جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2102 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 1

سۆيگۈ خېتى (ھېكايە)..... ساباھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 492
تۆھپە : 4
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيگۈ خېتى



(ھېكايە)



ئابدۇمىجىت قاھىر





ـــــ ئەگەر سۆيۈش گۇناھ بولسا، مەن بۇنداق گۇناھنى يېنىش-يېنىشلاپ ئۆتكۈزۈشكە رازى!....



ـــ خاتىرەمدىن



- سەن بەكلا كىچىك، ھەي!

- ۋاھ سەھەردىلا خىيالغا كەتكەن گەپمۇ؟ - ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرىدىغان خىزمەتدىشىم سۈبىھىنۇرنىڭ قۇچقاچتەك ئاۋازى مېنى تېگى يوق خىياللار قاينىمىدىن سۆرەپ چىقتى.

- مەن نېمە دېدىم؟

- سەن تېخى كىچىك دېگەندەك قىلدىڭىز.

- قاراڭ سۈبىھىنۇر، مەيداندىكى قار ئوينىشىپ يۈرگەن بالىلار نېمە دېگەن بەختلىك ھە؟!

- قانداق دەيسىز؟

- ئۇلار خالىغانچە بىر-بىرى بىلەن پومداقلىشىپ ئوينىيالايدىكەن، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرەلەيدىكەن...

- بۈگۈن سىزگە زادى نېمە بولدى؟ غەلىتىلا بوپقاپسىزغۇ؟ ئەجىبا سىزگە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش ھوقوقى بېرىلمىگەنمۇ؟

- ئۇنداققۇ ئەمەس، بىراق ئۇ راستىنلا بەك كىچىك. بولمىسىغۇ....

- سىز زادى كىمنى دەۋاتىسىز؟

- بولدىلا، دەرىس قوڭغۇرىقى چېلىندى، مەن دەرىسكە ماڭاي ھە...

ئېغىر تېنىمنى خوشياقمىغاندەك ئورۇندۇقتىن ئاجىرىتىپ ماتېرياللىرىمنى ئالدىم، بۈگۈن تۇنجى سائەتتىلا ئۇنىڭ سىنىپىغا دەرىسىم بار ئىدى. ئىشخانىدا ئولتۇرىۋېتىپمۇ، سىنىپلارغا كېتىۋېتىپمۇ كۆز ئالدىمدا ئەمدى تېخى 17 ياشقا كىرگەن، قىزلىق بوسۇغۇسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان بىر كىچىككىنە قىزنىڭ سۈرئىتى زاھىر بولاتتى. نەچچە كۈندىن بېرى ئىچىمنى بىر نېمە تاتىلىغاندەك بولۇپ، ئاچچىق ھەم تاتلىق ئارىلاشقان بىر تۇيغۇ كۆكرەك قەپىسىمدە كۆۋەجەيتى. مانا  سىنىپقا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىمدە بىر غەم، بىر خىل ھودۇقۇش.

-      سالام مۇئەللىم.

ئۆزۈمنىڭ سىنىپتا تۇرىۋاتقىنىمنى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ رەتلىك ئاھاڭدىكى سالىمى ئارقىلىق بىلىپ يەتتىم. كۈنلەردىن بېرى قەلبىمنى چۇلغاپ تۇرغان ئەشۇ ئىللىق سېزىم، تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە نىسبەتەن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە كەپسىز يۈرىكىم ئەس-ھوشۇمنى سىنىپتىن ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇناتتى.  «ياق! سەن تېخى كىچىك» دەيتىم ئۆزۈمگە قايتا-قايتىلاپ.

-      دەرىس باشلىمامدۇق مۇئەللىم.

-       ھە...ھە.. ئەمىسە دىققەت قىلمامسىلەر؟

شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلىرىم مېنىڭ ئېغىزىمغا تەلمۈرۈشۈپ دىققەت بىلەن ئولتۇرغان، دىققىتىنى يىغالمايۋاتقان، خىيالى چېچىلىپ يۈرىۋاتقىنى ئەشۇ كىزسىز قەلىبكە ئىگە ئوقۇغۇچىلىرىم ئەمەس بەلكى مەن، ئۆز خىيالى، ئۆز تۇيغۇسىنى دەرىسخانىغا باشلاپ كىرىپ بولالماي ئاۋارە بولىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلار بىر تۈرلۈك ھەۋەستە قارايدىغان تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئارسلان قادىر ئىدى.

- 25-بەتنى ئېچىڭلار! بۇ سائەتتە ئۆگىنىدىغىنىمىز «باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق...»...

تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قاچانلا قارىسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئوماق كۆزلىرى مېنىڭ مېنىڭ باشقىلارغا ئويچان ئادەمدەك تەسىر بېرىپ قويىدىغان، ماڭا شۇنچىۋالا دەرىتنى يۈكلەپ قويغان، ئەمدىلىكتە شۇنچە بالانى تېرىپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇچىراشتى.

-      ھەي مېھرىبان سەن نېمانداق....؟

-      مۇئەللىم مېھرىباننىڭ ئىنتىزامسىزلىقىنى ئايرىم تەنقىد قىلىمىز، دەرىسىڭىزنى ئۆتۈۋېرىڭ. – قاچانلا قارىسا ماكچىيىپ قالغان شەپكىسىنى بېشىدىن ئالمايدىغان سېرىق كۆز سىنىپ باشلىقى بالا مېنىڭ خىيالىمغا، مېنىڭ دىئالوگۇمغا، ياق! مېنىڭ باشقىلارغا ئاڭلىنىپ كەتكەن مونولۇگۇمغا ھېچبىر مۇناسىۋەتسىز بولغان گەپ بىلەن مېنى دەرىس ئۆتۈشكە ئۈندەيتى. ئەسلىدە مەن جاننى ئالغۇدەك سېھىرگە ئىگە ئاشۇ كۆزلەر بىلەن كۆزۈم ئۇچىرىشىپ قالغان پەيىتتىكى تۇيغۇمغا بىرلەشتۈرۈپ «مېھرىبان سەن نېمانداق ئوماق؟، كۆزلىرىڭ نېمىدىگەن سېھىرلىك؟، سەن ئادەمگە نېمانداق ھارەتلىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغانسەن؟» دېمەكچى، ئۇنىڭ كىشىنى سېھىرلىگۈچى كۈچكە ئىگە قاپقارا كۆزلىرىگە يېنىش-يېنىشلاپ قارىۋالماقچى ئىدىم. بىراق مېنى ھېچكىممۇ چۈشەنمەيتى. ھەتتا مېنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش نېسىپ بولمىغان، ئايىغى چىقمىغان ئەشۇ گېپىمنى تەنقىد مەنىسىدە چۈشىنىۋېلىپ تاتارغان چىرايىنى مەندىن يوشۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقان گۆدەك قىز مېرىبانمۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسياتىمنى قىلچىلىك چۈشەنمەيتى.

-      شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، قېنى كىم .....؟

«بۇلۇت ئۈستىدە مېڭىپ» دېگۈدەك تۈگەتكەن بۇ بىر سائەت ۋاقىتتا ئەنە شۇنداق باش-ئاخرى ماسلاشمىغان، ئايىغى يوق، چېچىلاڭغۇ گەپلەرنى قىلىپ بالىلارنى ئالداپ دەرىس سۆزلىگەنمۇ بولدۇم. «يىغلايمۇ ياكى كۈلەيمۇ؟ ھەممىسى ئەشۇ ئالىقانچىلىك خەتنىڭ كاساپىتى». توختىماي ئۆزۈمگە سۆزلەيتىم. خۇددى بىر يەرلىرىم ئېچىلىپ قېلىپ جىمى خەق ئەشۇ يەرلىرىمگە قاراپ تۇرغاندەك سېزىمدا خۈدۈكسرىگەن پېتىم ئىشخانىغا كىردىم. ھېلىقى كىتابنىڭ- مېنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىمغا سەۋەپ بولغان ئەشۇ نەس باسقۇر كىتابنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈكچە قىلىپ قاتلانغان خەتنى خۇددى قىچقىزىل چوغنى تۇتقاندەك ئېلىپ تاماكا تۇتاشتۇرغاچ خەتنى ئاچتىم.


         سالام مۇئەللىم.

         سىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغاچقا خېتىمنى زىيادە ئەھۋال سوراشلاردىن ئازاد قىلدىم. ئەڭ ئاۋۋال سىزنىڭ خېتىمنى غەيرى ھېس قىلىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قوللىرىم توختىماي تىترەۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ئويچان كۆزلىرىڭىز بىلەن سىزگە يازغان ئاددىيغىنە خېتىمنى ئېغىر نەپەسلەر ئىلكىدە ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن سەزمەكتىمەن. خۇددى ھازىرلا بىرى كېلىپ مېنىڭ بەڭۋاشلىقىمنى ئەيىپلەپ تىللاپ كېتىدىغاندەك، خۇددى مەن كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىدەك بىر خىل قورقۇنىچ ئىچىدە ئاجىزە قەلبىمدە تۇتاشقان سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرىنى قەغەزگە، ياق، سىزنىڭ قەلبىڭىزگە كۆچۈرمەكتىمەن.

مۇئەللىم مېنى كەچۈرۈڭ، دۇنيادا ھاياجانلانمايدىغان، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھېسياتقا قۇل بولۇپ كەچمىش بېتىگە يېڭىچە قۇرلارنى يازمايدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك. دەل مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىزنىڭ كىم ئۈچۈن سوقىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە قۇربىم يەتمىسىمۇ، كۆزلىرىڭىزدىن، ئۇرغۇلۇق سۆزلەرگە شاسىت بولغان لەۋلىرىڭىزدىن تۆكۈلىۋاتقان كىشىنى جەلپ قىلغۇچى خسلەتنىڭ ھىمايىسىدە يەنىلا سىزدىن ئاددى، ئەمما پاك بولغان تۇنجى قەترە سۆيگۈ گۈلۈمنى ھىدلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلماقتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ مۇئەللىم، ئويچان كۆزلىرىڭىزدىن قەددىڭىز ھەم قەلبىڭىزنىڭ ئېيتىپ بولغۇسىز سۆيگۈ ۋولقانلىرىدا كۆيۈپ، بىر قۇچاق ھەسرەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك. جاھان قىسمەتلىرىنىڭ چېڭى قونمىغان قەلبىم، يېپيىڭى، غۇنچىدەك دىلىم بىلەن كۆڭۈل جاراھىتىڭىزگە داۋا بولالىسام ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتىم. مۇئەللىم مېنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيىمەن...


ھۆرمەت بىلەن: مېھرىبان


ئورنۇمدا قىمىر قىلماي ئۈن-تىنسىز ئولتۇرىمەن. ئاچچىق تاماكىنى ئۈزمەي شورىماقتىمەن. ئالدىمىكى ئۈستەل ئۈستىدە ئوقۇغۇچۇمنىڭ ماڭا يازغان خېتى- ئەمدىلا قىزلىق پەسلىگە ئاياغ باسقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مائارىپ سېپىگە يېڭىلا قېتىلغان، قولىدىن بىر-ئىككى تىزىق لىرىكا يېزىش ۋە راسىت يالغاننى ھېسيات بىلەن يۇغۇرۇپ سۆزلەشتىن باشقىسى كەلمەيدىغان تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمىگە يازغان «سۆيگۈ خېتى» كۆزگە چېلىقىدۇ.

مېڭەم خۇددى ھازىرلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىماقتا، نېرۋامغا جىمى نەرسە ئۆز ئەسلىنى يوقاتقاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە. ئەمدى قاداق قىلىش كېرەك؟ خەتنى كۆيدۈرىۋېتىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋالامدىم؟ ياق! دائىما ئۆزۈممۇ بلمەيدىغان بىر خىل تۇيغۇدا سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكىم ھامان بۇ سىرنى ئاشكارلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا مەنمۇ سۆيەتتىم، بىراق ئىككىمىز ئىككى خىل يولدىكى ئادەم، سەن دېگەن ئوقۇغۇچى، مەن بولسام ئوقۇتقۇچى دەيمۇ؟ ياق! ئۇنداقتا ئاجىزە قىزنىڭ يارا بولغان يۈرىكىگە تۇز سېپىۋەتكەن بولمامدىم. ئۇنىڭغا قاملاشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ سۆيگۈ تەلىپىنى قوبۇل قىلايمۇ؟ بۇنىڭدا ئەسلا بولمايدۇ. بۇ مېنىڭدەك كەسپىنى ۋىجدانى بىلەن تەڭ ئورۇندا ئۆلچەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى مەڭگۈلۈك كەسپ قىلىپ تاللىۋالغان بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق مىزانىغا ياتمايدىغان بىر ئىش.

كۈنلەرنىڭ شۇ تەرىقىدە ئۆتۈشى مېنىڭ «تۇزغا چىلانغان» يارا قەلبىمنى تېخىمۇ قىيناپ باراتتى. مەن نېمە قىلىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇلارنىڭ سىنىپىغا، ماڭا «جەننەت» ھەم« دوزاق» نى بىر مەھەل ئەسلىتىپ ئۆتىدىغان ئەشۇ سىنىپقا دەرىسكە كىرگۈم بولمىسىمۇ زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت تۈپەيلى ھېچ ئىش بولمىغاندەك دەرىسكە كىرىۋەردىم.

ھەپتە ئاخىرى ئىشخانىدا ماتېرياللىرىمنى رەتلەش بىلەن بەنىت بولۇۋېتىپ تۇيۇقسىز يەنە ھېلىقى خەت قىستۇرۇلغان كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ خىيالغا كەتتىم... شۇ ئەسنالاردا تېلفۇنۇممۇ سايرىغاندەكلا تۇيۇلدى...

-  ۋەي تېنىچلىمۇ؟

-      مۇئەللىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن مېھرىبان.

يەنە شۇ تونۇش ئاۋاز، يەنە شۇ تونۇش تاۋۇشلار... ئۇ مېنىڭ تېلفۇن نومۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ؟

-      ھە... مېھرىبان گەپ بارمىدى؟

-      ئەتە شەنبە، ۋاقتىڭىز بولسا ئايلىنىپ كەلسەك دېگەندىم.

-      ئەتە... قېنى ئەھۋالغا قاراپ باقاي، زۆرۈر ئىشىم چىقىپ قالمىسىلا چوقۇم بارىمەن.

-      ئۇنداقتا ئەتە سىزنى مەكتەپنىڭ يېنىدا ساقلايمەن.

-      ياق!ياق! ھېلىقى سۆگەتلىك كوچىدا ساقلىغىن.

-      ھە بولىدۇ، ئەمىسە شۇ يەردە سىزنى كۈتىمەن.

تېلفۇننى قانداق ھودۇقۇش ئىچدە ئالغان بولسام شۇنداق ھودۇقۇش ئىلكىدە قويۇۋەتتىم. ئەشۇ يېشىل كونۇپكا ماڭا خۇددى مېنى تۈگەشتۈرۈپ بۇ ئالەمدىن يوق قىلىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇغا باشلىغان بولسا قىزىل كونۇپكا ماڭا يېڭىچە بىر بەختنى ئاتا قىلىدىغاندەك، مېنى تۈگىمەس خۇشاللىق قوينىغا باشلايدىغاندەك تۇيغۇدا تەۋرەتمەكتە ئىدى.

موتىسىكىلىتىمنى ھەيدەپ سۆگەتلىك كوچىغا قاراپ مېڭىۋاتىمەن. كۆز ئالدىمدا زور ئۈمىدلەر ئىچىدە مېنى كۈتىۋاتقان مېھرىبان، مېنى ئوراشقا تەييار تۇرغان ھەر قەترە سۆيگۈ. ئەنە يىراقتىن ئۇنىڭ كىچىك گەۋدىسى كۆرۈندى. ئۇنىڭ بارغانسىرى يېقىنلاپ بارماقتا ئىدىم. ئۇ بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق ياسانغان بولۇپ ، خۇددى يېڭىلا ئېچىلغان ئەتىرگۈلگىلا ئوخشاپ قالغاندى.

-      خېلىلا بالدۇر كەلگەنمىدىڭ؟

-      ياقەي، ھېلىلا كەلگەن، مەن تېخى سىزنى كەلمەسمىكىن دېگەنتىم.

-      مەن ۋەدە قىلغان ئىشىمنى چوقۇم قىلىمەن. قەيەرگە بارغۇڭ بار؟

-      دەريا بويى بولامدۇ مۇئەللىم؟

-      سوغۇقتا دەريا بويىدا نېمىمۇ قىلارمىز؟

-      مېنىڭ بارغۇم بار ئىدى...

-      ئىختىيارىڭ، بارساق بارايلى.

ئوقۇغۇچۇمنى، مېنى ھەر قاچان سۆيگۈ قىسماقلرىدا قىينىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئوماق ئوقۇغۇچۇم مېھرىباننى موتىسىكىلتقا مىنگەشتۈرۈپ بازارنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى دەريا بويىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. قىزنىڭ ئەمدىلا يېتىلىشكە باشلىغان يۇمشاق كۆكسى دۈمبەمگە پات-پاتلا تېگىپ قويىدۇ دە تەن-تېنىمگە ئىللىق بىر سېزىم تارايدۇ. مەن موتوسىكىلىتنى شۇنداق تېز ھەيدەپ كېتىۋېتىپمۇ خىياللىرىمنى قانات قاقتۇرۇپ باقتىم. مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىم شەك-شۈبھىسىزكى بىر ئەخمەقلىق. لېكىن، جاراھەتلەنگەن قەلبىمدە كۆبجۈپ تۇرغان بىر ئىلھام مېنى مۇشۇنداق يولغا باشلىماقتا، مەن ئازماقتىمەن.

-      ئېقىننىڭ ئايىغىغا بارايلى مۇئەللىم، ئۇ يەردە شۇنداق گۈزەل بىر ساھىل بار.

مەن موتوسىكىلىتنى ئۈن-تىنسىز ھالدا مېھرىبان كۆرسەتكەن تەرەپكە ھەيدىدىم. راسىت دېگەندەك ئېقىننى بويلاپ تۆۋەنگە بىر كىلومېتىرچە ماڭغاندا سۈيى تارتىلىپ ئەتىراپىغا قومۇش، چاتقاللار ئۆسكەن،  قۇرۇپ كەتكەن چىملار ئۆزگىچە گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرغان ساھىل بار ئىكەن. مەن دەسلەپ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم، كىيىن ئاستا-ئاستا ئېسىمگە كېلىپ موتوسىكىلتىنى توختىتىپ قويۇپ ساھلىغا چۈشتۈم، مېھرىبان ئاللىقاچان ئېقىن قىرىغا بېرىپ بولغان بولۇپ، مۇز تۇتۇپ كەتكەن دەرياغا تىكىلىپلا قالغان ئىدى.

-      خىيالچانغۇ سەن؟

-      قاراڭ مۇئەللىم، بەزىدە قەلبىمنى مۇشۇ دەريادىكى مۇزلاردەكلا قېتىپ قالسىكەن دەيمەن.

-      نېمىشقا؟

-      سۆيگۈمنىڭ بالدۇرلا باشلىنىپ قالغانلىقىغا ئۆزۈممۇ ھەيران؟

-      سېنىڭچە سۆيگۈ دېگەن نېمىدۇ؟

ئۇ سۇئالىمغا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپمۇ قويماي، مېنىڭ دىققەتسىزلىكىمدىن، ياق! تەلەيلىك ئىكەنلىكىمدىن پايدىلىنىپ ئاۋۋال مەڭزىمگە ئاندىن لېۋىمگە لېۋىنى باستى، يۇمران لەۋلەرنىڭ شېرىن ھىدى خۇددى ئەتىر ھىدىدەك دىماقلىرىمغا، قانلىرىمدا تېپچەكلەپ تۇرغان ھاياجىنىمنىڭ كونتىرول مەركىزىگە تاراپ باردى.

-      مېنىڭچە سۆيگۈ پەقەت چىن قەلبىدىن سۆيۈش بولسا كېرەك مۇئەللىم.

-      مېنى مۇئەللىم دەپ چاقىرىۋېرىشنى ئارتۇقچە ھېس قىلمىدىڭمۇ؟

-      ئەلىۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، سىز مەڭگۈ مېنىڭ مۇئەللىمىم.

-      مېھرىبان ساڭا مەستلىگىم كېلىدۇ سىڭلىم.

-      قانداقسىگە؟

-      سەن كىمنى ياخشى كۆرگۈڭ كەلسە كۆرۈۋېرىسەن، بىراق مەن...

-      ھا ھا ھا، سىزدىكى سۆيۈش ھوقوقىن تېخى بىرى تارتىۋالغىنى يوققۇ؟

-      ھەي ئېسىت... مېنىڭ ئوقۇتقۇچى، سېنىڭ ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغىنىڭنى قارىغىنا، پەقەت مۇشۇلا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا كولانغان بىر ھاڭ...

-      دېمەك سىزمۇ؟...

-      بولدى سۆزلىمە...

مەن يىراقلارغا كۆز تاشلىدىم. تېپتىنىچ ياتقان دالا، يېغىپلا ئېرىپ كېتىۋاتقان قارنىڭ خىسلىتىدىن يۇيۇلۇپ كەتكەن گىياھلار، تېرەكلەر ئۇچىدا ئاندا-ساندا كۆرۈنىدىغان قاقشال يوپۇرماقلار... مېنىڭ كەتكۈم بار، ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا، ئادىمىزات يوق يالغۇز جايلارغا كەتكۈم، ئۆڭكۈرلەردە ياشىساممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەختىمنىڭ زەررىچىلىك ئىللىقلىقىنى بولسىمۇ ھېس قىلىپ باققۇم بار. بىراق ئۇنىڭغا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغان سۆيگۈ دېگەن بۇ سۆز ھەم ئوبىكىت ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئەمدىلا يېتىلىشكە باشلىغان مېڭىسىدە ئۆز ئورنىنى تېپىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇ تېخى ئۆز ئىستقبالى ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، ئىزدىنشكە مۇھتاج بىر قىز ئىدى. مەن مۇشۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە جازا مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بىر جىنايەتچىدەكلا بوپ قالغان ئىدىم. مەن ھازىرلا يىغلىۋېتىشكە، ئارقامدا مڭا قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرغان قىزغا ئۆزۈمنى ئېتىپ يىغلىۋېتىشكە تەييار ئىدىم. دىققىتىمنى يىغدىم. ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۇنى ئۆزۈمگە تارتتىم. ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاپئاق قوللىىنى، ئاندىن ئۇنىڭ تېقىمىدا سويلاپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرنى تويماي سىيلىدىم. تەنلىرىمىز جىپسىلاشتى، لەۋلىرىمىز جۈپلىشىشتىن ئوت ئالدى... مەن ھەممىنى ئۇنتۇشقا ئۇرۇندۇم. ئۇمۇ شۇنداق تۇيغۇغا كەلگەندەك كۈچلك بېلەكلىرىم ئارىسىدا يىلاندەك تولغانماقتا ئىدى...

تېلفۇنۇم قاتتىق سايرىدى. چۆچۈپ ئەتىراپىمغا قارىدىم. قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىشخانا ئىچدە ئۆزۈمنى خۇددى تۈرمىگە تاشلانغان مەھبۇستەكلا سېزىۋاتاتتىم. مېھرىبان بىلەن دەريا بويىغا سەيلىگە بارغان شېرىن خىياللىرىم مېڭەمدە ئاجىز ھالدا ئەكىس ئېتىشكە، قانداق تېز ئەكىس ئەتكەن بولسا شۇنداق تېز تېلفۇنۇمنىڭ ئەنسىز ئاۋازىغا قېتىلىپ يىراق-يىراقلارغا تاراشقا باشلىدى...تېلفۇنغا قارىدىم، يەنىلا بىر ناتونۇش نومۇر، ناتونۇش سېزىم...

-      ۋەي، سىز كىمۇ؟

-      مۇئەللىم بۇ مەن، مېھرىبان...


2012-يىلى 9- مارت (چارەك)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساباھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 12:19  


ئەدەبىيات ____ يېپيىڭى بىر قىز....

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1232
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 16
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 10:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھھەببەتنڭ  سېنىقىغا  دۇچ  كەلمەيدېغان   ھىچقانداق  ئادەم  يوق  ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش