يارغول
يەتتىنچى سەزگۈ
جىق ۋاقىت قالمىدى.
پات ئارىدا كاللامدىن كېتىمەن،
نېرۋاناغا يېتىمەن.
يا كاللام مەندىن كېتىدۇ.
جىنلار ئۇنى
خالىغانچە تېپىدۇ.
مېنىڭ كاللامدىن كېتىشىم بىلەن
كاللامنىڭ مەندىن كېتىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى
كۆز بىلەن كۆرگىلى
سۆز بىلەن ئېيىتقىلى
ئەقىل بىلەن بىلگىلى بولمايدۇ.
ئۇنى ئۇچىغا چىققان رەسسام سىزماقچى بولىدۇ
ئەسەبىي ناخشىچى ئېيىتماقچى بولىدۇ
تاقىر باش پەيلاسوپ شەرھىلمەكچى بولىدۇ.
دەل شۇ چاغدا
بىنا ئۆگزىسىدىن سەكرەپ چۈشۈۋاتقان شائىر يەرگە قاراپ:
ئەي تۇپراق،مېنىڭ سېنى سۆيۈشىمنى كۈت،دەيدۇ.
ھەمدە،ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ...
ئەي دانا كىشىلەر
نەسىھەتشۇناسلار
نېمىنىڭ نېمىدىن كېتىۋاتقانلىقىنى
سىلەر ئەمەس،
خۇدا بىلىدۇ.
لوگىكا
دۇنيا بىر گاس ئۈچۈن،
ئۈن تىنسىز ھەرىكەت ھالىتىدىكى
شەيئىلەر دۆۋىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئالەم بىر ئەما ئۈچۈن،
چەكسىز زۇلمەت ئىچىدىكى
ئاۋازلار يىغىندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
جاھان مەن ئۈچۈن،
قۇياش نۇرى ئاستىدىكى
يېقىملىق مۇزىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
گاس دۇنيانى قەلبى بىلەن ئاڭلايدۇ،
ئەما دۇنيانى قەلبى بىلەن كۆرىدۇ.
مەن دۇنيانى قەلبىم بىلەن رەت قىلىمەن.
ئەر-خوتۇنچىلىق
ئاقىدىغان سۇلار بار،
شىلدىر شىلدىر.
ئۆركەشلەيدىغان سۇلار بار،
ۋەھىمىلىك.
جىمجىت سۇلار
ھارغىن سۇلار
ئاجىز سۇلار
قاراڭغۇ سۇلار...
بار ھەم يەنە ئوت سۇلار،
ئۆلۈم تەملىك.
ئەبگا قۇش
توڭلاتقۇ غۇڭۇلدىماقتا
ئۇ مېنى پاراكەندە قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
ئۈستەلدىكى ئاپلېسىن-پېتىۋاتقان قۇياش.
يان قوشنام تۇرۇبىدىن سۇ چۈشۈرۈپ
قولىدىكى قانلارنى يۇيماقتا.
سەل تۇرۇپ پەلەمپەيدە كىشىلەرنىڭ ئۈنى ياڭرار،
ھەمدە،مېنى دار ئالدىغا چىللىشار.
مەن سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكۈچى
ئۇچىغا چىققان ئۆلۈمتۈك.
ئەي سايراۋاتقان قۇش
سەن ئاكىتىپلىقىڭ بىلەن قۇلغا ئايلان،
مەن چۈشكۈنلۈكۈم ئارقىلىق
رېئاللىق بىلەن ئۆلگۈچە قارشىلىشىمەن.