مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى بولغان بىر قېتىملىق سىناق ئىزدىنىش بوپتۇ.
مەن پاسىئاننىڭ «غەزەل»لىرى نىڭ غوجىمۇھەمەد مۇھەمەدنىڭ غەزەللىرىگە ئوخشاش جەلپ كارلىققا ئىگە بولغانلىقىنى شۇنداقلا سەمەندەر،بوزلاننىڭ ئىزدىنىش،سىناق يۆنۈلىشىدىكى شېئىر لىرىنىڭمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
بۈگۈن يارغولنىڭ يۇقۇرىقى تۆت پارچە شېئىرىنى كۆرۈپ، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا كېتىۋاتقانلارنىڭ بىر-بىرلەپ كۆپەيگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم ۋە خۇشال بولدۇم.چۈنكى «ئىدىيىنى
يېڭىلاش»دېگەن سۆزنى بىز ئەدەبىياتقىمۇ ئېلىپ كىرىپ ئىجادىيەتتە قوللىنىپ،سىناق،ئىزدىنىش يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشىمىز،ئۇسلۇپنىڭ كۆپ خىل،رەڭدار بولۇشىنى تەشەبۇس قىلىشىمىز لازىم.ئەكسىچە بىر قاغا «ھەممە قۇشلار ماڭا ئوخشاش قاقىلدىسۇن» دېگەنگە ئوخشاش ھەممەي لەننىڭ بىر خىل ئاۋازدا ،بىر قېلىپتا ناخشا ئېيتىشىنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك.
يۇقۇرىقى شېئىرلارنى قالتىس شېئىر ياكى بەدئىي يېڭىلىق دەپ ئېيتالمىساقمۇ بىر ئۆزگىچىلىكنى يەنى ئەركىن ۋە ئۆزگىچە ئىپادىلەشنى «يارغولچە ئىپادىلەش»نى ھېس قىلىپ
يېتەلەيمىز.كۆپۈنچە قەلەمكەشلەر قېلىپلىق شېئىرلارنى كامالەت تاپقۇزۇپ يېزىش ھەلەكچىلىكىدە كېتىۋاتقاندا پاسىئان،سەمەندەر،بوزلان ۋە يارغولنىڭ مۇشۇنداق «بۇزۇپ» ئوتتۇرغا چىققارغان
يازمىلىرى ھەقىقەتەن ئوغىمىزنى قايناتماي قالمايدۇ.لېكىن بىز شېئىريەتكە 21-ئەسىرنىڭ كۆزى بىلەن قارىغىنىمىزدا يۇقۇرىقى ئەھۋال ئىنتايىن نورماللىق ھېساپلىنىدۇ. ئىجادىيەتنىڭ مەنىسى «يېڭىلىق،-يېڭىلىق،يېڭىلىق،يېڭىلىق،يېڭىلىق،يېڭىلىق،يەنە يېڭىلىق !» دېگەن گەپتۇر.كونا گەپ نى چايناۋەرسەك،جۇۋاز كاللىسىدەك بىر دائىرىدە چۆگلەۋەرسەك بولمايدۇ.
مېنىڭچە يۇقۇرىقى شېئىرىدا ئىشلىتىلگەن «كاللامدىن كېتىمەن»دېگەن مىسرادىن كېيىنكى «نېرۋاناغا يېتىمەن» دېگەن سۆزنى ئېغىر ئېلىپ كېتىش ھاجەتسىز.«كومىزنىزىم»«جەننەت»«نېرۋانا»«جوڭگۇلۇقلار چۈشى»دېگەن تۆت ئاتالغۇ ئارزۇ- مەنزىلگە قارىتىلىش نۇقتىسىدا ئوخشاشلىققا ئىگە .پەقەت خاراكتىرى ئوخشىمايدۇ.ھەربىر ئاتالغۇ غا ئۆز خاراكتىرىگە ماس سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئوتتۇرغا قويىمىز. قىسقىسى «نېرۋانا »ئاتالغۇسى دىن نۇقتىسىغا كۆتۈرگەندە بۇددىزىمنىڭ جەنئىتىنى كۆرسەتسە شەخس تۇيغۇسى بويىچە ئوتتۇرغا قويۇلغاندا بىر ئادەمنىڭ غايىۋى ئارزۇسىنى ياكى بىردەملىك ھېس- تۇيغۇسىنىلا كۆرسىتىدۇ. خالاس.
ۋاقىت ئېتبارى بىلەن يۇقۇرىقى تۆت شېئىر ھەققىدە كونكرېت پىكىر يۈرگۈزۈشكە مۇۋاپەق
بولالمىدىم.
يارغولنىڭ ئىزدىنىشىنىڭ ئىزچىلىشىشىغا تىلەكداشمەن.
|