ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكبەر!
سىز كۆكبۆرە دېگەن سۆزنى بۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمايسىز. سىز توتېم ۋە ئىپتىدائىي ئېتىقادلارغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ بېقىڭ. توتىمىزمنى دىن دەرجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن دەپ خۇددى شۇ دەۋرنى ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەندەك، ئۆزىڭىزنىڭ گېپىڭىزگە ئۆزىڭىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ بولالمايسىز. نېمە ئاساسىڭىز بار؟ پەقەت مەن بىلىمەن، شۇ دەۋردە مەن بار ئىدىم دېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئاساسىڭىز يوق.
ئەلبەتتە سىزنىڭ كۆكبۆرە دەپ تەخەللۇس قويىشىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىپ، ئىپتىدائىي ئېتىقادلارغا قايتىپ كەتكەنلىكىڭىزدىن ئەمەس. بۇ ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك. كۆكبۆرە ئۇقۇمى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي مەنىسىدىن ئاجراپ، بۈگۈنكى دەۋردە بىر بەلگىگە يەنى مىللىي غورۇرنىڭ بەلگۈسىگە ئايلانغان. ئۆزىنى ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاۋاتقان جۇڭگۇلۇقلارنى ھازىرمۇ توتېمغا ئېتىقاد قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغانغا ئوخشاش، ئەجدىھا ئۇلار ئۈچۈن پەقەتلا بىر بەلگە ۋە سۆزلەش ئۇسۇلىدۇر.
دەل شۇنىڭغا ئوخشاش نېرۋانا، ۋەھدەت، ئوم، ۋېناس دېگەنلەر بىر بەلگە ۋە سۆزلەش ئۇسۇلىدۇر. شۇڭا مەلۇم تۇيغۇ ۋە پىكىرنى ئىپادىلەشكە ناھايىتى باپ كېلىدۇ دەپ قارىغان شائىرلار كۆكبۆرە دېگەن سۆزنىمۇ، ۋەھدەت ئاتالغۇسىنىمۇ، نېرۋانا ۋە ئاتمەن دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئىشلىتىۋېرىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە سۆزلەش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ بولغان.
ئامېرىلىكلىق بەزى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆكبۆرە داۋاملىق ئىبلىسنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىكىمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. يەنە نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەجدەرھا ئىبلىسنىڭ سۈرى بولۇپ كېلىدۇ. ئۇلار جۇڭگۇلۇقلارغا ئۆچمۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە ئەجدەرھانى ئىبلىس ئورنىدا تەسۋىرلىگەن ئاشۇ ئاپتورلار ئەجدەرھانىڭ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ توتىمى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئېغىر بېسىق ۋە سوغاققان بولايلى. زىيانكەشلىككە ئۇچراش تاماسىدا ئەقلىنى يوقاتقان پارانوئىيلاردىن بولۇۋالمايلى.