ئورتاق غايە، ئۇلۇغۋار مەقسەت بار.  61 يىللىق قىش باھار، ياز ۋە كۈز تۇيغۇلىرى ھەممىمىزگە بۇ نۇقتىنى تونۇتتى ۋە تونۇتۇپ كەلمەكتە. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى بۇ ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا كۆپ  قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشى ۋە مۇكاپاتلىشى شەرىپىگە ئېرىشتى ــ يەنى «جۇڭگو سەرخىل ژۇرناللار سېپى» دىكى نەشرىي ئەپكار ۋە «شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نەشرىي ئەپكار... بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىۋاتىدۇ، يېڭى شان ـ شەرەپلەر چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.  


خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى ISSN1008 ____ 6498.

مەملىكەت ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن نومۇرى: CN65___1073/I  

چەتئەللەرگە تارقىتىش ئورنى: جۇڭگو كىتاب ئىمپورت ـ ئېكىسپورت ( گۇروھى) باش شىركىتى ئېكىسپورت بۆلۈمى

P.OBOX88,16Gongti East Road,Beijing100020,China

چەتئەللەرگە قارىتا ۋاكالەت نومۇرى: 6498BM ،

مەملىكەت ئىچىدە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 22__58  

تەھرىرات ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي دوستلۇق يولى 1-كوچا 43-نومۇر،  پوچتا نومۇرى: 830011

(地址:乌鲁木齐市友好北路北一街43号<<新疆文化>>杂志编辑部)

ئەسەر قوبۇل قىلىش تور ئادرىسى:bagmatyusup2@Hotmail.com  

Tel: (0991) 2856942

سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىز بار. يەر شارىمىزدا بىرلا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى » مىز بار. ئۇنىڭغا كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن قاراشتەك قىزغىن مۇھەببىتىمىز ۋە ئېغىر مەسئۇلىيىتىمىز بار!





بەگمەت يۈسۈپ، 1964-يىلى قۇمۇل قارا دۆۋىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكلۇتىتىنى پۈتۈرگەن،شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنىستىتۇتى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەر، تىل _ يېزىق ئىشخانىسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك سىياسى كېڭەش، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ھازىر «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
     ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ئومۇمى بايان»،«قۇمۇل مۇقاملىرى بىلەن دولان مۇقاملىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرىقى»، »قۇمۇل مۇھەببىتى»، «قوغۇن يۈرتىدا باھار» قاتارلىق ماقالىلىرى، تېلۋىزىيە سىنارىيىلىرى بار. ھازىرغىچە «نادان مۇخلىسلار»، «رىۋايەت ئارىلى»، «ئاق بوز ئات»، «يىراقتىكى تەبەسسۇم»،«قارا شاقىراتما» قاتارلىق شىئېر، نەسىرلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
     ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار» مۇكاپاتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق «تەڭرىتاغ ـ ئەدەبىيات ـ سەنئەت» مۇكاپاتى ۋە «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.


مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 18:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنال ھازىغا قەدەر ئىنتايىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ، مەن بۇ ژورنال ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان بارلىق مۇھەرىرلەر ۋە ئاپتۇرلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە بۇ ژورنالنىڭ تېخىمۇ رەڭدار چىقىشىنى سەمىمىيلىىك بىلەن ئۈمۈد  قىلىمەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 18:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلى سالماق-ۋەزنى بار ماقالىلەرنى تاللاپ ئىلان قىلىشتا ،شۇ ئارقىلىق ژورنالدىكى ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ،بىلىم خۇمار ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولغان سۆيۈملۈك ژورنال.قۇربان مامۇت ئاكىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ،ئەلۋەتتە.بىز بەگمەت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ژورنال سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىغا،قەلىمى ئۆتكۈر قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن بۇ  ئېسىل ژورنالنى داۋاملىق قوللاپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 705
تۆھپە : 34
توردا: 150
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 18:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشنى قىلىپ بىزگە بېرىدىغان مەنپەتى كۆپ ژۇرنال بۇ، يېڭى يېزىق دەيدىغان بىر يېزىقتا چىقىدىغان سانلىرىدىن تارتىپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 958
تۆھپە : 0
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 19:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنالنىڭ بۇ يىللىق سانلىرىنى تولۇق ئوقۇپ  چىقتىم . ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى ئىكەن . ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى سانلىرىنىڭمۇ تېخىمۇ رەڭدار چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 767
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 19:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەركە ژورنال !
ئەسەر تاللاشتا ئۆزلىرىگە يوقىرى تەلەپ قويىدىغان مۇھەرىرلەر ھەرسان ژورنالدا ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ ياخشى تەسىرگە ئىگە بۇلۇشتا ئۇلارنىڭ يۈرەك - قېنى ھەربىر ھەرىبكە قەدەر سىڭگەن !
قۇلۇڭلار دەرت كۆرمىسۇن ! ئەجرىڭلارغا ھەشقاللا ...

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  913
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 587
تۆھپە : 0
توردا: 91
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 09:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مەدەنيىتى ئۇيقۇدىكلەرنى ئويغۇتۇپ ،مىڭە ھۈجەيرىلىرىنى قوزغۇتۇپ كېلۋاتقان مۇنەۋۋەر ژۇرنال .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 564
تۆھپە : 11
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 09:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ ئالغا يىتەكلەيدىغان ژۇرنال بۇ!

ئۆزلۈك تۇيغۇمىزنى ئويغۇتايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 763
تۆھپە : 13
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 15:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت سەمەرىسىنى يۇرۇتقۇچى نەشىر ئەپكارى بولۇش سۈپۈتى بىلەن ، بۈگۈنگە قەدەر 315 باغللم گۈلنى كەڭ خەلىققە تەقدىم قىپتۇ .بۇ ژورنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇساپىسىدە تېخىمۇ بېيىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ ،نادىر تېمىلىرى بىلەن خەلق قەلبىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكدەشمەن .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھرىمان تۆمۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 15:59  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 47
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 18:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى ھەقىقەتەن ياخشى ھەممىمىزنىڭ ئوقۇپ قويۇشىمىزغا ئەرزىيىدۇ، ئۇھەممىمىزگە ئۆزگىچە مەنىۋى زوق بىرەلەيدۇ،

تورداش دوسلارغا ئوتلۇق سالام

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1517
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 136
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 18:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ مۇھەررىرلىرىگە چۈشىۋاتقان بېسىملارمۇ ئاز ئەمەس.شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،ژورنالنىڭ سۈپىتىنى تېخمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلمەن.

كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1523
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 19:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە يىرىدىن رازىمەن،ئەمما نېمە بولدىكىن تاڭ 2012-يىللىق سانلىرىدىن باشلاپ ژورنال بەتلىرىنىڭ خېتى كىچىكلەپ ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋاتىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1642
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 408
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 01:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەغەز مەبلىغىنى تىجەپ ،كۆپرەك ئەسەر قىستۇرايلى دىيىشتىمۇ يا؟   سۆيۈملۈك ژورنال  ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mihri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 01:56  


دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  777
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 344
تۆھپە : 0
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 14:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ژورنالنىڭ 82-يىلدىكى سانلىرىدىن تارتىپ ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغان،گېزىت-ژورناللار ئىچىدىكى  ئەسەرلىرى سەر خىل باشلامچى ژورنال بۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1670
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 153
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى قېتىم ئەسەر يوللىغانلار ئۈزىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرىشىنىمۇ ئەۋەتەمدىغاندۇ ياكى ھاجىتى يوقمىدۇ.شىئىر چىقىرىلمامدىكىنە؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش